• گىرمانيە دىكى قارامايلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمىز ئەكبەر روزى 2009. يىلى 5. ئاينىڭ 21. كۇنى ھاننوۋەردا ئۆتكۇزۇلگەن شىمالى گىرمانيە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىغا كلائۇستھال-برائۇمسچۋەئىگ ئۇنىۋىرسىتى كوماندىسىغا ۋەكىل بوپ قاتنىشىپ چىمپىيونلىققا ئىرىشتى. بۇ مۇسابىقىسىگە شىمالى گىرمانيەدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىئار كوماندىسى قاتناشقان بولۇپ جەمىي 16 كوماندا 4 گورۇپپا بولغان.  

  • قۇدرەت ياقۇپ 8 ئالى مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ، Harvard, MIT قاتارلىق 6 ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولغان، ئامېرىكىنىڭ 7 نەپەر پرېزىدېنتى (دۆلەت باشى) ئوقۇغان خارۋارد ئۇنۋېرىستېتىنى تاللاپ ئوقۇشقا كىرگەن. خارۋارد ئۇنۋېرىستېتى ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ 4 يىللىق باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن، 4 يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى بىراقلا بەرگەن. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى يىلىغا 47000 ئامېرىكا دوللىرى، 4 يىللىقى جەمىئى 188000 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. جۇڭگۇنىڭ خەلق پۇلىدا، بۇ جەمىئى 1 مىليون 5 يۈز مىڭ يۈئەن خەلق پۇلى بولىدىكەن. Harvard, MIT لارنىڭ دۇنيادىكى قانداق ئالى مەكتەپ ئىكەنلىگىنى، مەن «گۇگىلنىڭ سىرى» ناملىق تېمامدا قىسقىچە شەرھىيلەپ ئۆتكەن ئىدىم. - بۈركۈت ئىلاۋىسى