• ئۇيغۇرلار نىمىشقا ھاراققا ئامراق؟

    2009-06-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41005881.html

    ئۇيغۇرلار نىمىشقا ھاراققا ئامراق؟ 
    بۇنى ئاۋال بىرقانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا مۇمكىن.
    1-يىتم قىلىش.يەنى تارىخسىز، كىملىكسىز،قەھرىمانسىز قىلىش. مۇشۇ زامانلاردا بەزى ئوردا تارىخچىللىرىنىڭ مەلۇم مەقسەت يۇشۇرۇنغان ساقتا ،ئويدۇرما تارىخ سەۋەپلىك ئۇيغۇرلاردا ئەسلىنى ئۇنتۇش خائىشى بىرقەدەر كۈچلۈك.
    2-ئۈمۈتسىزلىك،تىڭىرقاش.بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيتى دەل ئىلھام توختى ئاكىمىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك دۇنيادىكى ئىشسىزلىق ئەڭ يۇقىرى مىللەتكە ئايلىنىپ قىلىش.كەلگۈسىنى كۆرەلمەي بىخۇتلۇشۇش.سەۋەبى ئۇيغۇرلاردىن چقىققان ،ھەمدە چىقىۋاتقان ئىقتىزاسلىق كىشىلەر ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئۈزىنىڭ ھىچقانداق قەدىر قىممىتىنى ھىس قىلالمىغانلىق،تاشلىنىپ قىلىش.
    3-بىرقەۋىمنى يوق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئەخلاق بۇزۇش دىگەن سەپسەتىنىڭ ئارقا كۆرنىشىدىن چىققان چەكلىمەسلىك،يول قۇيۇش،ھاراق چەكلىگەنلەرنى چەكلەش قىلمىشلىرى.
    4-مەقسەتلىك دىنسىزلاشتۇرۇشنىڭ ئاقا كۆرنۈشى.مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ياكى ئىسلام دىنىدا بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ھاراق مەدەنىيتى بولمىغان.ھاراقنىڭ جەمىيەت مۇقۇملىقىنى بۇزۇشتىن باشقا يەنە داۋاملىق ئىستىمال قىلغان مىللەتنىڭ ئەقىل،ۋە بەدەن جەھەتتە يىگلەپ كىچىكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە  روھسىز، قىلىقسىز،ئەخلاقسىزبىرقىسىم يىڭى ئەۋلاتلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى.
    5-ئائىلىدىكى تەربىيەنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشى.ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كىيىن ،ئاپئاق غۇجىدىن كىيىنكى  يەنە بىرقىتىملىق ئىنتايىن ئىغىر سەلبى شالغۇتلىشىنى باشتىن كەچۈردى.يەنى ئەينى زامانلاردىكى يۇرىت مۆتىۋەرلىرى ،بىلىم ئىگىللىرى،مىللى ۋىژدانى باركىشىلەر ،زىيالىلار بىرقىسىم بىلىمسىز نادان جاھىل كىشىلەر تەرپىدىن يوقىتىلدى ياكى يۈرەكلىرى مۇجۇلۇپ ئۈنسىز مۇردا بولدى.ھايات قالغانلار ئاساسەن ئەشۇ كىشىلەرگە گۆر كولىغان كىشىلەر بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات بىزئۇيغۇرلاردا ئاڭ سۈپەتسىزلىشىشىدەك يامان ئۆزگۈرۈش بىلەن ئۇمۇمى يۈزلۈك روھى تازلىنىش ،روھ يوقىتىشنىڭ قۇربانى بۇلۇش.
    6-مەسئۇلىيەتسىزلىك رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش.يەنى جەمىئەتتىكى ھەقسىزلىق تۈپەيلى بارلىق ئۇيغۇرلاردا ئىنتايىن ئىغىر چۈشكۈنلۈك بىكىنىش خائىشىنىڭ يىلدىن يىلغا كۈچىيىشى.ئۆز-ئۆزىنى ناركوزلاپپ ۋاقىتلىق قۇتۇلۇش.مىللەت،جەمىيەت،ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش.
    7-مەلۇلۇم گوروھ ياكى كىشىلەرنىڭ يەرلىك ھۈكىمەتنىڭ قوللىشى بىلەن  ئىقتىزادى پايدا قوغلۇشۇپ ھەريەردە ئېچىلۋاتقان ھاراق زاۋۇتلىرى ۋە ھەريەرگە ۋابادەك يامرىغان ھاراق سىتىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپلىكى.
    8-تىلۋىزۇرياكى باشقا تەشۋىقات سورۇنلىرىدا ھاراققا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەنگەن ، چەكلىمىسىز ،ھەرخىل ئىلانلار.
    يۇقارقىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئامىللار بار بۇلۇپ.بۇنىڭ تىپىك مىسالى قورقۇنجاقلىشىپ كىتىۋاتقان يىگىتلەرنىڭ ھاراققا تايىنىپ بىرئاز جاسارەت ئىزدىشىدەك خاتا خائىشنىڭ يامرىشى.قىزلارنىڭ نازۇك يۈزى تۈۋەن بۇلۇشتىن باش تارتىپ ھاراققا چىلىنىپ ئاڭسىزلارچە ئىلىپ بىرلىۋاتقان بۇزۇقچىلىقلاربار بۇلۇپ بۇمۇ يۇقارقى نوقتىلارنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى خالاس.

    http://aqqush.com/bbs/read.php?tid=3079

    分享到:

    评论

  • ھاراقكەشكە ئوبدان بانايى سەۋەپ تېپىپ بەردىڭىزمۇ نىمە ... ئارىمىزدا AQروھى بىلەن ياشايدىغانلا خېلى بار .... بۇنى كۆرسە گۈل-قەقەلىرى ئىچىلىپ كېتەمىكى .... ئېيتقانلىرىڭىز دۇرۇس ....ئەمما مىنىڭچە بۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغانلا ئىبرەت ئالىدىغانلاردىن كۆپ بولامتىكى دەپ ئويلايمەن......