بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> دېرىزىنىڭ سىرتىدا... >> مەنمۇ تەرجىمەمنى <<بازار>>غا سېلىپ باقاي.

مەنمۇ تەرجىمەمنى <<بازار>>غا سېلىپ باقاي.

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-04 13:05:55    كۆرۈلۈش سانى : 153  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[size=3][size=5]تۆت ھېكايە چىيۇ ۋېن چۇەن مەن ھېكايە يىغىشنى ياختۇرىمەن. يېقىندا تۆتنى قىيىپ رەتلىۋالدىم، ئۇلارنى رەتلىگەندىن كىيىن، تۇيۇقسىز ئىچىم ئاچچىق بولوپ قالدى: بىرىنچى ۋەقە: شىجىياجۇاڭ شەھەرلىك قۇرلۇش كومتىتىنىڭ كادىرى گو گۇاڭ شۈ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى چېڭ ۋېي گاۋنىڭ ئىقتىسادى چېرىكلىك مەسىلىسىنى پاش قىلىش، ئاشكارىلاش ئۈچۈن، قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلغان، گەرچە رەزىللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىش قىيىن بولسىمۇ، گو گۇاڭ شۈ تۈرلۈك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان—پاشقىلىش خېتىنى مەسئۇل رەھبەر ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋىتىپ( گو فامىلىلىكنىڭ ئۆكتەملىكىنى كۆرمەسكە سېلىپ)، ياكى خەتنى چېڭ ۋېي گاۋنىڭ ئۆز قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك( يۇقىرىغا ئۆزىنىڭ سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈندە)؛ ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللار ئۇزۇنۋاقىت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرشەلمىگەن؛ پارتىيىلىكتىن چىقىرلىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئاپىرىۋېتىلىپ، 2يىل «سەگەكلەش تۈرۈلدى»؛ ئۇزۇن مەزگىل «ئۆلكىدىكى ئاساسلىق رەھبەرگە تۆھمەت قىلىش» جىنايەت قالپىقى ئۇنى نەپەس ئالالماس قىلىپ قويغان..... 2003-يىلى 9-ئاۋغۇست، چېرىك داشقال چېڭ ۋېي گاۋ مۇقەددەس ئاساسىي قانۇننىڭ ئالدىدا ئۈزۈل-كېسىل دۈم چۈشتى. پارتىيىنىڭ ياخشى كادىرى، «چىرىكلىككە قارشى كۆرەشچى» گو گۇاڭ شۈنىڭ ناھەقچىلىقى ئاقلاندى. گو گۇاڭ شۈ بىرىنچى قېتىم نامسىز پاشقىلىش خېتى يازغان 1995-يىلدىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە، توپتوغرا سەككىز يىل ئۆتۈپتۇ! (تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چېڭ ۋېي گاۋنىڭ چېرىكلىك گوروھىنىڭ بىتچىت بولۇشى، گو گۇاڭ شۈنىڭ تۆھپىسىدىن بولماستىن، شىنەي چېڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىگە كولىغان يۇچۇقلىرى، كولىغانسېرى يوغىناپ كېتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ تەكشۈرۈپ چىققانلىقىدىن بولغان). ئىككىنچى ۋەقە روسسىيىدە يۈزبەرگەن بولوپ، يېڭى تويقىلغان بىرجۈپ ئەر-ئايال شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈشكە مېڭىپ، تېز پويىزغا ئولتۇرغان، ئۇلار گۈزەل مەنزېرىلەردىن ھوزۇرلىتىۋاتقان ئىكەن، تۇيۇقسىز پويىز تورموزلىنىپ، توختاپ، توپ-توغرا 50مىنۇت تۇختاپ قالغان. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، مۇھىمبىر دۆلەتنىڭ باشلىقى روسسىيىنى زىيارەت قىلىدىغان بولوپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈچۈن، روسيە قاتناش مېنىستىرلىكى مەزكۇر دۆلەت  باشلىقىنى ئالاھېدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بارلىق پويىزلارنى توختىتىپ، رەھبەرنىڭ پويىزى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى ئۇقىدۇ. جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئەقلىغا سىغمايدېغىنى شۇكى، بۇ بىرجۈپ ئەرئايال پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن سوتقا بېرىپ، روسيەقاتناش مېنىستىرلىكى ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان. ئەرىز قىلىش سەۋەبى ئازراق چۈشۈنىكسىز: پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلغان. ۋەقەنىڭ ئاخىرى بولسا: يېرىم ئايدىن كېيىن، ھېلىقى ئەر-ئايال سوتتا ئۇتۇپ، 200مىڭ دوللار تۆلەمگە ئېرىشكەن. ئۈچىنچى ۋەقە بىزنى ئامرىكا قوشما شىتالىرىغا باشلايدۇ. بىر پادىچى ئەر بىر دىلوغا چېتىلىپ قېلىپ، سوت ئۇنى قەستەن ئادەم ئۆلتۇرگەن دەپ قارىلىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم چىقىرىلغان....20يىل ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرمىگەنلىكى، 20يىلنىڭ ئالدىدا خاتا ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى  ئىسپاتلاتغان. شۇنىڭ بىلەن، پادىچى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. پادىچى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بارغان يېرى بولكا دۇككىنى ئەمەس، سوۋغات دۇككىنىمۇ ئەمەس، دورا دۇككىنىمۇ ئەمەس، دەل سوت مەھكىمىسى بولغان. ئۇ ئەرىز قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ھەققانىيەت تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ 20يىل تۈرمىدە ناھەق ياتقانلىقى ئۈچۈن بەدەل تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە ئۇ 2مىليون دوللارتۆلەمگە ئېرىشكەن. ئەڭ ئاخىردىكى بۇ ۋەقە، يۇرتىمىزغا قاراپ باقايلى. 2000-يىلى، جوڭگۇنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر گاس-گاچا ياش شىياۋ ليۇ، باشقىلار ئۇنى ياشانغانلار ساناتورىيىسىدىكى جاڭ موماينىڭ 5000يۇەن پۇلىنى ئوغۇرلىۋالدى دەپ مەلۇم قىلىشى بىلەن، سوت ئۇنىڭغا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بېكىتىپ، ئىككى يىللىق كەسكەن. بىريىلدىن كىيىن، جاڭ موماينىڭ پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغان،  ھەقىقىي جىنايەتچى تۈرمىگە كىرىپ، گۇناھسىز شىاۋليۇ ھۆرلۈككە ئېرىشكەن.   شىياۋليۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن، ھېلىقى پادىچىغا ئوخشاشلا، بولكا دۇككىنىغا، سوۋغات دۇككىنىغا، ياكى دورىخانىغا بارماي، سوتقا بارغان. نەتىجىدە، سوت مەھكىمىسى شىياۋليۇ تەقدىم قىلغان« قايتا دۇنياغا كەلگەن ياشلىق» دەيدىغان لەۋھەنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئىشخانا زالىغا ئېسىپ قويۇلغان؛ شىياۋليۇ چۇ؟ چۇڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغان.[/size][/size]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  <<ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھ...
●  يىراقتىكى يارغا تە...
●  مەنمۇ تەرجىمەمنى <<...
●  بامبۇك نەي)تۇنجى تە...
●  ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ
●  ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ...
●  بالا چولپان ئېرفان ...
●  (قىيا) بابلو.نرۇدا ش...
●  شېئىرغا ئايلىنىش خ...
●  ﻳﯧﯖﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ( ﻓﯩﻠﻴﻪﺗﻮﻥ )...
●  ﻗﺎﺭﺍﭼﻪ ﯮﻏﻼﻥ ﺷﯧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﻳﯘﻧﯘﺱ ﯬﻣﺮﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﺗﯩﻞ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪﺭ -2...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  <<ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھەت>>(ت...
●  يىراقتىكى يارغا تەرجىم...
●  مەنمۇ تەرجىمەمنى <<بازار...
●  بامبۇك نەي)تۇنجى تەرجىم...
●  ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ
●  ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ...
●  بالا چولپان ئېرفان ۋە ئى...
●  (قىيا) بابلو.نرۇدا شېئىر...
●  شېئىرغا ئايلىنىش خاتىرى...
●  ﻳﯧﯖﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ( ﻓﯩﻠﻴﻪﺗﻮﻥ )...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى