-
بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ سېستىمىسى 1.5 نەشىرى تارقىتىلدى - [كومپىيۇتېر]
2011-08-09 | خەتكۈچ:كود ئەسلى بلوگ
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/155117866.html
ئەسسالام ئەلەيكۇم !
بىلىملەر تورى ئىزچىل ياخشى بولغان قولايلىق، ئىشلىتىلىشچان سېستىمىلارنى يېزىپ ھەقسىز تارقىتىۋاتىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بىز بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ سېستىمىسى 1.0 نى تارقاتقان ئىدۇق. بەلكىم تۇنجى قېتىملىق تارقىتىشى بولسا كېرەك، نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلەر بار ئىدى. بۇ قېتىم يېزىپ چىققان 1.5 نەشرى كۈزىتىشىمىزچە بىر قەدەر مۇكەممەل ھەم ئەتراپلىق تۈزۈلدى دەپ قارايمىز.
1.5 نەشىرىدە تۈزىتىلگەن ھەم قوشۇلغان ئىقتىدارلار:
يېڭىلىڭلار:
1. ئۇسلۇب css+div ئارقىلىق تۈزۈلدى.
2. كۆپ ئىشلىتىلدىغان ie6، ie7، ie8، firefox، opere، Chrome قاتارلىق تور كۆرگۈچتە تامامەن ئوخشاش، نورمال كۆرۈنىدۇ.
3. بىكەت پەقەت بىرلا index.asp دىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، بوشلۇقنى تەڭشەش ئارقىلىق index.asp نىڭ ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ سېستىمىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى يوشىرالايسىز.
4. سېستىما ئالاھىدە كىچىك لايىھىلەندى. ئېدىتورنى ھېسابلىمىغاندا سېستىما پەقەت 600kb لا كېلىدۇ.
5. بىكەت ئۇچۇرلىرىنى ئارقا باشقۇرۇشتىن بىۋاستە قوشالايسىز. (بىكەت نامى، ئادىرىسى، icp، ئالاقىلىشىش ۋاستىسى، ستاتىكا كودى، بىكەت ھەققىدە )
6. بلوگ يازغۇچىلارنى خالىغانچە قوشالايسىز، ئۆچۈرەلەيسىز، تەھرىرلىيەلەيسىز.
7. يازمىنى ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن يوللىيالايسىز. شەخسى ماتىرياللىرىڭىزنى يوشۇرۇن يوللىسىڭىز پەقەت باشقۇرغۇچى نامىڭىزدا كىرگەندىلا كۆرۈنىدۇ.
8. سېستىمىغا مۇكەممەل ھەم كۆركەم بولغان kindeditor ئېدىتور سەپلەندى.
9. بلوگغا ئىككى ئۇسلۇب سەپلەندى. تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قاراپ داۋاملىق كۆركەم بولغان ئۇسلۇبلارنى تارقىتىمىز.
10. بىكەتكە eot ئۇلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچە خەت نۇرمال كۆرۈنىدۇ.
تۈزۈتۈلگەن مەسىلىلەر:
11. يازمىلارنى تەھرىرلىگىلى بولماسلىق مەسىلىسى تۈزۈتىلدى.
12. يازمىلارنى بەت ئايرىپ كۆرسەتكىلى بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
13. ئېدىتورنىڭ مېدىئا قوشقىلى بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى. (swf، wmv، wma، mp3 قاتارلىقلار)
14. ie دىن باشقا تور كۆرگۈچلەردىكى نورمالسىزلىق ھەل قىلىندى .
15. باشقۇرۇش ئىسىم ۋە پارولنى بىۋاستە ئۆزگەرتكىلى بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
16. بىكەت ئۇختۇرۇشىنى ئارقا باشقۇرۇشتىن ئالماشتۇرىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
يەنە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلار بار، چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ ...
بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ 1.5 نەشىرىنى سىز مەيلى بلوگ قىلىپ ئىشلىتىڭ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ ياكى ئاددى ماقالە بەت قىلىپ ئىشلىتىڭ تامامەن ماس كېلىدۇ.
بىكەت ئىشلىتىش كىلىشمى
بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ 1.5 نەشىرىنى مەن 0 دىن باشلاپ يېزىپ بىركۈندە ئاران پۈتتۈرۈپ بولدۇم، ئەلۋەتتە تورداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۇنچىلىك جاپا ھېچ گەپ ئەمەس. تورداشلارغا قاتتىق ئەسكەرتىدىغىنىم بلوگ ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى Powered by Bilimlar! T1.5 نى قەتئىي ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. قەتئىيلا. ئەگەر بايقالسا ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە.
سېستىمىنى چۈشۈرۈش
بىلىملەردىن چۈشۈرۈڭ: http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=3722
باشقۇرۇش ئىسىم ۋە پارول: admin
داۋاملىق ياخشى سېستىمىلارنى ئىشلىتىشنى خالامسىز؟
بىلىملەر تورىنىڭ داۋاملىق ياخشى بولغان قوللىنىشچان سېستىمىلارنى تارقىتشىنى خالامسىز. ئۇنداقتا بىكىتىمىزگە ھەر بىر كىرگەندە ئۈستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. پەقەت بىر نەچچە سېكۇنتلىق ۋاقتىڭىزنى ئالىمىز. بىزنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەيىمىز ئاشۇ ئېلان بىلەنلا. شۇڭا قوللاپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت !
بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ سېستىمىسى 1.5 گە قارىتا تەكلىپ ۋە پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس قىلساڭلار بولىدۇ. css دە ئۇسلۇب تۈزەلەيدىغان تورداشلار بولسا ئۇسلۇب تۈزۈپ يوللىساڭلار بىللە پايدىلانساق بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
ئادرېس:
评论