سام تاغا، جون كالا
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-19 13:13:16 كۆرۈلۈش سانى : 43
سام تاغا ئامېرىكىنىڭ لەقىمى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،1812 - يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شتاتىنىڭ ترويى شەھىرىدە ساممور. ۋىلسون ئىسىملىك كالا گۆشى سودىگىرى بولۇپ، شۇ يەردىكىلەر ئۇنى سام تاغا دەپ ئاتايدىكەن. ئۇنىڭ ئىسمىدىكى ئىككى ئىنگلىزچە خەتنىڭ بىرىنچى ھەرپى SU ئامېرىكىنىڭ ئىنگلىزچىدىكى قىسقارتىپ يېزىلىشى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، ترويى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر »سام تاغا« نى ئامېرىكىنىڭ لەقىمى قىلغان.19 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدا، ھەجۋىي رەسىم سىزغۇچىلار »سام تاغا« نى ئوبرازلاشتۇرۇپ، ئورۇق، ئېگىز كەلگەن، ئۇزۇن چاچ قويغان، ئۆچكە ساقاللىق، بېشىغا يۇلتۇزلۇق يوللۇق ئېگىز شىلەپە، ئۇچىسىغا قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق چاپان كىيگەن قېرى ئادەم قىلىپ سىزىپ چىققان.1961 - يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، »سام تاغا« نىڭ ئامېرىكىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
جون كالا18 - ئەسىردە پەيدا بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيە يازغۇچىسىنىڭ «جون. بورنىڭ تارىخى» دېگەن كىتابىدا، ئالدىراڭغۇ ۋە قىزىققان ئەنگلىيىلىك ئاقسۆڭەك جون. بور تەسۋىرلەنگەن. ئىنگلىز تىلىدا «بور» دېگەن سۆز كالا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئەنگلىيىلىكلەرنى جون كالا دەپ ئاتاشقان. كېيىن ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مەخسۇس نامى بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە ھەجۋىي رەسىملىرىدە، جون كالا بېشىغا ئېگىز قالپاق، پۇتىغا ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك كىيگەن، پاكار، تۇرقىدىن ئەخمەقلىقى چىقىپ تۇرغان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. |
|