يوھان كرىستوف
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-12 11:16:22 كۆرۈلۈش سانى : 46
رومىن روللان (1866 −1944 - يىللار)22 يېشىدا نەچچە ئون بەتلىك ئۇزۇن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۈۋالىدۇ، خەت يازغان كىشى نامى جاھانغا مەشھۇر، يېشى60 تىن ئاشقان لېف تولستوي ئىدى. خەتتە تولستوي رومىن روللان سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنىدى، يەنە ئۇنى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا قىزغىن ئىلھاملاندۇرغانىدى ھەم ئۇنىڭغا: «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەن شۇغۇللانماي بولمايدۇ! ... يالغان ئېيتماسلىق، ھەقىقەتتىن قورقماسلىق كېرەك!» دەپ كۆرسەتكەنىدى. رومىن روللانغا بۇ خەت «بىپايان ئالەمگە ئېچىلغان بىر ئىشىك» بولۇپ تۇيۇلدى، ئۇنى «بىر خىل تۇرمۇش ئىلھامىغا» ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىشقا بەل باغلىدى، كېيىنكى كۈنلەردە نۇرغۇن ئەسەر يېزىپ، شەرەپ بىلەن1915 - يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
رومىن روللان دەسلەپتە فرانسىيە ئىنقىلابى تېما قىلىنغان بىرمۇنچە درامىلارنى يازغان. ئۇ مۇشۇ «ئىنقىلابىي دراما» لار ئارقىلىق تارىختىكى قەھرىمانلاردىن پايدىلىنىپ خەلقنى تەربىيىلەشنى ئۈمىد قىلغان.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىشقا باشلاپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئاشۇ سەنئەتكارلارنى مەدھىيىلىگەن. بىتخوۋېننىڭ تەرجىمىھالى، مىكېلانجېلۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە لېف · تولستوينىڭ تەرجىمىھالى قاتارلىقلار دۇنياغا مەشھۇر بىئوگرافىك ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىم ۋەكىللىك ئەسىرى «يوھان كرىستوف»، ئۇ10 باب.
روماندا جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە يېگانە كۈرەش قىلغان بىر زىيالىينىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ،1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ بىپايان مەنزىرىسى سىزىپ بېرىلىپ، نۇرغۇن زور ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يوھان كرىستوف گېرمانىيىدە بىر نامرات مۇزىكانت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ئادەتتىن تاشقىرى مۇزىكا تالانتىنى ئىپادىلىگەن، كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ ئوردىغا كىرىپ مۇزىكا چالىدۇ، شۇ چاغدا فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى، ئۇششاق شەھەر خەلقىنىڭ قۇللارچە ئېگىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئۇ زەردارلارنى نەزىرىگە ئىلمايدۇ، مىشچانلارغا زەربە بېرىدۇ، ئاقسۆڭەكلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، شۇڭا چەتكە قېقىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشىمۇ قىيىن بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، ئۇ تەقدىرگە بويۇن ئەگمەي، گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلىپ، يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ مۇزىكىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنى رەنجىتىدۇ. بىر قېتىم ئەسكەرلەر بوزەك قىلىۋاتقان دېھقاننى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ، ئۆلۈم ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ قويۇپ، فرانسىيىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەممىلا يېرى مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن تولغان، مۇزىكا ساھەسى ناھايىتى روھسىز ئىدى. ئۇ رەزىللىككە زەربە بېرىپ، ئۆزى يالغۇز جەڭ قىلىپ، ھەممىلا يەردە مىخقا ئۈسىدۇ. ئۇ خەلق ئارىسىغا بېرىپ خەلقنىڭ دەردىگە ھېسداشلىق قىلسىمۇ، لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىنى كۆرەلمەيدۇ. ئاخىرىدا پۈتۈن ئارزۇلىرى يوققا چىقىپ، دىنىي مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا كىرىشىپ، روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوغلىشىدۇ.
بۇ روماننىڭ مۇزىكىلىقى باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ روشەن بەدىئىي ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇنى1913 - يىللىق فرانسىيە ئۆلىمالار مەھكىمىسىنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ۋە1915 - يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل قىلدى.
|
|