• ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۇشى، ھازىرى ۋە كەلگۇسى

    2010-06-22

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66813586.html

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۇشى، ھازىرى ۋە كەلگۇسى

    مەندە ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە قاراپ نۇرغۇن ئويلىنىش بولدى.مېنىڭ كەسپىم تارىخ بولمىسىمۇ بىراق نۇرغۇن تارىخى كىتاپلارنى ئوقۇدۇم،شۇنداقلا مىللىتىمنىڭ تارىختا قانداق مىللەت ئىكەنلىگىنى چۇشىنىپ يەتتىم ھەمدە بۇنى ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆردۇم.تۆۋەندە دوسلارنىڭ ھوزورىغا مىللىتىم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۇزىتىپ ئوقۇۋالارسىلەر.
    1.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۇشى
    ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇپ تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.بىزنىڭ بۇ دىيارىمىز قەدىمدە تۇران دەپ ئاتالغان.ئاشۇ دەۋىردە بىزدىن ئەفراسىياپتەك )ئۆزبەكلەر ئالىپ ئەرتۇڭا دىيىشىدۇ( قەھرىمانلىرىمىز،تۇمارىستەك باتۇر قىزلىرىمىز ياشاپ ئۆتكەن،شۇنداقلا تۇران-ئىران ئۇرۇشىدا ئۆچمەس ناملارنى قالدۇرغان.ئۇلار ئارىيانلار بولۇپ بىزمۇ نەق ئۆزى شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ھېساپلىنىمىز.بۇ دەۋر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7-8 ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.كېيىنكى دەۋىردە ھۇنلاردىن ئىبارەت قەبىلىلەر ئىتتىپاقى باش كۆتۇرۇپ چىقىدۇ.نۇرغۇنلىرىمىز ھۇنلارنى بىر مىللەت سۇپىتىدە تىلغا ئالىمىز.ئۇ دەۋىردە تېخى مىللەت ئۇقۇمى مەيدانغا چىقمىغان ئىدى.تارىخى كىتاپلاردا قەيىت قىلىنىشىچە ھۇنلار 26 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن ئىبارەتكەن. ھازىرقى سەددىچىن سېپىلىنى چىن شىخۇاڭ ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرۇش ئۇچۇن سالدۇرغان.بۇ دەۋر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-5 ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. بىر قىسىم تارىخچىلار ئوغۇزخاننى باتۇر تەڭرىقۇت بولىشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلغان.بىر قىسىم تارىخچىلار تېخى ئۇيالماستىن چىڭگىزخاننى ئوغۇزخان بولۇشى مۇمكىن دەپ يازىدۇ. ھۇن پادىشاھلىغى جوڭگۇدا ئۇزۇن يىل ھۆكۇم سۇرگەن. ھۇنلار باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ناھايىتى گۇللەنگەن.بەزىلەر> ھۇنلار قەبىلىلەر ئىتىپاقىدىن تەشكىل تاپقان ئىكەن ،ئۇنداقتا ئاساسلىغى قايسى قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان؟< دىيىشى ئېنىق. ھۇن قەبىلىنىڭ نامى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئاساسلىغى ئۇيغۇر ۋە قىرغىز قەبىلىسىدىن تەشكىل تەشكىل تاپقان. خەن ۋۇدى دەۋرىدە ھۇنلار شىمالى ھۇن ۋە جەنۇبى ھۇن دەپ ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن. خەن ۋۇدى جەنۇبى ھۇنلار بىلەن بىرلىشىپ شىمالى ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلغان،شىمالى ھۇنلار ئاقىۋەت غەرىپكە چېكىنگەن،شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرىق ئارقىلىق ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىپ ياۋروپادا قۇدرەتلىك رىم ئىمپىرىيىسىنى ھالاك قىلىپ ئاتتىلا ياۋروپا ھۇن پادىشاھلىغىنى قۇرغان. تارىخى كىتاپلاردا ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن ھۇن قوشونىنى ئاساسلىغى ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلاردىن تەشكىل تاپقان دەپ قەيىت قىلىدۇ. ئاتتىلا)غەرىب گۇزەللىرىنىڭ زەھەرلىشى بىلەن( ئۆلگەندىن كېيىن ھۇنلار زاۋاللىققا يۇز تۇتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھۇن دىگەن نام تارىخ سەھنىىسىدىن يوقايدۇ.بۇ دەۋىر مىلادىيە 6- ئەسىرگە توغرا كىلىدۇ. دىمەك تارىختا 500 يىلدەك ھوكۇم سۇرگەن ھۇن پادىشاھلىغى گۇمران بولىدۇ.

    تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھازىرقى تاشقى موڭغولىيە تەۋەسىدە ئۇيغۇرلار باش كۆتۇرۇپ چىقىدۇ.)ئۇ دەۋىردە ئۇيغۇرلارنى نىمە دەپ ئاتايىتتىكىن تاڭ،ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلار تارىختا تېلىلار،دىڭلىڭلار،قاڭقىللار....... دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان( .بۇ دەۋر مىلادىيە 7- ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. مىلادىيە 648-يىلى ئەتراپىدا)بەزى كىتاپلاردا 749-يىلى رەسمى قۇرۇلغان دىيىلىدۇ( بالاساغۇندا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىغى قۇرۇلىدۇ. ئۇلار داۋاملىق تاڭ سۇلالىسىگە تەھدىت سالىدۇ. تاڭ سۇلالىسى مەلىكىلىرىنى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ خاقانلىرىغا ياتلىق قىلىپ ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولىدۇ،شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە تىبەتلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. كېيىنكى يىللاردا تاڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇيغۇر قوشونى بىرلىشىپ چاۋشىيەنگە بېسىپ كىرىدۇ. تارىخى كىتاپلاردا بۇ ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىق قوشونى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان دەپ يازىدۇ.

    9- ئەسىرنىڭ باشلىرى بولۇشى مۇمكىن،قىرغىزلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشونى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىغىغا باستۇرۇپ كىرىپ خانلىقنى ۋەيران قىلغان. تارىخى كىتاپلاردا يېزىلىشىچە ئۇرۇش ئىتايىن دەھشەت بولغان، خان ئوردىسىغا ئوت قويۇلۇپ خارابىلىققا ئايلانغان. ئۇيغۇرلار يۇرت ماكانلىرىدا تۇرۇشقا مۇمكىن بولماي غەرىپكە كۆچكەن،زور قىرغىنچىلىق بولغان.شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىغى بەربات بولغان.
    غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى گەنجۇغا كىلىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىغىنى قۇرغان،بىر قىسمى تۇرپان ئويمانلغىغا كۆچۇپ ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىنى قۇرغان،بۇ دەۋر 848-يىللارغا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

    كېيىن چىڭگىزخان باش كۆتۇرۇپ چىقىپ ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغى چىىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىدۇ. قاغان بارچۇق ئارتىكىن چىڭگىزخانغا كۈيئوغۇل بولىدۇ.

    بۇ دەۋىردە قۇجۇنى مەركەز قىلغان ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغى ۋە قەشقەر بىلەن سەمەرقەنىتنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىغى) 10-13 ئەسىر ( بىرگە مەۋجۇت بولغان. ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دېنىغا ئېتىقاد قىلغانلىرىمۇ،بۇددا دېنىغا ئېتىقاد قىلغانلىرىمۇ بولغان.قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىسلام دېنىنى قۇبۇل قىلغان.بىز تارىختا شامان دىنى، مانى دىنى،بۇددا دىنى،ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا كىرىشى بۇددا مەدەنىيىتىنى باشقا مىللەتلەرگە قالدۇرۇپ قويۇش بولغان خالاس.ئۇيغۇرلار بۇددا دېنىغا ئېتىقاد قىلغان يىللاردا بۇددا مەدەنىيىتى ئىنتايىن راۋاجلانغان. بىز باشقا مىللەتلەرگە مەدەنىيەت تارقاتقان.بۇنىڭغا بايدىكى قىزىل مىڭ ئۆي،دۇنخۇاڭ تىپىك مىسال. كومىراجىۋامۇ بۇنىڭغا مىسال. شۇنىڭدىن كېيىن بىزگە ئىسلام مەدەنىيىتى سىڭىپ كىرىپ،بىزنىڭ بۇددا مەدەنىيىتىمىز باشقىلارنىڭ بولۇپ قالغان.
