• ئانىنىڭ ساپاسى — بالىنىڭ پەزىلىتى

    2010-06-22

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66790208.html

    بالىلار پائالىيىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئائىلىدە ئاتا – ئانا بىلەن، بولۇپمۇ ئانا بىلەن ئۆتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئاتا – ئانىنىڭ ئەدەپ – ئەخلاق، مەدەنىيەت ساپاسى بالىلار پەزىلىتىنىڭ يېتىلىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئانىنىڭ ساپاسىنىڭ تەسىرى تولىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. شۇڭا ئانىلار(بولۇپمۇ ياش ئانىلار)نىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمىكى زۆرۈردۇر:

     

    1. مۇئەييەن بىلىم ساپاسىغا ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ ساپا قانداقتۇر بىر كىمنىڭ نوقۇل ھالدا قايسى مەكتەپتە، قانداق مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىنىڭ بالىنى قانداق تەربىيىلەش، ئۇلارغا ئۈن – تىنسىز قانداق تەسىر قىلىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى ئانىلار(بولۇپمۇ ياش ئانىلار) مۇئەييەن بىلىم ئاساسىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بالىسى ئالدىدا ئۆزىنى قانداق تۇتۇش، ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە ئۇلارغا قانداق ئۈلگە بولۇش، ئىنساب – دىيانەتكە قانداق ئۈندەش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئانچە دىققەت قىلمايدۇ. بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرنى ئاغزىدا دەيدۇ – يۇ، ئۇنىڭغا ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ. بۇنداق تەربىيە بىھۇدە ئۇرۇنۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، خالاس. شۇڭا ئانىلار(ئاتىمۇ) بالىلارنىڭ ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق›› بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلىرىغا ئەمەلىي ئۈلگە بولۇشتىكى ھەربىر نازۇك ھالقىغىچە دىققەت قىلىدىغان ساپانى ھازىرلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

     

    2. مۇئەييەن مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق ئانىنىڭ ئىش – ھەرىكىتى تەرتىپلىك بولۇش بىلەن بىللە، گەپ – سۆزىمۇ ئىلمىي، مەدەنىي بولىدۇ. مەن بىلىدىغان بىرەيلەن دائىم بالىسىنى ‹‹ساراڭ››، ‹‹دۆت››، ‹‹كالۋا›› دېگەندەك سەت گەپلەر بىلەن ئەدەپلەيدۇ. بۇ قانداق تەربىيە؟ بالىلارنىڭ ئالدىدا تىلغا قانداق يۈگەن سېلىش، ئۇلارنى روھەن ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق سۆزلەردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىش، ئەلۋەتتە، شۇ ئاتا – ئانىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا باغلىق. بىلىش كېرەككى، سىز ‹‹ساراڭ››، ‹‹دۆت››، ‹‹كالۋا›› دەپ غۇرۇرىغا تەگكەن بالا زىيادە ئەقىللىقلاردىن بولمىسىمۇ، ‹‹كالۋا›› ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى ئەستە تۇتالايدۇ، شۇ ئاساستا تەپەككۇر قىلالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى بېيىتىش – بېيىتالماسلىق سىزنىڭ مەدەنىيەت ساپايىڭىزغا باغلىق. شۇڭا بۇ جەھەتتە يېتەرلىك ساپا ھازىرلاشقا جىددىي ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.

     

    3. تەلەپتە ئىلمىي، قاتتىق بولۇش، كۆيۈنۈشتە چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جان – جانىۋارلار بالىلىرىنى باقىدۇ، ئۇلارغا كۆيۈنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەمنىڭ بالىلىرىنى بېقىشى، ئۇلارغا كۆيۈنۈشى تەبىئىي ھالدۇر. لېكىن بۇنىڭدا ئىلمىي، قاتتىق تەلەپ بىلەن چەكلىك كۆيۈنۈشنىڭ بىرلىكى بولغاندىلا، بالىلارنى تەربىيىلەشتە كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى، يەنى ئۇلارنى مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، تەلەپچان، ئىنتىلىشچان، چىدامچان، ۋاپادار ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. تەلەپ ئىلمىيلىك بىلەن بىرلەشمەي، نوقۇل قاتتىق بولسا، بالىلار بېزىپ قالىدۇ ياكى جۈرئەتسىز بولۇپ قالىدۇ؛ كۆيۈنۈش چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بالا ھەمىشە، ھەر جايدا كۆيۈنۈشنىلا تەلەپ قىلىدىغان لايغەزەل، شەخسىيەتچى... بولۇپ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار(بولۇپمۇ ئانىلار) تەلەپتە ئىلمىي، قاتتىق بولۇشقا، كۆيۈنۈشتە چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

     

    4. ئانىلاردا چىدام – غەيرەت، تىرىشچانلىق بولۇشى كېرەك. دادىغا نىسبەتەن ئائىلىدە ئانىنىڭ يۈكى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا ئانا بولغۇچى بالا ئۈچۈن مۇئەييەن بەدەل تۆلەش، ئائىلە، بالا ئۈچۈن ئۆزىنى مىننەتسىز بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولۇشى؛ پىداكارانە تىرىشچانلىقى بىلەن بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ئۆز ھەرىكىتى بىلەن بالىلىرىدا تىرىشچان، ئىنتىزامچان بولۇشتەك ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىشى زۆرۈر. ئەلۋەتتە، زامانىمىزدىكى چېچەن ئانىلار بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىقتىدار، ئارتۇقچىلىقلارنى ھازىرلىغان. شۇنداق بولغاچقا، بالىلىرىمىزنىڭ پەزىلەتلىك يېتىلىشىدىن ئۈمىدۋارمەن. 

    ۋارىسجان ئەھمەد
    分享到: