• ئۇلۇغ جۇڭخۇانى ئورتاق گۈللەندۈرەيلى!...

    2009-06-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41148024.html

    مەنمۇ گەرچە ئۇيغۇر بولساممۇ 1مىليار 400 مىليۇن ئاھالىگە ئىگە جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتىنىڭ كىملىكىگە ئىگە بىر جۇڭگۇ گەرەژدانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ قۇدىرەت تېپىپ بېيىپ گۈللۈنىشى ئۈچۈن،شەخسەن مىنىڭمۇ جۇڭگۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئارلىشىپ پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىش ھۇقۇم بار،ھەمدە شۇنداق مەسئۇلىيتىم ۋە مەجبۇريىتىم بار دەپ قاراپ تۆۋەندىكى تېمىنى يوللۇدۇم.  
    دانا جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئۇلۇغ دۆلىتىمىز  جۇڭگۇدا قانداق قىلغاندا ھەقىقى مەنىدىكى مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ؟قانداق قىلغاندا دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟قانداق قىلغاندا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى تېنىچ ئۇسۇل بىلەن توسۇپ قالغىلى بولىدۇ؟  
    دۆلىتىمىز 56 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 1مىليارد 400 مىليۇن نوپۇسقا،9مىليۇن 600 كۇۋادىرات كۆلەمدىكى زىمىنغا ئىگە.
    دۆلىتىمىز 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلۇپ 60 يىل ۋاقىت ئىچىدە ھەر قايسى جەھەتلەردىن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى.  
    60 يىلدىن بۇيان ھەرقايسى مىللەتلەرگە ئاپتۇنۇم رايۇن،ئاپتۇنۇم ئوبلاست،ئاپتۇنۇم ناھىيە،ئاپتۇنۇم يېزىلار قۇرۇلۇپ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆز جايلىرىنىڭ خۇجىسىغا ئايلاندى.بىراق ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشۈنۈش كەمچىل بولغانلقتىن،ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك،ئۆزئارا چۈشۈنۈشمەسلىك،ئۆزئارا كەمسىتىش،ئۆز ئارا يەكلەش ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت.    
    بۇ ئەھۋاللار بەزى ئازسانلىق مىللەتلەرنى خۇددى جۇڭگۇ پۇقراسى ئەمەستەك،ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان،چوڭ بىر ھاڭ ياكى چېگرا پاسىل باردەك ئەھۋاللارغا ئەكىلىپ قويدى.بۇ ئەھۋاللار دۆلەت سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان غەرىپ ئەللىرى ئۈچۈن باھانە تېپىپ بەردى.  
    مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېرىتورىيىلىك ئاپتـونومىيىنى يولغان قويۇش، ئاپتونۇمىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دېمەكتۇر. مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېگەن روھنى گەۋدىلەندۈردى، دۆلەتنىڭ مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتپاقلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.    
    مىللىي تېرىتۇرىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ بىرلىگىنى مۇستەھكەملەشتە، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدا تېخمۇ زور رول ئوينىغۇسى.    
    گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ مىللى سىياسىتى جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردىن بۇ يانقى مىللى سىياسەتلەردىن كۆپ ياخشى،دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ياخشى بولسىمۇ يەنىلا قىسمەن ئەھۋاللار مەۋجۇت.    
    چېگرا رايۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان قىسمەن خەنزۇ يولداشلاردا يەرلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ئەھۋاللىرى،ۋە چوڭ خەنزۇچىلىق ئىدىيىسى مەۋجۇت.    
    ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىز جۇڭگۇ تېرىتۇرىيىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان چېگرا رايۇنلاردا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت خەلىقلىرىنى چۈشەنمەيدۇ.ئىچكى جايلار بىلەن چېگرا رايۇنلارنى ئايرىم بىر دۇنيادەك ھىس قىلىدۇ.بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تىلى يېزىقى،چىرايى،مىللى كىيىم كىچەكلىرى ئوخشىمىغانلىقتىن خەنزۇ قېرىداشلار بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چەتئەللىكتەك ھىس قىلىدۇ.  
    قانداق قىلغاندا جۇڭگۇدىكى 56 مىللەتنى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىغا جەم قىلغىلى بولىدۇ؟قانداق قىلغاندا خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى،ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟  
    مىسالغا ئالساق ئىچكىردە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوغرۇلۇق -  يانچۇقچۇلۇق ئاق سېتىش قاتارلىق قانۇنىسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشسىز - ساۋاتسىز بولغاچقا بەزىلىرى مەجبۇرى ياكى تۇرمۇش بېسىمى بىلەن شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا مەجبۇر بولغان.بۇ سەۋەبلىك ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساياھەتكە،ۋە باشقا قانۇنلۇق ئىشلار بىلەن ھەتتا ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن بارغان شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بىرىلمەيدۇ.  
    بۇ ئىشلارنى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئىستانسىسى بولغان مەركىزى خەلق تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرلىرى سۈرەتكە ئېلىپ ئۇلارنىڭ نىمە سەپتىن شۇنداق يوللارغا ماڭغانلىقىنى ئېنىق سۈرۈشتۈرمەيلا تېلىۋزۇردا ئېلان قىلىپ 10 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنى پۈتكۈل جۇڭگۇ خەلىقىگە ئوغرى مىللەت ئاقچى مىللەت دەپ تونۇشتۇردى.  
    ئەگەر ئاشۇلارنىڭ ئۆز يۇرىتىدا ئايلىق مۇقۇم كىرىمى 1000 يۈەنگە يەتسە ئىدى،ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سەرسان - سەرگەردان بولۇپ دۈم يېتىپ - دۈم قوپۇپ  قانۇنسىز ئىشلارنى قىلماي شۇنڭغا شۈكىرى قىلىپ ئائىلىسىنى تېنىچ باققان بۇلاتتى.    
    ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ھەر يىلى شىنجاڭغا نەچچە ئونمىڭلىغان  يولداشلار كىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ.بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھەقىقى ئوقۇش تارىخى يوق.ئەڭ بولمىغاندا خەلق ئىشچىلىرىنىمۇ ناھايتى تېزلا ۋاقىتلىق ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ.  
    شىنجاڭدىكى كۆپىنچە ئىدارە ئورگانلاردا بىرىنجى قول باشلىق خەنزۇ يولداشلار،ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى يولداشلاردا چوڭ خەنزۇچىلىق ئىدىيىسى ئىنتايىن ئېغىر.بۇ ئىشلار تۈپەيلى خىزمەت ئورىنىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى خىزمەتلەردە رولىنى ئاكىتىپ جارى قىلدۇرالمايدىغان،ھەتتا دۆلىتىمىزدىن چەتئەللەرگە ئوقۇش چىقىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلمەي يات ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى دۆلەتنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كەلدى.  
    شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش نىسبىتىدە پەرىقمۇ ئىنتايىن چوڭ.يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.  
    شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كۈرمىڭلىغان ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسى بولسا قىيىن،بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئىشلىتىش ئېلانىغا ئۇچۇقتىن ئۇچۇق مىللى خادىم قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ ئېنىق يېزىپ قويىدۇ.  
    شىنجاڭدىكى بەزى خەنزۇ يولداشلار شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى پۈتۈنلەي خەنزۇلارنىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدۇ.يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بولسا مەدەنىيەتسىز قالاق دەپ كەمىتىسدۇ.  
    بۇ ئىشلار خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا چۈشۈنۈشمەسلىك،ئۆزئارا ئۆچ كۆرۈش كەيپىياتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلارنى باشقۇرغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنى باشقۇرۇلغۇچى مىللەت دەپ ئويلايدىغان بولدى.ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى ئۇلۇغ ۋەتىمىزنى پارچىلاشقا ئورۇنۇۋاتقان غەرىپتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۆلىتىمىزنى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتلەردىن ئەيىپلىشىگە پىلتە بولۇپ بەردى ۋە بۇ سەۋەبلىك  بەزى ياشلارنى بۆلگۈنچى دۈشمەن كۈچلەر ئېزىقتۇرۇپ قايمۇقتۇرۇپ ئۇلۇغ ۋەتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋىپىسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزىدىغان تېرورلۇق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا دەۋەت قىلىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزدى ھەمدە ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى مال - مۆلۈكىگە ئېغىر زىيانلارنى سالدى.  
      
