• پولات قانداق داتلاشتى؟

    2009-06-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41229169.html

    ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بولىدۇ ، مەيلى ئۇ قۇشنىڭ پىيى بولسۇن ، ياكى زىمىنغا ئىغىر بەستى بىلەن چىڭ تاقېلىپ تۇرغان ھەيۋەت تاغلار بولسۇن . ۋە ياكى ئەتتىگەندە گۈل بەرگىدە پەيدا بولغان شەبنەم بولسۇن، ۋە ياكى ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆللۈكلەردىكى بىر تال قۇم دانچىسى بولسۇن. ئەتىراپىدىكى مۇھىتقا ئاز تولا بولسىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ ، ئەمدى مىللەت توغىرسدا گەپ باشلىساق ، مەيلى ھازىرقى دەۋىردىكى پۈتۈن دۇنيانى ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان يەھودى بولسۇن ، ياكى ئەينى زاماندىكى خاتالىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئئىندىئانلا بولسۇن . ۋە ياكى ناخشا-ئۇسسۇل ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلىۋەتكەن سىگانلار بولسۇن . ھەربىر مىللەت ئىنسانىيەتكە ئاز-تولا تۆھپە قوشۇپ ئۆتتى دىسەك خاتالاشمايمىز . مۇشۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنيەت ، ئىلىم-پەن، كەشپىيات ، ۋە ياكى سەنئەت جەھەتتىكى تۆھپىلىرىنى ھەر قانداق بىر كىشى بىلىدۇ ،ھەم بىلىۋاتىدۇ.

    مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىن مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە ئەمەس ، ئەمما ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىمىم بار ( مۇڭ0903 ئاتلىق تورداشنىڭ تىمىلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم ، بۇ تورداشقا رەھمەت)، مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئۇيغۇر تارىخى بىباھا بايلىقنى بېسىپ چۈشكىدەك قىممەتكە ئىگە ، مەن ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىدا چاقنىغان ھەربىر يۇلتۇز كۆكتىكى ئەڭ كۆز قاماشتۇردىغان يۇلتۇزدۇر ، يەنە مەن ئۇچۈن ئۇيغۇر ئاتلىق بۇ مىللەت نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تاۋلىنىپ چىققان پولات . ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارمۇ پولات ئەمما دات بېسىۋاتقان پولات....

    پولات_ ئۇ ھەربىر كىشىنىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق بېسىمغا چىداشلىق بىرەلەيدىغان . توپراقنىڭ ئاستىدا نەچچە مىڭ يىل ياتسىمۇ يەنىلا ئۆز خۇسۇسيىتىنى يوقاتمايدىغان جىسىمدۇر ، بۇ ئاتالغۇنى كىشلەرگە باغلىساق ، چىداملىق ، غەيرەتلىك ،غۇرۇرلۇق كىشلەرنى پولات دىسەك بولىدۇ ، بىر مىللەتكە باغلىساق ياۋلارنىڭ زەربىسىدىن قۇرقمايدىغان ، ئىزىلمەيدىغان ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ تىغلىرى كار قىلمايدىغان ، ئۆزلىگىنى يوقاتمايدىغان مىللەت دىسەك خاتا كەتمەس، ئۇنداقتا پولات داتلىشامدۇ؟


    ماناپولاتقا ئوخشاتقان ئۇيغۇر مىللىتىمىز داتلاشتى . نىمىشقا داتلاشتى؟ مەن پەقەت ئۆز خائىشىم بويچە بىر نەچچە نوقتىغا يىغىنچاقلايمەن . خاتا كەتكەن بولسا ماڭا ئىغىر تىللارنى ياغدۇرماڭلا ، مەن نەسىھەت ئاڭلايدىغان بالا . بەلكىم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلغار پىكىرلىك تورداشلىرىمىز مۇنازىرە باشلاپ شۇ «دات» نى يۇيۇپ تاشلېشىمىزغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

     

    مىللەتنىڭ بېشىغا چۈشكەن كىسلاتالىق يامغۇر_ ئەيدىز.