    قاراخانىيلار خانلىغى چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان،ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەئىدىيە خانلىغى) 1500- يىللار( ،ئاپاق غوجا ۋە ئۇنىڭ سەئىدىيە خانلىغىنى ۋەيران قىلىشى،كاڭشى خان دەۋرىدىكى غەربى دىيار،غوجىلار دەۋرى،ياقۇپبەگ دەۋرى،مىنگو دەۋرى،يېڭى شىنجاڭ توغرىسىدىكى تارىخلارنى سوزلىمىسەممۇ بىلىسىلەر.
    دىمەك ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىلللىق تارىخقا ئىگە قەدىمى مىللەت. بۇنى مېنىڭچە نۇرغۇن زىيالىلىرىمىز بىلىدۇ. بىز بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا كۆچتۇق.بەزىلەرنىڭ لى بەي ئۇيغۇركەن؟ جىيەن بوزەن ئۇيغۇر، دىگەنلىرى ئاساسسىز ئەمەس. مېنىڭچە مۇشۇ تارىخلارنى بىلسەك ئاندىن بىزدە مىللەت ئۇستىدە ئويلىنىش بولىدۇ.ئاددىسى 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىمۇ ) ئانا يۇرتنى ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ( چۇشەنمەيدىغانلار جىق. ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوفلارنى تىللايدىغانلار كۈرمىڭ. ئاپتۇر سىزگە مۇستەقىللىق ئۇچۇن قىلغان كۈرەش دەپ سىزگە ئېنىق يېزىپ بەرسە بولامتى يە؟ سىتالىن دەسلەپ ئۇيغۇرلارنى قوللىغان .
    1945- يىلدىكى يالتا يىغىنىدا تاشقى موڭغۇلنى مۇستەقىل قىلىشى بېكىتىلىپ شىنجاڭ مەسىلىسى ئۇتتۇرىغا چىقمىغان. بىراق جىياڭ جېشى تاشقى موڭغۇلنى بېرىۋېتىشكە قوشۇلمىغان.دەل مۇشۇ پەيىتتە 3 ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى گومىنداڭنى قىستاپ كەلگەن، جىياڭ جېشى تاللاشقا دۇچ كەلگەن،ھەمدە تاشقى موڭغولىيىنىڭ مۇستەقىللىغىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن3 ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى ماناس دەرياسى بويىغا كەلگەندە گومىنداڭ بىلەن سۇلھى تۇزۇلۇشكە مەجبۇر قىلىنىپ سىتالىن ئۇيغۇرلارنى قۇربانلىق قىلىۋەتكەن.ئامال يوق،قورال كىمنىڭ قولىدا بولسا شۇنىڭ گېپى ھېساپ. تىللاشقا توغرا كەلسە سىتالىننى تىللاش كېرەك.
    دىمەك مانا بۇلار بىزنىڭ تارىخىمىز. مۇشۇنداق بىر شانلىق تارىخقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ بۇگۇنكىدەك ھالغا چۇشۇپ قېلىشى كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
    2.ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
    تارىىختا ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرۇپ شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ھازىر بىز ئەڭ ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالدۇق.بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟بۇ ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.تۆۋەندە ئىخچام ھالدا بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئۇستىدە توختىلىمەن.
    * سوپىزىمنىڭ تەىسىرىدىن تېخى قۇتۇلۇپ كېتەلمىدۇق
    ئاپاق غوجىدىن قالغان سوپىزىمنىڭ تەسىرى تېخى تۇگىگىنى يوق. ھازىرغىچە بىز خەقتە خۇدايىم بېرىدۇ دەپ قورساق تويسىلا بولدى قىلىدىغان ئادەملىرىمىز نۇرغۇن. باشقا مىللەتلەر قانداق بوپ كەتتى،بىز قانداق دەپ ئويلىنىش قىلىدىغان ئادەملىرىمىز ئازىيىپ مىللەت ئۇستىدە ئويلىنىش قىلمىدۇق. تىرىشمىدۇق، شۇڭا بىزدە تەرەققىيات ئىنتايىن ئاستا بولدى .
    * مىللى مائارىپىمىزغا كۆڭۇل بولۇنمىدى
    مائارىپ بىر مىللەتنىڭ راۋاج تېپىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى تەلتۆكۇس ۋەيران بولدى. مىللى مائارىپنىڭ گۇللەنمەسلىگى بىزنىڭ ئارقىدا قېلىشىمىزدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرسى. مىللى مائارىپقا تۇزۇك مەبلەخ سېلىنمىدى.مىسال: ياپونىيەدە يەسلى مائارىپىغا ھەر يىلى نەچچە مىليارت ياپونىيە يىنى سەرىپ قىلىدىكەن،شۇڭا ئۇلار تەرەققە قىلدى. بىزدىچۇ؟يەسلى مائارىپى دىگەن يوقلا گەپ!؟ ھەتتاكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز ھازىرغىچە ) خىزمەت بولمىسا ( دەپ باللىرىنى ئوقۇتمايدىغان ئەھۋاللار نۇرغۇن. بۇنىڭغا نىمە دىيىش كېرەك؟ خەنزۇلار بوتۇلكا تىرىپ بولسىمۇ بالىلىرىنى ئوقۇتىدۇ،بىزچۇ؟ بىزدە ئويغىنىش بولمىدى،شۇڭا ئىزىمىزدا توختاپ قالدۇق.
    * تۇگىمەس توي تۆكۇنلەر بىزنى ئويۇنغا ئىشراك قىلدى
    بىزدە ھازىر ئەنئەنىۋى توي تۆكۈنلەدىن سىرىت تويلار ،چايلار كۆپىيىپ كەتتى. بۇ توي تۆكۇنلەر بىزنىڭ پەرزەنىتلىرىمىزگە زىيان ئەپ كەلدى. ئۇلار مۇشۇ تۇپەيلى كۆپرەك تەربىيىدىن مەھرۇم قالدى.بىز توي تۆكۇن بىلەن بولۇپ بالا تەربىلەشكە ئەھمىيەت بەرمىدۇق،شۇنداقلا بىزدىمۇ ئۆگۈنۈش قىزغىنلىغى يوقالدى،ئاخىرىدا زىيان تارىتقىنى بىز ئۆزىمىز بولۇپ قالدۇق.
    * بىزدە ئەخلاق بۇزۇلدى
    جەمىيىتىمىزدە پاھىشىۋازلىق،ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىش،ھاراقكەشلىك ئەۋج ئالدى. بىر نەچچە يىلدىن بېرى بۇ ئەھۋال ئىنتايىن گەۋدىلىك بولدى. مىلللەت ئەقلاق جەھەتتىن بۇزۇلسا ئۇنىڭ تۇزەلمىكى ناھايىتى تەس. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ھاراق بىلەن تۇگەشتى، ھاراق بىزنى بۇلغىدى ، ئەقلىمىز بۇلغاندى،شۇنىڭ بىلەن بىز زەيىپلەشتۇق، نامەردلىشىپ كەتتۇق،قىزلىرىمىزنى خورلىدۇق،قىزلىرىمىز باشقىلارنىڭ قوينىدا ياتسا ،ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇنداق بوپكەتتى،مۇنداق بوپ كەتتى دەپ تىللىدۇق،ئەيىپنى ئۆزىمىزدىن كۆرمىدۇق.
    * ئەنئەنىدىن ئايرىلىپ قالدۇق
    گۇلدەك چىمەن دوپپا، قاپقارا قۇندۇزدەك ئۇزۇن چاچلار ،پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىدەك لەرزان كۆينەكلەر قىزلىرىمىزدىن يېراقلاشتى.ئىسلام ئەنئەنىسى بىزگە ياتلىشىپ كەتتى.بىز ئەرلەر بولساق خۇدايىم بەرگەن ساقالنى ئىككى كۇندە بىر قىرىپ مومايغا ئوخشىيالماي ئاۋارە بولدۇق.شۇنىڭ بىلەن ساقال بۇرۇت قوياي دىسەكمۇ قويالماس ھالەتكە چۇشۇپ قالدۇق. ھازىر بىز ئېسىل ئەنىئەنىسى بار بىر مىللەتكە ئوخشىماس بوپ قالدۇق.
    * دېنى ئېتىقاد سۇسلىشىپ كەتتى
    ھازىر جەمىيەتتە خەنزۇ ئاشخانىسىدا تاماق يەۋېرىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. ئېتىقادى بار بىر ئادەم ئۈچۇن بۇ ئاددى ئىش ئەمەس.بۇنىڭ جەمىيەتتىكى تەسىرى ياخشى ئەمەس.مېنىڭچە ئۇيغۇر ئېتىقاد بىلەن مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالايدۇ.
    يۇقارقىلار بىزنىڭ ئارقىدا قېلىشىمىزدىكى ئاساسلىق ئامىللار بولۇپ،ھەر بىر ئۇيغۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بىز تىرىشمىساق بولمايدۇ،باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشسا بىز ئون ھەسسە تىرىشمىساق بولمايدۇ.چۇنكى بىز خىرىسقا دۇچ كەلدۇق .
    3.ئۇيغۇرنىڭ كەلگۇسى
    يېزىغىمىزنى ساقلاپ قالمىساق كېيىن ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزلا قالىدۇ خالاس. بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلدۇق،بىر چىرايلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرى تۇرسا ئويلانماستىن باللىرىمىزنى خەنزۇ مەكتەپكە بەردۇق.ئەمدى قوش تىل دىگەن گەپ چىقىۋىدى ئۆزىمىزنىڭ خاتا قىلغانلىغىنى ھېس قىلدۇق
    ھازىرقى مۇھىم مەسىلە قوش تىلنىڭ ماھىيىتىنى چۇشىنىش.نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنى بىرگە ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس.بىر قېسىم مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئاساسى جەھەتتىن ئۆتۈلمىگەن،بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ باللىرىمىز ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.يېزىق يوقالسا ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىغى توختايدۇ دە بىزنىڭ مانجۇلاردەك نامىمىزلا قالىدۇ.بىز .ئۇيغۇرلاردا ئامرىكىدىكى نېگىرلارچىلىك ئالغا ئىلگىرىلەش روھى يوق،بىزدە ئازراقلا جاھاننىڭ ئەپتارىنى چۇشەنگىدەك ئەقىل بولغان بولسا بۇنداق قالاق ھالەتتە تۇرۇپ قالمىغان بولاتتۇق.
    دوسلار ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغ مىللەتلىكنى ئۇنتۇپ قالمايلى.تارىختىن بۇيان باشقىلارغا يېزىق ئۆگۇتۇپ كەلگەن بىزدەك بىر مىللەتنىڭ يېزىغى مۇشۇنداقلا يوقىلىپ كەتسۇنمۇ؟ ناۋادا بىز ئۇيقۇمىزنى ئاچساق،تىرىشىپ بىلىم ئىگەللىسەك،باللىرىمىزنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرسەك، ئەرلىرىمىز ئەردەك ياشىساق، خۇدا دەپلا ئۆتمەي تىرىشىپ پۇل تاپساق،مېنىڭچە ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىدىن مۇنداق ئاسان چۇشۇپ قالمايدۇ.بىزنىڭ كەلگۇسىمىز چۇقۇم پارلاق بولىدۇ.
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us