    ئەگەر  دۆلىتىمىز ئاز سانلىق دۆلەت تىلى - يېزىقىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل يېزىقىنى ساقلاپ قېلىش ياكى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىىپ،يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دۆلەت ئىگىلىدىكى كۆپلىگەن ئىدارە ئورگانلىرىدا خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەش بىلەن  
    ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇنۋېرستىتلاردا ئوقۇش يوللىرىنى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەقىقى مەنىدىكى دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ خەنزۇ ئىختىساس ئىگىلىرىنى شىنجاڭغا ئەۋەتكەندەك ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەتتا دۆلەتنىڭ سەزگۈر ئورۇنلىرىدىمۇ كۆپلەپ ئىشلەتكەن بولسا،مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى ۋە مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ھەقىقى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشنىشىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بۇلاتتى.  
    بۇنداق بولغاندا 100 مىڭلىغان شىنجاڭ ئوغۇل قىزلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوغرۇلۇق يانچۇقچىلىق ئاقچىلىق قىلىشقا بارماي مەيدىلىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا خىزمەتكە بېرىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشۈنۈشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلاتتى.  
    جۇڭگۇدىكى 56 مىللەت مەيلى قايسى تىل يېزىقنى قوللانسۇن(ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەلۋەتتە خەنزۇ تىل - يېزىقىنى قوللۇنىدۇ) ياكى قايسى دىنغا ئېتقاد قىلىشىدىن قەتئىنەزەر پەقەت جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىرادىسىلا  بولىدىكەن ئۇلارغا ھەرقايسى جەھەتتىن پۇرسەت شارائىتلار كۆپلەپ يارىتىپ بىرىلىسە،ئۇلاردا دۆلەت ئۈچۈن،ئۇلۇغ ۋەتنىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ.  
    1مىليارد 166 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە(2009 - يىللىق ئىستاتىستىكا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبات ئىدارىسى تورنىڭ ئىستاتىستىكىسى) ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھىسابلانغان ھىندىستاننى مىسالغا ئالساق،ھىندىستاندىن ئىبارەت كۆپ مىللەتلىك كۆپ دىنلىق دۆلەتتە ھىندىلار %46.3،تېلۇگۇلار،%8.6،بېنگاللار%7.7،مارادىلار%7.6،تامىللار%7.4،گۇجاراتلار،كەننادلار%3.9،مالايالاملار%3.9،ئارىيالار%3.8،پەنجاپلار%2.3نى،%82 ئاھالە ھىندى دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان،%12 ئاھالە ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان،%2.3 ئاھالە خىرىستىئان دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان،%1.9 ئاھالە شىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان %0.8 ئاھالە بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مانا مۇشۇنداق دۆلەتتە نوپۇسى 20 مىليۇنغا يەتمەيدىغان شىك مىللىتىدىن مامۇخان سىنگى دەك زۇڭلىلار چىقتى. %12 مۇسۇلمانلاردىن ھىندىستاننىڭ يادىرو ئاتىسى دەپ نام ئالغان ئابدۇل كەرەملەر چىقتى.  
    1مىليارد 166 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە دۆلەت دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلارنى مامۇخان سىنگىلارغا تاپشۇردى،مامۇخان سىنگىلارمۇ پەقەت بىر شىك مىللىتى ئۈچۈنلا ئەمەس،پۈتۈن ھىندىستان خەلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.ئابدۇل كەرەم ئۆزى گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ئىشلىرىدا پاكىستاننى مۇسۇلمان دۆلىتى بولسىمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلىپ ئاياپ ئولتۇرمىدى.ھەتتا ھىندىستاننىڭ ئاتوم بومبىسىنى ياساپ بەردى.  
    مانا مۇشۇنداق 20 - 30 مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسى بار مىللەتتىن 30 - 40 بار ھىندىستاندەك دۆلەتتە گەرچە ئانچە مۇنچە دىنى تۇقۇنۇش بولۇپ تۇرسىمۇ مۇستەقىللق تەلەپ قىلىدىغان مىللەتلەر چىقمىدى.مانا بۇ ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ نەتىجىسى. u&n5e5a  
    بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن مەيلى قايسى دىنغا ئېتقاد قىلسۇن پەقەت دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بولسا،دۆلەتنى ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش تەرەققى قىلدۇرۇش ئىرادىسى بولسا باراۋەر ئاساستا شارائىت ۋە پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىلسە دۆلەتنىڭ تېخىمۇ قۇدىرەت تېپىشىغا پايدىلىق.  
    بىزنىڭ پايدىلىدىغىنىمىز پەقەت ئۇنىڭ كاللىسى ئەقلى ئىقتىدارى.  
    ئەگەر بۇنداق بولسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق سەزگۈر ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئازسانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرى دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ دۆلەتنىڭ قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ.  
    ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىنى دۆلەتنىڭ ھەقىقى خۇجايىنلىرى ھىسابلايدۇ.ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى تەبىئى ھالدا شەكىللىنىدۇ.ھەرقايسى مىللەتلەر چەتئەل بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ قالايمىقان بىلجىرلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.  
    ھەر يىلى دۆلەتنىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن چەتئەللەرگە خەجلىنىۋاتقان نەچچە مىليارد يۈەن دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەن - مائارىپ،سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلسە،ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايۇنلىرىنىڭ تېنىچ بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.  
    ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن نوپۇس يۆتكەش ئاۋارىچىلىقىدىن خالى بولۇپ،خەلىقئارادىكى جۇڭگۇ قارشى كۈچلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغىلى بولىدۇ.  
    دۆلىتىمىز تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق جۇڭگۇنىڭ قۇرۇش ئىشلىرىغا،ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە تۆھپە قوشقان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرى ناھايتى كۆپ.  
    دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يەرلىك ئەمەلدارلارنى دۆلەتنىڭ قۇرۇش ئىشلىرىغا كۆپلەپ قاتناشتۇرۇپلا قالماي،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۆلكە شەھەر ۋىلايەت ناھىيىلەرگە يۆتكەپ ۋەزىپىگە قويۇپ ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ ،بولىدۇ پەقەت تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىسلا.    
      
    جۇڭگۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا 56 مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار.  
    جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى جۇڭگۇدىكى 56 مىللەتكە مەنسۈپ.    
    جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن!

    分享到: