ۋال سترېت كوچىسى، ئاقساراي، بەش بۇرجەكلىك بىنا
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-21 10:38:03 كۆرۈلۈش سانى : 51
ۋال سترېت كوچىسى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر كوچىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ چوڭ مونوپول گۇرۇھلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جاي. بۇ يەرگە نيۇيورك ئاكسىيە بىرژىسى، قەھۋەخانا، پاختا بازىرى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ لوككېفېللېر، مورگان قاتارلىق چوڭ مالىيە گۇرۇھلىرى ئاچقان بانكا، سۇغۇرتا، تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە، كانچىلىق، ياساش سانائىتى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ باش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان. مونوپول كاپىتال مۇشۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ۋال سترېت ئامېرىكا مونوپول كاپىتالىزمىنىڭ نامى ۋە سىمۋولى بولۇپ قالغان.
ئاقساراي − ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوننىڭ پېنسىلۋانىيە كوچىسىغا جايلاشقان ئاق تاملىق ئىككى قەۋەتلىك بىنا.1800 - يىلىدىن باشلاپ ھەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ مۇشۇ يەردە ئىش بېجىرگەچكە، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نامى بولۇپ قالدى.1901 - يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت بۇ قۇرۇلۇشقا «ئاقساراي» دېگەن نامنى بەرگەن.
بەش بۇرجەكلىك بىنا − ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خىزمەت بىناسى، ئۇ ۋاشىنگتونغا يېقىن پوتماك دەرياسى بويىغا جايلاشقان. ئۇ بىر بەش بۇرجەك شەكلىدىكى غايەت زور قۇرۇلۇش بىرىكمىسى بولۇپ،1943 - يىلى پۈتكەن. ھازىر كىشىلەر «بەش بۇرجەكلىك بىنا» نى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ نامىدا قوللىنىدۇ. |
|