• ھازىرقى بالىلاردا نېمە كەم ؟

    2010-06-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66290140.html

    قۇربانجان توختى (ئازىق)

    ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر تەرەققىياتى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرشلەرنى ئېلىپ كەلدى . ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالەمشۇمۇل پەرق بار. كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېڭىمىز ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىمىز بىزنى نۇرغۇن ئىشلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن قارايدىغان، كۆپ تەرەپلىمە ئويلايدىغان قىلىپ قويدى. دەرۋەقە ، بىزمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئىستېمال سەۋيىسىدىن تارتىپ پەرزەنت تەربىيسىگىچە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان، بۇ ئىشلارغا مەبلەغ سېلىشنى ئەھمىيەتلىك ئىش، دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدۇق. پەرزەنت تەربىيلەشكە ھەقىقەتەن كۈچىمىزنى ئايىماي سەرپ قىلىشقا ئەرزىدۇ.
    بىر ئائىلىگە نىسبەتەن پەرزەنت شۇ ئائىلىنىڭ جېنى ۋە بولمىسا بولمايدىغان <<كىچىك پادىشاھى>> ، شۇنداقلا نىكاھ تۇ رمۇشنى مۇستەھكەملەش ۋە تېخىمۇ ياخشىلاشنىڭ ئاساسى . ھەر بىر ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ۋە ھەر قاچان باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بالىلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
    ھازىرقى بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش، كىيىنىش، تەربىيىلىنىش جەھەتتكى شارائىتى ئالاھىدە ياخشى ھەمدە قىلاي دېسە ھەرقانداق شەرت-شارائىتنى ياراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مۇزىكا چېلىش، كىتاپ ئوقوش، رەسىم سىزىش جەھەتتە تەربىيىلىنىش، ئويناش… قاتارلىق تەرەپلەردىن ئارتۇقچە غەم قىلىشنىڭ ئورنى يوق .ئەمما، رېئاللىق سىزدە مۇنداق سوئاللارنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ: بەختىيار تۇرمۇشتا ياشاپ تۇرۇپ، خېلى كۆپ بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ مۇستەقىل پائالىيەت قىلالمايدۇ؟ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويالمايدۇ ۋە ئىپادىلشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ؟ بەختىيار تۇرمۇشتا بەختىيار ياشىغاندەك ھىس قىلالمايدۇ؟
    مېنىڭچە ، بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتە مەبلەغ سېلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى پەرزەنتنىڭ قىزقىشى ، ئالاھدىلىكى ، خۇي-مىجەزىنى چۈشىنىشكە ، شۇ بويىچە ئىلمى تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، مەكتەپ ، جەمىئيەت تەربىيىسىگە بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئاتا-ئانىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، ھازىرقى بالىلاردا كەم بولۇۋاتقان بىر قانچە تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن .
    1. بالىلاردا ئۇلۇغۋار غايە كەم . ئەينى دەۋردە ئەجدادلىرىمىز، قەھرىمانلىرىمىز ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ، مىللەتنى ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش غايىسىدە ياشىغان بولسا، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى ئازغىنا مەنپەئەت ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىركەشمەكتە . چوڭلاردىكى بۇ خىل غايە-ئېتىقاد قارىشى بالىلار ئىدىيىسىگە ئۈزلۈكسز سىڭىپ كىرىپ، سۆز-ھەرىكىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا . شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە بالىلار مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ ماختىشىغا ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش يولىدا ئۆگىنىدىغان بولۇپ قالدى.
    بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچى غايە تىكلەشتە بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى ، كوللېكتىۋىزملىق روھ ۋە غايە –ئېتىقاد تىكلەشنى تەكىتلىشى ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشى ، ئۇلۇغۋار غايىنىڭ ئەھمىيىتى ، قىممتىنى تونۇتۇشى ۋە شۇ غايىگە يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىشى لازىم .
    2.جاپاچېكىش روھى كەمچىل . ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈشى بالىلاردا جاپا چېكىشتىن قورقىدىغان يامان خاھشنى پەيدا قىلىپ قويغان . شۇڭا كۆپ ساندىكى بالىلار جاپا چېكىشتىن قورقىدۇ ، ئۇلار كۆڭلىدىكى بىرەر نەرسە ۋە راھەتكە جاپا چەكمەي تۇرۇپلا ئېرشىشنى ئويلايدۇ. گەرچە ئائىلە باشلىقلىرى بالىسىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە تاۋلىنىشىنى ، جاپا چېكىش روھىنىڭ بولۇشىنى ئويلىسىمۇ ، بىراق ئۆز پەرزەنتىنىڭ قىينىلىپ قېلىشنى ، قىيىنچىلىق تارتىپ باشقىلار ئالدىدا يۈزى تۆۋەن بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ . بۇ خىل بالىلاردا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ، ئۆز قولىدىكى نەرسىنىڭ قىممتىنى بىلمەيدىغان ۋە قەدىرلىمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ خىل ناچار خاھىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، ئاتا-ئانا بولغۇچى مەقسەتلىك تۈردە بالىلار ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە قىينچىلىق تۇغدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرۈشى ۋە جاپا تارتماي كەلگەن نەرسىنىڭ ئانچە قىممىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك .
    3.ئەركىن تەپەككۇر كەمچىل . بالىلارغا ئۆگىنىش قىلىشلا تەكىتلىنىپ ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيتى توغرسىدا چۈشەنچە بېرش يېتەرلىك بولمىغان . مەكتەپتە ياكى ئائىلىدە بولسۇن ، بالىلارنىڭ مېڭىسى « ماتېرىيال قاچىلاشقا بولىدىغان ئامبار » دەپ قارىلىپ ، بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەشكە سەل قارالغان . شۇنىڭ بىلەن ، بالىلاردا ئۆگەنگەندە ماھىيىتىگە سەل قارايدىغان ، ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە مېڭىگە قاچىلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن . رېئال تۇرمۇشتا بىرەر مەسىلە ياكى زىددىيەتكە ئۇچرىسا نېمە قىلارنى بىلمەيدىغان ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىسىز بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلالمايدىغان ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرالمايدىغان بالىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن ؟!
    4.بالىلىق تۇيغۇسى كەمچىل . بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى شۇ باسقۇچتىكى ياش ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىشى لازىم . ئەمما ، كۆپ سانىدىكى ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى تېزلا ياراملىق ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان قىلىپ تەربىيلەش مەقسىتىدە «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش » ئىدىيىسىدە بولماقتا ، بالىلىرىنىڭ ئىدىيۋى ۋە جىسمانىي بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەكتە . مەكتەپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە ئايىغى چىقماس تاپشۇرۇقلار بېسىمىدىن زېرىكىپ يۈرگەن بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ۋە تەتىل ۋاقىتلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشىدىن ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ، تۈرلۈك ناملاردىكى كۇرۇسلاردىن بېشى ئايلىنىپ ، بۇ خىل تۇرمۇش مۇھىتىدىن بىزار بولماقتا .
    بۇ خىل مۇھىتتا بالىلار قانداقمۇ شادىمان يۈرەلىسۇن ؟ بالىلىق دەۋردىكى گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمۈلەلىسۇن ؟ ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ، بالىلىقتىكى گۈزەل مىنۇتلار بالىلارغا مەنسۇپ بولسۇن . بىز بالىلارنىڭ بالىلىق دەۋرىنى قايتۇرۇپ بېرەيلى ، ئۇلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەنسۇن !بالىلار بىزنىڭ غەمخورلۇق قىلشىمىزغا ، كۆيۈنۈشىمىزگە ۋە ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشىمىزغا موھتاج !

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us