• ئەھۋاللىشىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟

    2010-06-22

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66791407.html

    كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مومام ئۇ تۇغقىنىمىزنى يوقلاپ كېلەي ، بۇ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقاي دەپ ئاز تولا نان ، قەنت–گېزەك بەزىدە ئەمدىلا پىشقان تاماقنى كۆتۈرىۋېلىپ ، يولىغا راۋان بولاتتى . بۇ چاغلاردا مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىۋالاتتىم ، چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكى كىچىك بالىلار بىلەن ئويناشنى ، چوڭلار بەرگەن كەمپۈت ، خۇاسىڭ ، مېۋە ــ چىۋە قاتارلىقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرەتتىم . بىز مومام بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارغانغا ئوخشاش ، بىزنىڭ ئۆيىمىزگىمۇ خوشنىلار ، تۇغقانلىرىمىز ۋە بەزىدە مەن تونۇمايدىغان كىشىلەر كىرىپ ، چوڭلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ ، بىردەم ــ يېرىمدەم پاراڭلاشقاچ چاي ئىچىشىپ قايتىشاتتى . مەنمۇ ئۆيىمىزگە كۆپ مېھمانلارنىڭ كېلىشىنى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كىچىك بالىلار بىلەن ئويناشنى قەۋەتلا ياقتۇراتتىم . خىيالىمدا بولسا بېرىش ــ كېلىش قىلىش پەقەت بىر ئورۇندىمىسا بولمايدىغان قائىدە ، ۋەزىپىدەك بىلىنەتتى . بىز بەزىدە مەھەللىمىزدىكى خولۇم ــ قوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بارساق ، بەزىدە ئارىلىقى خېلى كېلىدىغان تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالاتتۇق . مومام بىر قولىدا ئۇلارنى يوقلاش ئۈچۈن تەييارلىغان لازىمەتلىكلەر يۆگىلەنگەن ئاپئاق داستىخىنىنى كۆتۈرسە ، يەنە بىر قولىدا مېنى يېتىلىۋالاتتى . بەزىدە خېلى ئۇزۇن يول يۈرگەچكە دەسلەپ ئۆيدىن چىققاندىن كېيىنكى خۇشاللىقلىرىم نەلەرگىدۇ غايىپ بولاتتى دە مومامنى مېنى كۆتۈرىۋېلىشقا بۇيرۇيتتۇم . مومام شۇ چاغدا :

    ـــ سەنزە ، ئاپارمايمەن دېسەم ئۇنىمايسەن ، مانا ئەمدى بارغىنىڭغا پۇشايمان قىلدىڭمۇ ؟ ــ دەپ كۈلۈپ كېتەتتى ۋە دەرھاللا مېنى ئۆشنىسىگە يۈدۈپ يولىغا راۋان بولاتتى . مەن مومامنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلاپ خۇددى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك ئاجايىپ راھەتلىنەتتىم ۋە ئاغزىمنى ئۇچلاپ تۇرۇپ :

    ـــ نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارىمىز ؟ بارمىساق بولمامدۇ ؟ ــ دەيتتىم .

    ـــ سەن بىلمەيسەن بالام ، ئۇلار بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز ، بىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمىز ھېسابلىنىدۇ ، ئەگەردە بىزمۇ بارمىساق ، ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئۆيگە كەلمىسە ، ئەجىبا سەن شۇنداق بولۇشىنى خالامتىڭ ؟ ــ دەپ سوئالىمغا سوئال قايتۇراتتى . مەن شۇ چاغلاردا مومامنىڭ دېگەن سۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ، بىز بارمىساق ، ئۇلارمۇ كەلمىسە مەن بىلەن ئوينايدىغان بالىلارنىڭ ، ماڭا بېرىلىدىغان يەل ــ يېمىشلەرنىڭمۇ يوق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ‹‹ ياق ›› دەپ جاۋاب بېرەتتىم ۋە ئەمسە تېزراق ماڭايلى دەپ مومامنى ئالدىرىتاتتىم . بىراق ئۇزۇن يول يۈرۈپ ھېرىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا شۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى سورايتتىم . موماممۇ ئاددىي ئەمما مېغىزلىق جاۋابلار بىلەن مېنى قايىل قىلاتتى .

    ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ ، مەن خىزمەت تەقسىماتى بىلەن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدىم . خىزمەت بېسىمى ، تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىق جەھەتلەرگە خېلىلا كۆنگەن بولساممۇ ، بىراق كۈندە ئالدىراش ئۆتكەچكە بۇرۇن ناھايىتى يېقىن ئۆتكەن دوستلىرىم ، ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىشمۇ تەسكە توختاۋاتاتتى . ئەتراپقا نەزەر سېلىپ باقتىم . مەنلا ئەمەس ھەممىلا ئادەم ناھايىتى ئالدىراش كۆرۈندى . كوچىلاردىكى ئۆزىمىزدىن چوڭلارنى ياكى يۇرت ئاقساقاللىرىنى كۆرسەك ، تونۇش ــ تونۇماسلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر ‹‹ ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ›› دەپ سالام بېرىپ ماڭىدىغان ئىشلاردىن ئەسەرمۇ يوق . ھەتتا بىر قەۋەتتىكى ئىككى ئۆينىڭ ئارىلىقى بەش مېتىرمۇ كەلمەيدىغان خوشنىلارمۇ ئۆز ـ ئارا تونۇشمايۋاتقان . بۇنى ئەمدى نىمە دېگۈلۈك ؟ يەنە ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم ، كۆپ ۋاقىتلاردا دوستلىرىم ، ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن ۋە ‹‹ ئاداش ، شۇ تېلېفۇن قىلاي دېگەن ، بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ، تېلېفۇن قىلالمىدىم ، قەتئىي خاپا بولمايسىلەر ›› دەپلا يالغان گەپتىن بىرنى توقۇيدىكەنمەن ، ئاغىنەم ياكى ساۋاقداشلىرىممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش گەپتىن بىرنى تېپىپ ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقى ياكى بىرەر يەرگە كاماندىروپكىغا چىققانلىقى ۋە ياكى تېلېفۇنىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن تېلېفۇن قىلالمىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىكەن ۋە قايتىدىن نومۇرلىرىمىزنى يېزىشىپ ، بۇندىن كېيىن ئىزدىشىپ ، كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىمىز توغرىلىق ۋەدىلەرنى بېرىشىپ يولىمىزغا راۋان بولىدىكەنمىز . لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا كۆرۈشۈش ئەمەس ئالاقىلىشىشمۇ تەسكە توختايدىكەن . كېيىنكى قېتىم كۆرۈشۈپ قالساق ، يەنە ئاقماس باھانىدىن بىرنى تېپىپ گەپ ياسايدىكەنمىز . تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم ، ئادەتتە دوست ، ئاغىنىلىرىمىز ، ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشەلمىسەكمۇ ، تېلېفۇندا ئەھۋاللاشقۇدەك ۋاقتىمىزمۇ يوقمىدۇ ؟ يوق ئەمەس بار ، بىراق شۇ تېلېفۇننى قولىمىزغا ئېلىپ ، ئىككى ئېغىز ئەھۋال سوراپ ، ھال ــ مۇڭ قىلىشىدىغان ئىشلار قەتئىيلا خوشياقمايدۇ .

    يەنە بىر خىل ئەھۋال مېنىڭ دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى . ئەگەردە بىزنىڭ مەلۇم بىر تونۇشىمىزغا ھاجىتىمىز چۈشۈپ قالىدىغان بولسا ، بولدى دېمەيلا قوياي ، كۈندە تېلېفۇن دېگەننى ياغدۇرىۋېتىدىكەنمىز ، ئۆيلىرىنى بېرىپ يوقلاش دېگەنغۇ ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولىدىغان ئىشلاركەن . ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ ھازىرقى مۇناسىۋىتىمىزگىچە پەش قىلىپ ، بىر تۇغقان قېرىنداشلاردىن بولۇپ كېتىدىكەنمىز . ئىشقىلىپ قىلغىلى بولىدىغانلا ئامال بولسا ھەممىنى ئىشلىتىپ ئۆز مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن ئالدىرايدىكەنمىز . بىر ئىشىمىز پۈتتىمۇ ، يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىگە قايتىپ ، ئايلاپ ـ ئايلاپ كۆرۈشمەيدىغان ، ھەتتا تېلېفۇندا بولسىمۇ ئەھۋاللىشىپ تۇرمايدىغان بولۇپ قالىدىكەنمىز . ئەھۋاللىشىپ تۇرغان تەغدىردىمۇ پەقەت ئۇنىڭ بىزنىڭ ئىشىمىزنى قىلىپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك يۈز كېلەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ ھورۇنلارچە تېلېفۇن قىلىدىكەنمىز . بۇ ئادەت ئاستا ــ ئاستا بىزدە ئومۇملىشىۋېتىپتۇ .

    بۇ يىل يۇرتقا قايتىپ ئۆيدە چوڭلار بىلەن ئولتۇرسام ، خوشنىلىرىمىز تاماق ، مېۋە ـ چىۋە قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتۇ . ئەسلىدە ئۇلار مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى ئۇقۇپ ، مېنى يوقلاپ كىرگەنىكەن . ئۇلار مەن بىلەن بىر ھازا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىشتى . مەن ئۆيدە تۇرغان نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە تۇغقانلار ئۆيلىرىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى . ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ، ھال ـ ئەھۋاللىشىپ كۆڭلۈم خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى . مەن ماڭىدىغان كۈنى چۈشلۈك تاماق ئېتىلىشى بىلەنلا قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتكەچكىمۇ ، تاماق ئۈستىلىگە قاراپ ئېتىلدىم . بىراق مومام دەرھال ئاپامغا :

    ـــ بالام ، تاماقنىڭ ئالدىنى ماڭا بەرگىن ، مەن ئۇدۇلدىكى قوشنىلارنى يوقلاپ چىقاي دېدى . ئاپاممۇ ناھايىتى رازىلىق بىلەن تاماقنىڭ ئالدىنى ئۇسۇپ بەردى . مومام تاماقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى .

    كىچىك ۋاقتىمدا مومام بىلەن بارغان ، ۋە شۇ يەرلەردە قانغۇچە ئوينايدىغان ئۆيلەر ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ ، نۇرغۇنلىغان ، مېنى لىككىدە يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ ئەركىلىتىدىغان خىزىر سۈپەت بوۋىلار ، ماڭا كەمپۈت ، قاق بېرىدىغان مېھرى ئاتەش مومىلىرىم ، ئانىلىرىم تۈگەپ كېتىپتۇ ، بىراق تونۇشلار بىلەن ، خوشنىلار بىلەن ، ئۇرۇغ ــ تۇغقانلار بىلەن ئۆز ــ ئارا يوقلىشىدىغان ، ئەھۋاللىشىپ تۇرىدىغان ، سالام ــ سائەت قىلىدىغان ئىشلار تېخىچە يوقالماپتۇ ئەكسىچە تېخىمۇ كېڭىيىپ داۋاملىشىۋېتىپتۇ . ئۇلار مەركىزىي شەھەر كىشىلىرىدەك بىر ــ بىرىنى پۇل بىلەن يوقلاشمايدۇ ، يوقلىغان نەرسىلىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك بولۇشى بىلەنمۇ ھېسابلاشمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى پەقەت كۆڭۈل ئارامى ، كۆڭۈل ئازادىچىلىكى . لېكىن بىزدىچۇ ؟ مەن بايا دەپ ئېيتقانغا ئوخشاش سالاملىشىش ، ئەھۋاللىشىش قاتارلىقلار بىز ئۈچۈن يادلىشىپ كەتكەن . بىرەرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، يوقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۇچۇر ــ ئالاقە شۇنچە تەرەققىي قىلغان بۇ شەھەردە ھەپتىدە بىرەر قېتىم تونۇش ــ بىلىشلەرگە تېلېفۇن قىلىپ ، ئەھۋاللىشىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ئاۋارىچىلىق . بىزنىڭ بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزدا نىمە بارتى ؟ تېلېفۇن ، ماشىنا قاتارلىقلاردىن سۆز ئېچىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا نەچچە ئون چاقىرىم يولنى پىيادە بېسىپ ، بىر ــ بىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئاۋارىچىلىق كۆرمىگەن قەتئىي نارازى بولمىغان . بىراق بىزچۇ ؟ ھەممە شارائىتىمىز تولۇق ، يېمەك ــ ئىچمەكتىن غېمىمىز يوق ، نىمە ئۈچۈن تونۇشلىرىمىز بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئۆتەلمەيمىز ؟

    ئەمەلىيەتتە بىز ھازىر ھېچنىمىدىن غېمىمىز يوق يۈرگەندەك قىلغان بىلەن بىزنىڭ دوستىمىزنىڭ تايىنى ، كۆڭلىمىزنىڭ ئارامى يوق . ئىلگىرىكىلەر ئەنە شۇنداق ئەھۋاللىشىپ ، كۆرۈشۈپ ، يوقلىشىش ئارقىلىق ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەپ ، تۇرمۇش جەھەتتىن غورىگۈل ياشىغان بولسىمۇ ، روھىي جەھەتتىن ناھايىتى باي ياشىغان . بىزدە ماددى جەھەتتىكى بايلىق كۆپ بولسىمۇ ، مەنىۋىي جەھەتتىكى نامراتلىق بىزنى بارغانسېرى قېرىتماقتا ، زەئىپلەشتۈرمەكتە . شۇڭا دەيمەن ، تونۇشلار بىلەن ھېچ بولمىغاندا ئەھۋاللىشىپ تۇرايلى ، سالاملىشىپ تۇرايلى ! بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئۆرپ ــ ئادەت ، قائىدە ــ يوسۇنلىرىمىز يوقاپ كەتمىسۇن ، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى ئازادىچىلىك ئىچىدە ياشىسۇن !

     

    نىجات نىياز
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us