-
ئۇيغۇرلاردا مەزھەپ يوق
2009-06-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41266003.html
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە قانداقتۇر " شىئە" ، " سۈننىي" دىگەندەك پاراڭلار باش كۆتىرىپ قالدى .
گەرچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغىنىغا 1000يىل ئۆپچۆرىسىدە بولغان بولسىمۇ ، تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق مەزھەپنى ئىتىراپ قىلغان ئەمەس، بوندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ شۇنداق قىلغۇسى!
ئۇنداقتا ، ئەسلى بىزدە بولمىغان بۇ بىدئەت ھازىر نېمىشقا بۇنداق ئېغىزغا چىقىپ قالدى ؟ موسۇلمان بولغان ھەممىلائادەم چوقۇم بىرەر مەزھەپكەكىرىشى شەرتمۇ؟ مەزھەپكەكىرمىگەن ئادەم موسۇلمان ھېسابلانمامدۇ؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن " شىئە" ، " سۈننىي" دېگەن نېمە ؟ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىسلام دىنى " بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەت پەيغەمبەر ئاللا نىڭ ئەلچىسى" ، " مۇقەددەس 'قۇرئانى كەرىم' ئاللا ئىنسانلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرىقى بىردىن- بىر مۇقەددەس كىتاب " دېگەن ئاساستا تارالغان ، ئۇيغۇرلار مۇشۇ " بىر ئاللا، بىر پەيغەمبەر ، بىر دىن"، بىر مىللەت ئاساسىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان .
ئەسلى ئىسلام دىنى تارقالغاندا ، ھېچقانداق " شىئە" ، " سۈننىي" دېگەندەك مەزھەپلەر يوق ئىدى .
ئىسلام دىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئەرەب دۇنياسىدا مەيدانغا كېلىپ ، ئاندىن پەيدىن- پەي دۇنياغا جۈملىدىن پارسلارغا تارقالغان . پارسلار ئىران ئىگىزلىكىنى مەركەز قىلىپ ياشاپ كەلگەن قىدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئەرەبلەردىن قالسىلا 2 – چوڭ مىللەت ھېسابلىناتتى . ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، پارس ھۆكۈمرانلىرى ئەرەبلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قايىل بولماي ، ئەرەبلەر بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ، ھوقۇق تالىشىش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ، بىر سىياسىي دەسمايىگە ئېرىشىشكە ئھتىياجلىق بولدى . چۈنكى ، ئەرەبلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، پارسلارئۇنى« تارتىۋالىمەن » دەپلا تارتىۋالالمايتتى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدا باشقىلارنى قايىل قىلغىدەك كۈچلۈك بىر ئىدىيىۋىي ئاساس ۋە نەزەرىيە بولۇشى لازىم ئىدى . شۇندىلا پارسلار ئىسلام دۇنياسىدا پۇت تىرەپ تۇرغىدەك دەسمايىگە ئېرىشىپ ، ئەرەبلەر بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ، ھوقۇق تالىشىش مەقسىتىگە يېتەلەيتتى . شۇ ۋەجىدىن ئۇلار مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋاپاتىدىدىن كېيىن ، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ ئوغلى ، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ نامىنى بايراق قىلىپ تىكلەپ ، بۇ بايراق ئاستىدا ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ، يېڭىلاشنى باھانە قىلىپ ، ئەرەبلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئېرىشىمەكچى بولدى ھەمدە ھىجىرىيىنىڭ 61- يىلى مۇھەررەم( 1 - ئاي ) نىڭ 10 - كۈنى (مىلادى 680 -يىلى 10 -ئاينىڭ 10 - كۈنى ) ئۆزلىرىنى « شىئە » ( ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلغۇچى- ئىسلاھاتچى ، تەرەققىي قىلدۇرغۇچى ، يېڭىلىغۇچى دېگەن مەنىدە ) لەر دەپ جاكارلىدى.
« شىئە»لەر ئىماملارنى زىيادە ئولۇغلايدۇ ۋە « ئىماملارمۇ مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا ئوخشاشلا خەلىپىدۇر ، ھەمدە ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇللىللاھنىڭ ئىز باسارىدۇر ، ئىماملارنى ئولۇغلىغانلىق ۋە قوغدىغانلىق رەسۇللىللاھنى ئولۇغلىغانلىق ۋە قوغدىغانلىقتۇر » دەپ قارايدۇ . « شىئە»لەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم « ئەھبار » ناملىق ھەدىسىلەر توپلىمى بولۇپ ، « ئەھبار » نىڭ مەزمۇنى « قۇرئانى كەرىم » ھەدىسىلىرىدەك توپلانغان بولماي بەلكى ئىلھام ئارقىلىق ئىماملىرىمىزغا بىلدۇرۈلگەن » دەپ ئىشىنىدۇ . « شىئە»لەر ئىماملارنىڭ قەبرىلىرىنى تاۋاب قىلىشنى « پەرىز » دەپ بىلىدۇ ھەمدە كەربالادىكى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىسى ۋە نەجىفتىكى ئىمام ھۆسەيىننىڭ قەبرىسىنى تاۋاب قىلىش بىلەن بىرگە ئىراندىكى مەشھەد ۋە قۇمنى مۇقەددەس جاي قاتارىدا ئولۇغلايدۇ . « شىئە»لەردە ئىماملار مەسىلىسىدە ئۆز ئارا ئىختىلاپ بولغاچقا ، يەنە ئۆز ئىچىدىن 12 ئىمام مەزھىپى ، 7 ئىمام ( ئىسمائىلىيە ) مەزھىپى، 5 ئىمام ( زەئىدىيە ) مەزھىپى ، ئەلەۋىيي ( ئۇسەيرىيە ) مەزھىپى ، دېروزى مەزھىپى ... قاتارلىق نۇرغۇن مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن .
پارىسلارنىڭ ھەزرىتى ئەلىنى مۇھەممەت پەيغەمبەربىلەن بىر دەرىجىگە قۇيۇپ ، ئەرەبلەر بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ، ھوقۇق تالىشىشقا ئورۇنغانلىقىغا غەزەبلەنگەن بىر قىسىم ئەرەبلەر يەنى « سۇننىي» ( ئەسلى ئىسلام دىنىنى ، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ مۇقەددەس نوپوزىنى قوغدىغۇچى ساداقەتمەنلەر ، دېگەن مەنىدە) لەرئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ، « شىئە » لەر بىلەن تىركىشىشكە ئاتلاندى .
« سۇننىي» لەرمۇ ئۆز ئىچىدىن يەنە ھەنەفىي مەزھىپى ، مالىكىي مەزھىپى، شافىئىي مەزھىپى ، ھەنبەلى مەزھىپى ۋە ۋەھابىي مەزھىپى قاتارلىق مەزھەپلەرگە ئايرىلغان .
شۇندىن باشلاپ ، ئىسلام دۇنياسىدا ئىككى چوڭ مەزھەپ مەيدانغا كەلدى . ئىسلام دۇنياسىىدا ، بۇ ئىككى مىللەتتىن باشقىلاردا گەرچە پارچە – پۇرات يەرلىك مەزھەپلەر ۋە گوروھلار بولسىمۇ ئۇلارنىڭ زىددىيىتى " شىئە " ، " سۈننىي " لەردەك گەۋدىلىك ئەمەس . ئەرەبلەرنىڭمۇ ھەممىسىلا " سۈننىي " مەزھىپىنىڭ مۇرىتى ئەمەس .
" سۈننىي " لەر ئاساسەن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا قىسىم رايونلارغا ، تىكرىت قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن . باشقا بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ " سۈننىي " لەر بار.
" شىئە " لەر ئاساسەن ئىراننى مەركەز قىلغان ھەمدە ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمى ، ئافغانىستان ، پاكىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ " شىئە " مەزھىپىنى قوبۇل قىلغانلار بار .
بۇ ئىككى چوڭ مەزھەپ مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئەرەب- پارىسلار ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىىش كۆرىشى تەرەققىي قىلىپ ، 2 مەزھەپ ئارىسىدىكى زىددىيەت ئوت بىلەن سۇ دەك چوڭقۇر مەزھەپ كۆرىشىگە ئايلاندى . بۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى مەزھەپكە ئارىلىىشىپ قالغان خەلق مەڭگۈلۈك تىنجىماس ، ئاخىرى چىقماس بالايى - ئاپەت قاينىمىغا كىرىپ قالدى . نۆۋەتتە بۇ مەزھەپ كۆرىشى رەھىمسىز قانلىق قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ ، سانسىز دىنىي ئولىمالار ، بىگۇناھ خەلق بۇ مەزھەپ كۆرىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى . بۇنداق ناھەق قان تۈكۈش ئادەتتىكى قىرغىنچىلىق - قەستلەپ ئۆلتۈرۈشلەردىن ھالقىپ ، " ئاللاھنىڭ مۇقەددەس ئۆيى " ھېسابلىنىدىغان مەسچىتلەر ھەتتا مەككە مۇھەررەمنىڭ ئىچىمۇ بۇنداق ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقتىن مۇستەسىنا بولالمىدى . ئۇلارنىڭ دەستىدىن مۇسۇلمانلار جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئاللاھ يۇلىدا تائەت- ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس دىنىي پائالىيەت سورۇنى بولغان مەسچىتلەر دوزاخ كەبىي قىرغىنچىلىق سورۇنىغا ئايلىنىپ كەتتى . مەسىلەن : تارىختىكى " رامىزاننىڭ 17سى" ، مىسىر زوڭتۇڭى ساداتنى قەستلەش ۋەقەلىرى، كۆزئالدىمىزدىكى ئىراق ، ئافغانىستان ، پاكىستان ... قاتارلىق جايلاردا كۈندە دىگىدەك يۈز بېرىۋاتقان پارتىلىتىش ، قىرغىنچىلىقلار ، كاللا كېسىش...لەر بۇنىڭ پۇلاتتەك پاكىتلىرى .
بەزى ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئىشلارنى ئامېرىكا ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ ، ئىراقنى بېسىۋالغاچقا پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئامېرىكا ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا بۇنداق مەزھەپ كۆرىشى ۋە قىرغىنچىلىقلار مەۋجۈت ئىدى . ئامېرىكا پۈتۈنلەي چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بۇنداق مەزھەپ كۆرىشى ۋە قىرغىنچىلىقلار تۇختاپ قېلىشى ناتايىن. مەسىلەن : ئىراقنىڭ سابىق زوڭتۇڭى ، " سۈننىي " مەزھىپى " نىڭ داھىيسى سادام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ، " شىئە " مەزھىپىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئىرانغا 9 يىلغا سوزۇلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ ، نەچچە مىليون موسۇلماننىڭ جېنىغا زامېن بولغان . يەنە ھەتتا ئۆز قېرىندىشى بولغان كۈۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىپ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ خەلقى - پۇقراسى بولغان نەچچە 10 مىڭ " شىئە " ئاممىسىنى ۋە كوردلارنى ۋەھشىيانە قىرىپ تاشلىغان . يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، « سادامنىڭ قولىدا ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدا ئۆلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ » دېسەك ھەرگىزمۇ خاتالاشمايمىز. يەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامېرىكا ئىراقتىن پۈتۈنلەي چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ، ئىراقتىكى مەزھەپ كۆرىشى ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كىم كاپالەت بېرەلەيدۇ ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بۇ ئىككى مەزھەپ ۋە بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ كۆرىشى مەۋجۈتلا بولىدىكەن بۇنداق قىرغىنچىلىقلار ھەرگىز بەلكى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ .
بۇ ئىككى مەزھەپ دۇنياغا كىلىپ ، ئىككى مەزھەپنىڭ كۆرىشى باشلانغاندىن كۈنىدىن باشلاپ ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا تەسىر يىتىپلا قالماي بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىلىرىمۇ ئىنكار قىلىنىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى . مەسىلەن ؛ ئاللاھنىڭ ، پەيغەمبەرنىڭ بىرلىكى ، قۇرئاندا قەيت قىلىنغان ئىككى موسۇلماننىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ قېنىنى تۈكۈشى مەكروھ ، مۇقەددەس سورۇن مەسچىتتە قان تۆكۈش مەكروھ....دېگەندەك تۈپ ئىسلام ئەقىدىلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىپ ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتتى . ئومۇمەن ، ئەرەبلەر بىلەن پارىسلارنىڭ ھوقۇق تالىشىىش كۆرىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ ئىككى مەزھەپ دۇنياغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي بەلكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىناقلىقى ، بىرلىكى ، .ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، ئىسلام دۇنياسىنى پارچىلاش رولىنى ئويناپ، ئىسلام دۇنياسىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدىغان يۇشۇرۇن ئاپەتكە ئايلىنىپ ، ئىسلام دىنى بىلەن مۇتلەق ئالاقىسى يوق سېپى ئۆزىدىن بىدئەت - سەپسەتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ ، دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان قارا نىيەتلەرنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ھەق – ناھەقنى پەرق ئىتەلمىگەن ئىسلام دۇنياسىدىكى بەزى مۇسۇلمانلار ھېلىھەم بۇ مەزھەپلەرگە بەيئەت قىلىپ بىدئەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە داۋاملىق ئۇچراپ ، قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ .
بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئەينى چاغدىلا باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ئەقىللىق بولغاچقا، ئىسلام دىنىنىڭ " بىر ئاللاھ ، بىر پەيغەمبەر ، بىر دىن ، بىر كىتاب " ئەسلى ئەقىدىسىنى " بىر مىللەت " كۆز قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ئىسلام دىنىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلغان . گەرچە " شىئە" ، " سۈننىي " دېگەنلەردىن نەچچە 100يىل ئىلگىرىلا ئەجدادلىرىمىز نىڭ خەۋىرى بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بىدئەت ۋە ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەچكە ، " سۆرەپ " كەلمىگەن ۋە مىللەت ئىچىدە تارقىلىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالغان . يەنە دىننىڭ ، مىللەتنىڭ پارچىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، سىرتتىن كىلىدىغان بىدئەتلەردىن ئۆنۈملۈك ساقلىنىپلا قالماي بەلكى ئۆز ئىچىدىمۇ بۆلگۈنچىلىك ۋە مەزھەپ پەيدا بولۇشىدىنمۇ قاتتىق ئىھتىيات قىلغان ۋە ھېچقانداق مەزھەپنى قوبۇل قىلمىغان ، ھەتتا قاتتىق توسىغان . مەسىلەن: ئاپپاق غۇجىنىڭ 3- خوتۇنى مۈھتىرەم خانىم ( بەزىلەر " جاللات خېنىم " دەپمۇ ئاتىشىدۇ ) غۇجىلارنىڭ مەزھەپچىلىك قىلىپ ، ھاكىمىيەتنى، مىللەتنى پارچىلاپ ، خەلققە زولۇم سېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، ھەتتا ئۆزئېرىنىڭ ( ئاپپاق غۇجا ھايات چېغىدا " ئاق تاغلىق " غۇجىلارنىڭ باشچىسى ئىدى ) يۈزىنىمۇ ئاياپ ئولتۇرماي ، مەيلى " ئاق تاغلىق" ياكى " قارا تاغلىق " بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممە غۇجىلارنى قاتتىق باستۇرۇپ ، تازىلىغان ئىدى . گەرچە ئاخىرىدا غۇجىلار تۇپىلاڭ كۆتىرىپ ، ئوردىغا بېسىپ كىرىپ ئۇنى قەتلە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ ، غۇجىلار ئۇنىڭ قاتتىق زەربىسىدە ئاللىقاچان ھالاكەتكە مەھكۈم بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مىللەتنى ، دىننى پارچىلاش سۈيىقەستى توسۇپ قېلىندى ئۇيغۇر خەلقى ئەجەللىك ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى . ئەگەر ئەجدادلىرىمىز " ئاق تاغلىق " ، " قارا تاغلىق " غۇجىلار نى نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا بۈشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋەتمىگەن بولسا ھازىرغىچە بەلكىم " ئۇيغۇر" دېگەن مىللەتنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى قۇرۇق نامىمۇ قالمىغان بۇلاتتى !
" ئاق تاغلىق " ، " قارا تاغلىق " دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ۋارىئانتى " ئاق تەقىيلىق " ، " قارا تەقىيلىق " بولۇپ ، ئۇ باشكىيىم" بۆك " نى يەنى ئىككى مەزھەپتىكى غۇجا، سۇپى – ئىشانلارنىڭ بىر- بىرىنى پەرقلەندۈرۈرۈش ئۈچۈن ، بىرىنىڭ بېشىغا ئاق تەقىي ( بۆك) ، يەنە بىرىنىڭ قارا تەقىي ( بۆك) كىيىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ . بۇ سۆزلەر كېيىنچە ئۆزگىرىپ " ئاق تاغلىق " ، " قارا تاغلىق " بولۇپ قالغان .
بۇندىن 70 يىل مۇقەددەم، تۇرپانلىق بىر زات ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،جامائەت ئۇنىڭدىن ھەج تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى سورىغاندا ، ئۇ كىشى سۆزلەپ كىلىپ ، ئاخىرىدا : « ئەرەب دېگەن مەزھەپخۇمار خەق ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۇنيادا ئىككى ئەرەب ئېشىپ قالسا ، ئاخىرىدا "سەن شىئە " ، " مەن سۈننىي " دېيىشىپ ، بىر -بىرىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئۆلۈپ تۆگىشىشتىن يانمىغۇدەك " دەپ مەزھەپچىلىكنى قاتتىق سۆككەنىكەن. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەزەلدىن مەزھەپچىلىكنى ياقتۇرمايدىغان ، ئۇنىڭدەىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يەنە ، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئەنگىلىيە ، شىۋىتسىيە مىسسىيونېر ( خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچى ) لىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىن تارقىتىشىغا ، خىرىستيان مۇرتلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نەق مۇشۇ سەۋەبتىن مەيدانغا كەلگەن يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلۈنۈپ – پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئىدى . بۇ ئىش كۆرۈنۈشتە دىنى تۈس ئالغان بولسىمۇ ، ماھيىتى مىللەتنىڭ پارچىلنىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ ، بىرلىكىنى قوغداش ئىدى .
ئەجدادلىرىمىز نەچچە 100يىل ئىلگىرىلا ھەر قانداق بىر مەزھەپنىڭ دىننىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل مىللەتنى پارچىلاپ ، مىللەتكە چەكسىز ئازاب- ئوقۇبەت ئېلىپ كىلىپ ، ھالاكەتكە دۇچار قىلدىغانلىقىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ، ساپ، ئەسلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، " شىئە " ، " سۈننىي " دېگەندەك "ھارام شاخ"، " پۇتاق " ، " بىدئەت " ، مەزھەپلەرنى "پۇتاپ " تاشلاپ، قوبۇل قىلمىغان .
بۇنداق ئىش ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس باشقا مىللەتلەردىمۇ مەۋجۈت . مەسىلەن : تارىختا ياپون بۇددا سامۇرايلىرى خىرىستيان دىنىنىڭ ياپونىيىدە تارقىلىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ئۇرۇش قوزغاپ ، خىرىستيان دىنىغا كىرگەن نەچچە 10 مىڭ ياپوننى « ئەۋلىيا» لىرى بىلەن قوشۇپ قىرىپ تاشلاپ ، قانلىق باستۇرۇپ ، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان .
ئەمدى، " ئۇيغۇرلار سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە " دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، دەرۋەقە بىزنىڭ ئىسلام دىنىغا قارىتا قارىشىمىزدىكى "بىر ئاللاھ، بىر پەيغەمبەر ، بىر كىتاب " قارىشىمىز ئەرەبلەرنىڭ " سۈننىي " مەزھىپىنىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . ۋاھالەنكى ، بۇ قاراش قانداقتۇر ئەرەبنىڭ ، ئۇيغۇرنىڭلا ئەمەس بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىسى ۋە ئاساسىي كۆزقارىشى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىسى ۋە ئاساسىي كۆزقارىشنى قوبۇل قىلىشلا كۇپايە ، دەپ قارىغان ھەمدە " سۈننىي " مەزھىپىنى قوبۇل قىلمىغان . ئەگەر " سۈننىي " نى قۇبۇل قىلىپلا قويسا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا " شىئە " سىمۇ قوشۇلۇپ كىلىشى مۇقەررەر ئىدى . ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق مەزھەپنى قۇبۇل قىلماسلىقى ۋە چەكلىشىنىڭ سەۋەبلىرى يۇقىرىدا سۆزلەندى .
يەنە بىر ئىش " ئاللاھنىڭ بىرلىكى، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ ، قۇرئانى كەرىم بۇيىچە ئىش قىلسىلا تەقۋادار مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ . بۇ ھەم نەق ئىماننىڭ جۈملىسى ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىسى ۋە ماھىيىتىدۇر . مۇشۇ ئەقىدىنى ئىتىراپ قىلغانلار مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئەقىدىنى قوبۇل قىلىپ ،شۇ بۇيىچە ئىش قىلسىلا كۇپايە ( ئىمان ئېيتتى دېگەن نەق مۇشۇ ) . ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق قاراش ، ئويدۇرما مەزھەپلەرگە باش سېسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق . بۇنىڭغا تۈۋەندىكىچە ئاساسلار بار:
بىرىنچىدىن، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن ھەدىسلىرى ، سۆزلىرى - تەلىماتلىرى ئىچىدە ۋە مۇقەددەس كىتاب " قۇرئانى كەرىم " دە " شىئە " ، " سۈننىي " توغرۇلۇق ھېچقانداق گەپ يوق ھەمدە ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان چوقۇم بىرەر مەزھەپكە قاتنىشىشى كېرەك ، بىرەر مەزھەپكە قاتناشمىغان - كىرمىگەن كىىشى مۇسۇلمان بولالمايدۇ ، دېگەن ھۆكۈم - قانۇن، بەلگىلىمىمۇ يوق.
ئەگەر ئەينى چاغدا ، مۇھەممەت پەيغەمبەر " دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ( ئىمان ئېيتقانلار ) ھەممىسى بىر قېرىنداش " دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرماي ، " شىئە " ، " سۈننىي " دەپ ئايرىپ ، مەزھەپچىلىكنى تەرغىپ قىلغان بولسا ، ئسلام دىنى بۈگۈنكىدەك پۈتۈن دۇنياغا تارقىلالمىغان بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ، ئسلام دىنى بۈشۇكىدىلا " تۇنجۇقۇپ " كەتكەن ، بىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ نېمىلىكىدىن خەۋەرسىز قېلىپ ، بەلكىم تېخىچە " بۇددا " بولۇپ يۈرىۋىرىشىمىزمۇ ئىھتىمال ئىدى . بۈگۈنكى " شىئە " ، " سۈننىي " لەرنىڭ ھالىنى كۆرسەكلا بۇنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس .
ئىككىنچىدىن ، مۇقەددەس كىتاب " قۇرئانى كەرىم " ئاللاھ ئىنسانلارغا چۈشۇرۈپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرىقى قانۇن خاراكتېرلىق كىتاب بولۇپ ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۇنىڭدا ئېيتىلغانلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك . بولمىسا ھەقىقىي مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ . شۇڭا ، چوقۇم " قۇرئانى كەرىم " نى ئۆلچەم قىلىپ، " قۇرئانى كەرىم " دە ئېيتىلغانلارغا چوقۇم ئەمەل قىلىش لازىمكى ، ئېيتىلمىغانلارغا پەرۋا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . چۈنكى ، باشقا كىتاب ، مەزھەپلەر دە كاپالەت يوق ، كىتاب دېگەننى ھەممىلا ئادەم يازىۋېرىدۇ ، تۆت ئادەم يىغىلىپ، ئىككى پەتىۋانى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ، ئىككى قېتىم تەكرارلىسىلا بىر مەزھەپ مەيدانغا كىلىۋېرىدۇ . ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى ۋە كاپالىتى يوق . " قۇرئانى كەرىم " دە " شىئە " ، " سۈننىي " توغرۇلۇق ھېچقانداق گەپ بولمىغاچقا ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانچىلىق بىلەن ، دىن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ، مەزھەپچىلەر ئىسلام دىنىنى سۈيىئىستېمال قىلپ مەيدانغا چىققاچقا ، كەمكۈتىسىز بىدئەت ھىسابلىنىدۇ . شۇڭا ، " شىئە " ، " سۈننىي " بولسىڭىزمۇ ھېچقانداق ساۋابى يوق ، ئەكسىنچە ئۆزىڭىزگە بىھۈدە باش ئاغرىقى تېپىۋالىسىز ، بىدئەتكە ئەگەشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بىھۈدە بالا – قازاغا تىقىپ ، گۇناھ ئارتىۋالىسىز . " شىئە " ، " سۈننىي " بولمىسىڭىزمۇ ھېچقانداق گۇناسى يوق .
بۇ نۇقتىنى ئوبدان بىلگەن ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ ، كەلگۈ سى ئەۋلادلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ، ئىناقلىقى ، بىرلىكى ۋە ئاسايىشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئەسلى ئىسلام دىننى ئۆز پىتى قوبۇل قىلىپ ، " شىئە " ، " سۈننىي " دېگەندەك " ھارام شاخ ، پۇتاق " لارنى قوبۇل قىلمىغان .
ئۈچىنچىدىن ، ئاللاھ 4 كىتاب ( ئىنجىل ، تەۋرات ، زەبۇر ۋە قۇرئان ) چۈشۈرۈپ بەرگەن 4 چوڭ دىن _ خىرىستىيان، كاتولىك ، پراۋوسلاۋىيە ، ئىسلام دىنلىرى ۋە ( نوم ) بۇددا دىنىدا دۇنيا بۇيىچە بىرلىككە كەلگەن بىر ئورتاق كۆز قاراش بولۇپ ، ھەربىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىدا ئېيتىلغان ، بەلگىلەنگەن مەزمۇنلاردىن ھالقىپ كەتكەن ياكى زىت بولغان ، باشقا كىشىلەر ئۆزلىرى ھەر خىل ئھتىياج تۈپەيلىدىن ئويدۇرۇپ چىققان يېڭىچە كۆز قاراش ۋە مەزھەپلەر بىردەك بىدئەت ھېسابلىنىدۇ . بۇنداق قاراشنىڭ سەۋەبى : ھەقىقىي دىنلارنىڭ ئىزچىللىقى ، ساپلىقى ۋە ئىناۋىتىنى قوغداشتۇر .
