بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> دېرىزىنىڭ سىرتىدا... >> ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ

ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-08 02:11:11    كۆرۈلۈش سانى : 321  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

«بىر كويلۇق مۇئەللىم»

(مۇھاكىمە)

بىزنىڭ بۇ يۇرۇتتا لەقىمى يوق كىشى يوق. ھەممىلا كىشىنىڭ لەقىمى بار. بۇ لەقەملەرنىڭ كىلىپ چىقىش ئاساسى بار بولۇپ،مىنىڭ دەسلەپكى ھېس قىلىشىمدا بەزەنلەرنىڭ لەقىمى مىراس قىلىش خاراكتىرگە ئىگە مەسىلەن ئابدۇنىياز توخۇنىڭ ئەۋلاتلىرى،چوڭ بالىسى مۇرات توخۇ،نەۋرىسى چاۋار چۇجە...دىگەندەك. يەنە بەزىلەرنىڭ كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلەن مۇھەممەت ئىمىن ماتاڭ ...دىگەندەك.يەنە بەزىلەرنىڭ قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلەن پازىل پەچەت ...دىگەندەك.بەزىلەرنىڭ تەققى تۇرقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلەن ئاق ئاۋۇت،قارائاۋۇت،سەيدىن پاكىنەك...دىگەندەك.يەنە بەزەنلەرنىڭ بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ئىشى ياكى ھەركىتى سەۋەبلىك لەقەمگە نائىل بولغانلارمۇ بار . مەھەللىمىزدىن رەپقەت توڭگۇز،ۋاسىل قارانچۇق دىگەنلەر مەن مىسالى دەپ سەۋەبىنى كۆپچىلككە ھەرقاچان ئېيتىپ بىرىشكە تەييار.

لەقەملەرگە تولغان مەھەللە،بازار،مەكتەپ،سىنىپ مۇھىتى مىنى بۇجەھەتتە ئۆزلۇكسىز غېدىقلاپ ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. بەزەنلەرنىڭ ھەتتا سۆزلەشكەندە باشقىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي لەقىمىنى تىلغا ئېلىپ سۆزلىسىمۇ باشقىلارنىڭ چۇشىنىشى مىنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. « -تىكىراڭ كەپتىكەن دىگىنە ئاداش،شۇنىڭ بىلەن چاچۇكنى،چاقنى،مۇزاينى،پىسىنى تولاپ بىر چاڭ ئولتۇرۇش قىلدۇق ساقىيلىق قىلغاچقا ئۆزۇم كۆپىرەك ئچىۋاپتىمەن شۇڭا ئەتىگەن ئىشقا كىلىشىم بىلەنلا خىزمەتداشلار كۆزۇمگە بىر قاراپ:-بۇگۇن چاپاقنىڭ كۇۋادىراتىغا ئايلىنىپسەنغۇ؟ دىمەسما نىرۋام بىر قايدى» دىگەن بايانلاردىن مەن خىزمەتدىشىم جۇمەنىڭ لەقىمنىڭ چاپاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم.

كونىلارنىڭ سۆزى بويىنچە ئېيىتقاندا لەقەم جەننەتتىن چىقارمىش،ئۇ شۇ ئادەمنىڭ سۇپىتى،ھۆرمىتى خاراكتىرى ئىمىش،ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇ(لەقەم) ئادەمنى ئەندىكتۇرمەسلىكى كىرەك ئىدى.كىشىلەرنىڭ لەقىمىنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولىشى،يېقىملىق ياكى قوپال بولىشى نۆۋەتتكى تەرەققىياتقا،مۇقۇملۇققا،ئىناقلىققا پۇتلاشمىسىلا مىنىڭ نىمە كارىم دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە،ئەگەر لەقەمنى قويدۇم دەپ باشقىلارغا ھاقارەت خاراكتىرلىك لەقەم قويسا بىزنىڭ بىرتەرەپ قىلىدىغان سوتسىيالىستىك قانۇنلىرىمىز بارغۇ؟دەپ ئويلۇدۇم.بىراق بازىرمىزدىكى بىر لەقەم مىنى خېلىلا ئەنسىرىتىپ قويدى.

بىزنىڭ مائارىپ سىپىگە يېڭىدىن قۇشۇلغان بىر مۇئەللىم بولۇپ ئۇئىنتايىن قامەتلىك ئىدى.ئۇنىڭ چىپپىدە كىلىدىغان رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ يولدا ماڭغىننى كۆرسە ئادەم ئىختيىارسىز لەقەم قويغۇسى كىلىپ قالاتتى،بەزىلەر كىينىشىگە قاراپ «رەڭلىك» دەپ بېقىپتۇ،بەزىلەر ھەركىتىنىڭ قىزلارغا خاس تەرپىگە ئاساسەن «نازاكەت»دەپمۇ بېقىپتۇ،يەنە بەزىلەر بەدىننىڭ پۇتۇن تەرىپگە ئاساسەن «قاۋۇل»دەپ بېقىپتۇ،تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ مەكتەپ ئىچىدە مىڭىپ يۇرۇشىدىن «قىڭغىر تۇرخۇن»دەپ ئويلاپ باققانلارمۇ بولدى لىكىن سىڭمىدى.ھىچقايسسى ئومۇملاشمىدى.

-ماڭا بۇ يۇرۇتتا توپا سىڭىدۇ،تاماق سىڭىدۇ،لىكىن لەقەم سىڭمەيدۇ دىدى ئۇ.

-لىكىن بىركويلۇق مۇئەللىم دىگەن نام سىڭىپ كەتتى.دىدى 9-يىللىق aسىنىپىنىڭ ھەييار تۇرمۇش باشلىقى.

مەن ھەيرانلىق نەزەرىم بىلەن ئۇنىڭغا ۋە ئەتىراپىدىكى بالىللارغاسەپسىېلىپ قارىدىم.

-           بۇ مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى ياراتمايدۇ،يېنىغا كىلىپ سۇئال سورساق؛-سېسىق پۇردۇڭ نېرى تۇردەيدۇ.

-           بۇ مۇئەللىم بەزەن باللىلارنىڭ كەپسىزلىكىگە داۋلى قويماستىن زادى ئۇرغىنى ئۇرغان.

-    مەكتەپكە كىلەلمىگەن بەزەن ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ سەۋەبىدىن كىلەلمىگىننى ئېنىق ئېيتسىمۇ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلىنى ئاختۇرۇپ جەرىمانە دەپ ئېلىۋالىدۇ.

-           بىر كوي پۇلنىمۇ ئېلىۋالىدۇ.

-    مەندىن پۇل ئالالماي؛-ماڭە دەرۋازا سېرتىغا چىقىپ تۇرغۇن تۇتۇننىڭ دۇكىنىدىن بىركويلۇق مۇخۇركا ئەكىر دىۋىدى،چىقىپ ئاپتاپپەرەسىنىڭ يۇپۇرمىقىنى تاماكىغا ئوخشاش قىلىپ ئۇۋاپ ئەكىرىپ بەرسەم ئىشخانىدا تاز ئۇردى، -تاماك ئەكىرمىگەندىن كىيىن بىر كويۇمنى ئەكەل دىدى،-مەن قايسى بىر كويلىرى دىسەم ئىشخانىدىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار پاراققىدە كۇلۇپ كىتىشتى.

-    شۇنىمۇ قىززىق دىگىلى بولامدۇ بىركۇنى سىنىپتا پۇلنىڭ گىپى بولۇپ مەن بىركوينىڭ ئۇستىدە تىك تۇرمەن مۇئامىلىنى تۇلۇق ئۇزۇڭلار دەپتى مەن ؛-ھېچقانداق سىركچى تېخى ھازىرغىچە بىر كوينىڭ ئۇستىدە تىك تۇرۇپ باقمىغان دىسەم،كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ؛-بىراق مانا مەن تىك تۇرمەن دەپ قۇلىقىمغا چاڭڭىدە بىرنى سالماسمۇ بۇرنۇمدىن لامپۇچكا يېقىلىپ كىتىپ لەقىمم يوق ئادەم مەنمۇ لەقەمگە ئىگە بولۇپ قالدىم.

-    ھەي ي... ئەڭ قىززىقى بىزنىڭ سىنىپتكى بالىلارنىڭ قىلغنى، بىرقىېتىم بىركويلۇق مۇئەللىم سىنىپتىن چىقىپ كىتىدىغان چاغدا «قۇيماق»يىنىغا كىلىپ؛-مۇئەللىم ماۋۇ بىركوينى تېپىۋالدىم،ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگگن بولسىلا،دىسە نىمەدەيدۇ؟ - بۇ پۇل مىنىڭ سەۋەبى بۇ سىنىپتىكى قايسى ئوقۇغۇچى يۇتتۇرگەن بۇلۇشتىن قەتئىنەزەر ماڭا تۆلەيدىغان مۇئامىلىسى بار.

بالىلارنىڭ ۋاراڭ –چۇرۇڭى كۆپىيىپ بىرنەچچىسى تەڭ گەپ قىلىپ قالغانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاشقا مۇمكىن بولمىدى. مەن چۇڭقۇر ئويغا چۇكتۇم.

مەكتەپ ئەسلىدىن ئالدى بىلەن ئادەم تەربىيلەيدىغان ئورۇنغۇ؟ ئادەم تەربىيلەيدىغان ئادەملەر چۇقۇم ئادەتتكى ئادەملەردىن پەزىلەت جەھەتتە ئىسىل،خاراكتىر جەھەتتىن ياخشى،بىلىم جەھەتتىن ئۇستۇن،...بولىشى كىرەك ئىدىغۇ؟ ھازىرغا قەدەر نەدىمۇ پەزىلەتلىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممىتىنى جەمىيەت ھىساپلاپ چىقىپ؛-پۇكىنى مۇنچە كويلۇق مۇئەللىم دەپ باققان؟ ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ئىش ھەققى پەقەت ئۇنىڭ ئەجىر-ئەمگىكىنىڭ قىممەت قانۇنىيىتى تەقسىماتىدا ئاددى ئىپادىلنىشىغۇ؟ھەقىقى ئۇستاز(مۇئەللىم)مۇقامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئەۋلات ئالدىدىكى ئوبىرازىنى پۇل بىلەن ئۆلچەش مۇمكىنمۇ؟

ھەقىقەتەن شۇنداق بىر قىسىم «ئوقۇتقۇچى»بارلقىنى ھىس قىلىپ يىتىپ تۇرۇپ،ئوقۇغۇچىغا ئەخلاق جەھەتتىن ئۈلگە بولۇش بۇياقتا تۇرسۇن مائارىپ سورىننىڭ جەمىيەت ئالدىدىكى سەلتەنەتىنى پەسلىتىپ،مائارىپنىڭ ئىناۋىتىنى تۇكىۋاتقان تەرەپلىرىگە نىمە دىگۇلۇك؟

ئارمىزدىكى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قىلىشقان ئاشۇنداق بىر تۇركۇم كىشىلەرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بىر كويلۇق مۇئەللىم»دەپ لەقەم قۇيىشى جەمىيەتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئادىل باھاسىمۇ ياكى ئەخلاقنىڭ ئىسيان ساداسىمۇ؟

لەقەم تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى، مەيلى ئۇ قايسىلا نوقتىدن ئوتتۇرىغا چىقسۇن ئۇ بىر ئجتىمائىي مەسىلىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ تۇردۇ. خۇددى «تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ ئەكىسى كۇرۇنگەن»دەك ئاددىغىنە بىر لەقەمدىمۇ شۇ لەقەم ئىگىسىنىڭ قانداقلىغى شۇلەقەمنى قويغۇچىلارنىڭ قانداقلىغى ئەكىس ئىتىپ تۇردۇ.

ئەلىۋەتتە: «بىركويلۇق مۇئەللىم»لەرنى ئۇسىتقۇرۇلما ئارقىلىق سەھىنىدىن سۇپۇرۇپ تاشلاشقا مۇئەييەن ۋاقىت،جەريان كىتىدۇ،لىكىن ئەخلاق ئۇنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. ئەخلاق شۇ ھامان مۇۋاپىق نام ئارقىلىق سۇپەتلەشكە ياكى نام(لەقەم)بىرىشكە ھەرۋاقىت قادىر.

بىزدە ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ ساپا جەھەتتە ئوقۇغۇچىلاردىن خېلى تۇەنلەر بار،بىزدە ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ پەسكەش ئىشلارنى قىلىپ ھەم ئەخلاقنى كىرزىسكە دۇچار قىلىۋاتقانلارمۇ بار.ئادىمىيلىكىنى يۇقىتىپ «ئوقۇتقۇچى»لىق ئەمەس جەمىيەت «پۇقىراسى»لىق سالاھىيىتىنىمۇ ساقلىمايۋاتقان «بىركويلۇق مۇئەللىم»لەرگە بىركوي ئارتۇق كەتتىمۇ ياكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تارتۇق نامىمۇ؟

قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر تەبئەتنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنيىتى؛-قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزگە لايىقىدا جاۋاب بىرش بولۇپ كەلدى.

«سۇبۇيىدا» رۇمانىدا تەسۋرلەنگەن پىرسۇناژلارنىڭ لەقىمى بار،«قىرلىق ئىستاكان»ھىكايىسدا تەسۋىرلەنگەن پىرسۇناناژلارمۇ لەقەمدىن خالىي ئەمەس.

بازىرمىزدا ئىككى مۇسا بار بۇلۇپ 25ياشلار چاممىسىدىكى سىمىز مۇسا بولسا رەخىت سودىگىرى، 40ياشلاردىن ئاشقان سېرىق،ئۇرۇق،ئىگىزرەك كەلگىنى  سۇتۇشۇيدىغان مۇسا. قىززىق يىرى شۇكى كىشىلەر 25ياشلىقنى چوڭ مۇسا،40ياشلىقىنى كىچىك مۇسا دەيدۇ. بۇنىڭغا قاراپ كىشىلەرنىڭ لەقەم قۇيىشدىمۇ،لەقەمگە ئادەتلىنىشىدىمۇ خېلى مەسىلە باردەك ھېس قىلدىم.چۇنكى ئۇلار «چوڭ،كىچىك»لىكنى ياش بىلەن،ئەخلاقى بىلەن ئەمەس شۇ كىشىنىڭ پۇلى بىلەن ئۆلاچەۋاتقاندەك ئىدى.

قىسقىسى لەقەمنىڭ ئۆزىلا مەسىلە بولۇپ ئۇمەسىلە ھالىتىدە جەمىيىتىمىزدە مەۋجۇت . شۇڭلاشقا مۇئەللىملىك سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالمىغانلارنىڭ گەرچە «تەخسىسى چېقىلغان»غا قەدەر مانچە پۇل مائاش ئالالىشى ئېنىق بولسىمۇ ئۇنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىنىڭ ئەخلاق كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالىشى،«بىركويلۇق مۇئەللىم»ئاتالماي ئۆتۇپ كېتىشى  مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئۆزىمىز ياشاۋاتقان تۇپىراق،يىتشتۇرىۋاتقان «بىخ»«نوتا»ئالدىدا قانداق «باغۋەن» بولۇش،ئۆزىمىز رول ئېلىۋاتقان كەسپى سەھنىسدە قانداق «رول»ئېلىش تامامەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدە ئىدى،ئەمەلىيەتتە ياشاش ئارقىلىق ئۆزمىزگە لەقەم قويىدىغىنى ئۆزىمىز ئىكەنمىز.

مەن بىردىنلا سۇغۇق سۇدىن ئەندىككەندەك ئۆزۇمنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە لەقىمى توغىرلىق ئويلىنىشقا باشلىدىم.چۇنكى لەقەمگە تولغان بۇ مەھەللە ماڭا لەقەم قويماي ئۆتۇپ كىتەرمۇ؟


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  <<ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھ...
●  يىراقتىكى يارغا تە...
●  مەنمۇ تەرجىمەمنى <<...
●  بامبۇك نەي)تۇنجى تە...
●  ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ
●  ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ...
●  بالا چولپان ئېرفان ...
●  (قىيا) بابلو.نرۇدا ش...
●  شېئىرغا ئايلىنىش خ...
●  ﻳﯧﯖﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ( ﻓﯩﻠﻴﻪﺗﻮﻥ )...
●  ﻗﺎﺭﺍﭼﻪ ﯮﻏﻼﻥ ﺷﯧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﻳﯘﻧﯘﺱ ﯬﻣﺮﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﺗﯩﻞ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﯪﺷﯩﻖ ﯞﻩﻳﺴﻪﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﻯ...
●  ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺷﯧﯩﺌﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪﺭ -2...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  <<ئوقۇغۇچۇمغا نەسىھەت>>(ت...
●  يىراقتىكى يارغا تەرجىم...
●  مەنمۇ تەرجىمەمنى <<بازار...
●  بامبۇك نەي)تۇنجى تەرجىم...
●  ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ
●  ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻣﯘﯬﻟﻠﯩﻢ...
●  بالا چولپان ئېرفان ۋە ئى...
●  (قىيا) بابلو.نرۇدا شېئىر...
●  شېئىرغا ئايلىنىش خاتىرى...
●  ﻳﯧﯖﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ( ﻓﯩﻠﻴﻪﺗﻮﻥ )...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى