يېمەكلىكلەرنىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىقى بالىلارـ نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-20 09:44:23 كۆرۈلۈش سانى : 7
ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆستى، نۇرغۇنلىغان بالىلار دائىم ياخشى گۈرۈچ، ئاق ئۇن، ياخشى بېلىق ۋە ياخشى گۆشلەرنى يېيەلەيدۇ، شۇنداقلا تاتلىق يېمەكلىكلەرگە بەك ئامراق بولۇپ، كۆكتات يېيىشنى خالىمايدۇ. بۇنداق بولۇۋەرسە، بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى كىسلاتالىق ماددىلار كۆپىيىپ، يامان خاراكتېرگە ئايلىنىپ، ساغلام بولمىغان <كىسلاتالىق بەدەن سۈپىتى> نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلاردا باش قېيىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، قەۋزىيەت، ئۇيقۇسىزلىق، ئاسان چارچاش، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش، ئوڭاي زۇكام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بالىلارنىڭ تەنھا، يالغۇز يۈرۈشىنى خالاپ قالىدىغان بولۇپ قېلىشى بىلەن كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا، كالىي، كالتسىي، ماگنىي، سىنك قاتارلىق ئىشقارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارغا تەسىر يېتىدۇ، بۇ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار چوڭ مېڭىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ساقلاشتا ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە. شۇڭا كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى بالىلار كۆپ ئىستېمال قىلسا، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن، كۆپرەك كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق، بىراق ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئۆسمۈرلۈك دەۋر ئۆسۈۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ئېلېمېنتلار قاتارلىق خىلمۇخىل ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھايۋانات گۆشلىرىدە مول بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئىمكانقەدەر گۆشلۈك تاماقنى ماسلاشتۇرۇپ، كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى ئۆزئارا تەڭشەپ، بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. |
|