بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئەدەبىيات >> تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش

تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-12 11:18:33    كۆرۈلۈش سانى : 136  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش تىل - ئەدەبىيات  دەرسىدە خەت تونۇش - خەت يېزىش، ئوقۇش، يېزىقچىلىق، ئاغزاكى ئالاقە بىلەن بىرقاتارغا قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە بىر قاتلامدا تۇرمايدۇ. ئەگەر خەت تونۇش - خەت يېزىش، ئوقۇش، يېزىقچىلىق، ئاغزاكى ئالاقە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشىدە مۇقەررە چېتىلىدىغان مەزمۇن ھېسابلىنىدۇ، دېيىلسە، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش بىرخىل ئۆگىنىش شەكلى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسۇلى ۋە پوزىتسىيىسىنى تەربىيىلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشنىڭ بىر پۈتۈن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. دەرس ئىسلاھاتىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۈر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تىل - ئەدەبىيات تەلىم - تەربىيىسى نىسبىي بېكىنمە ھالەتتە تۇتۇپ كەلدى  — دەرسلىك بىردىنبىر ئۇچۇر مەنبەسى قىلىندى. ئوقۇتقۇچى بىردىنبىر ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى بولدى. دەرسخانا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان، بىردىنبىر سورۇن بولدى. ئۇنىۋرسال ئۆگىنىش مۇشۇنداق بېكىنمە ھالەتنى بۇزۇۋېتىشنى تېزلىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇستەقىل ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش شەكلىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە تىل ئەدەبىيات دەرسىنى بەرپا قىلىش يولىدا تىرىشتى. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ مەزمۇنىنى تەتقىق قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشگە ئىنچىكىلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش — دەرس ئىسلاھاتىدا ھەربىر ئوقۇتقۇچى دۇچكېلىدىغان يېڭى تېما ھېسابلىنىدۇ. 1. تىل - ئەدەبىياتنى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ دەرس نىشانى   بىرىنچى ئۆگىنىش باسقۇچى )1 -، 2 - يىللىقلار(   1. ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن قىزىقىدىغان قىزىققان مەسىلىلىرىگە قارىتا سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، دەرس ئىچى - سىرتىدىكى ئوقۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق مۇزاكىرە قىلالايدىغان بولۇش. 2. تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئەتنى كۆزىتىش، ئاغزاكى ھالدا ياكى رەسىم - سىخېما قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كۆزەتكەنلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش.  3. مەكتەپتىكى ۋە مەھەللىدىكى پائالىيەتلەرگە قىزغىن قاتنىشىش، پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاغزاكى ھالدا ياكى رەسىم - سىخېما قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ۋە ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇش. ئىككىنچى ئۆگىنىش باسقۇچى )3 -، 4 - يىللىقلار( 1. ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەقسەتلىك ھالدا ماتېرىيال توپلاپ، ئورتاق مۇزاكىرە قىلالايدىغان بولۇش. 2. تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنى كۆزىتىش، يېزىق تىل بىلەن جانلىق تىلنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۆزەتكەنلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇش. 3. ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىزىقارلىق تىل ئەدەبىيات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىيەلەيدىغان، پائالىيەت جەريانىدا تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنەلەيدىغان، ھەمكارلىشالايدىغان بولۇش. 4. ئائىلە تۇمۇشى ۋە مەكتەپ تۇرمۇشىدا تىل - ئەدەبىيات بىلىمى ۋە قابىلىيىتىگە  تايىنىپ ئاددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇش. ئۈچىنچى ئۆگىنىش باسقۇچى )5 -، 6 - يىللىقلار( 1. ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى  ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپخانا، ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق ئۇچۇر يوللىرىدىن پايدىلىنىپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش، ئاددىي تەتقىقات تەرىقىسىدىكى دوكلاتلارنى يېزىشقا تىرىشىپ بېقىش. 2. ئاددىي بولغان مەكتەپ پائالىيىتى ۋە ئىجتىمائىي  پائالىيەتلەرنى پىلانلاش، پىلانلىغان ئاساسى تېما ئۈستىدە مۇزاكىرە ۋە تەھلىل قىلىش، پائالىيەت پىلانى  ۋە پائالىيەت خۇلاسىسى يازالايدىغان بولۇش. 3. كۆپچىلىك ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۆز ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرگە ياكى تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، كىنولاردىكى ۋەقەلىك  — ئوبرازلارغا قارىتا مۇنازىرىگە مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەشكىللىنەلەيدىغان بولۇش، ھەق بىلەن ناھەقنى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق  ئېتىشنى ئۆگىنىش. 4. ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تېپىش ۋە ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇللارنى  دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەش. تۆتىنچى ئۆگىنىش باسقۇچى ) 7 - ۋە 8 - يىللىقلار( 1. ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى مۇستەقىل تەشكىللىيەلەيدىغان بولۇش، مەكتەپ خاراكتېرلىك گېزىت - ژۇرنال چىقىرىش، ئويۇن قويۇش ۋە مۇھاكىمەت ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر جەريانىدا ھەمكارلىق ۋە نەتىجىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدىغان بولۇش. 2. ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى ئۆزى قىزىقىدىغان، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ئورتاق مۇھاكىمە قىلالايدىغان، تەتقىقات تېمىلىرىنى تاللاپ چىقالايدىغان، ئاددىي تەتقىقات پىلانلىرىنى تۈزەلەيدىغان بولۇش، گېزىت - ژۇرنال، كىتاب ۋە باشقا ۋاسىتىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كېرەكلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشەلەيدىغان، مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە، تەھلىل قىلالايدىغان مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىق ئاساسىدا ئاددىي تەتقىقات دوكلاتى يازالايدىغان بولۇش. 3. مەكتەپ رايونى ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەمدە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىش، ماتېرىيال توپلاش، تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلىش، ئۆز ئارا مۇھاكىمەت قىلىش، يېزىق، سىخىما جەدۋەل، رەسىم ۋە فوتو سۈرەت قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايان قىلالايدىغان بولۇش. 4. ماتېرىيال ئىزدەش ۋە ماتېرىيالدىن پايدىلىنىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەش، ئىپتىدائى ماتېرىيال بىلەن ۋاسىتىلىك ئېرىشكەن ماتېرىياللارنىڭ ئاساسىي پەرقىنى ئايرىش، پايدىلانغان ماتېرىيال مەنبەلىرىنى ئىزاھلاپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش تۆۋەندىكى روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: )1( ئۇنىۋرساللىقنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئاساسلىقى تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرىنى بىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىش، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتى. تىل -  ئەدەبىيات دەرسى بىلەن باشقا دەرسلەرنىڭ باغلاشتۇرۇلۇشى، كىتابتىن ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچىدىن، بىلىم بىلەن ئىقتىدارنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى. مەسىلەن، ئاغزاكى ھالدا ياكى سىخېما — يېزىق قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆزىنىڭ كۆزىتىشتىن ئىگە بولغانلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش؛ ئاغزاكى ھالدا ياكى رەسىم - سىخېما قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆزىنىڭ كۆگەن - ئاڭلىغانلىرىنى  ۋە ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش؛ يېزىق بىلەن تىلنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ كۆزىتىشتىن ئىگە بولغانلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش؛ تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ۋە ئىقتىدارىنى تەتبىقلاپ ئاددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى سىناپ كۆرۈش، بۇ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن خەت يېزىش، ئوقۇش، يېزىقچىلىق، ئاغزاكى ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىم ۋە ماھارەتلىرىنى ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، بىلىم ۋە ئىقتىدار، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسىيات پوزىتسىيە، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەمنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى. مەسىلەن، ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە قىزىقىش؛ مەكتەپنىڭ ۋە مەھەللىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتنىشىش، پائالىيەت داۋامىدا تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش؛ ھەق - ناھەقنى، ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىش؛ ھەمكارلىشىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىش؛ مەكتەپكە، ئۆز رايونىغا ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، بۇ ئۆلچەملەر ئوقۇغۇچىلاردىكى ھېسىيات - پوزىتسىيە، قىممەت قارىشىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى.   ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش كىتابتىن ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي پائالىيەتنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى، شۇنداقلا قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش بىلەن ئىزدىنىپ ئۆگىنىشنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت تىل - ئەدەبىيات دەرسىدە ئۆگىنىلگەن تىل - ئەدەبىيات بىلىم ۋە ماھارەتلىرى ئەمەلىي پائالىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇلۇشى، تەرەققى قىلدۇرۇلۇشى، دەرس ئىچىدە ئۆگەنگەنلىرىنى دەرس سىرتىدا داۋاملاشتۇرۇلۇشى لازىم. مەسىلەن، مەقسەتلىك ماتېرىيال توپلاش، ئورتاق مۇھاكىمە قىلىش؛ پىلانلىغان ئاساسى تېما ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىش، ۋە تەھلىل قىلىش، پائالىيەت پىلانى ۋە خۇلاسىسىنى يېزىش؛ تەتقىقات تېمىسىنى تاللاپ چىقىش، ئاددىي تەتقىقات پىلانى تۈزۈش، گېزىت - ژۇرنال، كىتاب ۋە باشقا ۋاسىتىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئىگە بولۇش. مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە تەھلىل قىلىش، ئاددىي تەتقىقات دوكلاتلىرىنى مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىپ يېزىپ چىقىش. ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن. لېكىن كۆپ تەرەپلىمە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆتىنچىدىن، دەرسلەر ئارىسىدىكى ئۇنىۋېرساللىق. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشتە تىل ئەدەبىيات دەرسى بىلەن باشقا دەرسلەرنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچەيتىلىدۇ، ساھە ئاتلاپ ئۆگىنىش، باشقا دەرسلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مەسىلەن، تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئەت دۇنياسىنى كۆزىتىش، تۇرمۇشنى، ئۆز ئەتراپىدىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك ئورتا كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلەرنى… كۆزىتىش، مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇش، مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش؛ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاش، تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلىش، ئۆز ئارا مۇھاكىمە قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بۇ ئۆلچەملەر دەرسلەرنى تۇتاشتۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردە تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشنى، تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ۋە ئىقتىدارىنى تەتبىقلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ؛ تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ۋە تۇرمۇشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا چەكسىز ئىمكانىيە بېرىدۇ. )2( ئەمەلىيەت تەكىتلىنىدۇ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشتە  ئەمەلىي پائالىيەت ۋاسىتە قىلىنىدۇ. تىل - ئەدەبىيات بىلىمى  بىلەن ئىقتىدارىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى، دەرس نىشانىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى، دەرسلەر ئارىسىدىكى  ئۇنىۋېرساللىقىنىڭ ھەممىسى  ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچى ئۆگىنىش باسقۇچىدا پائالىيەت داۋامىدا ئاغزاكى ھالدا ياكى سىخېما - يېزىق قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆزىنىڭ كۆزىتىشتىن  ئىگە بولغانلىرىنى كۆرگەن  - ئاڭلىغانلىرى ۋە ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىشتىن تارتىپ تۆتىنچى باسقۇچتا تەتقىقات تېمىسى تاللاپ چىقىپ ئاددىي تەتقىقات پىلانىنى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، گېزىت - ژۇرنال، كىتاب ياكى باشقا ۋاسىتىلاردىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئىگە بولۇش، مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمەت تەھلىل قىلالايدىغان، مۇستەقىل ياكى ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئاددىي تەتقىقات دوكلاتلىرىنى يازالايدىغان بولۇش ۋە ماتېرىيال توپلاش، تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلىش، ئۆز ئارا مۇھاكىمە قىلىش، يېزىق، سىخېما  - جەدىۋەل، رەسىم ۋە فوتو سۈرەت قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايان قىلالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلغانغا قەدەر بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ھېسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت يۇمشاق كۆرسەتكۈچلەر توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى باھالاشتىمۇ ئەمەلىي تەلەپلەر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت جەريانىدىكى ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسى كۆزدە تۇتۇلغان. )3( مۇستەقىللىك كۈچەيتىلىدۇ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بىرىنچى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى قىزىققان مەزمۇنلار توغرىسىدا سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولۇشتىن تارتىپ ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىزىقارلىق تىل - ئەدەبىيات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىيەلەيدىغان بولۇشقىچە، ئۈچىنچى ئۆگىنىش باسقۇچىدا ئاددىي بولغان مەكتەپ پائالىيىتى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى پىلانلاشقىچە، تۆتىنچى ئۆگىنىش باسقۇچىدا ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى مۇستەقىل تەشكىللىيەلەيدىغان بولۇشقىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزمۇننى مۇستەقىل تاللاش، ئۆزى لايىھىلىگەن ۋە تەشكىللىگەن پائالىيەتلەر داۋامىدا شەيئىلەرنى كۆزىتىپ تونۇشىغا،  جەرياننى چۈشىنىشىگە، تىل - ئەدەبىياتنى ئۆگىنىپ تەتبىقلىشىغا ، ئاكتىپ كىشىلىك ھايات پوزىتسىيىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە يول قويۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ نىشانىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش  — ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. 2. تىل ئەدەبىياتتا  ئۇنىۋېرسال كۆگىنىشنىڭ مەزمۇنى  بۇرۇنقىلار: زەن قويساڭ ھەممە ئىشتا بىلىم بار دېگەنىدى. بىز زەن قويساڭ ھەممە يەردە تىل - ئەدەبىيات بار دەيمىز. تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئاسما رەسىملىرى، قورال كىتابلار ۋە باشقا كىتابلار، گېزىت -  ژۇرنال، كىنو، تېلېۋىزور، رادىئو، ئىنتېرنېت تورى، دوكلات يىغىنى،  نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى، مۇنازىرە يىغىنى، تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنى، تىياتىر نۇمۇرلىرى، كۈتۈپخانا، مۇزىي، خاتىرە ساراي، كۆرگەزمە ئېلان تاختىلىرى، گېزىت كارىدورى، تۈرۈك ۋىۋىسكا ئېلانلىرى تىل - ئەدەبىيات دەرس بايلىقى ھېسابلىنىدۇ تەبىئەت مەنزىرىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئورپ - ئادەتلەر، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش گەپ  سۆزلىرى قاتارلىقلارنىمۇ تىل - ئەدەبىيات دەرس بايلىقى قىلىشقا بولىدۇ. ھەرقايسى جايلاردا تەبىئىي، ئىجتىمائىي، گۇمانتار جەھەتلەردىكى كۆپ خىل تىل - ئەدەبىيات دەرس بايلىقلىرى يوشۇرۇنغان. تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنىڭ داۋاملىشى بىلەن تۇرمۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ باراۋە بولۇش - بولالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ دەرستىن سىرتقى تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش مەزمۇنىنى كۆرەلەيدىغان كۆزىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىدا. )1( يېنىمىزدىكى ھوزۇرنى بايقاش — مەكتەپتىكى قىزىقچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىدا قالغان دەرسلىك، كونىراپ كەتكەن  ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئېغىر ئىمتىھان يۈكى - تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىكى قايغۇ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تىل - ئەدەبىياتنى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش دەرسلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئادەتتىكى ئۇسۇللار بىلەن چەكلىنىپ قالماي، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆگىنىش قىلدۇرىدۇ. ئىمتىھانغا ئەگرى سىزىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ. مەكتەپتىكى يېزىقچىلىقتىن مىسال پائالىيەت مەقسىتى: ئۆزىنىڭ مەكتەپ تۇرمۇشىنى كۆزىتىش، چۈشىنىش، ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش، مەكتەپتىكى قىزىقارلىق تۇرمۇشنى قىزىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشنى مەشىق قىلىش، ئۆزىنىڭ تىل جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىنى ۋە پەزىلىنىتى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. پائالىيەت مەزمۇنى: ماتېرىيالنى ئەركىن تاللايدۇ. مەكتەپ تۇرمۇشىغا  دائىر قىزىق كومىدىيە، قىزىق ۋەقەلىك، تىلسىز تىياتىر قاتارلىقلارنى ئەركىن ئىجاد قىلىدۇ. مەكتەپ تۇرمۇشىغا دائىر قىزىق ئەسەرلەر ئاۋۋال گۇرۇپپىدا، ئاندىن سىنىپتا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئەڭ  ياخشى قىزىق ئەسەرلەر باھالاپ تاللاشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ. پائالىيەت ۋاقتى، ئورنى: ئىككى سائەت، سىنىپتا بولىدۇ. پائالىيەت جەريانى: 1. جەلپ قىلىش: قىزىقچىلىق بىزدەك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يات ئەمەس، قىزىق ھېكايە، قىزىق دارامما، قىزىق سۆزلەر ئەقىلنى ئويغىتىش، مىجەزنى تەربىيىلەش، تۇرمۇشنى بېيىتىشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. قىزىقچى ئادەم تىلغا باي، خاسلىق سېھرى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە تەتقىقاتىدا مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەر قىزىقچىلىق تۇيغۇسىغا باي ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ. مەكتەپ  — كىچىك جەمئىيەت بولۇپ، مەكتەپتە ھەركۈنى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ۋەقەلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىقچىلىق ئاز بولمايدۇ. مەسىلە: مەكتەپ ئاشخانىسىغا بېرىلگەن پىكىرلەر كۆپچىلىككە ئىلھام بېرىدۇ: مەلۇم ئالىي  مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ناچارلىقىدىن ئوقۇغۇچىلار چىدىماي قېلىپو ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئاشخانىغا پىكىر بېرىش مەقسىتىدە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يىغىنى ئاچتى. ماتىماتىكا فاكولتىتىنىڭ ۋەكىلى: تارازا ئۆلچىمى يېڭىدىن تەڭشەلدىمۇ قانداق؟ ئىككى جىڭموما ئۈچ كاپامدا تۈگەيدۇ. تىل - ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ۋەكىلى: ئاشخانىدا رومانتىك تۈس كۆپىيىپ كەتتى،  خۇاجەرنىڭ ئىچىدىن مۇھەببەت باغلاۋاتقان ئىككى تال قۇرت چىقتى. گۈزەل سەنئەت فاكولتىتىنىڭ ۋەكىلى: ئاشخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ پەرتۇقى خۇددى بىزنىڭ رەڭ تەڭشەيدىغان تاختىمىزدەك ئالا - چىپار بولۇپ كېتىپتۇ. تارىخ فاكولتىتىنىڭ ۋەكىلى: ئاشخانىدىكى گۆش بىلەن كالباسا قايسى سۇلالىدىن قېلىۋېدىكى؟ ئارخېئولوگىيە كەسپىدىكى ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقتى. خىمىيە فاكولتىتىنىڭ ۋەكىلى: ئاشخانىدا خېمىرنى  يەنە بىر ئاز  نېتراللاشتۇرۇپ باقسا بولامدىكىن. بىزنىڭچە، كېسلاتا تەركىبى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپۇ. مەكتەپتىكى قىزىقچىلىق — تەمى بەك بەلەن بولدى. بۈگۈنكى بۇ قېتىملىق ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشتە مەكتەپ تۇرمۇشى توغرىسىدا بىرلىكتە قىزىق گەپلەرنى ئىجاد قىلىپ، كىچىك قىزىقچىلاردىن بولۇپ باقايلى. 20 مىنوت ئىچىدە كىمنىڭ ھەم تېز ھەم مەنىلىك قىزىق گەپلەرنى قىلىپ، كۈتمىگەن يەردىن قائىدە ئىچىدە مەنىلىك گەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. 2. مەكتەپ تۇرمۇشى توغرىسىدا قىزىقچىلىق ئىجاد قىلىش 3. ساۋاقداشلار بىلەن ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئاندىن قايتا تۈزۈتۈشكە بولىدۇ. 4. پۈتۈن سىنىپتىكىلەر ھوزۇرلىنىدۇ )ئوقۇغۇچىلار سەھنىگە چىقىپ ئوقۇيدۇ، ئويۇن كۆرسىتىدۇ، قالغانلار باھالايدۇ، مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئىلھاملىنىپ پەيدا بولغان يېڭى قىزىقچىلىقلارنىڭ مەزمۇنىنى يېزىپ قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ(. 5. پائالىيەت باھالىنىدۇ. )سوئال قەغىزى( بۇ پائالىيەت ئوقۇغۇچىلارنى  مەكتەپ تۇرمۇشىغا يۇمۇرلۇق نەزەر بىلەن قارايدىغان، ئازادە كەيپىيات ئىچىدە تۇرۇپ تىل - ئەدەبىيات بىلىمىنى ۋە قابىلىيىتىنى ئۇنىۋېرسال تەتبىقلايدىغان، ئىجادىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ۋە خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان قىلىدۇ. )2( ئوقۇش زېمىنىنى كېڭەيتىش — دەرسنىڭ سىرتىدىكى ئوقۇپ ئالماشتۇرۇش دەرسنىڭ سىرتىدىكى ئوقۇش — تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنىڭ ئەڭ تەبىئىي داۋاملاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. كىتابنى كۆپ ئوقۇغاندا ئاجايىپ ئەسەرلەرنى يازغىلى بولىدۇ دېگەن سۆز كەڭ  ئوقۇش بىلەن  يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئوقۇش ئاغزاكى ئىپادىلەشكە، ئادەم مىجەزىگە بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ.  سۇخۇملىنىسكىنىڭ قارىشىچە، ئوقۇش كەڭ تىل - ئەدەبىيات ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەۋىسى ۋە قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش ئۆنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا دەرسنىڭ سىرتىدا ئوقۇش ئالماشتۇرۇشنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى ۋە ئىجتىمائىي - سىياسىي ئەسەەرلەر قاتارلىق دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇشقا مەقسەتلىك يېتەكلەپ ۋە ياردەم قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ  دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنى چۆرىدەپ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات - مۇھاكىمە ۋە ئالماشتۇرۇشلارنى پائال قانات يايدۇرۇشىغا يول قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىل - ئەدەبىياتنى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسى شەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇش - ئالماشتۇرۇش ئادەتتە تۆۋەندىكى ھالقىلاردىن تەركىب تاپىدۇ: ئوقۇتقۇچى مۇقەددىمە سۆزلەيدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار سۆز قىلىدۇ )ھېكايە سۆزلەيدۇ، ھەرخىل شەكىلدە دىكلاماتىسىيە قىلىدۇ، ئويۇن قويىدۇ(؛  پرويىكسىيە پىلىيونكىسى، كىنو، تېلېۋىزور، سىن ئالغۇ لىنتىسى، ئۈن ئالغۇ لىنتىسى قويىدۇ، رەسىملەرنى كۆرسۈتۈپ؛ كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئالماشتۇرىدۇ. كېيىنكى قېتىملىق دەرستىن سىرتقى ئوقۇش مەزمۇنى توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە، مەكتەپ شارائىتىگە قاراپ، يۇقىرىقى ئاساسىي ھالقىلارنى كۆپەيتىپ ياكى ئازايتىپ تەڭشەشكە بولىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددىمە سۆزىنى ئوقۇغۇچىلار سۆزلىسىمۇ بولىدۇ؛ ئاپپارات بولسا كىنو - تېلېۋىزور فىلىمى قاتارلىقلارنى قويسىمۇ بولىدۇ؛ يۇقىرى باسقۇچتىكى  ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا تەتقىقات دوكلاتى، ئىلمىي ماقالە شەكىللەندۈرسە ياكى ئىجاد قىلسا بولىدۇ. بۇنداق ئالماشتۇرۇش كىنو، تېلېۋىزور، تىياتىر، ناخشا، ئېلان سەنئىتى قاتارلىق مەزمۇنلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. مىسال: ئېلان ۋە تۇرمۇشىمىز. پائالىيەتنىڭ مەقسىتى: ئېلان بىلەن تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش؛ ئاتالغۇلارنى كۆپ توپلاش، ئىپادىلەش   ماھارىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشتا ھەرقاچان، ھەممە يەردە تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىدىغان ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. پائالىيەت مەزمۇنى: ئېلان ۋە تۇرمۇشىمىز دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، ئېلان قەدىرلىنىدۇ، ئەركىن ئالماشتۇرۇلىدۇ، باھالىنىدۇ. پائالىيەت ۋاقتى: ئىككى سائەت. پائالىيەت جەريانى: 1. ئېلاننىڭ رولىنى تونۇش ئوقۇتقۇچى: ئېلان بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟ تۇرمۇشتىكى ئېلانلارغا قانداق قارايسىز؟ كۆپچىلىك مۇزاكىرىلىشىپ بېقىڭلار. ئوقۇغۇچى A: تېلېۋىزورنى ئاچساق ئېلان چىقماي قالمايدۇ، قاناللارنى يۆتكىسەكمۇ ھەممىسىدە ئېلان بار. ياخشى تېلېۋىزور فىلىمىگە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئېلان قىستۇرۇلماي قالمايدۇ. گېزىتكە قارىساقمۇ ئالا - چىپار ئېلان، گېزىتىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە چۆرىسىمۇ ئېلان بىلەن تولغان، رادىئونىمۇ تۈزۈك ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. قايسى رادىئو ئىستانسى ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇغاندا ئېلان باشلىنىپ كېتىدۇ. ئوقۇغۇچى B: بۇلاردىن باشقا، مەكتەپكە كېتىۋاتقاندا ياكى مەكتەپتىن كېلىۋاتقاندا، چوڭ - كىچىك كوچىلار، ئاجايىپ - غارايىپ رەڭگارەڭ چىراقلار، لەپىلدەپ تۇرغان بايراقلاردىكى ئېلانلار، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان خانىملار، قىزغىنلىق بىلەن مال ساتقۇچىلار،   قۇرۇش داغدۇغا قىلىنغان  تاۋار كۆرگەزمىلىرىنىڭ ئالدامچىلىقلىرى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى  C: ئادەمنى تېخىمۇ بىزار قىلىدىغىنى شۇكى، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىدىغانلار تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى زورلاپ تۇتقۇزۇپ قويىدۇ.  ۋېلسىپىتنىڭ سېۋىتىگە سېلىپ قويىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ھەم ئىسراپچىلىق بولىدۇ، ھەم مۇھىت بۇلغىنىدۇ. ئوقۇغۇچى D: پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە ياخشى مالنى ماختاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ياخشى مالنى ماختىمىسا بولمايدۇغان بولۇپ قالدى. تاۋار ئوبورۇتىدا ئېلان كەم بولسا بولمايدۇ. ئېلان - كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىدىغان ۋاسىتە، كارخانا مەدەنىيىتى بولۇپ، ئېلان ئىستېمالچىلارغا مالنى تونۇشتۇرىدۇ. ئوقۇغۇچى E: بەزى ئېلانلار ھەقىقەتەن ياخشى، سەمىمىي - قائىدىگە ئۇيغۇن، يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولۇپ، كۆرگەن ئادەمنىڭ يادىدىن چىقمايدۇ؛ لېكىن بەزى ئېلانلارنىڭ ھەقىقەتەن تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. بۇنداق ئېلانلار ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى: شۇنداق. بازار ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشىگە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلاندىن پايدىلىنىش پەيدا بولدى. ياخشى ئېلان ئىستىمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى ئويغىتىدۇ. ناچار ئېلانلار ئادەمدە بىزارلىق  تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. 2. ئېلاندىن زوقلىنىش تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئۈچ مىنوت ۋاقىت بېرىلىدۇ. يادىڭىزدا قالغان ئېلانلارنى ئەسلەپ بېقىڭ، ھەمدە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرىلىشىپ، ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان بىر ئېلاننى تاللاپ چىقىڭ. )ئوقۇغۇچىلار مۇزاكىرىلىشىپ تاللايدۇ( 3. ئېلاننى ئىجادىي لايىھىلەش سىنىقى تەلەپ: 2. ئىلان ئوبيېكتى چەكلەنمەيدۇ. ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىرخىل تاۋارنى تاللاپ، ئېلان تېكىستىنى يېزىپ چىقىڭ )كۆچۈرسىڭىز بولمايدۇ. بەلكى ئۆزگەرتىپ يېزىڭ ياكى ئايرىم ئىجاد قىلىڭ(؛ ئۆزىڭىز بىرەر مەھسۇلاتنى لايىھىلەپ، ئېلاننىمۇ ئۆزىڭىز لايىھىلەڭ؛ ئۆزىڭىزگە، سىنىپقا ياكى مەكتەپكە ئوبرازلىق ئېلان لايىھىلەڭ؛ باشقا ئېلان بولسىمۇ بولىدۇ. B. 20 مىنوت ئىچىدە ئېلان ئىجادىيىتى قانچىكى كۆپ قانچىكى يېڭى بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. C. ئىشلىتىلگە سۆزلەر قىسقا جانلىق، قىزىق بولۇشى؛ رەسىم - يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈشى لازىم.  4. ئېلاننى ئىجادىي لايىھىلەشنى ئالماشتۇرۇش  ئاۋال ساۋاقداشلار بىلەن ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇڭلار ئۆز ئارا باھالاڭلار، ئاندىن لايىھىنى سىنىپتا ئالماشتۇرۇڭلا. بۇ مەزمۇن تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا تۇرمۇشتىكى ھادىسىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتىن باشلاپ ھوزۇرلىنىپ قايتتا ئىجاد قىلىش، ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېلاندىن ئىبارەت بۇ شەيئىيگە بوغلان، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. قىلنى، بىزەكنى ئۆگىنىپ، ئىجادىيەت تەپەككۇرىنى ۋە ئەمەلىي قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغان ھەقىقەتەن كۆپ ئۈنۈم ئالغان. )3( دەۋرنىڭ تومۇرىنى تۇتۇش   — مەشھۇر كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش جەمئىيەت - ئادەم ھاياتىغا ھەمراھ بولىدىغان كىتاب. جەمئىيەت - ئادەم ھاياتىدىكى چوڭ دەرسخانا. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشتە ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتنى ئوقۇشقا، دەۋرنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىشقا پائال يېتەكلەش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جەمئىيەتتىكى مەشھۇر كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش - جەمئىيەتنى ئوقۇشقا كىرىشىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. مىسال: جەمئىيەتتىكى مەشھۇر كىشىلەرنى  زىيارەت قىلىش ئوقۇتۇش نىشانى: 1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارى يېتىشتۈرۈلۈپ، ئۇلار تىلنى ھەقىقىي ئىشلىتىپ، تىل ئىشلىتىشنىڭ ھەرخىل ئۈنۈمىنى ھېس قىلىدىغان قىلىدۇ. 2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىچەنلىك بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىگە ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈلىدۇ. 3. ئوقۇغۇچىلاردا ئويلاشقا، سوراشقا، ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىدىغان روھ يېتىلدۈرۈلىدۇ. ئوقۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: □ ئاغزاكى ئىپادىلەشنىڭ تەتىپلىكلىكى، جانلىقلىقى. ئوقۇتۇشتىكى قېيىن نۇقتا: ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەيئىلەرنى چۈشىنىش ۋە يىغىنچاقلاش قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرۈش. ئوقۇتۇشتىكى تەسەۋۋۇر: ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىن چىقىپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىدىغان، توپلىغان ئۇچۇرلارنى زىيارەت خاتىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى دەرستە قايتما ئىنكاس قىلىپ، ئالماشتۇرۇپ باھالايدىغان قىلىش. دەرستىن بۇرۇنقى تەييارلىق: 1. ئوقۇغۇچىلارغا تېلېۋىزوردا بېرىلگەن لېكسىيە، سۆھبەت، مۇھىم نۇقتىنى زىيارت، سودا ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنى زىيارەت قاتارلىق پروگراممىلارنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىي تونۇشىنى كۈچەيتىش، قىزىقىشىنى  قوزغاش. 2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى زىيارەت خاتىرىلىرى ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئوقۇشقا زىيارەت ئۇسۇلىنى ۋە زىيارەت خاتىسى يېزىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش. 3. دەرسلىكتىكى مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابتىن ئىبارەت ئاخبارات زىيارىتى ئۇسۇلىنى تەكرار قىلىش، تىلنى ئەمەلىي قوللىنىش بىلىملىرىنى، چۈشىنىشلىك، باغلىنىشلىق، چىرايلىق بولۇشتىن تەكرار قىلىش، ئاڭلاش مەشىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تەكرار قىلىش. 4. زىيارەت پىلانى تۈزۈش: )1( زىيارەت تېمىسىنى بەلگىلەش؛ )2( زىيارەت ئوبيېكتىنى بەلگىلەش؛ )3( زىيارەت مەزمۇنىنى بەلگىلەش؛ )4( ئوقۇتۇش جەريانى: 1. ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى ساۋاقداشلار نەچچە كۈندىن بۇيان دەرستىن سىرتقى ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىڭلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىكى مەشھۇر كىشىلەر بولۇپ، ئوخشىمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. زىيارەت ئارقىلىق، كىتاب سىرتىدىكى بىپايان زېمىننى ئاز - تولا چۈشەندىڭىز؛ زىيارەت ئارقىلىق ئۆگەنگەن تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى چېنىقتۇردىڭىز؛ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ھەرخىل ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدىڭىز. زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن تەسىرلەندىڭىز. زىيارىتىڭىز باشقىلارغا بىلىم بېرىپ، ئۇلارنى ئويلىنىشقا سالغاندا، كىچىك مۇخبىر بولۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىسىز. 2. دەرستە ئالماشتۇرۇش ئوقۇتقۇچى، بۇ سائەتلىك دەرستە زىيارەت مەزمۇنىنى ئالماشتۇرىمىز. زىيارىتىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى چىرايلىق يېزىپ چىقىپ ئورتاق تەلەپپۇزدا ئوقۇپ ياكى سۆزلەپ بېرىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ.  تىلىڭىز چۈشىنىشلىك، باغلىنىشلىق، چىرايلىق بولۇشى كېرەك. باشقا ساۋاقداشلار ئەستايدىل ئاڭلاپ، باشقىلارنىڭ زىيارەت مەزمۇنىدىن قانداق ياخشى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلىشى، ئاڭلاش جەريانىدا مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇشى لازىم. ئاخىرىدا ئورتاق باھالايمىز. ئوقۇغۇچى: شەھرىمىزدىكى ئون مەشھۇر ياشنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇلار ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنىكەن. بىرى يېزا كادىرى ئىكەن. بىزنىڭچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇنچە يىل جاپا تارتىپ ئۆگىنىپ بىلىملىك بولغاندا، چوقۇم ياخشى خىزمەت تېپىپ ئىشلىشى كېرەك ئىدى. يېزىلارغا بېرىپ ئىشلىسە سەل ئۇۋال بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن شۇنچە كۆپ ئوقۇغان تۇرۇپ، يېزىدا ئىشلىسىڭىز ئۇۋاللىق ھېس قىلامسىز؟ دەپ سورىدۇق. ئوقۇتقۇچى: ئۇ قانداق جاۋاب بەردى؟  ئوقۇغۇچى: ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇرۇن يېزىدىكى ئادەملەر شەھەرگە بېرىپ خىزمەت ئىزدەيتتى. ھازىر شەھەردىكى ئادەملەرنىڭ يېزىلارغا بېرىشىمۇ مودا بولۇپ قالدى. مېنىڭچە، يېزا - بىپايان زېمىن، يېزىدا ئادەم چېنىقىدۇ. يېزىنىڭ ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ  بولسىمۇ، ماڭا ئۆزگىچە يېقىملىق تۇيۇلىدۇ. مەسىلەن، دېھقانلارغا ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى بېيىتىش يولىغا باشلىدىم؛ سولياۋ لاپاستا زىرائەت ئۆستۈرۈش، كۆلچەكتە بېلىق بېقىش قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرىنى كېڭەيتىۋېدىم، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى. ئامما بىلەن مۇشۇنداق كۆپ قاتلام، كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىش، دېھقانلار بىەن ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇىدۇ.  ئۆز ئارا مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆگەنگەن بىلىملىرىم بىلەن خەلققە خىزمەت قىلالايدىغانلىقىمنى، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمنى كۆرۈپ يەتتىم. نېمىشقا بۇنىڭدىن خۇش بولماي. ئوقۇتقۇچى: ناھايىتى ياخشى سۆزلەپ بەردىڭىز سۆزىڭىزنىڭ مەركىزى ئېنىق، رەتلىك بولدى. ساۋاقدىشىمىز ناھايىتى دادىل ئىكەن. تۇنجى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋاب بېرىپ، شۇنداق ياخشى سۆزلىدى. ئىشىنىمەنكى، باشقا ساۋاقداشلار تېخىمۇ ياخشى سۆزلەيدۇ قېنى كىم سۆزلەپ باقىدۇ. ئوقۇغۇچى:  دوختۇرخانىدىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى  زىيارەت مەركىزىمىز بولدى. ئوقۇتقۇچى: نېمىشقا ئۈنى زىيارت قىلدىڭلار. ئوقۇغۇچى: چۈنكى ئۇ يۈرەك يۆتكەمىش تېنىمسىز تەتقىق قىلىدىغان باشلامچى كىشى ئىكەن. كۆپ قېتىم مۇكاپاتلىنىپتۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي  ماقالىلىرىنى جۇڭگونىڭ ۋە چەتئەلنلەردىكى نوپۇزلۇق تىببى ژۇرناللار ئىشلىتىپتۇ. ئۇنىڭ تىببى ئەخلاقىغىمۇ ھەممە ئادەم قايىل ئىكەن. ئوقۇتقۇچى: زىيارەت جەريانىنى سۆزلەپ باقامسىز؟ ئوقۇغۇچى: ئۇنى زىياەت قىلغاندا كۆپ گەپ قىلمىدى. لېكىن ئۇنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيىسى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇنىڭ يېنىدىكى ئادەملەردىن ئۇقۇشىمىزچە، ئۇ ھەركۈنى يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيدىكەن. ئاساسلىقى كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىش قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرىن ئىبارەت بۇ تەتقىقات تېمىسىغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە بۇ تېمىنى نېمىشقا ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ۋاپادار ئوغۇل ئىكەن. ئانىسىنى كېسەل ئازابى ئۇزۇن قىيناپتۇ. ئۇ ئانىسىدەك يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسىلىگە گىرىپتار بىمارلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى خۇشال - خۇرام ياشايدىغان قىلىشنى ئويلايدىكەن. ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن: زېمىندىكى ئوت - چۆپلەر ئۆزى ئۈنۈپ  چىقىدۇ. لېكىن جاپالىق تىرىشقاندىلا  بىلىمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.  مەيلى دوختۇرلۇق قىل ياكى باشقا ئىش قىل، قىلغان ئىكەنسەن، ئەڭ ياخشى قىل. ئوقۇتقۇچى: جاپالىق تىرىشقاندىلا بىلىمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.  قىلغان ئىشنى ئەڭ ياخشى قىل. بۇ ئاجايىپ سۆزلەر ئىكەن. زىيارەت قىلىش جەريانىنى يەنە بىر ساۋاقداش سۆزلەپ بەرسۇن. ئوقۇغۇچى: بىز ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ شەھرىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خىزمەتكە ناھايىتى بۇرۇن قاتناشقان. ئۆزىنىڭ ئىشىنى بىجاندىل ئىشلەپ، پۈتۈن زېھنىنى خىزمەتكە بېغىشلىغان. يەرلىككە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ بەرگەن. دۆلەتكىمۇ ئالىي ساپالىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش ھاياتىدا ئىلغا پىداگوكىكا  نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن غەيرىي ئەقلىي ئىقتىدار ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان. ياغاچ تۇڭ نەزەرىيىسىگە ۋە  پۇگمالىيۇن[ZW(]پۇگمالىيۇن - گىرىتسىيە ئەپسانىلىرىدىكى سىپروس پادىشاھى. ئويمىچىلىققا ئۇستا بولۇپ، ئۆزى ئويغان توزنىڭ ھەيكىلىنى قىزغىن سۆيىدىكەن. مۇھەببەت ئىلاھى ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنى كۆرۈپ، ھەيكەلگە جان كىرگۈزۈپ، ئىككىسىنى ئەر - خوتۇن قىلىپ قويغان ئىكەن. — ت[ZW)]ئۈنۈمىگە ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن. مەملىكەت دەرىجىلىك پىداگوكىكا يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە پىداگوكىكا قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئوقۇتقۇچى: بۇ ساۋاقداش سۆزلىگەندە ئاۋازى ناھايىتى جاراڭلىق چىقتى. سۆزى باغلاندى. ئەتراپلىق بولدى. زىيارەت قىلىنغۇچىنى ئوبدان تونۇمسىز نېمە؟ )ئوقۇغۇچى بېشىنى لىڭشىتتى.( ئوقۇتقۇچى: يۇقىرقىلارغا ئوىشىمايدىغان كىشىلەرنى، مەسىلەن، كارخانىچىلار، يەككە تىجارەت قاتارلىق كىشىلەرنى كىم زىيارەت قىلدى؟  ئوقۇغۇچى: خۇرۇم زاۋۇتىنىڭ خۇرۇم شاھى دەپ نام ئالغان زاۋۇت باشلىقىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ ئەسلى شوپۇر ئىكەن. رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، غەيرەتكە كېلىپ دكلەتنى گۆللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، ئىشنى ئەڭ ئاساسى باشقۇرۇش  - تىجارەتتىن باشلاپ تەدرىجى ۋەزىيەت ياراتقان ۋە نەچچە يىلدا مالنىڭ سېتىلىشى تىك سىزىق بويىچە يۇقىرى ئۆرلىگە. زاۋۇتنىڭ ئۈنۈمى ئۆتكەن يىللاردىكىدىن نەچچە قاتلانغان.  شۇنداق بولسىمۇ كارخانا باشقۇرشقا دائىر بىلىملەرنى توختىماي ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ كاللىنى ئۆزلۈكسىز توۇقلاپ، ئىرادىنى چېنىقتۇرۇپ تۇرغاندىلا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا، كەسكىن بازار رىقابىتىدە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ، دەيدۇ. ئوقۇتقۇچى: غەيرەتكە كېلىپ دكلەتنى گۈللەندۈرۈش، ئۆزگىرىپ تۇرۇدىغان دېگەن سۆزلەرنى ناھايىتى ياخشى، توغرا ئىشلەتتىڭىز. تۈگىدىمۇ؟ ئوقۇغۇچى: ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىماسلىقى كېرەك. ئادەمنىڭ ھاياتلىقىدا مەسئۇلىيەت، ئىنتىلىش، نىشان بولۇشى كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەك، ئالدىمىزدىكى ئىشلارنى ياخشى ئىشلىسەك، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز. ئىشىمىزدا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز. ئوقۇتقۇچى: ئوبدان گەپ بولدى. ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىماسلىقى كېرەك. ئالدىمىزدىكى ئىشلرنى ياخشى ئىشلىسەك، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز، دەپتۇ. بۇ سۆز ئويلاپ كۈرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئوقۇتقۇچى: يەنە كىم سۆزلەيدۇ، ئوخشىمايدىغان بولسۇن. ئوقۇغۇچى: مەن يەككە تىجارەتچىنى زىيارەت  قىلدىم. ئۇ دەسلەپ كىچىك ئاشخانا ئېچىپتىكەن. ھازىر تەرەققىي قىلىپ بىر نەچچە جايدا چۆچۈرىخانا، بىر جايدا ئۇنىۋېرسال چوڭ سودا مېھمانخانا ئېچىپتۇ. ئوقۇتقۇچى ئاسان ئىش ئەمەس. قۇرۇق قول بىلەن ئىشنى باشلاش دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىغا باشلىق بولۇشتىن تەس. ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭ تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىغىنىمىزدا  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش قىيىن،  ئىگىلىكنى ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ قىيىن، مەن  خىزمەتچىلىرىم بىلەن خېلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، بازار رىقابىتىدە مۇئەييەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولساقمۇ، لېكىن بۇ ئۈستۈنلۈك مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. چۈنكى بازار ھەربىر تىجارەتچىگە، ھەر بىر كارخانىغا ئادىل بولىدۇ. ھەممەيلەن  تىرىشىدۇ. ئازراق بىخەستىلىك قىلسىڭىز، بازار سىزنى شاللىۋېتىدۇ. ئىشنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەن ھېس قىلغان كىرزىس ۋە بېسىممۇ كۈچەيدى. ھەسسىلەپ تىرىشىپ، يېڭى تىجارەت يوللىرىنى ئۆگىنىپ، كۆز قارىشىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغاندىلا ئىشلىرىمىزنى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدۇرالايمىز. ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار  ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ. قەدىمكى رىمنىڭ مۇنازىرچىسى سىتېرو: مەدەنىيەت جەھەتتىن تەربىيىلەنگەن مۇنازىرىيىچىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى تونۇش سۆزلەش قائىدىلىرىنى يادلىتىشتا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە چېنىقتۇرۇشتا دېگەنىكەن. كۆپچىلىك ئەمەلىيەتنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى ئالماشتۇردۇڭلار. بۇ جەريان ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىڭلارنى، تەرتىپلىك ۋە جانلىق پىكىر قىلىشىڭلارنى كۆچەيتىدۇ. ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىڭلارنىڭ ئەتراپلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇلسا، تەسەۋۋۇرغا باي، مەزمۇنلۇق سۆز قىلىدىغان، تەمتىرىمەي جاۋاب بېرەلەيدىغان ئادەم بولالايسىز. 3. تەھلىل قىلىش، باھالاش ئوقۇتقۇچى: بايىقى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي زىيارىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ بۇ مەشھۇر كىشىلەنرىڭ قايسى جايلىرى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن؟ بىر - ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن يىغىنچاقلاوپ بېرىڭ. ئوقۇغۇچى: كىشىلىك ھاياتتا مەسئۇلىيەت، ئىنتىلىش، نىشان بولۇشى كېرەك. ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچى: ئەقىل ئىشلىتىپ، تەر تۆكۈپ ئالغان مېۋە ئەڭ تاتلىق بولىدۇ.  ئوقۇغۇچى: كىشىلىك ھاياتتىكى نىشان قۇرۇق بولمايدۇ. بەلكى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. كىشىلىك ھايات نىشانى كونكرېت كىچىك نىشانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئوقۇغۇچى: ئۆزىمىزنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشىمىز، جەمئىيەتكە بىلىم بىلەن خىزمەت قىلىشىمىز لازىم. ئوقۇغۇچى: ئادەمدە بوشاشمايدىغان كۆرەش قىلىدىغان روھ بولۇشى لازىم. ئوقۇتقۇچى: كۆپچىلىكنىڭ سۆزىدە ياخشى پىكىرلەر  بايان قىلىندى. مەشھۇر كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلاردىكى ئۆزگىچە خىسلەتلىك سېھرى كۈچنى ۋە بوشاشمايدىغان كۆرەش قىلىش روھىنى  ھېس قىلالايمىز. ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجىر تەرى يۇغۇرۇلغان.  ھەربىر ساۋاقداشنىڭ بۇ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ، جەمئىيەتكە پايدىلىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوقۇتقۇچى: زىيارەت جەريانىنى بىرلىكتە ئەسلەپ باقايلى. كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەككەن؟ ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە زىيارەت قىلغاندا پوزىتسىيىدىە سەمىمىي، كەمتەر بولۇش، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىش كېرەككەن. ئوقۇتقۇچى: نېمە ئۈچۈن؟ ئوقۇغۇچى: سۆھبەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. ماسلاشقان، ئىناق كەيپىيات ياراتقاندا، زىيارەت مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.  ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە، نامىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك. سۆھبەتلەشكەندىمۇ ھۆرمەت سۆزى ۋە تەكەللۇپ سۆزى ئىشلىتىش لازىم. ئوقۇتقۇچى: مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.  ئوقۇغۇچى: مەسىلەن، خۇرۇم زاۋۇتىنىڭ باشلىقىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنى ئەپەندى دېگەندىن زاۋۇت باشلىقى دېگىنىمىز مۇۋاپىق بولدى. ھۆرمىتىمىز ئىپادىلىنىپ تۇردى؛ ئۆزىمىزنىڭ پىكىرىنى  پىشمىغان پىكىر دېدۇق.  ئوقۇتقۇچى: بەك ئوبدان سۆزلىدىڭىز. يەنە بارمۇ؟ ئوقۇغۇچى: سۆز قىلغاندا ئوبيېكىتقا قاراش لازىم.  ئاغزاىغا كەلگەننى سۆزلەشكە بولمايدۇ.  ئۇنداق قىلسا ۋاقىت بەك ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلىنى ئوبدان ئويلىشىۋېلىش لازىم. ئوقۇتقۇچى: مەيلى ئاڭلىغاندا ياكى سۆزلىگەندە بولسۇن. ئوي - پىكىرنى بىر يەرگە يىغىش لازىم. قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە ۋە چىرايىغا زەڭ سېلىش لازىم. بەشنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇشقا، ئۇياق - بۇياققا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى: مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دېگەن بۇ سۆز كىتابتىن ئۆگەنگەن بىلىمنى كونكرېت ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاپ، ئاغزاكى ئالاقە قىلىشنى ئۆگىنىپ، تىلنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلىپ، سۆزنىڭ ئېنىق، باغلىنىشلىق، چىرايلىق بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىردەمدىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. ئەگەر كۆپچىلىك ئەمەلىي تۇرمۇشتا  تىل - ئەدەبىيات ئۆگەنسە، تىل - ئەدەبىياتنى تەتبىق قىلسا، جىق نەپ ئالالايدۇ. بۇ سائەتلىك دەرستە سىلەردىكى كۈچلۈك قاتنىشىش  ئارزۇسىنى ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىدىغان روھنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئەمەلىيەت دەرسلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. )4( تەبىئەتنىڭ چىنلىقىنى ھېس قىلىش — كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش قەدىمكى كىشىلەر نۇرغۇن يول يۈرۈش بىلەن كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشنى تەڭ ئورۇنغا قويغان. تارىختا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشىلەر كۆپلەپ كىتاب ئوقۇغان. ياپونىيەدە ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇئەييەن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەت ئاۋات شەھەرلەردىن يىراق يەرلەر قورغان ياشلار باغلىرىغا بېرىپ نەچچە ۋاقىت شۇ يەردە  يېتىپ - قوپۇپ بىۋاسىتە تەسىرات ئېلىش ئارقىلىق، مەكتەپتە يولغا قويغىلى بولمايدىغان رەڭگارەڭ تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. مەسىلەن، كوللېكتىپ تۇرمۇش ۋە ھەرخىل ئىش تەقسىماتى، ھەمكارلىشىشلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، كوللېكتىپ ئاڭ، ۋاقىت قارىشى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلار يېتىشتۈرۈلگە؛ ئۆسۈملۈكلەرنى، ئاسمان جىسىملىرىنى، ھاۋارايىنى، گېئولوگىيىلىك قۇرۇلما ۋە تاغ جىنىسلىرىنى كۆزىتىش، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلىش، مۇزېينى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلاردا كۆزىتىش ئىقتىدارى تەبىئەتنى سۆيۈش قىزغىنلىقى يېتىشتۈرۈلگەن. شۇ رايوننىڭ تەبىئىي ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىنغان.  ئۇرۇق - تۇغقان ۋە يارۇ بۇرادەرلىرىگە خەت يېزىش، شېئىر يېزىش، ماقالە يېزىش ۋە دىكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلى بېيىتىلغان. يېزىقچىلىق ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. مانا بۇلار تەبىئىي دەرسخانا پائالىيىتى دەپ ئاتالغان. ياپونىيە مائارىپىدا كوللېكتىپ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇشقىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاسار ئەتىقىلەر ۋە مەنزىرىلىك جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش،  قار تېيىلىش، تاغقا چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى كۈچەيتىلىش بىلەن بىللە، ھېسياتى چېنىقتۇرۇلغان.  مەنىۋىيىتى تەڭشەلگەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنى تەتقىق قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىلغان. جۇڭگودا يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە بولغاچقا، ئادەتتە مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشقا ياكى سىرتقا بېرىپ  كۆزىتىشكە ئۇيۇشتۇرمايدۇ. لېكىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چامى يەتكەن شارائىتتا باشقا جايلارغا بېرىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئەمەلىي مەشىق بولۇپ قالدى. بۇنداق ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئوقۇتقۇچىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ساياھەت قىلغان مەنزىرىلىك جايلارنى، ئالاقىدار ھېكايە ۋە رىۋايەتلىرىنى، ئەسلەشكە، بىلىم مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا، سايات قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جايلار ھەققىدە سۆزلەشكە يېتەكلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت داۋامىدا ئەسلەيدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئويلىنىدۇ، باھالايدۇ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ جاۋاب بېرىشىگە سوئال چىقىرىدۇ. جانلىق مۇھىتتا تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرى ئۇنىۋېرسال تەتبىقلىنىدۇ ۋە ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئىستېتىك ھەۋەس قوزغىتىلىدۇ ۋە يۇقىرى  كۆتۈرىلىدۇ. ئەمەلىيەت داۋامىدا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەقسەتلىك ساياھەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ؛ ئالماشتۇرۇش شەكلى ئاغزاكى، يازما، سىخېما - جەدىۋەل، فوتو سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ. )5( ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى ھالقىپ پەرۋاز قىلىش — ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ يېڭى كۆرۈش بۇلۇڭى ئوقۇلىدىغان دەرسلەر ساھەسىنى ھالقىغان تىل - ئەدبىياتنى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنشىكە ئادەتتىكى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئانچە تەگمەيدۇ. باشقا دەرسلەردە ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش قانات يايدۇرۇلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدبىيات بىلىمى ۋە ئىقتىدارىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. ئوقۇلۇدىغان دەرسلەرنى، ساھەرلەرنى ھالقىغان ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، ئوقۇلۇدىغان دەرسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ئەتراپتىكى تۇرمۇش  ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى  تىكلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئوقۇلۇدىغان دەرسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق چەكنى بۇزۇۋېتىپ، ئوقۇلۇدىغان دەرسلەردىكى بىلىمنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇنىۋېرساللاشتۇردى ۋە تەتبىق قىلدى.  مەسىلەن، پارىژدىكى رودان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەۋەرلىشىش تەتقىقات تېمىسىدا فرانسوز تىلى )ئانا تىل(، ئىنگلىز تىلى ۋە ئۈن - سىن ئېلىش ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇتۇش نىشانىنى كۆپ تەرەپلەشتۈردى. )1( ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ دوستلۇقىنى كۆچەيتىپ، بىلىمىنى چۈشىنىشنى ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش. )2( فرانسوز تىلى )ئانا تىل( ۋە ئىنگلىز تىلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. )3( كوللېكتىپنىڭ خىزمىتى )4( تىلكامېرا ئالدىدا  ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇش.  )5( ھازىرقى زامان خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش. پۈتكۈل تەتقىقات پائالىيىتى بىر يىل داۋاملاشتۇرۇلدى. 30 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. ھەر قېتىمنىڭ ۋاقتى ئىككى سائەت بولدى. كونكرېت قىلىپ تەييارلىق )ئۈچ قېتىم( ئىنگلىز تىلىدا ئىشلەنگەن كىنو ئۇرۇش چولپىنىنى كۆرۈش ۋە باھالاش )ئالتە قېتىم(، ئىنگلىز تىلىدا ئىشلەنگەن كىنو روژدېستىۋونى كۆرۈش ۋە روژدېستىۋو پائالىيىتى لايىھىلەش )يەتتە قېتىم(، پارىژ شەھرىدىكى خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىنالار ۋە خارابىلارنى تونۇشتۇرۇش )14 قېتىم(تىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈندى. پائالىيەت مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن شىمالىي ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئەسەر ئالماشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەت مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىنى كېڭەيتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلار بۇ پائالىيەتكە باشتىن - ئاخىرىغىچە قىزغىن ھەۋەس بىلەن قاتناشقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ مىسال دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا مەكتەپلەر، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نەزىرىدە ئانچە رېئال ئەھمىيىتى يوق لېكىن،م ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى ھالقىغان ئۇنىۋېرساللىقى، تېما تاللاشتىكى ئىجادىيلىقى، نىشاننى بېكىتىشنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولۇدىغانلىقى ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بىزگە ئىلھام بولىدۇ. ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى ھالقىغان ئۇنىۋېرسال  ئۆگىنىشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاسىل قىلغانلىرى ھەقىقەتەن تېخىمۇ مول - رەڭگارەڭ بولىدۇ. بۈنىڭدىن باشقا، قولىدا كۆچۈرۈلىدىغان گېزىت چىقىرىش، ئەدەبىيات تەشكىللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئىندېۋىدۇئاللىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلۈكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش مەزمۇنىنى نامايان قىلىدۇ. قىسقىسى، ئالدىمىزدىكى بوشلۇق  ۋە شەيئىلەرنى تىل - ئەدبىيات ئۆگىنىش بىلەن ماسلاشتۇرساقلا  تۈگىمەيدىغان يېڭىچە ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش مەزمۇنىغا ئىگە بولالايمىز. تىل - ئەدەبىياتتىكى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ھەربىر تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى كۆتىرىدۇ. 3. تىل - ئەدەبىياتنى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشتە ھەمكارلىق روھىنى تەكىتلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىلانلاش، ئۇيۇشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم دەپ كۆرسىتىلدى. ھەم ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەشەببۇسكار ھالدا ئاكتىپ قاتنىشىش روھىغا ئەھمىيەت بېرىش، پائالىيەتنى ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى لايىھىلەش ھەمدە تەشكىللەش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات جەريانىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم دېيىلدى. ئۇنداقتا ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى يولغا قويۇش داۋامىدا ئوقۇتقۇچى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ نېمە رول ئېلىشى كېرەك؟ )1( ئۆگىنىش باسقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياردەملەرنى بېرىش   — ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى، ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇشى لازىم. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشتە ئۇنىۋېرساللىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ئەمەلىيەت تەكىتلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق ئۆگىنىش پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ تاللىنىشى، نىشاننىڭ بەلگىلىنىشى، تەييارلىق تەدبىرلىرى ئىنتايىن مۇھىم، ئاۋۋال بەلگىلەپ ئاندىن ھەرىكەت قىلىش ئۆگىنىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش باسقۇچلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىشى لازىم. بىرىنچى، ئىككىنچى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچى پائالىيەت مەزمۇنىنى مەقسىتىنى لايىھىلەش جەھەتتىن تەلەپ قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تەلەپ بويىچە ئورۇنداشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك قىزىقىدىغان تېمىلارنى تاللاپ، دەرستىن سىرتقى ئوقۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن شەكىلدە دوكلات قىلىش، ئالماشتۇرۇش، كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا تەلەپ بويىچە خاتىرە يازدۇرۇش، سىنىپتا كۆپ خىل شەكىل بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغۇزۇش لازىم. ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەستىقىغا مەسىلىسىنى مۇستەقىل تاللىشىغا ئوقۇتۇچى يېتەكچىلىك قىلىش، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردىمى بولىدىغان پايدىلىنىش ئەندىزىلىرىنى مەشغۇلات ئۇسۇلى، ئىستىراتېگىيىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ قويۇشى لازىم. )2( مۇستەقىل بولۇش، ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىش — ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى، تەڭشىگۈچىسى بولۇش لازىم.  ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك بىرەر پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سۈرئىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەرقاچان ئۇچۇر ئىگىلەپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرۇشى لازىم.  پائالىيەتنى بالدۇر تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ خۇلاسە چىقىرىشىغا ياردەم بېرىشى ياكى ئۇلارنى باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ  پائالىيىتىگە قاتنىشىشىقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۇنداق قىلىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ ھەممە جەريانىغا تولۇق، ئاكتىپ قاتنىشىدىغان قىلىش لازىم. )3( ئالماشتۇرۇش، ئىپادىلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش  — ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىغبەتلەندۈرگۈچىسى، قەدىرلىگۈچىسى بولۇش لازىم.  بىرەر ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئىپادىلەشكە ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم. ئالماشتۇرۇش، ئىپادىلەشكە ئوقۇغۇچىلار رىياسەتچىلىك قىلسىمۇ، ئوقۇتقۇچى رىياسەتچىلىك قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالماشتۇرۇش، ئىپادىلەش شەكلى كۆپ خىل بولۇشى كېرەك، سىخېما - رەسىم، فوتو سۈرەت، ماددىي بويۇم، جەدىۋەل، يېزىق بولسىمۇ بولىدۇ. ھەتتا سىن ئالغۇ قويۇش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش شەكىللىرى قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە  ئىپادىلىگەن تىل - ئەدبىيات جەھەتتىكى  تەربىيىلىنىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئوقۇتقۇچى ھېسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى جەھەتتىن كۈچەيتىپ باھا بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش داۋامىدىكى ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسىگە ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار ماقۇللانغان ئۇسۇللارغا، بولۇپمۇ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان پىكىر ۋە ئۇسۇللارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى پائال قەدىرلىشى لازىم.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  يوھان كرىستوف
●  ئەدەبىيات ئاتالغۇل...
●  فرانسىيە پەيلاسوپى...
●  مارك تۋېن
●  سەھنە سەنئىتى
●  سېلىشتۇرما ئەدەبىي...
●  ئاندېرسىن
●  مەسەل
●  تۈرگېنېف
●  فىلولوگىيە
●  ئەدەبىيات - سەنئەتش...
●  بېغىشلاش
●  ئەدەبىياتنىڭ ئىجتى...
●  ئەپسانشۇناس
●  بەدىھە
●  مۇپاسسان
●  رىتىم چۈشەنچىسى
●  بىرىنچى شەخس بايان...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىك...
●  يوھان كرىستوف
●  ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
●  فرانسىيە پەيلاسوپى سارت...
●  مارك تۋېن
●  سەھنە سەنئىتى
●  سېلىشتۇرما ئەدەبىيات
●  ئاندېرسىن
●  مەسەل

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى