-
يىگىتلىكتىن ئاتلىغان ئەرلەرگە
2009-06-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41270955.html
بۇرادەر ، مۇبارەك بولسۇن ! بويتاقلىق ، يالغۇزلۇققا خاتىمە بېرىپ ، كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ يەنە بىر ھالال جۈپتى بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلاپ ، بۈگۈنكى خۇشناۋا سورۇننى ھازىرلىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ .
جاھاندا بويتاقلار ، تۇللار ، يىگانە ــ ساياقلار قانچە ئازلىسا ھەممە ئادەم خوش بولىدۇ. يالغۇز تۇرمۇش كىشنى ئوڭايلا بەربات قىلىۋېتىدۇ . يەنە كېلىپ كىشنىڭ تۇرمۇشى رەتىسز ، مەنىۋى دۇنياسى زىددىيەتچان ، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرىدىغان گەپ . توي ، نىكاھ ۋە ئايال ھەر قانداق كىشنىڭ غەم غۇسسىلىرىگە خاتىمە بەرگۈچى خاسىيەتلىك مەرھەممەتتۇر .
بۇ مەرھەممەتنىڭ ئىللىق ، ئارامبەخىش تۇيغۇلىرى تويلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىلا ئەمەس ، ئەل جامائەتنىمۇ ، تونۇش ــ بېلىش ، دوسىت ــ يارەنلەرنىمۇ تەبئىيلا يېقىنلاشتۇرۇپ ، كىشلەر ئارىسىدىكى مېھىر ــ مۇھەببەتنىمۇ چىڭىتىدۇ . شۇڭا بىز : « تويلار مۇبارەك » ــ دەپ جار سېلشقا ھەقلىقمىز .
نىكاھتىن بۇرۇن بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىغانسىرى ياكى كۆڭۈل قىزىقچلىقىدىلا ، ياشنىڭ چوڭىيپ قالغانلىقى تۈپەيلى ۋە ياكى ئاتا ــ ئانىڭىزنىڭ زورىدىلا بۇ تويغا يۈزلىنىپ تۇرغانسىز ــ دە ، « بولغىنىنى كۆرەرمەن » دەپ نىكاھنى غايىپ قاينامنىڭ دولقۇنلىرغا تاشلاپ بەرگەنسىز . ئەمما قانداق بولىشىدىن قەتىئىينەزەر ، مەيلى كېلىنچەكنى ياقتۇرۇڭ ــ ياقتۇرماڭ ، ئۇنىڭ خۇي پەيلىنى بىلىڭ ــ بىلمەڭ ، ئۇنىڭ بايلىقىنى ، نەسەبىنى ، چىرايىنى ياكى دىيانىتىنى دەپ ئالغان بولۇڭ ، ئۇ بەرىبىر سىزنىڭ نىكاھڭىزغا ئۆتىدۇ .
دېمەككى ، ھازىرغىچە يالغۇز ياشاپ كەلگەن ، بىر ئۆزىڭىزنىڭىلا غېمىنى يەپ ، كەلگەن بولسىڭىز ئەمدى يەنە بىر ئىسسىق جاننىڭ غېمىنى يەپ ، گېپىنى قىلىشىڭىز كېرەك . ئۇنى قانات ئاستىغا ئېلىشتىن ، ئائىلىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت يەلكىڭىزگە مېنگىشىدۇ . سىز بۇنى ئەستايدىل ئويلاندىڭىزمۇ ــ يوق ، بۇنىسى بىزگە ، سورۇن ئەھلىگە نامەلۇم . ئەمما بۇ مۇبارەك زىياپەتنىڭ ھەر بىر داخىلى داستىجانلىرى سىزگە ، كېلىنچەككە بەخىت تىلەيدۇ . كەلگۈسۈڭلارنىڭ شاتلىق ، خۇشھاللىق تەنتەنلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرۇشىنى ، نىكاھىڭلارنىڭ ھايا ، ئەخلاق ، ھۆرمەت ، ئىشەنچ ئاساسىغا قۇرۇلۇپ ، ھارامدىن ، زىنادىن ، بۇزۇقچىلىقتىن جەڭگى ــ جىدەلدىن يىراق تۇرۇشى ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆيلەنگەن بىر جۈپ ئۈچۈن : « ئاللاھ ئائىلەڭنى ساڭا مۇبارەك ئەيلسۇن ، ئۈستۈڭلارغا بەركەت ياغدۇرسۇن ، ئىككىڭلارنى خەير ۋە ياخشىلىق ئۈچۈن بىر ئورۇنغا كەلتۈرسۈن » ــ دەپ تېلەك تېلىگەنكەن . بىز ھەممىمىز شۇنىڭغا ھەمجۆرىمىز .
نىكاھ بىر ئەركەكنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم جەريان . ئۇ سىزنى يىگىتتىن ئەرگە ئۆزگەرتىدۇ . يەلكىڭىزگە بالىلىقنىڭ ساددا ھەۋەسلىرنى ، يىگىتلىكتىكى ئەركە ــ شوخلۇق ، تەنتەكلىكلەرنى چۆرىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ . ئاخۇنۇمنىڭ نىكاھ پەتىسىدە سورىغان سۇئالىغا ناھايتى كۈچلۈك ھاياجان ۋە تەسۋىرلىگۈسىز ھودۇقۇش ئىلكىدە : « ئالدىم » ــ دەپ جاۋاب بېرىۋاتقېنىڭىزدا سىز يالغۇز بىر خوتۇننى ئەمەس ، بەلكى ئىككى ياكى ئۇنىڭىدن ئارتۇق جاننىڭ تۇرمۇش غېمىنى ، بىر ئائىلىنى ، بىر نازاكەتلىك ئايالنىڭ ئىززەت ــ نەپسى ، شەرم ــ ھاياسىنى ، بىر لاياقەتلىك ئەر ، مەسئۇليەتچان دادىنىڭ بالا ، ئايال ، ئائىلە ، جەمئىيەتتىكى بۇرچىنمۇ تەڭ زىممىڭىزگە ئالغان بولىسىز . تۇرمۇشتىن تەنتەكلىك ، بالىلىق ، يىنىكلىك ، شاللاقلىق كۆتۈرۈلىشى كېرەك .
ھەر بىر قەدەم قاتتىق ئويلۇنۇش ئاساسىدا بېسىلىشى ، بېلىڭىز چىڭ ، ئېرادىڭىز مۇستەھكەم ، مەيدىڭىز تىك بولۇشى كېرەك . خوتۇن ئالغۇچىغا بولغۇچىغا بىكاردىن ــ بىكار پوتا باغلىمايدۇ . ئىشتانباغنى چىڭ باغلا دېگەنلىك ئەمەس ، بەلكى بېلىڭ چىڭ ، بەردەم ، چىدامچان ، قەتئىي بول دېگەنلىك .
كىشلەر خوتۇن ئالغان ، ئەرگە تەككەنلەرنى : « ئەمدى ئادەم بوپسىز » ــ دەپ قويىدۇ . دېمەككى ، سىز ئەمدى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يېپيىڭى ، جاپا بىلەن خۇشاللىق ئارلىشىپ كەتكەن رەڭدار يولغا رەسمىي قەدەم باستىڭىز . خۇشاللىقنىڭ ، مەغرۇرلىقنىڭ ، شۇنداقلا چۇڭقۇر شۈكرى ھەمدۇ ئېيتىڭ ، نۇرغۇن ئادەم يېشى بىر يەرگە بىرىپ قالسىمۇ خوتۇن ئالالمايۋاتىدۇ ، مۇۋاپىق لايىق تاپالمايۋاتىدۇ ياكى تۇرمۇشنىڭ بۇ ھەقىقى يۈزىگە يۈزلىنشتىن قورقۇۋاتىدۇ .
خوتۇننى كىشەن ، ئائىلىنى يۈك ، زەنجىر دەپ قارايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس . ۋەھالەنكى ، سىز بۇ مۇقەددەس سۈننەتكە دادىللىق بىلەن يۈزلەندىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياراتقۇچىنىڭ ھالاللاپ بەرگەن نېئمەتلىرنى تەرك ئېتىش ياخشى بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس . ئەمدى مۇرۇۋۋەتلىك ئىشىڭىزنى قانداق قىلىپ ئاخېرىغىچە مۇۋەپەققىيەتلىك ئېلىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىڭ . يىگىتلىك شوخلىقىڭزدىن قايسىنى تاشلاپ ، قايسى خىل خاراكتىرىنى داۋاملاشتۇرسىز ؟ ئايالىڭىزنى قانداق كۈتىسىز ؟ ئايالىڭىزدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز ؟ بۇ ئائىلىنى جەڭگى ــ جىدەل ، ماجىرا ــ نىزانىڭ پاتقېقىغا پاتۇرۇپ قويماي گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ ...
« ئالدىم » دېگەن جاكاردىن كېيىنلا مۇشۇ ھەقتە ئويلاپ قويۇڭ . بۇ سۇئاللار سىزنى تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە خۇدىڭىزنى يوقۇتۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە تەمكىن سوغۇققانلاشتۇرىدۇ . ئەمەلىيەتتىمۇ ، بىر ئەر ، بىر ئائىلە ئۈچۈن تەمكىن سوغۇققانلىق بەك كېرەك . ئايال كىشى ئەردىن سالماق سۈپەتنى كۆرۈشنى خالايدۇ .
ھېكمەتلەردىن يەنە ئايال كىشى ئەرنىڭ ئىمانىنىڭ يېرىمى دېيىلىدۇ . سىز ئۆز ئىمانىڭىزنى ، تېنىڭىز ، روھىڭىزنىڭ يېرىمىنى قانداق كۈتىۋالىسىز ؟ ئەگەر بۇ يېرىم ئىمان تېخىمۇ يېرىم يارتا بولسىچۇ ؟ ۋە ياكى سىز ئۇنىڭدىن ئۆتەر ھالدا « يالتىراق نوچى » بولسىڭزچۇ ؟
يېپيىڭى دۇنيا ، يېپيىڭى ھەمراھ سىزگە قول سۇنۇپ تۇرۇپتۇ . چوڭقۇر تىنىۋېلىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە : « سەۋرىچان ، قەتئىي ، رەھېمدىل ئەمما تەلەپچان بول ! » ــ دەڭ . پوتىڭىزنى تېخىمۇ چىڭ باغلاڭ ، مەيدىڭىزنى رۇسلاڭ . بۈگۈن سىز راسا كېرىلىدىغان كۈن ، كۈلىدىغان كۈن !
مەنبە:نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ « ئەرلەرگە 101 تەكلىپ ــ كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى .历史上的今天:
يىگىتلەر گالاستۈك چىگىشنى ئۈگىنىۋېلىڭلار 2010-06-20قەتئىيلىك _ ئەرلەرنىڭ ئەڭگۈشتىرى 2009-06-20ئاجايىپ كاللىسى ئىشلەيدىغان بالا 2009-06-20ئۇيغۇرلاردا مەزھەپ يوق 2009-06-20