    ئەيدىز ، بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلېغىنىمغا خىلى يىللار بولغاندۇ . يىڭى ئاڭلىغان چاغلىرىمدا مەن شۇنچىلىك خاتىرجەم ئىدىم ،مىنىڭ ئىڭىمدە ئەيدىز بىزدىن تولىمۇ يىراق ، ئەيدىز ئامىرىكىدا ياكى ئافىرىقىدا، بۇ نىجىسنىڭ نەچچە قىتئە ئاتلاپ ، نەچچە ئوكيان كىچىپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىشكە ماغدۇرى يۇق دەپ ئويلاتتىم ، ئەمما كەلدى ، ئۇ كىلىشنى خالىمىغان بولىسمۇ بىز چىللاپ كەلدۇق ، ھەتتا بەزى كىشلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىغا چىقتۇق . يەنە بەزىلىرىمىز مەخسۇس چەتئەللەرگىچە بىرىپ باشلاپ كەلدۇق . ئۆيىمىزگە ئورۇن-كۆرپە راستلاپ ئۇنى قوندۇردۇق ، ئەمما بىز شۇنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىدۇق .ئەمەليەتتە ئۇ مىھمان ئەمەس ئىدى . بەلكىم بىزگە كەيىپ-ساپا ، بۇزۇقچىلىق شۇنداق تاتلىق بىلىنسە كىرەك ، بەزىلىرىم قىزلىرىمىزنى ناپۇت قىلىپ بەزىلىرىمىز ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلىپ دىگەندەك بۇ ئەيدىز ئاتلىق ئاداشقا ئاران ئىرىشتۇق. تىخى مۇشۇ ئەيدىزنى تالىشىپ قىرىنداشلار ئوتتۇرسىدا جەڭ بولۇپ كەتتى . يىگىتلىرىمىز يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى خەجلەپ بولالماي ئاداشلارنى چاقىرپ :" يۈرۈڭلار ، ئەيدىز بولايلى!" دەپ توۋلاپ خلىۋەت كوچىلاردىكى قىزىل چىراقلىق ئۆيلەرگە ئاتلاندۇق. قىزلىرىمىز ئەقىل ساتمىدى ، كۈچ ساتمىدى ، ئەمما تەن ساتتى ، ھىلىقى ئەيدىزنىڭ مال توشۇغۇچىلىرى قىزلىرىمىزغا ئەيدىزدىن ئازىراق بەردى ، قىزلىرىمىز ئۇنىڭدىن ئازىراق بۇنىڭدىن ئازىراق ئېلىپ يۈرۈپ ئەيدىزنى يانچۇقلىرىغا لىق قاچىلاپ ھىلىقى «مەرت» يىگىتلەرنىڭ يەنە كىلىپ ئېلىپ كىتىشىنى ساقلاپ تۇرىدى . شۇنىڭ بىلەن مىللەت بېشىغا كىسلاتالىق يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى ، ئادەتتىكى يامغۇردىن پاناھلانغان كۈنلۈكلەر ئىشلىمەي قالدى . بۇنىڭلىق بىلەن بىزدىكى ئىپپەت ئېڭى داتلاشتى. ئەجىبا بىز مۇشۇ يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن يىگىتلىرىمىزنى دوستلىرىدىن نىرى قىلامدۇق؟ قىزلىرىمىزنى ئۆيگە سولاپ قويامدۇق؟  

     

    مىللەتنى ئورىۋالغان قىلىن تۇمان- زەھەرلىك چىكىملىك.

    يۇقارقى ئەيدىزگە ئۇل سالغان يەنە بىر ئىسىل تائام بولسا زەھەرلىك چىكىملىك ، ئەجدادلىرىمىز ناسۋال چىكىپتىكەن ، ئۇلارنىڭ چەككىنى يىتەر ئىدى ، ئەمما بىز چىكىملىكنى بىر نەچچە دەرىجە ئۈستىگە كۆتۈردۇق . بۇرۇنقى ئاجىز كەيىپلەر بىزنىڭ «كۈچلۈك بەست»ىمىزنى مەست قىلالمىدى ، تۈنۈگۈننى ئاختۇرساق ئەنگىليەنىڭ جوڭگۇغا ئەپىيۇن كىرگۈزۈپ بارلىق ئەسكەر ، قۇماندانلارنى ئاجىزلاتقىنى ھەممىمىزگە ئايان . ئەمما بىز " ئىشەك" چىلىك ئەقىلگە ئىگە بولالماي قالدۇق . بىر قىتىم پۇتىمىز كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن يەنە ئۆتتۇق ھەم ئۆتىۋاتىمىز ،چۈنكى بىز پارلاق كەلگۈسىنى كۈتىۋاتىمىز . شۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۇ يېقىدىكى تۈتۈنلەرگە بۆلەنگەن ھىسسي تۇيغۇنى كۈتىۋاتىمىز . دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئاچتى ، پەقەت ئىشىكنىلا ئاچتى ، ئەمما بىز ئىشىك-دىرىزە ، ھەتتا تۈڭلۈكلەرنىمۇ ئاچتۇق ، قولىمىز سىخى بولغاچقا ئاچتۇق . « بالدۇر ئويغانغان» كىشلىرىمىز زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۆزىگە ھەمرا قىلدى ، « سودىگەر» لەر ئۆز يېنىدىن ھەمكارلاشقۇچى تاپتى ، شۇنىڭ بىلەن «دادام »مال بىلەن تەمىنلىدى ، «ئاكام» ساتتى ، «ئىنى-سىڭىل»لىرىم چەكتى ، «بالام »ئىسىنى پۇراپ قالدى ، شۇ سەۋەب بۇ قەۋىمدىكى ھەممەيلەن زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ سادىق پۇقراسى بولدۇق . بۇنىڭ بىلەن بىرگە يىگىتلەر تۈن بويى قويۇق تۇمان ئىچىدە ، قىزلار كۈن بويى قاراڭغۇ كىچىدە يۈردى . بۇ تۇمان دەستىدىن بىزدىكى غۇرۇر ، ۋىجدان ، يىگىت-قىزلارنىڭ ئەخلاقى ھەم ئارزۇسى داتلاشتى . بىر قەۋىم داتلاشتى،،، ئۇنداقتا بىز شۇتۇماندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يىگىتلەر پۇۋلەپ ، قىزلار يەلپۇگۈچ تۇتۇپ ئەتىراپىمىزىكى تۇمانلارنى قوغلامدۇق؟ بىزدە تۇماننى تاراتقىدەك ئەقىل-ئىدىرەك يوقمۇ؟
     

     

    مىللەتنىڭ ئەقلىنى بوغۇپ قويغان نۇقتا - مال-دۇنيا.

    پۇل يامان نەرسە ئەمەس ، ئەمما مۇشۇ پۇل توغۇرلۇق يولدىن ئىزىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرىممۇ ئاز ئەمەس . ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار . ھەممە كىشىدە بار . ئەمما . بىراق ، ۋەلىكىن ھەقىقى پۇلى بارلار قانچىلىق؟ بەلكىم نۇرغۇندۇ ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن پۇل ئۈستىدە كۆرەش قىلىدۇ ؟ جان بېقىش ئۈچۈن ، جان بېقىش ئۈچۈن پۇل تاپقان بولسا ئۇيغۇرلاردا پۇل يوقكەنغۇ! مانا مۇشۇ راھەت ئاتا قىلىدىغان نەرسىنى ئۆز يانچۇقىمىزغا تولدۇرۇش ئۈچۈن يۇقارقى ئىككى سەۋەبكە تۇتىشىپ قالدۇق ، بىز پۇلنى دەپ ئەيدىز بولدۇق ، پۇلنى دەپ زەھەرلىك چىكىملىككە ئۈگەندۇق دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمەن . بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالساق مەيلى ئىدى ، ئەمما بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يول ئالدۇق ، ئۆزىمىز يالغۇز ماڭمىدۇق ، سەبى بالىلارنى ئېلىپ ماڭدۇق ، ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى ئامالسىز تۆكتى ، بىز مىللەتنىڭ يۈزى بەدىلىگە كەلگەن مال-دۇنيانى يانچۇققا تۆكتۈق . يىراقتىكى تىخى چوڭېراق شەھەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ سەبى بالىلىرى " دۇنيا" نى كۆرۈپ بولدى . ئىچكىرىنى تاشلاپ ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالايلى ، پارىخورلۇق ، بۇلاڭچىلىق ، يانچۇقچىلىق يەنە شۇ مال دۇنيانى دەپ ئۆزلىگىنى سېتىش ، ئازغىنە مائاشنى دەپ مىللەتتىن يۈز ئۆرۈش ...... مانا نۇرغۇن سەۋەبلەرگە باشلامچى بولغان مال-دۇنيا بىزنىڭ ئاپئاق كۆڭلىمىزنى داتلاشتۇردى ، قىرىنداشلىق مىھرىمىزنى داتلاشتۇردى . ئۇنداقتا مۇشۇ داتنى يۇيۇش ئۈچۈن پۇل تاپماي جىم ئولتۇرامدۇق؟ مال-دۇنيادىن مىھرىمىزنى ئۈزەمدۇق؟


     

    مىللەتكە بىكارغا سوۋغا قىلىنغان ئىنئام -غەيۋەت

    باشقىلار بىرلكتە كەشپىيات ياراتسا ، بىز غەيۋەت يارىتىمىز ، باشقىلارنىڭ يۇلتۇزى ئاسماندا چاقنىسا ئۇلار ئىپتىخارلىق ئىچىدە ھوزۇرلانسا ، بىز غەيۋەتلىرىمىزنى شۇ كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا يەتكۈزىمىز ...... ئۇيغۇرلار پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن كەچكەن تۇرسا غەيۋەت قىلىشقا ۋاقتى چقامدۇ؟ چىقىدۇ ، بىز ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرالايمىز . چۈنكى غەيۋەتكە دەسمىي كەتمەيدۇ ، باج ئالمايدۇ . ھالا بۈگۈنگە كەلگىچە ئۇيغۇر قەۋمىدىن غەيۋەت تۈپەتلى يىقىلغان ئالىملىرىمىز ئاز ئەمەس ، بۇندىن كىيىنمۇ يىقىلىپ تۇرىدۇ ، بىزدە يىقىلغان كىشلەرنى يۆلەپ قويغۇدەك كۆڭۆل يوق ، ئامال بولسا يىقىلغان يىرىدىن قۇپقۇزمىساق دەيمىز . ئادەم ئىغىزدىن كىتىدۇ ، مانا ھازىر قىسمەنلىكتىن ئاتلاپ بىر پۈتۈن مىللەت ئىغىزدىن كىتىپ بارىدۇ . مەنمۇ غەيۋەت قىلغان بەلكىم مۇشۇ بۆلەكنى ئوقىغان كىشلەرمۇ قىلغاندۇ ، ئەگەر بىز غاجاشقا ئادەم تاپالمىساق خۇيى ئەسكى بىرەر ئىشەكنى ياكى قوي-كالىنى غاجاپ باقىمىز . يامانلارغا قامچا كىرەك ،غەيۋەت ئامەس ، ياخشىلارغا ئالقىش كىرەك غەيۋەت ئەمەس . شۇ غەيۋەتلەر بىلەن مىللەت ھەرگىزمۇ ئالغا باسمايدۇ . بەلكى باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ . مىللەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىگى سىز ۋە مەن ، شۇغەيۋەتنى سىز ھەم مەن قىلىمەن . كىملەرنى يىقىتتۇق ، كىملەرگە ئۇۋال قىلدۇق بۇنىمۇ سىز ۋە مەنلا بىلىمەن . مانا مۇشۇ غەيۋەت تۈپەيلى بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىز داتلاشتى ، بىزنىڭ قوشنىدارچىلىقىمىز داتلاشتى.... ئۇنداقتا غەيۋەتتىن خالى بولۇش ئۈچۈن سايە تاشلىغان دەرەخ ئاستىدىكى
    ئورۇندۇقلارنى ئېلىۋىتىش كىرەكمۇ؟ ھەممىمىز گاس-گاچچا بولىۋالساق بولارمۇ؟

     
    مىللەتكە تاقاپ قويۇلغان قارا كۆزئەينەك-يات مەدەنيەت.

    تۇرمۇش سۈپىتىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ئەزەلدىن يىڭىلىق كۆرۈپ باقمىغان ئۇيغۇر مىللىتى تەرەققىياتقا دۈم چۈشتى ، ئەمما بۇ تەرەققىيات ئىلىم-پەن ئۈستىدە بولماي ، بەدەن ، خاتا ئاڭ ، قارغۇلارچە قۇبۇل قىلىشتا ئىپادىلەندى . تىخى نەچچە يىللار ئىلگىرى كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشقا خىجىل بولىدىغان ياشلار ھالا بۈگۈن چوڭلارنى خىجىل قىلىپ قويىۋاتىدۇ ، يات مەدەنيەت بېشىنى بەكلا پىقىرتىۋەتكەن بولسا ئىسلامغا يات بولغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ . تىقىمىغا كىلىدىغان چاچلار قالمىدى . قوللىرىنىڭ ئۇچى ئارانلا كۆرىنىدىغان كىيىملەر ئۇنتۇلدى ، يىگىتلەرنىڭ چىڭ باغلانغان پوتىلىرى ، بادام دوپپىلىرى قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتتى ، بۇغۇ سىرتقى نامايەندە م ئەمما ئىچىمىزمۇ يات مەدەنيەتنىڭ تەسىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى . بىزدىكى ئۆرۈپ-ئادەت ، قوشنىدارچىلىق ... ھەممىسى بۇ قۇيۇننىڭ قوينىدا قالدى . ئەلۋەتتە مەدەنيەت قۇبۇل قىلىش ياخشى ئىش ئەمما بىز شاكىلىنى ئايرىپ مىغىزىنى قۇبۇل قىلمىدۇق ، تىخى مىغىزىنى تاشلاپ شاكىلىنى قۇبۇل قىلدۇق . گىلىمىزگە تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ زورىغا قۇبۇل قىلدۇق . ئاۋال ئۆز مەدەنيىتىمىزنى پۇختا ئىگەللىمەي ، ئۇنى ئەۋلادلارغا تولۇق يەتكۈزمەي تۇرۇپلا يات مەدەنيەتنى ئارلاشتۇرۇپ نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ساقلىنىپ كىلىۋاتقان مەدەنيەتلىرىمىزنىڭ يۈزىگە لاي سۈركەلدى . دىمەك يات مەدەنيەت ئۆزلۈگىمىزنى داتلاشتۇرىدى ، ئۆرۈپ-
    ئادىتىمىزنى داتلاشتۇردى... ئۇنداقتا بىز يات مەدەنيەتتىن قاچامدۇق؟ چەتكە قاقامدۇق؟

     


    ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئارسىدكى ھاڭ- پەرۋاسىزلىق


    مىراسنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ، ئەمما ئاتا-ئانىلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى ، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تۇمان ئىچىدە قالغان بولسا يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار كۆزلىرىگە قارا كۆزئەينەك تاقاپ بولدى ، يەنە بىر قىسىملىرى غەيۋەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئەجدادلارنىڭ مىۋىلىرى شۇ يارىماس ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن چەيلەندى . بالا تەربىيلەش دىگەن ئاڭ ، پەقەت بالىلارغا بىلىم ئۈگۈتۈش بىلەن چەكلەندى . ئەڭ مۇھىم بولغان ، مىللەت قارشى ، ئەخلاق ، ئادىمىيلىك ، غۇرۇر ، ئۈستىدىكى تەربىيلەشلەر ئۈنتۇلدى . " بالام چەتئەل تىلى ئۇقىدۇ ، بالام پالانچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى ، بالام پۇلى بار بىر يىگىتكە تەگدى" دىگەندەك جۈملىلەر ئىغىزلاردىن چۈشمەي تەكرارلانغان بولسا ،" بالام ئۇيغۇر تارىخدىن مۇنچىلىك مەزمۇنغا ئىگە بولدى ، بالام غۇرۇرلۇق ، ئەخلاقلىق بالا بولدى ، بالام ..... " دىگەندەك جۈملىلەر ئايدا-يىلدا بىر قىتىم ئىغىزغا ئېلىنمىدى . بالىلارنى چىرايلىق كىيگۈزدۇق ، ئەمما شۇ كىيىمنىڭ بىزگە ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا سەپ سالمىدۇق . بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزدۇق ئەمما شۇ ئاشلىقلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتمىدۇق. بالىلارغا چەتئەل تىلى ئۈگەتتۇق ، ئەمما ئانا تىلنى يادلاپ تۇرغۇزمىدۇق . ھەممە خاتالىقنى ئامال بار دەۋىرگە ئارتىپ قويدۇق . ئامال بار ئۆز مەسئوليىتىمىزدىن قاچتۇق . بارا-بارا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنىت ئارسىدا بىر ھاڭ پەيدا بولدى ، بۇ ھاڭ چوڭقۇر ھاڭ ، ئەمما تولدۇرغىلى بولاتتى ، لىكىن بىز يەنىلا تولدۇرمىدۇق ، شۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ ئانا تىلىمىز داتلاشتى . بىزنڭ كەلگۈسىمىز داتلاشتى... ئۇنداقتا بارلىق گۇناھنى دەۋىرگە ئارتىپ قويۇپ ئۆزىمىزنى ئاقلاپ ئولتۇرامدۇق؟ كەلگۈسىنى ئۆز قولىمىزدا نابۇت قىلامدۇق؟

     


    پولات قانداق داتلاشتى؟


    بەش مىڭ يىل تامام،
    تاۋلىنىشقا باشلىدى مىللەت،
    ئۇرۇش ئوتىدا،
    قانلار تۆكتى ، تۆكمىدى كۆز ياش،
    ھەر تامچە قان ئالتۇندىن قىممەت..
    چەيلەندى ياۋلار ، ئاجىزلار.
    ھەر ئۇرۇشتى ئالدى ئۇ نىممەت....
    ئۇيغۇر كەپتۇ ، باتۇرلار كەپتۇ.
    توۋلىدى زىمىن ،توۋلىدى ئاسمان،
    شۇ ئۇيغۇردىن تۆكۈلدى ھىكمەت...
    ئۇزۇن بولمىدى،
    ئەسلەپ باقساڭ كىشنەشلەر ھەم بار،
    شۇ كشنەشلەر شۇ ھۆركىلەشلەر،
    ھەيۋەت تاغنى ئىزاغا قويدى.
    ئىلىم .مەرىپەت كۆكلەرگە يەتكەچ.
    نادانلىق ئاھ ئۇردى، ۋە ياكى ئۆلدى..
    تاۋلانغاندى پولات،
    جەڭ ئاتلىرنىڭ كىشنىشى بىلەن.
    ئويغاق ئەقىل سىلكىشى بىلەن،
    دانچىلارنىڭ بىركىشى بىلەن،
    قىلىچ ئاستىدا ياش تۆكتى دۈشمەن.
    ئۇيغۇر قەدەم باسسا،
    نادانلىق يىقىلدى غۇلاپ.

    ئۇزۇن بولمىدى،
    يەنە كەينىمىزگە قاراپ باقساق،
    ئەمما ياش تۆكتۇق،
    قولىمىزغا قىلىچنى قايتا ئالساق،
    تىتىردى تەنلەر ،
    ياۋ ئالدىدا باش ئىگىپ ماڭساق.
    شامال،
    ئەركىلەيدۇ قىزلىرىمىزغا،
    يىگىت ئامالسىز،
    قۇم ياغدۇرار ئىزلىرىمىزغا.
    ئويغاق ئىنسانلار ،
    ئۇخلىتىلدى ئەللەي كۈيىدە،
    ئۇخلاۋاتقانلار ئېقىۋاتىدۇ دەۋىر سۈيىدە.
    يادلانمايدۇ توم-توم جۈمىلىلەر،
    چىڭقى چۈشتە سايىمىزمۇ يۇق.
    كۈزدە ئېچىلىپ ، باھاردا غازان بولار،
    گۈل-غۇنچىلار.....
    بولدى ،
    جىق سۆزلەشكە تىلىم بارمايدۇ.
    مۇشۇ قۇرلارنىمۇ بەلكىم.
    نۇرغۇن ئاۋام ماختاشتى،
    قەدىم تاۋلانغان پولات،
    توپا باستى ، داتلاشتى...

     

    پولات قانداق داتلاشتى ؟ نىمىشقا داتلاشتى ؟ بۇنىڭغا مەن يۇقىردا ئىيتىپ ئۆتكەن ئامىللاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن سەۋەپلەر بار . ئەلۋەتتە داتلاشقان نەرسىنى يەنە ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولىدۇ ، بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم قولىمىزغا ئىسىل-ئەخلاقلارنى ئېلىپ شۇ پولاتقا چاچايلى ، ئادىمىيلىكىمىز بىلەن پولاتنىڭ يۈزىنى سۈرتەيلى ، دات ئىزلارنى قامچا ، نەسھەتلەر بىلەن يۇيۇپ تاشلايلى ، مىللى غۇرۇر ، ۋىجدان بىلەن پولاتنىڭ يۈزىگە قايتىدىن ھەل بىرەيلى ، بىزگە سىڭىپ قالغان ناچار ئىدىيە ، غەيۋەتخۇرلۇق ، كەيىپ-ساپالارنى يىراقلارغا تاشلاپ شۇ پولاتنىڭ يېنىدىن نىرى قىلايلى ...

     

    دىيارىم تور بىكىتىدىن ئېلىندى.

    分享到: