بۇككىنگھام ئوردىسى، دوۋننىگ كوچىسى، ئاق كارىدور
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-17 12:02:30 كۆرۈلۈش سانى : 39
بۇككىنگھام ئوردىسى − ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھ سارىيى، ئۇ ئەنگلىيىدىكى جامېس باغچىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان.1703 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،1837 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە تارىخىدا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ھازىرقى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىمۇ مۇشۇ جايدا تۇرغان.
دوۋننىگ كوچىسى − ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى بىر كوچا بولۇپ،17 - ئەسىردىكى ئەنگلىيە دىپلوماتى گېئورگى. دوۋننىگنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ھازىر بۇ يەر ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ سارىيى بولغاچقا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ قالدى.
ئاق كارىدور − ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى بىر كوچا. ئۇ پارلامېنت بىناسى ۋە دوۋننىگ كوچىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئەنگلىيىنىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مۇشۇ جايغا تەسىس قىلىنغان. شۇڭا، كىشىلەر ئاق كارىدورنى ئەنگلىيىنىڭ مەمۇرىيەت ئورگىنى نامىدا قوللىنىدۇ. ئەسلىدىكى ئاق كارىدور1698 - يىلىدىكى ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان |
|