(قىيا) بابلو.نرۇدا شېئىرلىرىدىن
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-11 23:59:21 كۆرۈلۈش سانى : 116
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[size=4][b][color=#6633cc]بابلو.نرۇدا(1904-1973)-چىلىلىق شائىر.ئۇ13يېشىدىن باشلاپلا شېئىر يازغان.1923-يىلى تۇنجى توپلىمى <<گۇگۇم>> نەشىر قىلىنغان. شېئىرلىرى ئىسپان مىللى شېئىرىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە،بودلىر ۋەكىللىكىدىكى فىرانسىيە شېئىرىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان.مۇھىم ئىجادىيەتلىرىدىن<<يىگىرمە مۇھەببەت لىرىكىسى ۋە بىر ئۈمۈتسىز ناخشا>>(تۆۋەندىكى ئىككى پارچە شېئىرى موشۇنىڭدىن تەرجىمە قىلىندى)،<<ۋۇجۇت ناخشىسى>>،<<زىمىندىكى تۇرالغۇ>> قاتارلىقلار بار. [/color][/b]
[/size]
[align=center][size=3][color=#0000ff]-كۆيۈۋاتقان ھەرىپلەر-
كۆيۈۋاتقان ھەرىپلەر بىلەن،
قاردەك بەدىنىڭگە خەرىتە سىزدىم.
ئۆمۈچۈكتەك لېۋىم پاناھ جاي ئىزدەپ،
ماجالسىز،ئېچىرقىغان ھالدا تېنىڭدە ئۆمىلەيدۇ.
كەچكى شەپەققە ھەمرا تاتلىق ھەم مىسكىن بىر بالا،
ئارامىڭ ئۈچۈن ھېكايە ساقلايدۇ.
بىر ئاققۇ،بىر دەرەخ...يىراق ھەم خۇشدىل ھېكايە.
ئۈزۈم پەسلى،مىۋىلەر مەي بولغان لەھزە.
مەن تۇرغان پىرىستان،ساڭا كۆيگەن جاي.
تەنھالىق تاتلىق چۈشلەر ۋە سۈكۈتنى كەشتىلەر.
مەن دېڭىز ۋە قايغۇنىڭ قورشاۋىدا.
سۈكۈت ۋە جۆيلۈش،ھەركەتسىز ئىككى كېمىچىنىڭ ئارىسىدا.
لەۋ بىلەن تاۋۇش ئارىسىدا،بىر نەرسە جان تالاشماقتا.
قاناتلىق بىر نەرسە،ئازابلىق ۋە ئۇنتۇلغان بىر نەرسە.
تورلارغا پەرۋاسىز ئاققان سۇ كەبى.
بالام،شەپقەتتىن يىراقتا قالغان بىر تامچە سۇ لىغىلدايدۇ.
لېكىن بىر نەرسە لەھزىلىك جۈمىلىلەردىن ئۆتۈپ توۋلايدۇ.
بىر نەرسە توۋلايدۇ،پەرۋازىم قۇرىغان لىۋىڭ تامان دەپ.
ئەي،سەن بارلىق سۆز ۋە شادلىقتىن تەبرىك ئېيىت.
توۋلا،كۆي،قاچ،ئەسەبى كىشىنىڭ قولىدىكى يوغان سائەتتەك.
بىچارە جېنىم،نېمىگە ئايلىنىپ قالدىڭ توساتتىن؟
سوغاق ۋە خەتەرلىك پەللىگە يەتكەن چېغىمدا،
يۈرىكىم كېچە گۈللىرىدەك ئۆزىنى ياپىدۇ.
-سېنىڭ باغرىڭ بولسا كۇپايە-
سېنىڭ باغرىڭ ماڭا كۇپايە،
قانىتىمدا قىلىسەن پەرۋاز.
يۈرىكىڭدە ئۇخلىغان ھەممە،
تاۋۇشۇمدا كۆرسەتمەيدۇ ناز.
ھەربىر كۈننىڭ ئارمىنى سەندە،
سەن تاجىمغا تۆكۈلگەن شەبنەم.
يوقلۇقىڭدا ئۈزدۈڭ يىراقنى،
سەن دېڭىزنىڭ دولقۇنى مەڭگۈ
قاچقۇنلۇقنى ماكان ئەيلىگەن.
مەن دېگەنتىم سەن شامال كۈيى،
قارغاي كەبى ياكى ماچتىدەك.
سەن ئۇلاردەك ئېگىز ،ئۆزۈمچىل،
غەمكىنلىكنى قىلغان ساياھەت.
تونۇش يولدەك مېھماندوسىت ئۆزۈڭ،
ئەكىس سادا، سېغىنىش ساڭا.
ئويغۇنۇشۇم ئۇچۇشى كېرەك،
يۈرىكىڭدە ئۇخلىغان قۇشلار. [/color][/size][/align]
-----قىيا تەرجىمىسى
|
|