• ئەمدى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتسە غەم يىمەيسىز - [كومپىيۇتېر]

    2010-08-13 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/72838197.html

    screenshot01 data recovery ئەمدى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتسە غەم يىمەيسىز

    ئەمدى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتسە غەم يىمەيسىز،چۈنكى WinMend Data Recovery بار!

    WinMend Data Recovery دىتالى بولسا،Windows مۇھىتىغا ئاساسەن ياسالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمتالى بولۇپ،ئۇ Windows مەشخۇلات سېستىمىسى FAT12/FAT16/FAT32/NTFS/NTFS5  رايونلىرىدىكى ئۆچۈرۈلگەن،يوقالغان ياكى فورماتلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئىزدەپ تېپىپ، زۆرۈز بولسا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.مەزكۇر يۇمتالنىڭ ئۆزىگە خاس ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ،بۇ جەرياندا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساسدا،سېستىمىغا ھىچقانداق ئەكىس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

    ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

    1.تېز سكاننېرلاش
    بۇ يۇمتالنىڭ مەزكۇر ئىقتىدارى ئارقىلىق،سىز ئۈچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىدىگە يېتىسىز.

    2.تولۇق(ئۇمۇميۈزلۈك)سكاننېرلاش
    تېز سكاننېرلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا،تولۇق(ئۇمۇميۈزلۈك)سكاننېرلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشخۇلاتى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ،ئەلۋەتتە،بۇ ئىقتىدار ۋاقىت جەھەتتىن ئازراق كەمچىللىككە ئىگە،ئەمما،ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك(ئادەتتە،بۇ ئىقتىدارنى فورماتلانغان رايوننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىمىز).

    3.فورماتلىنىشقا قارشى سكاننېرلاش
    ناۋادا،سىز ئىھتىياتسىزلىقدىن قاتتىق دىسكىنى فورماتلىۋەتكەن بولسىڭىز،مەزكۇر يۇمتالنىڭ فورماتلىنىشقا قارشى سكاننېرلاش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

    4.ھۆججەتلەرنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش
    WinMend Data Recovery يۇمتالى ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا،نۆۋەتتە بار بولغان ھۆججەتلەرنى باستۇرۇۋەتمەيدۇ.ناۋادا،ئۆچۈرۈلمىگەن،ئەمما زىيارەت قىلىشقا بولمايدىغان ھۆججەتلەر سېستىما ياكى باشقا يۇمتاللار تەرىپىدىن بەلگىلىۋېلىنغان بولغاچقا،WinMend Data Recovery مۇنداق ھۆججەتلەرنى باشقا رايۇنغا ساقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.يۇقارقى ئىقتىدارلاردىكى بارلىق مەشخۇلات ناھايىتى بىخەتەر بولۇپ،ھۆججەتلەر بۇزۇۋېتىلمىگەن ئاساسدا ئەسلىگە كېلىدۇ.

    بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ ، چاققان چۈشۈرۈۋېلىڭ جۇمۇ،بۇ تىزىملىتىلغان نۇسقىسى،بازاردىن ئالسىڭىز 2000سوم! :shock:


    收藏到:Del.icio.us




    ئادرېس:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !بوشلۇقتىكى ئادىرىسنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپتۇ ،چۈشۈرالمىدىم. ماڭا بەك لازىمتى ،ئىمكان بولسا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز سىزدىن تولمۇ مىننەتدار بولاتتىم چ چ رەخمەت !
    1694583813
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !بوشلۇقتىكى ئادىرىسنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپتۇ ،چۈشۈرالمىدىم. ماڭا بەك لازىمتى ،ئىمكان بولسا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز سىزدىن تولمۇ مىننەتدار بولاتتىم ، چ چ 292244671
    رەخمەت !
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !بوشلۇقتىكى ئادىرىسنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپتۇ ،چۈشۈرالمىدىم. ماڭا بەك لازىمتى ،ئىمكان بولسا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز سىزدىن تولمۇ مىننەتدار بولاتتىم ، چ چ 292244671
    رەخمەت !
  • ھاجىم،ما يازما كېمنىڭكى؟