نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىشنى رەت قىلىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 11:28:31 كۆرۈلۈش سانى : 1647
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىشنى رەت قىلىدۇ؟
بەزىدە بالا خۇددى ئاچچىقلانغاندەك ئاپىسىنى ئېمىشنى خالىمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانا جىددىيلىشىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ، بالىنىڭ ئانىسىنى ئەمگۈسى كەلمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىدا قىينىلىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت. بالا ئېمىۋاتقان ۋاقىتتا، بۇرنى بىلەن نەپەسلىنىدۇ. شۇڭا چوقۇم ئەمچىكىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بۇرنىنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنىشىڭىز لازىم، ئەگەر بالا تۇغۇلۇپ ئىتتىك ئېمەلمىگەن ۋە بالىغا سۈت پاراشوكى بېرىۋەتكەندە، بالا ئەمچەك توپچىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ، بەلكىم بۇ ئەمچەك توپچىسىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تىققاندا، سۈت بوتۇلكىسىغا بەكرەك قىزىقىپ قالغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. بالىنىڭ ئانىسىنى ئەمگۈسى كەلمەسلىكنىڭ يەنە بىر سەۋەبى تىت - تىت بولۇپ، بىئارام بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ سىيىپ قويۇپ، تەرەت لاتىسى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇلمىغان بولسا بالا ئاچچىقلىنىپ قالىدۇ ياكى ئەمدىلا ئويغىنىپ، ئەمگۈسى كەلگەندە، بىر بولسا ئېتىبارغا ئېلىنمىسا، بىر بولسا بەك دىققەت قىلىشقا ئۇچرىغانلىقتىن، ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىدۇ - دە، ئانىسىنى ئېمىشىنى خالىمايدۇ.
|
|