• ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ياتلىشىش

    2010-06-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66288982.html

    «ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىلاھىيەت ئوبرازىنى ئايال سىماسىدا ياسىغان»
    ئىنسانىيەت يىراق قەدىمكى زاماندىلا، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاياللىق جىنسىنى ئۇلۇغلىغان، ئۇيغۇرلارمۇ خۇددى شۇنداق، ئۇلار يەر ۋە سۇ تەڭرىسىنى ئايال سۈپىتىدە قىياسلاپ «ئوماي ئانا» «ئوماي تەڭرى» دەپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىىق تۈزۈمى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە رولىدا ئۆزگىرىش بولدى. ئاياللار ئەسلىدىكى بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقتىن ھۆكۈمدارلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەر – ئاياللاردىكى بۇ خىل تەخسىماتى ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى گارمونىك مۇناسىۋەت ئاساسىدا تەبىئىي بارلىققا كەلگەن بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ساغلام ھەم نورمال تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىدى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئىش تەخسىماتى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ تۈزۈملەشتى. گەرچە ھەر ئىككى جىنىسقا قاتتىق تەلەپ، ئىنتىزام ۋە ئۆلچەم بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇۋازىنەتلىك ھالەت فېئودال مۇتەئەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ، ئاياللارنى پەس كۆرۈش، ئۇلارنى خارلاش، ئۇلارغا نىكاھ ئەركىنلىكى بەرمەسلىك، ئائىلىدە قىلچە ئورۇن ۋە ھوقۇققا ئىگە قىلماسلىق قاتارلىق ھالەتلەر روي بەردى ۋە تەرەققىي قىلدى، ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە سەل قارالغاچقا، ئۇلار دائىم دېگۈدەك ئەرلەر دۇنياسى تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ، سەلىبىي ھالەتتە تونۇلدى. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىخنىڭ شىددەتلىك بوران – چاپقۇنلىرى ئادالەتسىزلىك، خورلۇق، كەمسىتىلىش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بولسىمۇ، تالاي قۇربان بېرىشلەر بەدىلىگە تارىخ چاقىنى ئىلگىرىلىتىپ كەلدى. تارىخ سەھنىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ سەمىمىي بەخشلىرى ۋە ئازابلىق بەدەللىرىنى كۆرۈش مۇمكىن. ئاياللارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي پاجىئەسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
    ئازادلىقتىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئاياللار ئازادلىق مەسىلىسىنى تۈزۈم جەھەتتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى، ئۇلارنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا دەۋەت قىلدى ۋە رىغبەتلەندۈردى. ئاياللار ئازادلىقى مەسىلىلىرى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىندى. نەتىجىدە ئاياللارمۇ جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلاشتى. ئەرلەر بىلەن تەڭ ئەمگەك قىلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولۇش ھالەتلىرى قىسمەن شەكىللەندى.
    ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولۇشى، بىلىم ئېلىش، ئەمگەك قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى گەرچە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، ۋەھالەنكى، ئۇزاق يىللىق تارىخىي جەرياندىكى زۇلۇم، نامراتلىق، خورلۇق، كەمسىتىلىش ۋە مەرىپەتسىزلىك نەتىجىسىدە ئاياللىرىمىزدا جەمئىيەتتىكى ھەربىر ئۆزگىرىشنى سوغۇققانلىق، تەمكىنلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرىدىغان ئىممونىت شەكىللەنمىگەنىدى، بۈگۈنكى ئىشخانىلاشقان ۋە تاۋارلاشقان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدىكى سانسىز ئاياللىرىمىز بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. گەرچە بىر قىسىم ئاياللىرىمىز ئۆز قەدىرىيەتلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن ساقلاپ قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېرەن گۈزەللىكىنى ساقلىيالىغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئاياللىرىمىز بۈگۈنكى زامانىۋىلاشقان، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيانىڭ جەلپكارلىقى ئالدىدا، ئېچىرقاپ كەتكەندەك ئۆزلىرىنى يوقىتىپ، ساياقلىقىنى نامايان قىلىپ قويدى. (ئەپسۇسكى ئاياللىرىمىزدىكى ساياقلىق كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساياقلىقىنى ئۆز تەرەققىياتى قىلىدۇ).
    ئۆزىنى يوقىتىش ئاياللارنىڭ ئۆز مىللىتى، ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆز ئىتنوگرافىيىسىگە خاس ئىزچىللىقتىن ياتلىشىش، چەتنەش بىلەن خاراكتېرلەندى، ئاياللار گەرچە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە مۇستەقىل بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاياللارنىڭ روھىي مەھكۇملۇقى ۋە كېلەچەكتىكى يېڭىچە ئىtجىمائىي پاجىئەسىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ پاجىئەنى روياپقا چىقىرىش ياكى توسۇپ قېلىش يەنىلا ئاياللارغا يەنى ئانىلارغا باغلىق.
    ئۇيغۇر مىللىي پىسىخىكىسىدا ھايا – ئاياللىق غورۇرنىڭ قورغىنى ھېسابلىنىدۇ. بىر ئايالنىڭ گۈزەللىكىگە باھا بېرىشتە، ئۇنىڭ سىرتقى رەڭ ۋە تۈسلىرى ئاساس قىلىنىپلا قالماي، مۇھىمى ئىپپەت – ھاياسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ھايانىڭ مەنىسى – ئۆزىنى نامۇناسىپ سۆز – ھەرىكەتلەردىن چەكلەش ۋە تارتىش بولۇپ، بىر ئايالنىڭ ھاياسى ئۇنىڭ كېيىنىش، تارىنىش، تىل ئىشلىتىش، تۇرمۇش قائىدە – يوسۇنلىرىغا رىئايە قىلىش، مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە تاللاپ قىزىقىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
    ئەمما بۈگۈنكى سۈرئىتى تېز دۇنيادا بىزنىڭ ھايا قاراشلىرىمىز يات مەدەنىيەت بورانلىرى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئەركىن بولغان ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىچە بىر دۇنيا ئاياللارنى تېزلا جەلپ قىلىپ، ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى نەرلەرگىدۇ چۆرىۋەتتى. بۇ ئالدى بىلەن ئاياللىرىمىزنىڭ كېيىنىش، تارىنىش جەھەتتە ئەكس ئەتتى. كېيىنىشمۇ بىر خىل تىل. ئۇ ئۆز ئىگىسىنىڭ بەشرىسىنى مەلۇم ەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، كېيىنىش جگھەتتە ئاياللارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بېزەكلىرى بارغانسېرى ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. كېيىنىشتىكى «ئاشكارىلىق» دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئايالنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە تەربىيىلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى ۋە ئۇنى ئىپادىلەپ قويدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قىز – ئاياللىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش دەرىجىسىنى ئىپادىلەشتە، ئۇنى قانچىلىك بىلىم ۋە كېيىنىش جەھەتتە قانچىلىك ئېچىۋېتىلگەنلىكى ۋە «زامانىۋىلاشقان» لىقى بىلەنمۇ ئىپادىلەشكە تىرىشتى. (بۇ يەردە بىيز ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنىڭ تەربىيىلىنىش ئۇسۇلىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمىز) ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى – تاشقى بېزەكلىرىنى ئىختىيارسىز تاۋارغا ئايلاندۇرۇپ، قانداقتۇر مەنپەئەت تەمەسىنى قانائەتلەندۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالدى. قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدى سىرتقى دۇنياغا قارىتا قانداقتۇر بىر خىل تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان بولدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئاياللارنىڭ بارلىق جەلپكار ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەرھىزلىرىگە تۈپتىن قارىمۇقارشى ھالدا تاۋار ئېلانىغا ئايلاندى.
    ئالىم ۋە ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قاپقارا چېچى ۋە قېشىنى مەدھىيلەپ: «شەرق گۈزىلىنىڭ قېشىمۇ قارا، چېچىمۇ قارا» دەپ يازغانىدى. سۇمبۇل چاچلاردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھالا بۈگۈنكى كۈندە قاپقارا چاچلاردىنمۇ سۆز ئېچىشتا قورۇنماي تۇرالمايمىز. چۈنكى بىزدە قىزىل چاچلىق ئاياللار تۈركۈمى بارلىققا كەلدى، شەھەر كوچىلىرىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا ئالدىڭىزغا يولۇققان سىز بىلەن تۈركۈمداش مەلۇم ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆز تۈركۈمىگە تەۋە ھېچقانداق سەنئىي بېزەك ياكى تەبىئىي بەلگىلەرنى ئىزلەپ تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن ھەتتا ئۇنىڭ ئەسلى جامالىنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئىچىملىك ئىچمىگۈچە «ھايا قىزىللىقى» نى كۆرەلمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن. گوياكى تەبىئىيلىك، مىللىيلىك – «تومپايلىق»، «نامراتلىق»، «مەدەنىيەتسىزلىك»، «تەربىيە كۆرمىگەن» لىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.
    مەيلى زامانىۋىلىشىش قايسى دەرىىگە يەتمىسۇن ئەر – ئاياللارنىڭ سىرتقى بېزىنىشلىرىدە ھامان پەرق بولىدۇ. ئەمما شۇنداق قىز ئاياللارنى يولۇقتۇرىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىغا ھۆكۈم قىلالماي تەمتىرەپ قالىسىز. ئالىم ئا، مۇھەممەتئىمىن بۇ خىل ھالەتنى «بىز بارا – بارا شەرقنى، ئۆز مەدەنىيەت تىپىمىزنى، ئۆز يىلتىزىمىزنى ئۇنتۇپ، غەربنىڭ شەرقتىكى قوشۇمچىسىغا ئوخشاپراق قالدۇق» دېگەن.
    ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئەنئەنىسى، جىنىس قارىشى بولىدۇ. ئەنئەنە – مەلۇم بىر ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ ئوتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بىر ئىجتىمائىي كوللېكتىپقا ئورتاق تۇرمۇش شەكىللەندۈرىدۇ. «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى قىممىتىنىڭ مەنىۋى ئۇلى، مىللەتنىڭ ئەۋزەل رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ھاياتىي بۇلىقى، دۇنيا مىللەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئارىسىدا ئۆزىگە خاس قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى» (ئا، مۇھەممەتئىمىن) ئەنئەنە يوقالغان جايدا ئۆزلۈك ئېڭى بولمايدۇ، ئۆزلۈك ئېڭى بولمىغان مىللەت سەرسان ئەرۋاھقا ئوخشاش مەڭگۈ ماكانسىز قالىدۇ. ئۆزلۈك بىزنىڭ روھىي ماكانىمىزدۇر.
    بىر مىللەتنىڭ كېيىم – كېچەك مەدەنىيىتىمۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، گۈزەللىك قارىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى قاتارلىقلاردىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم – كېچەك مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالماي، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن زىننەتۋازلىق ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىككە ئېنتىلىش ۋە سۆيۈشتەك خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. تارىخىي خاراكتېرىلەرنى ۋاراقلاپ باقساق، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنىش مەدەنىيەتنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆرسەتكەن تەسىرىگە دائىر پاكىتلار يولۇقىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم – كېچەك مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىي پەرھىزلىرى ۋە ئىنتىزامىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، شەرق دۇنياسىغا خاس يوشۇرۇن گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ پەقەت بېزەكلىك رولىنى ئويناپلا قالماي جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن چىركىنلىشىشىنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇش رولىنى ئوينايدۇ، بۈگۈنكى كېيىم – كېچەك مەدەنىيىتىمىزدىكى يۈزلىنىش بولسا، مەلۇم بىر خىل ئىستېمالنى قولغا كەلتۈرۈش ۋاسىتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇنى روھىيەت سارىيىمىزنىڭ بۇلغىنىۋاتقانلىقىنىڭ رېئال ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ.
    بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە ئائىلە، جىنسىيەت ھەم ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى ئىش تەقسىماتى زور دەرىجىدە ئەنئەنە بىلەن باغلانغان بولۇپ، بۇ خىل ئەنئەنە مىللىتىمىزنىڭ رېئال تۇرمۇشى، مىللىي ئەخلاقىي قارشى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. ئەمما زامانىۋىلىشىش قەدىمىنىڭ زامانىۋىلىقىنىڭ ھادىسىۋى ئىپادىلىرىگە مەستانە بولغان ئاياللىرىمىزدا ئەنئەنە زامانىۋىلىقىنى چەكلەۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلدى – دە، ئۇلار ئەنئەنىنى بۈگۈنكى دەۋە ئېقىمىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قاراشتى. كۈندىلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە شەكلىمۇ ئەنئەنىدىن يىراقلاشتى. بۇنداق يىراقلىشىش بىزنى يات ئۇسۇلدا ياشاشقا مەجبۇر قىلدى. ئەنئەنىدىن يىراقلاشقان بۇ خىل ئەركىن ھالەت بىزنى خۇشال قىلمايلا قالماي، نۇرغۇن مەسىلىلىرىگە ھامىلدار بولدى. ئاياللار تەرەققىيات ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئاجراشقا تىرىشقانسېرى تاۋارغا ئايلىنىشتەك پاجىئە ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.
    ئەنئەنە زامانىۋىيلىق ئاساسىدا ئۆز مەنىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئۇ ئۆزگەرمەس، قاتمال نەرسە بولماستىن بەلكى باشقا مەدەنىيەتلەر ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئالىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىنى كۈچەيتىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ئەمما «مۇنداق راۋاجلاندۇرۇش يەنىلا ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنىڭ يادروسى، تۈزۈلمىسى ۋە تىپى بويىچە راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت ۋە ئۆلچەم قىلىشى كېرەك» (ئا. مۇھەممەتئىمىن)
    ئاياللارنىڭ ئەنئەنىدىن ياتلىشىشى مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك. چۈنكى «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا» (بالزاك) ئاياللار ئانىلادۇر. ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتە بالا بىلەن ئانىنىڭ مۇناسىۋىتى باشتىن – ئاخىر ناھايىتى يېقىن بولىدۇ. ئانىنىڭ ھەرىكىتى، كۆزقارشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، بالىغا نىسبەتەن ئەڭ ئۈنۈملۈك دەرسلىكتۇر، بالا دەسلەپكى شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ تەربىيىنى ئائىلىدىن ئالىدۇ. ئانىنىڭ پائالىيەتلىرىدىكى نۇقسانلار رۇسلانماي تۇرۇپ بالىدىن ئۇنى كۈتكىلى بولمايدۇ، ئاياللارلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەت بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى بۇ جەھەتتە ئاياللارغا ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.
    شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، قىز – ئاياللىرىمىزدا ئائىلە قارىشىمۇ بوھرانغا دۇچ كەلدى. قىزلار ئانا بولۇشنى خالىماسلىق، ئانىلار بولسا تۇترۇقسىز سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ بالىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، مەكتەپ تەربىيىسىدىن بەكلا زور ئۈمىد كۈتۈش ۋە تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى مەكتەپكە ئىتتىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار بۇنىڭ دەلىلى، ئاياللارنىڭ بۇ ساھەدە ئەمەلىي قەدەم ئېلىشى نۆۋەتتە بەكمۇ تەقەززارلىق ئىشتۇر.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us