• ئامېرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىكى سىر زادى قەيەردە؟

    2010-06-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66322119.html

    ئامېرىكىنىڭ يەر مەيدانى كەڭ ، بايلىقى مول بولسىمۇ، بىراق ئېرقى مۇرەككەپ، سىياسى تەشكىلاتلىرى بوشاڭ، بىيروكراتلىق ئىستىل ھەممە ساھەگە يامراپ كەتكەن، ئاساسىي قانون ۋە ئەدىلىيە تۈزۈملىرىمۇ مۇكەممەل ئەمەس.

     مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىللەتلەر مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بىر دۈلەتنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يۈز يىل بولغاندا، دۇنيا بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۈلەتكە ئايلىنىشى كىشىنى قانداقمۇ ھەيران قالدۇرمىسۇن؟

    بىر دۈلەت خەلقى جاپا- مۇشەققەتكە قانچىكى چىدامىلىق بولسا، دۈلەت شۇنچە گۈللىنىدۇ ۋە باي بولىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان پاكىت. ئەمما ئامېرىكىلىقلار ئاز خىزمەت قىلىپ، يوقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى، راھەت – پاراغەتتە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. 

    ئامېرىكىلىقلار ئۇنچىۋالا ياخشى شارائىتقا ئىگە ئەمەس، ئىشلىتىپ تۈگەتكۈسىز مول بايلىقمۇ يوق، خەلقىمۇ ئانچە جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئىشلەپمۇ كەتمەيدۇ.شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكا دۇنيادا تەڭدىشى يوق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۈلەت بولۇپ قالدى. 

    بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمە؟ 

    ئەسلىدە ئامېرىكىلىقلار سۆز ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.نىمە گېپى بولسا دەۋىرىدۇ، پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈلەت رەھبەرلىرى تۇغرا نىيەتلىك تەنقىدلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ. مەيلى قايسى جەھەتتىكى ئىجابىي پىكىرلەر بولسۇن، ھەممىنى قۇبۇل قىلىۋىرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ باي – قۇدرەتلىك بولالىشىدىكى سەۋەب: ئىلگىرى ھاكىمىيەت باشقۇرغان كىشىلەر كۆكسى – قارنىنى كەڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى تەبىقىدىكى خەلقنىڭ پىكرىنى قىلچە قالدۇرماي قۇبۇل قىلغانلىقىدىن بولغان. 

    بۇنىڭدىن مەلۇمكى،پىكىرمۇ بىر خىل قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ، ئۇ دۈلەتنى باي، ئارمىيىنى قۇدرەتلىك قىلىشتا زور رولغا ئىگە. شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا خەلقىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ تۈز كۆڭۈل، ئۆز پىكرىنى ئوچۇق- ئاشكارا بايان قىلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان خەلق.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us