-
ئېشسىز قالغان ئېشەكلەر
2009-06-27
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41564155.html
توۋا!نىمە دىسەم بۇلار؟دەي دىسەم كۈلىسىلەر،دىمەي دىسەم راسلا بەك غەلىتە.مۇشۇ يىقىندا مەن ئېشەكلەرنىڭ گىپىنى چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم.ئالدىنقى كۈنى ئىككى ئېشەك ئۆزئارا پاراڭلىشىۋاتىدۇ.......
ھەي ئاداش قانداق قىلىمىز؟دىدى بىر ئىشەك مەيۈسلۈنۇپ.
نىمىنى دەيسەن؟دىدى يەنە بىرسى.
قارا يىقىندىن بۇيان بىزگە قىلىدىغان ئىش چىقماي قىلىۋاتىدۇ.ئىگىمىز ھەتتا ئۆزىنىمۇ باقالمايۋاتقاندا بىزنى مەخسۇس بىزنىڭ گۈشىمىزنى يەيدىغان كىشىلەرگە سىتىپ بىرىپ ،ئۆزلىرى ياقا يۇرىتلاردا سەرگەردان بۇلۇپ يۈرۈيدۇ.دىدى
ماڭەۋە !دىدى يەنە بىر ئېشەك سوغوق تەرلەپ .قانداق دەيسەن؟
قارا ! بۇرۇن ئاتا بۇۋامدىن ئاڭلىسام ،بىزنىڭ ئىگىمىز بىزنىڭ گۈشىمىزنى يىمەي بىزنى ئاسرايدىكەنتۇق.بىزمۇ يۈك كۈتۈرۈپ ئىگىمىزنى يۈدۈپ ئۆز قىممىتىمىزنى تاپالايدىكەنمىزتۇق.ئۇچاغلاردا بىزنىڭ ئىگىمىزنىڭمۇ ھال كۈنى يامان ئەمەس بۇلۇپ بىزدەك ئېشەكلەرنى ياخشى بىقىپ سىمىزھەم كۈچلۈك ئىكەنمىزتۇق.ئۇچاغلاردا ئەڭ مۇھىمى بىزنى يەيدىغان ئادەم يوقكەنتۇق .ئەمما ھازىرزە!!!!!!!!!!!دىدى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.
تۇلا ئادەمنى قورقۇتمىغىنە !دىدى يەنە بىر ئىشەك مەنمۇ بۇ ئىشلارنى بىلىمەن ئەمما ھازىر بىزنىڭ ئىگىمىزنىڭ ھال كۈنى تەسلەشسە بىزدەك ئىشەكنىڭ بىشىغىمۇ كۈن چۈشىدىكەن قانداق قىلساق بۇلار؟بۇرۇن ھىرىپ قالساق سەل ئولتۇرۋالساق بىزنىڭ ئىگىمىزمۇ بىز بىلەن ئولتۇرۇپ دەم ئالاتتى قارا ،ھازىرقى ئېگەمنىڭ گىپىنى پەقەتلا چۈشەنمەيمەن.ئالدىنقى كۈنى بىر دوستۇم بەك ھىرىپ كىتىپ يىتىۋالسا ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلماي ئەكىرىپ يەۋەتتى بەك قورقۇپ كەتتىم.شۇكۈندىن بۇيان بۇرۇنقى ئىگەمنىڭ ئۇرۇش تىللاشلىرىغا قايناپ تۇرۇپ قاغىغىنىمغا ھەجەپ پۇشايمان قىلىمەن.ھەي ھازىر دۇنيا دا ھەممىدىن ئېشەك بولماق تەس بولدىدە!!!!!!! ئىشەكنىڭ كۆزىدىن ياش ئەگىپ چۈشتى.
كۆزەمنى ئۇۋلاپ قاراپ كەتتىم.ئېشەكلەر راسلا گەپ قىلۋاتاتتى.شۇئارىدا بىر قىرى قۇچقاچ ھۈتەلگىنىچە ھىلىقى ئىشەكلەرنىڭ سۆھبىتىگە داخىل بولدى.مەن ياش ۋاقتىمدا بىزنىڭ بۇيەردىكى كىشىلەر بىزنى تۇتۇپ ئۇينىغان كىچىك بالىلارغا -بۇ قۇشلارنى تۇتساڭ قۇلۇڭ تىترەيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.دەپ نەسىيەت قىلاتتى.ئەمما ھازىر مەن مۇشۇ قىرى جىنىمنى ئاران بىقىپ يۇشۇرنۇپ يۈرىمەن .قايسى كۈنى قارىسام بىرتوپ باللىرىم كەچلىك بازار دىگەن يەردە زىققا ئۆتكۈزۈلۈپ مەن گىپىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر تەرپىدىن يىيىلىپ كىتىۋاتىدۇ قاراپ شۇنداق يىغلاپ كەتتىم.بۇرۇنقى خاتىرجەملىك قىنى ئەمدى؟؟
شۇ ئارىدا ھەممە يەردىكى جانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى تۈكىۋاتاتتى.ھەممىسى لاغ-لاغ تىتىرەيتتى.
نىمە بولغاندىمەن؟قانداقلارچە ئۇلارنىڭ گىپىنى بىلەلەيدىغان بولدۇم ئەمدى؟
ئۇشتۇمتۇت مىنىڭمۇ ھۇجۇدۇمنى قارا تەر باستى.نىمە ئىش بۇ؟بىچارە ئىشەكلەر،ئىگەڭ بىچارە شۇڭا سەنمۇ بىچارە ئىكەنسەندە ؟دىدىم ئىچىمدە.历史上的今天:
تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرى 2010-06-27ھۆكۈمدارلار دەستۇرى 2010-06-27قەدىمىي تۈركىي قەۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئادەتلىرى توغرىسىدا 2010-06-27ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى 2010-06-27