بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئەدەبىيات >> فرانسىيە پەيلاسوپى سارترى

فرانسىيە پەيلاسوپى سارترى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 12:32:07    كۆرۈلۈش سانى : 45  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
فرانسىيە پەيلاسوپى، يازغۇچى سارترى (1905 −1980  - يىللار) «ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەم ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزىنىڭ يارىلىشىنى مۇتلەق «ئەركىن تاللىۋالالايدۇ» دەپ قاراپ، «مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ» دېگەننى تەرغىب قىلغان. ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشى پەلسەپىدە مەۋجۇدىيەتچىلىك دەپ ئاتىلىدۇ. سارترى ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى ھېكايە، دراما شەكىللىرى بىلەن تەشۋىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، بۇنداق ئەسەرلەر مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى دەپ ئاتالدى. سارترى مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. «كۆڭۈل ئاينىش» سارترىنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى. ئەسەردە باش پېرسوناژ لۇگاندىننىڭ ئىزچىل تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ، يېگانە ياشىغانلىقى، كېيىن بىر تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈنلا، ئاندىن شەھەردىكى كۇتۇپخانىغا بارغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بىر كۈنى، ئۇ دېڭىز بويىدىن بىر تاشنى تېرىۋالغاندا، تۇيۇقسىز كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش بىلەن، تېرىۋالغان ھېلىقى تاشنى تاشلىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ نېمىنى كۆرسە كۆڭلى ئېلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا تەتقىقات ۋەزىپىسىنى تاشلىماي بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قاتتىق جىسىم ئىكەنلىكىنى − پەقەت جىسمى بىلەن ئېڭىنىڭ ھەرىكىتىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىر كۈنى كەچتە ئۇ باغچىدا پوستى سويۇۋېتىلىپ، سىپسىلىق غولىلا قالغان كاشتان دەرىخىگە قاراپ ئىلھاملىنىپ، مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى مانا مۇشۇ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، دەپ قارايدۇ. سەھنە ئەسىرى «مەھكۇملۇق» سارترىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئۇنىڭدا ئۆلگەندىن كېيىن، دوزاخقا مەھكۇم قىلىنغان ئۈچ ئەرۋاھ − گارسا، ئىنېز، ئېسدېرلار تەسۋىرلەنگەن. گارسا توخۇ يۈرەك، ئىنېز جىنسداشلار مۇھەببىتىگە بېرىلگەن ئايال، ئېسدېر ئەرلەرنى قوغلاشقان شەھۋەتپەرەس. بۇ ئىككى ئايال، بىر ئەر ئۆزلىرىنىڭ ھايات چېغىدىكى گۇناھلىرىنى يوشۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن يەنە بىر - بىرىنى قوغلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئىككىيلەن بىللە بولۇپ قالسىلا، يەنە بىرى ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈگىمەس جەڭگى - جېدەل چىقىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇلار بۇ مەھكۇم قىلىنغان دوزاختىن مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ: گارسا ئەسلىي تىنچلىقپەرۋەر ئەدىب، جەڭدە قورقۇنچاقلىق قىلىپ قاچقانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلىنىپ، دوزاخقا كىرىپ قالغان؛ ئىنېز ئېرىنىڭ ئاشنىسىنى قوغلىۋېتىپ، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولغان، شۇڭا ئۆزىمۇ بۇ دوزاخقا تاشلانغان؛ ئېسدېر پۇلغا ئامراق بولغاچقا بىر بوۋاي بىلەن توي قىلغان، يەنە بىر ئاشنىسى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان ھەم ھارامدىن تۇغۇلغان بوۋىقىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ قالغان. ئەسەردە بۇ ئارقىلىق مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ مۇنداق پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن: ھەربىر ئادەم ئۆلگۈچە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغلىشىدۇ؛ لېكىن، ھەربىر ئادەم يەنە بىر ئادەم ئۈچۈن دوزاخ بولىدۇ. درامىدا «باشقىلار سەن ئۈچۈن دوزاخ» دېگەن بىر جۈملە ئەقلىيە سۆز بار، بۇنىڭغا ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى يىغىنچاقلانغان ھەم مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ پەلسەپىۋى كۆزقارىشى روشەن ئىپادىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ سەھنە ئەسىرىنى غەرب ئوبزورچىلىرى ئەينى دەۋر مەۋجۇدىيەتچىلىك درامىلىرىنىڭ ئىچىدىكى «كلاسسىك» ئەسەر، دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئەدەبىيات تەشەببۇسى ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى2  - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى فرانسىيە ئەدەبىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.1964  - يىلى شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى ئۇنىڭغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغان، لېكىن، ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەرقانداق شان - شەرەپنى قوبۇل قىلمايمەن، دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇنى رەت قىلغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  يوھان كرىستوف
●  ئەدەبىيات ئاتالغۇل...
●  فرانسىيە پەيلاسوپى...
●  مارك تۋېن
●  سەھنە سەنئىتى
●  سېلىشتۇرما ئەدەبىي...
●  ئاندېرسىن
●  مەسەل
●  تۈرگېنېف
●  فىلولوگىيە
●  ئەدەبىيات - سەنئەتش...
●  بېغىشلاش
●  ئەدەبىياتنىڭ ئىجتى...
●  ئەپسانشۇناس
●  بەدىھە
●  مۇپاسسان
●  رىتىم چۈشەنچىسى
●  بىرىنچى شەخس بايان...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىك...
●  يوھان كرىستوف
●  ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
●  فرانسىيە پەيلاسوپى سارت...
●  مارك تۋېن
●  سەھنە سەنئىتى
●  سېلىشتۇرما ئەدەبىيات
●  ئاندېرسىن
●  مەسەل

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى