بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> ساغلاملىق ساۋاتلىرى >> قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ  ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ  ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:16:44    كۆرۈلۈش سانى : 1343  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
       قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ  ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟      بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا، تۆمۈرنىڭ كۆپرەك بولۇشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە تۆمۈر تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.     1. بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئىمكانقەدەر ئانا سۈتى بىلەن بېقىش. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر گەرچە كالا سۈتىنىڭكىگە يېقىن كەلسىمۇ، بىراق پايدىلىق نىسبىتى كالا سۈتىدىن يۇقىرى.     2. مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلار بولسۇن، مەيلى سۈنئىي بېقىلغان بالىلار بولسۇن، تەخمىنەن تۆت ئايلىق بولغاندا تۆمۈر تولۇقلاشنى باشلىسا بولىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغانلار ياكى قوشكېزەكلەر تەخمىنەن ئىككى ئايلىق بولغاندا تۆمۈر تولۇقلاشنى باشلىسا بولىدۇ. تەركىبىدە تۆمۈر بولغان يېمەكلىكلەرنى )مەسىلەن: تۇخۇم سېرىقى، بېلىق، جىگەر قاتارلىقلار( ياكى تۆمۈرنى كۈچەيتىشى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلىسا بولىدۇ. ھەر كۈنى بىر مىللىگرام قوبۇل قىلسا بولىدۇ ھەم تۆمۈرنى سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.     3. ۋىتامىن C مول بولغان تاماقلار )يېڭى مېۋە قىيامى، سەي شىرنىسى قاتارلىقلار( ياكى ۋىتامىن C تابلېتكىسى قاتارلىقلار تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈشچانلىقىغا پايدىلىق.     4. ئانا پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈرنىڭ تەمىنلىشىگە دىققەت قىلىپ، ھەر كۈندىكى تاماق تەركىبىدىن 40 ~ 60 مىللىگرام تۆمۈر ئېلېمېنتى ئىستېمال قىلسا، تۆمۈر كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.      ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش بىلەن بوۋاقنىڭ  ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنىڭ  مۇناسىۋىتى بارمۇ؟      ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشى نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ماددىي ئاساس يېتەرلىك مىقداردا بولسا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىقتىدارى ياخشى بولىدۇ. نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئاللىقاچان پارچىلانغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا كۆپەيمەسلىكىدىن ئىبارەت. ھامىلە يېشى 18 ھەپتە بولغاندىن تارتىپ تاكى تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتە بولغۇچە جەريان چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل ھەم ئەڭ ھالقىلىق بولغان مەزگىل ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ئۈچ ئايدىن باشلاپ تاكى تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىق بولغۇچە جەرياننى كۆرسىتىدۇ )ئاساسلىقى ئېمىۋاتقان مەزگىل(، بوۋاقلىق مەزگىل پۈتۈن بالىلىق مەزگىلدىكى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولىدىغان مەزگىل. شۇڭا، بۇ مەزگىلدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان يېمەكلىك ئانا سۈتىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:     1. ئانا سۈتىدىكى ئاقسىل ئاساسلىقى سۈت ئاقسىلى، قېتىق ئاقسىلى قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە سۈت ئاقىسىلىنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى. جانلىقلارنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە يېتىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا سۈتى تەركىبىدە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ماددا يەنى كاۋرىن قاتارلىقلار بار.     2. ئانا سۈتى تەركىبىدە ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى، كومپلېمېنت، باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىملار، سۈت تۆمۈر ئاقسىلى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاقلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بالىنىڭ ئەقلىي يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.     3. ئانا سۈتى تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان تويۇنمىغان ۋە زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى، ئاراخىرونىك كىسلاتا قاتارلىقلار بولۇپ، زەنجىرسىمان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كالا سۈتىدىن يۇقىرى. ھەم بۇلار مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى. مېڭىنىڭ يېتىلىشى، نېرۋىنىڭ نورمال يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆرۈش تور پەردىسى ھۈجەيرىلىرىمۇ ئوخشاشلا چوڭ مېڭە كۈل رەڭ پوستلاق قەۋىتىگە ئوخشاش زەنجىرسىمان ياغ كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ زەنجىرسىمان ياغ كىسلاتاسى ئەقلىي قابىلىيەت، كۆرۈش قابىلىيىتى قاتارلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى خولېستېرىن كالا سۈتىدىن ئۈچ - تۆت ھەسسە يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭاي سۈمۈرۈلىدۇ ھەم خولېستېرىن نېرۋىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، يېتىلىۋاتقان مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور رولى بار.     4. سۈت شېكىرى بولسا ئانا سۈتىدىكى كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇ ئۈچەيدىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا سۈتىدىكى كالتسىي، فوسفورنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولىدۇ، راخىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ.     5. ئانا سۈتىدىكى مىس، خروم مىقدارى، ئوغۇز سۈتىدىكى سىنكنىڭ مىقدارى كالا سۈتىدىن مول. ئانا سۈتىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى گەرچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق سۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىش نىسبىتى 50% يۇقىرى. شۇڭا باشقا سۈتلەر بىلەن بېقىلغان بالىلارغا قارىغاندا تۆمۈر كەملىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئاز كۆرۈلىدۇ. تۆمۈر كەم بولۇشى تۈپەيلىدىن ئەقلىي قابىلىيەتكە تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سىنىك ئادەم بەدىنىدىكى ئامىنو كىسلاتا، ئاقسىل ۋە يادرو كىسلاتاسى بىلەن مېتابولىزم ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا قاتنىشىدۇ. بۇ بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن زۆرۈر. ئانا سۈتىدە بولۇپمۇ ئوغۇز سۈتىدە سىنكنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ئادەتتە بالىنىڭ  ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.     6. بالىنى ئېمىتىش ئارقىلىق، ئانا بوۋاققا مەرىپەت تەربىيىسى بېرىپ، بۇ بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش، چۈشىنىش كۆپىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاقنىڭ ئاڭلاش، ھېس قىلىش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. شۇڭا بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئاي ئىچىدە، بالىنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.     


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ھامىلىدار ئاياللار...
●  بالىلارنىڭ ئېغىز ب...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان ...
●  نېمە ئۈچۈن بالا ئېم...
●  ئېمىشنى خالىمايدىغ...
●  قانداق قىلغاندا با...
●  بالىلىق مەزگىلىنىڭ...
●  ئەقلىي قابىلىيەت د...
●  بالىنى ئۆزى تۇغقان ...
●  ھامىلە تەربىيىسى د...
●  بوۋاقلارنىڭ سۈت چى...
●  بوۋاقنىڭ چاپىقىنى ...
●  بالىلار نېمە ئۈچۈن ...
●  يېڭى تۇغۇلغان بوۋا...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان ...
●  خاتا بولغان ئەمچەك...
●  قورساقنىڭ ئاستىنقى...
●  يېڭى تۇغۇلغانلارنى...
●  ئۇيغۇرنىڭ نالىسى ھ...
●  دۇنيا تەرىپىدىن تا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ھامىلىدار ئاياللار قېتى...
●  بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇق...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگى...
●  نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىشنى ...
●  ئېمىشنى خالىمايدىغان با...
●  قانداق قىلغاندا بالىلار...
●  بالىلىق مەزگىلىنىڭ قاند...
●  ئەقلىي قابىلىيەت دېگەن ...
●  بالىنى ئۆزى تۇغقان ياخش...
●  ھامىلە تەربىيىسى دېگەن ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى