-
تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
2010-06-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67063461.html
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىززىققۇچى چەتئەل ئالىملىرىنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىپلا قالماستىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قىززىققۇچىلارنىڭ ھەسسىلەپ ئارتىپ بارماقتا . ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خەۋەرلەر ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىپ تۇرماقتا .
7- ئاينىڭ 17- كۈنى ، گېرمانىيە تېلىۋىزىيە قانىلى A RTE قانىلىدا فىرانسىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى قېزىش جەريانى ئەكد ئەتتۈرۈلگەن بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىگە سۇنۇلدى .
مەزكۇر فىلىمدە ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ، ئاخىرقى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق بىر زامان ئۆز ۋەتىنىنىڭ يېپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ، دۇنيا مۇنبىرىدە دەۋر سۈرگەن سەلتەنەتلىك تارىخى ۋە مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ، فىلىمدە ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنلىرى ئىشلەپ چىقارغان ئاجايىپ نەپىس ئۆي سايمانلىرى ۋە كىشىنىڭ زوقۇنى قوزغايدىغان رەڭلىك كىيىم - كېچەكلەر ئالاھىدە كۆرگەزمە قىلىنغان . تەكلىماكان قۇملىقىدىن تېپىلغان بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنى فرانسىيە ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر ئارخېئولوگى ئابدۇرۇسۇل ئىدرىس ئەپەندى بىلەن بىرگە قېزىپ چىقاغان .
بۇ فىلىمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 1991 - يىلىدىن باشلاپ چەتئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىشقا يول قويغانلىقى ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزنالىرىنىڭ ئىلگىرى ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلكى ، شۇنداق بولىشىغا قارىماي ، ئەگر تەكلىماكان قۇملىقىغا قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى ئىزچىل داۋام قىلغان تەقدىردە ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيەت ۋە دۆلەت تارىخىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئەسكەرتكەن ھەمدە قېزىپ ئېلىنغان جەسەتلەرگە كىيدۈرۈلگەن ئاجايىپ چىرايلىق كىيىم - كېچەكلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسەتكەن .
بۇ ئارخېئولوگىيە ئەترىتىگە تەكلىماكان ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى تۆگىلەر بىلەن يول باشلاپ ماڭغان بولۇپ ، ئۇلار كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قارا دۆڭ رايونى ۋە يۇمۇلاق قۇم رايونلىرىدا نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .
ئارخېئولوگلار بۇ رايونلاردىن مۇمىيا قىلىنغان جەسەتلەرنى تاپقان . جەسەتلەرنىڭ مىلادىدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ سېرىق تەنلىكلەر ئېرقىغا ئەمەس ، بەلكى ھىندى - ياۋروپا قان تىپىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئېرقىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلار نىڭ ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئىسپاتلاپ ، جۇڭگو ئارخېئولوگلىرىنڭ كۆز ئالدىدا ئېلان قىلغان . ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە دەۋر سۈرگەن كېرىيە ھاكىمىيىتىگە ۋە مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان بۇ يالدامىلار ئۈستىدىكى تەتقىقات ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن . بولۇپمۇ يۇمۇلاق قۇم رايونىدىن تېپىلغان بەش نەپەر جەسەت پۈتۈن ساقلانغان بولۇپ ، جەسەتلەر ئورالغان يۇڭ رەختلەرنىڭ سۈپىتى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇرغان . ئۇلار جەسەتنىڭ باش سۆڭىكى ۋە بەدەن ھالىتىنى ھەمدە كىيگەن ساپ مىللىيچە كىيىملىرىنى مودىل قىلىپ تۇرۇپ ، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يارىتىپ چىققان . كومپيۇتېردا يارىتىلغان بۇ قىياپەت تىپىك ئۇيغۇر قەدىمىي ئەجدادلىرىنىڭ سىماسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن .
بۇ فىلىمدە يەنە نامراتچىلىق چە بىچارىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، كېرىيە دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن .
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا فرانسىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىن باشقا ئەنگىلىيە ، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن .
مەنبە : A RTE تور بېتى .
历史上的今天:
نامراتلار ۋە بايلار 2010-06-25قوپە ئىشەك ، ئويغان ، قۇياش كۆتىرىلدى 2010-06-25ئويغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى 2010-06-25‹‹تويۇڭنى چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل›› 2010-06-25
收藏到:Del.icio.us