• ئۇيغۇر ئوغلانى گىرمانيە پۇتبول سەھنىسىدە - [قامۇســــلار]

    2010-08-08 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/72154157.html

    گىرمانيە دىكى قارامايلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمىز ئەكبەر روزى 2009. يىلى 5. ئاينىڭ 21. كۇنى ھاننوۋەردا ئۆتكۇزۇلگەن شىمالى گىرمانيە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىغا كلائۇستھال-برائۇمسچۋەئىگ ئۇنىۋىرسىتى كوماندىسىغا ۋەكىل بوپ قاتنىشىپ چىمپىيونلىققا ئىرىشتى. بۇ مۇسابىقىسىگە شىمالى گىرمانيەدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىئار كوماندىسى قاتناشقان بولۇپ جەمىي 16 كوماندا 4 گورۇپپا بولغان. كلائۇستھال-برائۇمسچۋەئىگ كوماندىسى ھەر قايسى رەقىپلىرىنى مۇشەققەتلىك يىڭىپ ئاھىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ چىمپىيونلۇقنى ئالغان. پۇتبولچىمىز ئەكبەر روزى ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئاز دىگەندە بىردىن توپ كىرگۇزۇپ بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان كلائۇستھال-برائۇمسچۋەئىگ پۇتبول كوماندىسى ئاساسلىق تۇرك ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ. بۇ ھەۋەر گىرمانيەدىكى زامان گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان.
    ئەكبەر روزى دولەتلىك 2. دەرىجىلىك پۇتبولچى بولۇپ ھىلى بۇرۇنلا چوڭ پوتپۇل سەھنىلىرىدە ئوز توھپىسىنى قوشۇشقا باشلىغان. ئۇ2000. ۋە 2001. يىلى ئۇدا مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاراماي شەھرى كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.
    2002. يىلى ئىچكى موڭغۇلدا ئوتكۇزۇلگەن مەملىكەتلىك 20 ياشلىقلار پۇتبول مۇسابىقىسىدا خىنجىئاڭ كوماندىسىغا ۋەكىل بوپ قاتنىشىپ چىمپىيون بولغان.
    2003. يىلى 10. نوۋەتلىك ئاپتونۇم رايۇنلۇك تەنھەركەت مۇسابىقىسى پۇتبول تۇرىدە قاراماي شەھرىگە ۋەكىل بوپ قاتنىشىپ چىمپىيون بولغان.
    2004. يىلى شىنجاڭ پىداگوگىگا ئۇنىۋىرسىتي كوماندىسىدا تۇرغان ۋە ھەرھىل مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان.
    2005. يىلى سىچۈەن ئۇنىۋىرسىتى كوماندىسىغا ۋەكىل بوپ مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ غەربى شىما رايۇنىنىڭ چىمپىيونى بولغان.  
    بۇ توپچىمىز  گىرمانيە گە كىلىپ مۇ ئوزىنىڭ پۇتبولدىكى تالانتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.
    2007. ۋە 2008. يىلى كلائۇستھال شەھرىدىكى كېفك پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ۋە ئەڭ كوپ توپ كىرگۇزگەن توپچى بوپ باھالانغان.
    2008. گىرمانيە كلائۇستھال دا ئوتكۇزۇلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە بوكا كوماندىسىغا ۋەكىل بوپ قاتنىشىپ چىمپىيون بولغان.
    2008. يىلى ئەكبەر روزىنىڭ پۇتبولدىكى تالانتىنى بايقىغان گىرمانيە گوسلار شەھرىدىكى گىرمانيە 6. دەرىجىلىكلەر پۇتبول كوماندىسى تەرپىدىن قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئەكبەر روزى گىرمانيەدىكى كەسپى پۇتبولچىلار بىلەن بىللە مەشىق قىلغان ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان.
    بۇ ئوغلانىمىزگىرمانيە پۇتبول سەھنىسىدىدىكى ھەرخىل نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر باللىرىنىڭمۇ خەلىقئارا پۇتبول سەھنىسىگە قەدەم قويالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. بىز بۇ ئوغلانىمىزنىڭ كىيىن تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز.

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئادرېس:

    评论

  • قالتىس خۇشھال بولۇپ كەتتىم ! نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم ..ياشاپ كەت ئۇيغۇر بالىسى!