ھالبۇكى ، 21- ئەسىر دە، پەن- تېخنىكا ئۇچقاندەك رىۋاجلىنىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان قېرىداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ئاددىي ساۋاتنىمۇ ئاڭقىرالماي ، ئەرەب – پارىستىن ئاشقان قۇسۇقنى " تۇتىيا" ، " ھەسەل " بىلىپ ئېغىزىغا ئېلىپ ، يوق نەرسىنى تالىشىپ ، "سەن شىئە " ، " مەن سۈننىي " دېيىشىپ ياقىلىرىنى يىرتىشىپ يۈرۈشلىرى كىشىنى تۇلىمۇ ئېچىندۇرىدۇ . مېنىڭچە بۇنىڭ تۆۋەندىكىچە سەۋەبلىرى بار ، دەپ قارايمەن :
(1) يۇقىرىدا ئېيتقاندەك بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقىتەن بىلىمسىز، نادانلىقىدىن ، ھەق – ناھەق ، راس - يالغاننى پەرقلەندۈرۈش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ، پايدا – زىياننى ، مەزھەپنىڭ ئۆزىگە ، مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي ئاقىۋىتىنى ، بالايى – ئاپىتىنى ئويلاپ باقمايلا قارىسىغا دورامچىلىق قىلىشى .
(2) بەزى " قاراقۇرساق" قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزى ئازىراق ئېچىلىپ ، قولى ئازىراق پۇل كۆرۈشى بىلەن سىرتقا چىقىپ ، ئانچە - مۇنچە ئىشلارنى كۆرۈپلا ھەيران قېلىپ ، خەقنىڭ ھەممىلا ئىشى يېڭىلىق بىلىنىپ ، ئويلاپ – تەتقىق قىلىپ باقمايلا "جاھان شۇنداق ئوخشايدۇ " دەپ قارىسىغا دورامچىلىق قىلىشى .
(3) ئايرىم ، ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ مىللەتنى پارچىلاپ ، مىللەت ئىچىدە مەقسەتلىك ھالدا ئىناقسىزلىق، جىدەل - ماجىرا ، تالاش – تارتىش پەيدا قىلىپ ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ،" تۇپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ " مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنىشى .
(4) مەن دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرغان بىر خەنزۇچە ماتېرىيالدا « ئۇيغۇرلار سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە » دېگەن گەپنى كۆرگەنىدىم . بۇ باشقا مىللەتتىن بولغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەيلا قارىسىغا ھۆكۈم قىلىشىدىن بولغان . بەزى تەرجىمانلىرىمىزمۇ ئۇنى دىققەت قىلماي ياكى تەھلىل قىلىپ باقمايلا قارىسىغا ئەينەن پېتى تەرجىمە قىلىۋەتكەنلىكىدىن خاتا ئۇقۇم ۋە خاتا چۈشەنچە شەكىللىنىپ قالغان ۋە باشقىلارغا ساپاق تېپىپ بەرگەنلىكىمۇ ئىھتىمال . بۇنداق ئىشلاردا مەن تەرجىمان - مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەن قېرىنداشلارنىڭ ھۇشيارلىقىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈپ ، ئىناقلىق ، ئىتتىپاقلىقنى كۆچەيتىپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن پۇرسەت ۋە ئاسايىشلىقنى قەدىرلەپ ، نورمال تائەت – ئىبادەت بىلەن شوغۇللىنىپ ، بىدئەت - يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئىھتىيات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئاللاھ، ھەربىر ئۇيغۇرنى ئۆز پانايىڭدا ساقلىغايسەن ، كۆڭلىگە ئىنساب، دىيانەت ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، بىرلىك ، تۇرمۇشىغا ئامانلىق ، ئاسايىشلىق ئاتا قىلغايسەن ، ئامىن !历史上的今天:
يىگىتلەر گالاستۈك چىگىشنى ئۈگىنىۋېلىڭلار 2010-06-20يىگىتلىكتىن ئاتلىغان ئەرلەرگە 2009-06-20قەتئىيلىك _ ئەرلەرنىڭ ئەڭگۈشتىرى 2009-06-20ئاجايىپ كاللىسى ئىشلەيدىغان بالا 2009-06-20