• blogbus دىن بلوگ ئېچىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزما؟ - [ئۇچـــــۇرلار]

    2011-07-29 | خەتكۈچ:بلوگ

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/152148363.html


    ئەسسالام ئەلەيكۇم !
       بىلىملەر تورىدا يېڭىدىن بىكەت قۇرۇشنى ئۆگىنىۋاتقان تورداشلار ناھايتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن تورداشلار ھەقسىز بوشلۇق ۋە ئىسىم ئېلىپ ئاددى بولغان بىكەتلەرنى ياكى بىلىملەر تورى تارقاتقان ھەقسىز بولغان بىكەت سېستىمىلىرىنى ئىشىلىتىپ بىكەت قىلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بەزى تورداشلار ھەقسىز بوشلۇقنى دەرسلىكتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
       يېقىندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بلوگ توربەتتىن بەكراق ئەۋجە ئالغىلى تۇردى. ھازىر يېڭىدىن چىققان بلوگ قۇرغۇچىلار ئۇدۇللا بوشلۇق ۋە ئىسىم ئېلىپلا WordPress قاتارلىق سېستىمىلارنى ئىشلىتىپ بلوگ ئېچىپ ئۆز ئوي- پىكىرلىرىنى بايان قىلىۋاتىدۇ، ئۆز ياخشى كۆرگەن مەزمۇنلارنى يوللاپ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھرىرلىنىۋاتىدۇ.
       blogbus بولسا مەملىكىتىمىزدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان بلوگ سۇپىسى. سىز ئۇنىڭدىن ھەقسىز بلوگ ئىلتىماس قىلىپ يازما يازالايسىز. WordPress دىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ. ئەگەر بلوگىڭىزنى تەرەقىي قىلدۇرالىسىڭىز Google Adsense قاتارلىق ئېلان سۇپىلىرىدىن ئېلان ئىلتىماس قىلىپ بلوگغا ئېلان قۇيۇپ ئاز- تۇلا كىرىم قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. Google Adsense دەك ئېلان سۇپىلىرى ناھايتى كۆپ. ئۇيغۇرچە ئېلان سۇپىلىرىدىنمۇ 890 دەك ئالدىنقى قاتاردىكى ئېلان مۇلازىمەت سۇپىلىرى بار.
       ئەمدى مەن بۇ يازمىدا نىمە دىمەكچى؟ يازمامدا تورداشلارنىڭ blogbus دىن بلوگ ئېچىپ بېقىشنى ئويلىشىپ دىگەن ئۈمۈدتە. چۈنكى blogbas دا بلوگ ئېچىش ئۈچۈن پۇل كەتمەيدۇ، بلوگ مەزمۇنى مۇقىم ساقلىنىدۇ. نۇرغۇن تورداشلار «blogbus دا ئىنكاس كۆرۈنمەس بۇلۇپ قالدى » دەپ blogbus نى تاشلاپ بوشلۇق ۋە ئىسىم سېتىۋېلىپ شەخسىي بلوگلارنى قۇرۋاتىدۇ. لىكىن ئىش ئۇنداق ئەمەس، blogbus تا سىز ئىنكاسنى ئارقا باشقۇرۇشتىن كۆرۈنسۇن دەپ تەڭشەپ قويسىڭىزلا ئىش تامام.
       ئۇنداقتا تورداشلار مېنىڭ بلوگىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار. مەن بىلىملەر تورىنى ئاچماس ۋاقتىمدىلا مۇشۇ بلوگنى ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەتكەن، تا ھازىرغىچە بىر يازمام ئۈچۈپ كەتمىدى. شۇ پېتى ساقلىنىپ قالدى. بىلىملەر نۇرغۇن قېتىم بۇزۇلۇپ، تېمىلار ئۈچۈپ كەتتى، لىكىن بلوگۇم شۇ پېتى تۇردۇ.
       
