ياقىلىق ئىشچىلار
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-30 14:04:34 كۆرۈلۈش سانى : 42
غەرب دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ھەر خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى كىيىمىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئىسىم قويىدىغان ئادەت بار. ئەنئەنە بويىچە، ئۇلار «كۆك ياقىلىق ئىشچىلار» ۋە «ئاق ياقىلىق ئىشچىلار» دەپ ئايرىلىدۇ.
«كۆك ياقىلىق ئىشچىلار» ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەكنى ئاساس قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ماشىنا مەشغۇلاتى، رېمونتچىلىق، يۈك توشۇش، قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئورنى بىرقەدەر تۆۋەن، خىزمەت شارائىتى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، ئەمگەك قىلغاندا ھەمىشە كۆك رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ.
«ئاق ياقىلىق ئىشچىلار» «كۆك ياقىلىق ئىشچىلار» غا قارشى مەنىدە ئېيتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئەقلىي ئەمگەكنى ئاساس قىلىدىغان ياللانما خادىملار، مەسىلەن، تېخنىكا خادىملىرى، تېببىي خادىم، باشقۇرغۇچى خادىملار ھەمدە مۇرەككەپ تېخنىكا ئەسۋابلىرى، كۇنۇپكا، سانلىق مەلۇمات مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ۋە خىزمەت شارائىتى ياخشى بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىدا رەتلىك، پاكىز كىيىنگەچكە، «ئاق ياقىلىق ئىشچىلار» دەپ ئاتىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەنە يېڭىدىن «ياقىلىق ئىشچىلار» بارلىققا كەلدى. «ھال رەڭ ياقىلىق ئىشچىلار» نىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئاياللار كەسپى بويىچە خىزمەت قىلىدىغانلار، مەسىلەن، پرىكازچىك، ئوقۇتقۇچى ۋە كاتىپ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «كۈل رەڭ ياقىلىق ئىشچىلار» رېمونت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلارنى، مەسىلەن، ماشىنا رېمونتچىسى، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى رېمونتچىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «زەر ياقىلىق ئىشچىلار» ئۇچۇر دەۋرىدە بىلىمگە تايىنىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئىشچىلارنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئىنژېنېر، ئادۋوكات، ھەر خىل تىپتىكى ئوبزورچى ۋە خام چوتچى، مۇھەررىر، پروگرامما مۇھەررىرى ۋە پىلان تۈزگۈچى خادىم قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «پولات ياقىلىق ئىشچىلار»، يەنى سىرچىلىق، كانچىلىق، مېتاللۇرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئىشچىلارنىڭ ئورنىدا ئەمگەك قىلىدىغان ماشىنا ئادەملەر. |
|