بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئەدەبىيات >> مارك تۋېن

مارك تۋېن

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-21 12:07:56    كۆرۈلۈش سانى : 46  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
مارك تۋېن ئامېرىكىنىڭ19  - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى رېئالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي قارىمۇقارشىلىق، ئىرقىي كەمسىتىش قاتارلىق ھەقىقىي ئەھۋاللار ئېچىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ رېئاللىقىنى مۇكەممەل چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن، شۇڭا ئۇ «ئامېرىكا ئەدەبىياتىنىڭ لىنكولىنى» دەپ ئاتالغان.1865  - يىلى مارك تۋېننىڭ يۇمۇرلۇق ھېكايىسى «كالىۋىراس ناھىيىسىدىكى مەشھۇر پاقا» ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كېلىۋاتقان رىۋايەتكە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ھېكايە، ئۇنىڭدا يۇمۇر ۋە قىزىقارلىق ئېغىز تىلى گەۋدىلىك قوللىنىلىپ، ئەينى چاغدىكى ئېچىلىۋاتقان غەربىي رايوننىڭ ئالاھىدە ئادەتلىرى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن. شۇڭا، ئۇ بىردىنلا تونۇلغان. مارك تۋېن ئەسەر ئېلان قىلغاندىن تارتىپ،1910  - يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانغا قەدەر50  نەچچە يىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن ھېكايە، ساياھەت خاتىرىسى ۋە سىياسىي نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى يازغان. «خاكبىل فايننىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئاپتور نېگىر قۇل بالا جېم بىلەن ئاق تەنلىك بالا خاكنىڭ قېچىش جەريانىدا ئۇچرىغان خىلمۇخىل «كۈتۈلمىگەن ئىش» لىرى ئارقىلىق مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ بويىدىكى نامراتلىق ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەپ، ئىرقىي ئېزىشنىڭ جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئەسەردە ساددا، ئاق كۆڭۈل، تۇغقانلىرىنى چوڭقۇر، چىن سۆيىدىغان، دوستلىرىغا كۆيۈنۈپ، غەمخورلۇق قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان نېگىر جېمنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، نېگىرلارنىڭمۇ ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاشلا ئالىيجاناب پەزىلەتكە ۋە مول ھېسسياتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. خاك بىلەن جېمنىڭ جاپا - مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ، كېچە - كۈندۈز بىللە بولۇپ، سەمىمىي ئۆتكەن، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىگەن مۇناسىۋىتى ئارقىلىق، ئامېرىكا خەلقىگە نېگىرلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ ۋە تەربىيە بېرىدۇ. بۇ رومان بەدىئىي جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇنىڭدا رېئالىزملىق ئىنچىكە تەسۋىرلەرمۇ، رومانتىك لىرىكىمۇ بار ھەم پېرسوناژلار پسىخىكىلىق ئوپېراتسىيە قىلىنغان، ھەم ئاجايىپ قىزىقارلىق تەسەۋۋۇرلارمۇ بار، خەلق ئېغىز تىلى، لەھجەلەر كۆپ قوللىنىلغان، ھەم تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، ھەم ئىخچام، راۋان. روماننىڭ باش تېمىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى ئىجادىيلىقى ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئاساسلىق رومانى «ھادلېربورگقا داغ چۈشۈرگەن ئادەم». ئاپتور19  نەپەر «يۇقىرى دەرىجىلىك پۇقرا» نىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولمىغان بىر خالتا تىللانى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئوينىغان رەزىل ئويۇنىنى ھېكايە قىلىش ئارقىلىق، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاتالمىش «سەمىمىيلىك»، «ئەخلاق» تونىنى رەھىمسىزلىك بىلەن يىرتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ پۇلپەرەسلىك ۋە ساختا ئاق كۆڭۈللۈك ماھىيىتىنى پاش قىلغان. بۇ روماندا ئاپتور كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى مىسلىسىز شىددەتلىك تەنقىد قىلغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  يوھان كرىستوف
●  ئەدەبىيات ئاتالغۇل...
●  فرانسىيە پەيلاسوپى...
●  مارك تۋېن
●  سەھنە سەنئىتى
●  سېلىشتۇرما ئەدەبىي...
●  ئاندېرسىن
●  مەسەل
●  تۈرگېنېف
●  فىلولوگىيە
●  ئەدەبىيات - سەنئەتش...
●  بېغىشلاش
●  ئەدەبىياتنىڭ ئىجتى...
●  ئەپسانشۇناس
●  بەدىھە
●  مۇپاسسان
●  رىتىم چۈشەنچىسى
●  بىرىنچى شەخس بايان...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىك...
●  يوھان كرىستوف
●  ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
●  فرانسىيە پەيلاسوپى سارت...
●  مارك تۋېن
●  سەھنە سەنئىتى
●  سېلىشتۇرما ئەدەبىيات
●  ئاندېرسىن
●  مەسەل

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى