• سىزنىڭچە بۇلار تەرەقىياتنىڭ مەھسۇلىمۇ؟

    2010-05-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63835499.html

    سىزنىڭچە بۇلار تەرەقىياتنىڭ مەھسۇلىمۇ؟
      
    ئەخلاق يوقالغان ئەلدە جىنايەت كۆپىيىدۇ.
    <<خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن>>

     
        
    ھەممىلا ئادەم 21-ئەسىرنى رىقابەت ۋە ئۇچۇر دەۋرى دىيىشىدۇ، بۇ كۆز قاراشلار بەلكى تەرەقىياتى ئىنتايىن تىز بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە  قارىتا ھىچقانچە چوڭ ئىش بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن، لىكىن بۇ خىل تەرەقىيات، بۇ خىل زامانىۋىلىق مىنى سەل گاڭگىرتىپ قويدى، مەيلى ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات جەھەتتە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇردىغان نۇرغۇن دۆلەت ئەللىرىگە قارايدىغان بولساق مەيلى ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرىشى،كىيىنىشى ۋە  تۇرمۇش ئادىتى بولسۇن بىرخىل رىتىملىق ۋە مەدەنىيەتلىك بىلىنىدۇ. چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئايال بولسۇن ھەممىسى جەمىئەت تەرتىپىگە شۇنداق رىئايە قىلىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىز دائىم كۈرۈپ تۇرىدىغان چەتئەل فىلىملىرىدىكىدەك زوراۋان، بۇلاڭچى، شەھۋەتپەرەس، قاتىل، ئوغرى قويمىچى،قىمارۋاز ئەمەس، بىز پەقەت شۇخىل جەمىيەتنىڭ قىسمەن بۇرجىكىنىلا كۈرىۋاتىمىز خالاس،  
       دىيارىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەقىياتى ھەر-ھالدا ياخشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ياخشىلاندى، بۇرۇنقى زاغرا ناننىڭ ئورنىغا ئاق ئاش يەيمىز، كىيىملىرىمىز ياماقسىز، ئاستىمىزدا ماشىنا، تويلىرىمىز ئىسىل رېستۇرانلاردا بولىۋاتىدۇ، يانچۇقلىرىمىز تومپىيىپ خەجلەيدىغانغا جاي تاپالماي قالساق، غەرىپچە رېستۇراننىڭ ئالى دەرىجلىك ئايرىمخانىلىرىدا رەڭلىك ئولتۇرۇش تەييار. ساپاسى تۆۋەن كىشىلىرىمىز مانا بۇلارنى تەرەقىياتنىڭ بەلگىسى دەيدۇ.
    ئەمىلىيەتتە تەرەقىيات بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى شۇ مىللەتنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى ھەم ساپاسنى يۇقۇرى كۆتۈرەلىسە بۇ ھەقىقىي تەرەقىيات بولىدۇ. چەتئەللەردە كىشىلەر پۇلىنى خەجلەيدىغانغا جاي تاپالمىسا ئۇدۇل بېرىپ خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن چەتئەللەردە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى ۋە ئېگە-چاقىسى يوقلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنى يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە، ئۇلار ئاشقان پۇللىرىنى ھەرگىز بىزگە ئوخشاش ئەيشى-ئىشرەت ۋە كەيىپ-ساپاغا خەجلىمەيدۇ. كوچىلاردىكى يەتمىش-سەكسەن ياشتىكى سەرسانلارغا قاراپ باقايلى، سىزنىڭچە ئۇلارنىڭ سىزگە قولىنى سۇنۇشى شۈنچە ئاسانمىدۇ؟ دىيارىمىزدا ۋە مىللىتىمىز ئارسىدا نىمە ئەڭ كۆپ؟ مۇشۇ توغۇرلۇق ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟ ئەتىراپىمىزغا قاراپ باقايلى: تەرەقىياتنىڭ بەلگىسى، زامانىۋىلىقنىڭ روشەن ئىپادىسى بولغان ئىسىل دىسكوخانىلار، بەزمىخانىلار،مەيخانىلار،رېستۇرانلار....شۇلارغا قارايدىغان بولساق يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلىرىمىز، چوڭلىرى بىزگە تاغا، ھەدە بولغۇدەك، كىچىكلىرى ئۇكا ھەم سىڭىل بولغۇدەك، ھەتتا بەزىللىرى ئەر-ئايال، دادا بالا... مانا بۇ بىزدىكى ئاتالمىش غەرىپلىشىش، ئاتالمىش تەرەقىيات

    ئەخلاق يوقالغان ئەلدە جىنايەت كۆپىيىدۇ. ئۆزلىكىنى، ئېتىقادىنى، غورورىنى يوقاتقان مىللەت ئۆزى سېسىپ تۈگەيدۇ. كوچا-كويلارغا قارايدىغان بولساق، يول بۇيىدا جۈپلىشىۋالغانلارنىڭ تولىسى يەنىلا ئۇيغۇرلىرىمىز، بەزى دوسىتلىرىم ئۇلارنى مازاق قىلىپ چوڭلىرىنى قېرى ئاشىق-مەشۇقلار، كىچىكلىرىنى بولسا شېپە-تاتۇخلار دەپ ئاتىشىۋاپتۇ. كوچىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىردىن تەرەققىي قىلىپ ئادەم كۆپ جايدىمۇ تەپ تارتىماستىن بىر-بىرىگە ئېسىلىشىۋالغانلار كوچا ئاپتۇبۇسىدىمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ. چوڭلىرىمىز بولارنى كۈرۈپ ياقىسىنى چىشلەپمۇ ھاردى،رەڭلىك سۇرۇندىن يانغان ئايالىغا سادىق ئەرلىرىمىز كېچىللىرى بەزمىخانىدا ئۇخلايدۇ،ئوغىرى-يانچۇقچىلىرىمىز كۈندۈزى كوچىدا يانچۇق كولايدۇ. كوچىدا دەلدەڭشىپ يۈرگەن ھاراقكەشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. مانا بۇ بىزدىكى تەرەققىيات.  
    ئىككى توك-توك پۇل تاپقانلاركۆرەڭلەپ،غورورىنى يوقىتىپ، <<شەيتاننى ئۇسۇلغا سېلىپ>> ياش قىزلىرىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، شۇ سەبى قىزلار قارا قولنىڭ قۇربانى بۇلۇپ <<قىزىل چىراق رايۇنى>>نىڭ بازارلىق خېنىملىرىغا ئايلانماقتا. شۇ سەۋەپتىن نىجىس ئەيدىز دىيارىمنى قاپلىماقتا، نەشە-خىروئىن قاتارلىق زەھەر چېكەرمەنلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.

    مانا بۇ بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى تەرەقىيات. باشقىلار بۇلارنى ئاللىقاچان شاللىۋەتكەن قالاق مەدەنيەت دىيارىمىزدا <<بازار>> تاپماقتا.

      ئۆتمۈشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدۇق، ئەخلاقىمىز ۋە مەدەنىيتىمىز تەرەققى قىلدى، غورورىمىزمۇ تەرەققىي قىلدى، قورسىقىمىز تويسىلا شۈكرى دەپ ياشاۋېرىدىغان بولدۇق، نەپسانىيەتچىلىك، پارىخورلۇق ئادەتتىكى ئىش بۇلۇپ قالدى، كۈنۈپمۇ قالدۇق، ئاچكۆزلىكتىن مىراس تالاشتۇق، قېرىندىشىمىزدىن ياتلاشتۇق، بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ، پوخ-سۈيدۈكىمىزنى سۈرتۈپ قاتارغا قوشقان مېھرىبان ئانىمىزغا مۇش كۆتۈردۇق، مانا بۇ بىزدىكى زامانىۋىلىشىش، مانا بۇ بىزدىكى تەرەققىيات. سىزنىڭچە بۇلار تەرەقىياتنىڭ بەلگىسىمۇ؟ مىنىڭچە بۇ تەرەققىيات ئەمەس، بۇ چىكىنىش، ھالاك بۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىك، ئالدى بىلەن بىزنىڭ غورورىمىز يوقىلىدۇ، ئاندىن ئېتىقادىمىز ئاڭ ئاخىرىدا مەۋجۇدلىقىمىز يوقىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ياراتقان ئۇلۇغ مەدىنىيتىمىز، شانلىق تارىخىمىزمۇ يوقلىدۇ.  
    ئارىمىزدىن ئۇلۇغ ئالىملار ، پەن-تەتقىقاتچلار، كەشپىياتچىلار، رەسساملار، شائىرلار، ئوت يۈرەك ئوغلانلار چىقتى ھەم چىقىۋاتىدۇ، ئۇلار تىرىشىپ مىللىتىمىزنى پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە تۇنۇشتۇرماقتا، بىز نىمە قىلىۋاتىمىز، ناۋادا باشقىلار بىزنى چۈشەنگەندە بىزنى غورورىنى يوقاتقان، ئېتىقادىنى يوقاتقان، كەيىپ-ساپاغا، ئەيشى-ئىشىرەتكە بىرىلىپ ئۆزىنى يوقاتقان مىللەت دەپ تۇنۇپ قالسا نە نۇمۇس.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us