-
قەتئىيلىك _ ئەرلەرنىڭ ئەڭگۈشتىرى
2009-06-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41270804.html
ئەرلەرنىڭ جىسمى ۋە روھىغا ياراتمىشتىلا قۇپاللىق ۋە بەردەملىكنىڭ تامغىسى بېسىلىپ كەتكەن . چىدامچانلىق ۋە قەتئىيلىك ئەرلەردىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭگۈشتەر . بارلىق مۇۋەپپەققىيەت قازانغان ، بەخىتلىك ياشاۋاتقان ، ھەر بىر كۈنىنى مەنىلىك ۋە خۇشال كەيپىياتتا كۈتۈپ - ئۇزۇتۇپ قۇيۋاتقانلار دەل ئۆز غايىسى ، ئېتقادىدا ، ئۆز ئىش - كەسپىدە قەتئىي ، ئۈزۈل - كېسىل كىشلەردۇر.
ھالال بىلەن ھارام ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ، رەزىللىك بىلەن گۈزەللىك ئارلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتە بىر ئادەم ، بىر ئەر قەتئىي بولمىسا ئۇڭايلا ئىمىاننى بۇلغىۋالىدۇ، سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ ، ئىشلىرى يېرىم يولدا تۇختاپ قالىدۇ ياكى باشقىلارغا ئالدىنىپ كىتىدۇ . رىقابەتنىڭ ئۆزگىرىش - تەرەقىياتلىرى ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە قەتئىيتىگە قۇيۇلغان قاتتىق سىناقتور .
ئۆز ئەقىدىڭىزدە چىڭ تۇرۇڭ ، ئۆزىڭىزگە ، دۇنياغا، كىشلەرگە نىسبەتەن تۇغرا ئەقىيدە - ئېتقاد تۇرغۇزۇڭ ھەمدە ئۇنىڭدا قەتئىي چىڭ تۇرۇڭ . كىشلىك مۇناسىۋەت سىزدىن ئەۋرىشىم ، ئارىسالدى بۇلۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن . ئەمما ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇغرا مەيدان ، كۆز قارىشىڭىزدىن ئاسانلا ۋاز كىچىدىغان ، ئۇنىڭدىن گۇمانلىندىغان ، ھەتتا باشقىلارنىڭ بىمەنە سەپسەتىلىرىگە بۇلىشىدىغان ئىشنى قىلماڭ . بىزدە ئۆزىدە تۇغرا ، ئۈزۈل - كېسىل ئەقىيدە تۇرغۇزغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس. شۇڭا سوزسا لەغمەن ، تۈگسە مانتا بۇلىدىغان مەۋقەسىز ئادەملىرىمىز كۈپىيىپ كېتىپ بارىدۇ . ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا [ ھەقىيقەتنى ئېچىڭلار ، تۇغرا يولدا مېڭىڭلار ] دېگەنىكەن. ھەقىيقەتنى ئېچىش ، تۇغرا يولدا مېڭىشقىمۇ دەل قەتئىيلىك ، بۇشاشماس ئىرادە كېرەك .
قەتئىيلىك يەنە باشقىلارنىڭ بىمەنە ئىش - سۆزلىرىگە دادىل رەدىيە بېرىشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . ھەقىيقەتنىڭ نوپوزى سەپسەتىگە قارىشى تۇرۇش ئارقىلىقلا تىكلىندۇ . شۇڭا ، دوستلىرىڭىز ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن قانۇن - نىزام ، ئاممىۋى ئەخلاققا زىت ھەرقانداق ھەركىتىگە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇڭ . ئۈنسىز سۈكۈت ھەقىيقەتنىڭمۇ ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭمۇ قەددىنى پۈكۈپ ، زۇۋانىنى خىرەلەشتۈرۈپ ، سەپسەتىنىڭ ئۆكتەمىلەرچە يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قانداقلىكى ئىش باشلىماڭ ، تۇغرا ، ياخشى بولسىلا يېرىم يولدا تاشلاپ قويماڭ . ئۇ شاختىن بۇ شاخقا سەكرىمەڭ . باشقىلار بىرەر ياخشى ئىش- كەسىپنىڭ كويىغا كىرۋالغان بولسا ، سىزمۇ قىلۋاتقان ئىششىڭىزنى تاشلاپ شۇ ئىشنىڭ پىشىگە ئېسىلماڭ ، بەلكى قىلۋاتقان ئىششىڭىزنى كەم - كۈتسىز ، باشقىلارنىڭ زوقىنى قوزغىغۇغىدەك جايىدا قىلىشقا تىرىشىپ ئىشلەۋېرىڭ . مەۋقەسىزلىك ھاياتنى ، ئەقىلنى ، مالنى ئورۇنسىز ، ئەھمىيەتسىز خوراشقا ئىلىپ بارىدۇ .
ئاياللارمۇ لامزەللە ، مەۋقەسىز ، تۇترۇقسىز ، شاختىن - شاخقا سەكرەپ يۈرۈيدىغان ئەرلەردىن يەتكۈچە بىزار. ئۇلارنىڭ جان -جېنى بىلەن تىلەيدىغىنى قەتئىي ، مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق ، كەسكىن ئەرلەردور . بۇرادەر ، ئەڭ ياخشىسى نۇرانە يولدىكى قەتئىيلىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ . ئىزگۈلۈك يوللىرىدىكى قەتئىيلىك سىزگە ئىككى دۇنيالىق سائادەتتىن بۆلەك نەرسە چىللىمايدۇ .
مەنبە : كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر دىگەن كىتاپتىن历史上的今天:
يىگىتلەر گالاستۈك چىگىشنى ئۈگىنىۋېلىڭلار 2010-06-20يىگىتلىكتىن ئاتلىغان ئەرلەرگە 2009-06-20ئاجايىپ كاللىسى ئىشلەيدىغان بالا 2009-06-20ئۇيغۇرلاردا مەزھەپ يوق 2009-06-20