بالىلىق مەزگىلىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بولىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-22 11:30:28 كۆرۈلۈش سانى : 921
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىـ تىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟
ئىككى - ئۈچ ياشقا كىرگەندە ۋاقىت بالىلىق ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى بوۋاقلىق مەزگىلنىڭكىدىن ئاستا بولىدۇ. تىل، ھەرىكەت ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلىدۇ. شەخس ئالماشلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ، چوڭ - كىچىك تەرەتلىرىنى كونترول قىلالايدۇ. سۈت چىشى تەكشى چىقىپ بولىدۇ. توغرا تەربىيە ئاستىدا تازىلىق ۋە ئەمگەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلىق ئالاھىدىلىكتۇر. بەدەن، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى قاتارلىقلاردا مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلۇققا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىق مەزگىل ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. شۇڭا ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىم مۇھىم. بالىلارنىڭ سۈت چىشى ئاساسەن چىقىپ بولغاچقا، چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىدۇ. خىلمۇخىل يېمەكلىكلەرنى يېيەلەيدۇ. بىراق ھەزىم قىلىش، چايناش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بالىلارغا قارىغاندا يەنىلا ناچار، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى پارچىلاپ پىشۇرۇپ يېيىشى كېرەك. ئادەتتە قاتتىق، يىرىك، زىيادە مايلىق ياكى غىدىقلاش خاراكتېرىگە ئىگە يېمەكلىكلەر بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن: يىرىك تالاسى كۆپ بولغان كۆكتات )پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار( نى ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئوڭايلىقچە ئىستېمال قىلماسلىقى. ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. خاسىڭ مېغىزى قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئوڭايلا كانىيىغا كېتىدۇ. شۇڭا بالىغا بەرمەسلىك. بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى پرىنسىپ بويىچە تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش:
1. بالىلارغا مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلۇقى مول يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن: يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ياكى يېڭى پۇرچاق بولسا يىلتىز غوللۇق كۆكتاتلاردىن ياخشى. قارا ئاشلىق ئاق ئاشلىقتىن ياخشى. يېتەرلىك ئاقسىل ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە دىققەت قىلىش، ئاقىسىللىق يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا ئىمكانقەدەر ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ھايۋاناتلاردىن ياسالغان يېمەكلىك ياكى پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكنى تاللاش.
2. تۈرىنى كۆپ خىل قىلىپ، ئىشتىھانى ئېچىش. بۇنداق بولغاندا ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئوزۇقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلانغىلى بولىدۇ. تۈرى كۆپ بولسا يېمەك - ئىچمەك ھەر كۈنى روھلاندۇرۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىتىلىشىنى قوزغاپ، ئىشتىھانى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈشچانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەكتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
3. بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق بولۇشى، يېمەكلىك يۇمشاق بولۇشى، يىرىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق.
4. يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش. پەسىل، ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تاماق تەمىنى ئۆزگەرتىش. مەسىلەن: قىش پەسلىدە ئىسسىقلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش. ياز پەسلىدە مايسىز، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. ئۇنىڭدىن باشقا بىر - ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ يېمەكلىكى ئاساسلىقى سۈت تەركىبىدە بولۇپ، ھەر كۈنى 500 - 600 مىللىلىتىر بولسا بولىدۇ. ئىككى - ئۈچ ياشلىق بالىلارنىڭ 250 - 500 مىللىلىتىرغىچە بولسا بولىدۇ. يېمەك - ئىچمەك قېتىم سانى ھەر كۈنى تۆت - بەش قېتىم بولسا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى زۆرۈر شەرتلەردۇر.
|
|