       بىلىملەر بلوگ:
       قىسقارتىلغان ئادىرىسى: http://www.bilimlar.com/blog

       ئەگەر blogbus قا قىزىدىغانلار بولسا ئىنكاس قىلساڭلار بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بلوگىنى يېزىپ كۈنلەرنى بىكار ئۆتكۈمىسەك. قىزىقىدىغانلار كۆپ بولسا بىلىملەردە 0 دىن باشلاپ تەپسىلى دەرسلىك تۈزىلىدۇ ھەم ھەقسىز ئۇسلۇب تارقىتىلىدۇ. ياخشى بلوگلار ئىلتىماسغا ئاساسەن بىلىملەر تورى قىسقا ئادىرىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

    收藏到:Del.icio.us




    ئادرېس:

    评论

  • مەن تېخى يېڭى باشىلدىم ماڭىئا ئۇيىغۇرچە قىلشنى ئۈگتىپ قويىساڭىلار. رەخىمەت
    Zoro回复xukir说:
    بلوگ ياساش سەھىپىمىزدىكى بىلىملەرنى بىرەر قور كۆرۈپ چىقىڭ
    2012-09-15 15:40:54
  • 有没有blog编辑软件,推荐一下,
    Zoro回复uyghur006说:
    dreamweaver
    2012-09-15 15:41:14
  • مەن تېما ئاستىغا تېمىنى گەۋىدىلەندۈردىغان رىسم چىقىرالمىدىم قانداق قىلىمىز؟
    Zoro回复پەنجىر说:
    تەھىرلىگۈچتىن قوشسىڭىز بولىدىغۇ
    2012-02-05 19:03:12
  • مەن تېما ئاستىغا رەسىم چىقىرالمىدىم . قانداق چىقىرىمىز؟
    Zoro回复پەنجىر说:
    تەھرىرلىگۈچتىن قوشىسىز.
    2012-02-05 19:03:29
  • مەن مۇقۇرۇشقا قىزىقاتتىم لىكىن يول باشلامچى تاپالمىدىم؟
    مەنمۇ خۇددى logs/152148363.html
    دەك بىرنى قورالسام دەيمەن
    Zoro回复uyghur006说:
    قانداق قىيىنچىلىق بولسا مەن بىلەن بىلىملەر بلوگىدا ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ.
    2012-02-05 19:04:10
  • باش بەتتىكى تېما ئاستىغا چىقىدىغدان رەسىمنى قانداق چىقىرىمىز، مەن چىقىرالمىدىم ،
    .ادەتتە مەن \WindowsLiveWriter دە يازما يوللايمەن!
    Zoro回复پەنجىر说:
    مۇشۇ بلوگ بوسنىڭ تەھرىرلۈگۈچىسىدىن يوللاڭ.
    2012-02-05 19:04:42
  • دوستۇم سىز بارمۇ ؟ بولسا بىللە ئىزدىنەيلى !
    Zoro回复panjir说:
    مەن بار. بولىدۇ، شۇنداق قىلايلى. پات پات كېلىپ تۇرۇڭ ئەمسە
    2012-02-05 19:06:02
  • ئەگەر مۇمكىن بولسا ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن،
    بۇنى تازا ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالىمدىم ، چۈنكى بىلۇگ بۇستىن تازا ياخشى خەۋىرىم يوق ئىدى،
    Zoro回复19920318说:
    بۇ ھەقتە بىلىملەر تورىدا مۇكەممەل دەرسلىك بارغۇ ... كۆرۈپ بېقىڭ ... www.bilimlar.com/ud
    2011-11-22 20:38:19
  • مەن قانداق ئىشلىتشنى بىلمىدىم
    Zoro回复zero0999说:
    بىلىملەر تورىغا كىېىپ بلوگ ياساش بىلىملىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
    2011-11-05 12:36:00
  • باشقىلاردىن ئاڭلىسام بلوگباستا چەكلىمىلەر بەك كۆپ دەيدىغۇ
    Zoro回复فورمات说:
    1. تېمىڭىز ئۇلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىدۇ. لىكىن بۇنىڭغا ئازىراق ھۈنەر ئىشلىتىپلا تەستىق كۈتمەي بىۋاستە چىقىدىغان قىلىمىز.
    2. ئىنكاس بىۋاستە كۆرۈنمەىدۇ، سىز ئارقا باشقۇرۇشتىن تەستىقلايسىز.
    3. ئىنكاس رومان يازالمايسىز، خەت سانى بار.
    ئۇنىڭدىن باشقا قانداق چەكلىمە بار بىلمىدىمغۇ ...
    2011-07-31 05:13:13