ئەقلىي قابىلىيەت دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-22 11:29:50 كۆرۈلۈش سانى : 1079
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەقلىي قابىلىيەت بولسا تۈزىتىش قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى، تىل قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتى، مەشغۇلات ئىقتىدارى قاتارلىق ئاساسىي تەركىبلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئىچىدە، تەپەككۇر بولسا ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يادرولۇق تەركىبى. ئەقلىي قابىلىيەت مۇشۇ ئالتە خىل ئاساسىي تەركىبتىن تەركىب تاپىدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت مۇشۇ ئاساسىي تەركىبلەرنىڭ ئاددىي ھالەتتىكى قوشۇلۇشى بولماستىن، بەلكى مۇشۇ تەركىبلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال جەھەتتە بىرلىشىپ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر جەھەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، باشقا تەرەپكە سەل قارىماسلىق كېرەك. بۇ خۇددى بىر ماشىنىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى پۈتۈن ماشىنىنىڭ قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ مەلۇم زاپچاس ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. ئەگەر ھەربىر زاپچاسنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسا، بىراق زاپچاسلار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشتا مەسىلە بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ماشىنىنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بولىدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. پەقەت مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە تەرەپنىڭ ئېلېمېنت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشى يېتەرلىك بولسا، ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىر ئېلېمېنت مەلۇم سەۋىيىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزئارا بىر خىل ياخشى قۇرۇلما شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، ئەقلىي قابىلىيەتنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش مەسىلىسىدە، ئاددىي ھالدىلا مەلۇم بىر جەھەتتىلا تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتماي، ئومۇميۈزلۈك تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
بالا ئەتراپتىكى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېسىدە تۇتالامدۇ؟
ئەستە ساقلاش بولسا ھېس قىلىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدىكى شەيئىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ساقلىنىپ قېلىش جەريانىدىن ئىبارەت. ئىنسانلارنىڭ بىلىمىنىڭ توپلىنىشى، ئىقتىدار ئىگىلىشى، ئادەت شەكىللەندۈرۈشىنىڭ ھەممىسى ئەستە ساقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تونۇش، بىلىش پائالىيەتلىرىگە ئەستە ساقلانغان ئىشلار ئارقىلىق قاتناشقىلى بولىدۇ. ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئەستە ساقلانغان مەزمۇنلارمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئادەتتە ئۈچ ياشتىن باشلاپ ئاندىن ۋاقتى بىر ئاز ئۇزۇن بولغان ئەستە ساقلاشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش پائالىيەتلىرىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بولىدۇ:
1. ئەستە تۇتۇش پائالىيەتلىرىدە كونكرېت شەيئىلەرگە تايىنىدۇ. بۇ مەزگىلىدە بالىلارنىڭ تىل، تەپەككۇر جەھەتتە بىر ئاز تۆۋەن تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ ياخشىسى شەكلى ئېنىق ۋە قىزىقارلىق بۇيۇملار بىلەن ئەستە ساقلاشنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەڭ مۇۋاپىق. بىراق ئۈچ ياشلىق بالىلار تولۇق ئانالىز قىلالمايدۇ. سىرتقى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېنىق ھالدا بۇرۇنقى ئىشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلىشى پەقەت ئۆزى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك شەيئىيلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.
2. ئەستە ساقلاش مەقسەتسىز ئەستە ساقلاش ۋە مېخانىكىلىق ئەستە ساقلاش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بالىلار ماتېرىياللاردىكى سىرتقى باغلىنىش ياكى ئىپادىلىنىش شەكلىگە ئاساسەن، ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق ئېسىدە ساقلايدۇ. ئەستە ساقلاش پائالىيىتىدە مۇئەييەن دەرىجىدە مەقسەتچانلىق كەم بولسا، قەتئىي تىرىشچانلىق بىلەن قاتناشمايدۇ. گەرچە بۇنىڭدا مەقسەتسىز ئەستە ساقلاش مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ، بىراق مەقسەتلىك ئېسىدە ساقلاش بىخلىرى باشلىنىشقا باشلىغاندا چوڭلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم ئاددىي تەلەپلەر ئارقىلىق ئېسىگە ئالىدۇ.
3. ئەستە ساقلاش ۋاقتى قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرىلىق نىسبىتى تۆۋەن بولسا، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ خاتىرىسىنىڭ قايتىلىنىش ۋاقتىمۇ بارغانسېرى ئۇزۇن بولىدۇ. مەسىلەن: ئىككى - ئۈچ ياشلىق بالىلار ئۆزلىرىدىن خەۋەر ئالغۇچىدىن ئايرىلىپ بىر قانچە ئاي تۇرغاندىن كېيىنمۇ يەنە تونۇيالغانغا ئوخشاش بىراق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بوۋاقلىق، بالىلىق ۋاقىتتىكى ئەستە ساقلاش ۋاقتى بىر ئاز قىسقا بولىدۇ. چۈنكى بىلىم ۋە تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن، بالىلارنىڭ ئەستە ساقلىشى دائىم مۇئەييەنلەشمەيدۇ. زۆرۈر بولغاندا تۇرمۇش جەريانىدا قايتا - قايتا مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ.
4. ئەستە ساقلاش بىلەن كەيپىيات زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىككى - ئۈچ ياشلىق بالىلارنىڭ ئەستە ساقلىشىدا كەيپىيات تۈسى ناھايىتى مول، بولۇپمۇ ئۇلارنى خۇشال قىلغان شەيئىلەر ياكى ئۇلارنى قاتتىق پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرگەن شەيئىلەر ئۇلارنىڭ ئېسىدە ئوڭايلا قالىدۇ. ئاكتىپ بولغان، ياخشى بولغان كەيپىياتنى ئەستە قالدۇرۇپ، پاسسىپ كەيپىياتنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشكە دىققەت قىلىش. بولۇپمۇ كۈچلۈك پاسسىپ تەسىرگە ئىگە بولغان ئىشلار بالىنىڭ قەلبىدە ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلىش مۇمكىن. پسىخولوگىيە ئىلمىدىكى روھ تەھلىلچىلىرى بالىلارنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى خاتىرىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى جىسمانىي ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتقا بولغان تەسىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىككە ئاساسلانغاندا، ئاتا - ئانىلار پىلانلىق ھالدا بالىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشى، پىلانلىق ھالدا بالىلارغا بىر قىسىم رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنى چۈشەندۈرۈپ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بالىلاردىن بۇ نەرسىلەرنى كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى سوراش كېرەك، يەنە كۆرۈپ بولغان رەسىم ۋە كۆرمىگەن رەسىملەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، بالىغا كۆرۈپ بولغان رەسىمنى تاپقۇزۇش. كىشىلەر ئارا ئالاقىدە، بالىنىڭ ئىلگىرى كۆرگەن ئادەمنى تونۇغان - تونۇمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن: <بۇ ئاچىڭىز بۇرۇن سىزنى گۈلەڭگۈچتە ئۇچۇرغان، ئېسىڭىزدە بارمۇ؟> دەپ سوراش. مۇشۇنداق كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ئىشلار ئارقىلىق بالىنىڭ خۇشال دەقىقىلەرگە بولغان خاتىرىسىنى قوزغاش، قىسمەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، ئەستە ساقلىنىش مەشىقى قىلدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: بالا سىرتتا پۈتۈن بىر كۈن ئوينىغان بولسا، كەچتە بالىدىن <بۈگۈن نېمە ئويۇنلارنى ئوينىدىڭىز؟> دەپ سوراش. ئەگەر بالىلار يەسلى، بالىلار باغچىسىغا كىرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن بۈگۈن مۇئەللىمنىڭ قانداق ناخشا ئۆگەتكەنلىكىنى، چۈشتە نېمە تاماق يېگەنلىكىنى سوراش. بۇ ئارقىلىق بالىدا توغرا بولغان ئەستە ساقلاشنى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، يەنە بالىدىن بۈگۈن بالىلار باغچىسىدىكى كىچىك دوستلار بىلەن قانداق ئويۇنلارنى ئوينىغانلىقىنى سورىسىمۇ بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا، بالىلار ئەگەر مۇئەللىمنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بولسا، ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز بالىنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ، تولۇق سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. توشقان بار رەسىملەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن رەسىمنى توسۇپ تۇرۇپ، بالىدىن توشقاننىڭ نەچچە قۇلىقى بار دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ. ھېكايە سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ھېكايە مەزمۇنىنى بالىغا قايتا دېگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە بالىلار ناخشىسى ۋە بالىلار قوشاقلىرىنى ئىسىدە تۇتالايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئېغىزغا ئوڭاي كېلىدىغان بالىلار ناخشىسى ئارقىلىق بالىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش. مەشىق قىلدۇرۇش جەريانىدا ئاكتىپ كەيپىيات ئىچىدە، بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا دىققەت قىلىپ، بىر قىسىم ئېسىدە ساقلاش ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىتىش كېرەك.
ئويۇننىڭ بالىلارغا قانداق پايدىسى بار؟
بالىلار تۇغۇلۇپ ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئويۇنغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئويۇننىڭ بالىلارغا بولغان پايدىسى ئويۇندىلا بولۇپلا قالماي، ئويناش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارى چېنىقىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئويۇن جەريانىدا ئىزدىنىشنى ئۆگىنىدۇ. ئويۇن بالىلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى ئۈچۈن قىلغان مەشىقى ۋە تەييارلىقى. بالىلارنىڭ ئويۇنلىرى مول، رەڭگارەڭ، ھەربىر بالىنىڭ ئۆزى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن تۈرى بولىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن قارىغاندا، بالىلارنىڭ ئويۇنى، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئورتاق ئالاھىدىلىكنى يارىتىدۇ. بالىلارنىڭ ئويۇنى باشلانغاندا ئاساسلىقى سەزگۈ ئەزالىرى ئويۇنغا قاتنىشىدۇ. مەسىلەن: رەڭلىك توپقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ. چىرايلىق رەسىملەرنى كۆرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بالىلار ئۆمىلىيەلەيدىغان، ئۆرە تۇرالايدىغان، ماڭالايدىغان بولىدۇ. بارغانسېرى ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: قالايمىقان ئۆمىلەيدۇ، نەرسىلەرنى تاشلايدۇ، ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى ئەكىلىپ ئوينايدۇ. سىيرىلغۇچتا سىيرىلىپ ئوينايدۇ، كىچىك ھارۋىلارنى ئىتتىرىدۇ.
|
|