بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە قوللىنىلىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى ق
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 11:06:36 كۆرۈلۈش سانى : 431
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە قوللىنىلىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟
ئەگەر ئانا سۈت بىلەن بالا بېقىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنى ئويلىغاندا پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن دېگۈدەك ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش، چوقۇم تۇغۇتتىن كېيىنكى تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان جەريان ئىچىدە بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك. بالىنىڭ قورسىقى ئاچقان ۋاقىتتا، مەيلى كېچە ۋە ياكى كۈندۈز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئېمىتىش، ئەگەر قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال ئېمىتىپ، ئاندىن باشقا يېمەكلىكنى بېرىش كېرەك. ئانا ياكى بالا ئاغرىپ قالغاندا، داۋاملىق ئېمىتىپ، ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى توختىتىپ قويسا بولمايدۇ. بالىغا ئېمىزگۈ بىلەن سۈت بېرىشتىن ساقلىنىش، رېزىنكە ئېمىزگۈ ۋە باشقا ئېمىزگۈلەرنى ئېمىتمەي، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك. ئادەتتە، بوۋاق ئالتە ئايغا تولغاندىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە باشلىغاچقا، سۈتنى ئېمىشىمۇ بارغانسېرى ئازلايدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنى يېتىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا گەرچە بۇرۇنقىدەكلا بالا ئەمگەن تەقدىردىمۇ، ھەتتا ھەيز كەلمىسىمۇ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىسا، ئوڭايلا بويىدا قالىدۇ. شۇڭا ئالتە ئاي ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ. بىراق، ئالتە ئايدىن كېيىن ئېھتىياجىغا ئاساسەن باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. |
|