• ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلام دىنى

    2010-06-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66032684.html

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئاتا - بوۋىلىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بوستان ۋە يايلاقلارنى ئاساس قىلىپ، پەرغانە ۋە يەتتىسۇ، ئورخۇن ۋە سېلىنگا ئەتراپىدا ياشىغان. ئوغۇزخان، ئاپراسىيىپ، بۆكۈخان ۋە بۇغراخان قەھرىمانلىق داستانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقان خانلىق جەمەتى ياغلا قار_ياغما قەبىلىلىرھدىن تەشكىل تاپقان. ئون ئۇيغۇر، شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەشكىل قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى غۇلاپ، ياغلىقارلار گەنجۇ سېرىق ئۇيغۇرلىرىغا ئايلانغاندىن باشقا، ئادىز، ياغما قەبىلىلىرى خانلىق جەمەتىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئۇيغۇر - غەربىي ئۇيغۇرلار بېشبالىق - ئىدىقۇت ئارسلان خانلىقى، قەشقەر- قۇز ئوردا بۇغرا قارا خانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىكخانلىقىنى تەشكىل قىلىپ شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مەشھۇر يىپەك يولى ئالاقىلىرى بىلەن ئالەمشۇمۇل تارىخىي شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.
    مىلادى 600-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا مۇھەممەت پەيغەمبەر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن ئىسلام دىنى ئىككى ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاسىيا،ئافرىقا،ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئومۇملاشتۇرۇلدى.ئەرەپ ئىسلام قوشۇنى پارس زېمىنىدىن ھالقىپ،ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن ۋاقىتلاردا،شىنجاڭدا قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە ئىدۇقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئىدى.ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا،ئاز بىر قىسمى زەردۇش،مانى،شامان دىنلىرىغا ئىتىقاد قىلاتتى.قەشقەر،خوتەن،كۇچا،تۇرپان قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە بىلىم يۇرتلىرى بار بولۇپ،مىڭ نەچچە يىللىق بۇددا مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
      مىلادى 930-يىلى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ 25ياشلىق شاھزادىسى سۇتۇق تېكىن بۇتپەرس تاغىسى،قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئۈچۈنچى خانى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرۈپ،پادىشاھ بولدى.ئەسلىدە سامانىلار خانلىقىدىن كېلىپ،ئاتۇش ۋە قەشقەردە ئىسلام دىنىنى مەخپىي تارقىتىۋاتقان ئەبۇ ناسىر سامانى تاسادىبىي پۇرسەتتە 12 ياشلىق سۇتۇق تېكىننى ئۇچرىتىپ قېلىپ،ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشنى ئۆگەتكەن ئىدى. سۇتۇق تېكىن بۇ خىل يىڭىلىقنى تېزلا قوبۇل قىلدى ۋە مۇسۇلمان بولۇپ،جاھىل بۇددىستلارغا قارشى ئاتلانغان.ئۇ تەختكە چىققاندىن كىيىن، "سۇتۇق بۇغراخان"(ئەرەپچە ئىسمى ئابدۇلكېرىم) نامى بىلەن مەمۇرىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ،قەشقەر،يەكەن،ئاتۇش،ئاقسۇلاردا ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى.مىلادى 942-943-يىللىرى بالاساغۇن،سۇياپ،ئىسسىقكۆل رايۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان غازات ئۇرۇشى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ،ئەرەبيىستاندىن ئاقسۇغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايلارنىڭ ئىسلاملىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.بۇ جايلاردا بۇتلار ۋە ئىبادەتخانىلار ناھايىتى تېزلا چېقىپ تاشلانغاچقا،ئەرەپ ئىسلام مىمارچىلىقىنى ئاساس قىلغان مەسجىدلەر خۇددىي يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى.ھالبۇكى،كۆپ قىسىم ئۆمرىنى "جىھاد" شۇئارى ئاستىدا ئۆتكۈزگەن سۇتۇق بۇغراخان خوتەن بۇددىستلىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالماي،مىلادى 955-يىلى قەششقەردە ئالەمدى ئۆتتى ۋە ئۆزىدىن ئىككى يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئاتۇشتىكى قەبرىسى يېنىغا دەپىن قىلىندى.
      سۇتۇق بۇغراخاندىن كېيىن،ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا ئىبىن ئابدۇلكېرىم (تۇڭا ئىلىگ) ئۈچ يىل،كىچىك ئوغلى سۇلايمان ئىبىن ئابدۇلكېرىم (بايتاش) 20 يىل،نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن ئەلى ئىبىن سۇلايمان (ئارسلان تېكىن،ئەلى ئارسلانخان) 20 يىل خاقان بولدى.مىلادى 960-961-يىللىرى ئىسلام دىنى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن،خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن بولغان جەڭ يەنە داۋاملىشىپ،998-يىلى ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئۆلىمى بىلەن كۇپايىلەندى.بۇ ھەقتە "ئەلى ئارسلانخان تەزكىرىسى"دە مۇنداق دېيىلگەن:"ئەلى ئارسلانخان قوشۇنى نوقتى رەشىد،چوقتى رەشىدلەر باشچىلىقىدىكى 140 مىڭ كىشىلىك خوتەن بۇددىست قوشۇنى بىلەن قەشقەر،يەكەن ئارىلىقىدا قاتتىق جەڭ قىلدىلەر.ئىسلام قوشۇنىنى يىڭەلمىگەن بۇددىستلار چۇك-چۇك خوتۇن ھېلىسى (چۈجە ھېلىسى)نى ئىشلىتىپ،ئەلى ئارسلانخان خوجامنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ نامازغا ئولتۇرغاندا يۇمشايدىغانلىقىنى بىلىۋالدىلەر.بىر كۈنى قاراخانىلار قوشۇنى ناماز ئوقۇۋاتاتتى،خوتەن بۇددىستلىرى باستۇرۇپ كېلىپ،قىرغىن قىلدىلەر.ئەلى ئارسسلانخان خوجامنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا قىلىنغاندىن بولسىمۇ،قىلىچنى چىشلىگەن پېتى ئۇچۇپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى،ئاخىرى دۆلەتباغقا قوندىلەر.شۇنداق قىلىپ،سەئىد ئەلى ئارسلانخان تېكىننىڭ تېنى ئۆتەڭ قارىغا، بېشى دۆلەتباغقا دەپىن قىلىندىلەر." بۇ تەزكىرىدە قەيت قىلىنغان "ئۆتەڭ قارا" بۈگۈنكى "ئوردام(ئوردا خېنىم)" بولۇپ،قەششقەر يىڭىشەئەھەر ناھيىسى تەۋەسىدە ھېلىمۇ كۆپلىگەن ساياھەتچى،تاۋاپچىلارنى جەلپ قىلماقتا.
      مىلادى 999-يىلى بۇخارادا تۇرىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخان قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ تەختكە ئولتۇردى ۋە ئىراقلىق تۆت ئىمام (ئىمام نەسرىدىن،ئىمام مۇئىنىدىن،ئىمام زوھۇرىدىن،ئىمام قەۋمىدىن)نىڭ تۆت تۈمەن لەشكىرىنى ياردەملەشتۈرۈپ،دەرغەزەپ بىلەن خوتەنگە يۈرۈش قىلدى.قوشۇن قاغىلىق تەۋەسىگە ئۆتكەندە ئىمام مۇئىنىدىن شېھىت بولدى.خوتەننىڭ چىرا ناھيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى يېرىم ئايلىق تىركىشىشتە،قالغان ئۈچ ئىمام يەنە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەن (ھازىرقى نىيە ناھيىسىدىكى"ئىماملىرىم" دەل ئەشۇ ئىسلام ئاچقۇچىلارنىڭ زارەتگاھىدۇر) بولسىمۇ،سۇسىز،تاماقسىز قالغان ئاكا-ئۇكا بۇددىستلار (نوقتى رەشىد،چوقتى رەشىدلەر) كۇئېنلۇن تاغلىرىغا چىكىنىپ،ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن 23 يىل داۋاملاشقان خوتەننى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.مىلادى 1006-يىلى قاراخانىلار خانلىقى قەشقەر،خوتەن،ئاقسۇلارنى ئىسلاملاشتۇرغاندىن كېيىن،نەزىرىنى كۇچا(كۈسەن)،تۇرپان(ئىدىقۇت)لارغا تىككەن ئىدى،ئەمما،چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇل قوشۇنى غەرپكە بېسىپ كېلىپ،مىلادى 1214-يىلىغىچە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى ئۆزلىرىگە قاتىپ بولدى.موڭغۇللار باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا باشتىن-ئاياق ئارىلاشمىغاچقا،كۇچا،قاراشەھەر خەلقى 1225-يىلدىن 1264-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ،بۇددا ئەقىدىسىدىن ئۈزىل-كېسىل ۋاز كەچتى.ئىلى رايۇنىدا چىڭگىزخاننىڭ 7-نەۋرىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان 60 مىڭ ھەر مىللەت پۇخراسىنى باشلاپ،ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن،مىلادى 1391-يىلى ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى قېدىر خوجا تۇرپان خەلقىنى بۇ دىنغا بەيئەت قىلدۇردى.نەتىجىدە،قۇمۇلدىن باشقا بارلىق جايلاردا ئىسلام دىنى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى(قۇمۇل-لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئېتىقاد ئۆزگەرتىشى 17-ئەسىردىن كېيىن بولدى).③
      سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملاشتۇرۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى پۈتكۈل ئىسلام تارىخدا،جۈملىدىن دۇنيا ئىدېئولوگىيە تارىخدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.ئۇنىڭ ئىسلام ئاچقان ۋاقتىدىن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىغىچە جەمئىي 470 يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ،شىنجاڭ تارىخىدا كەسكىن بۇرۇلۇش ھاسىل بولغان دەۋىر ھېساپلىنىدۇ.بۇ دەۋىردە ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسى بۇددا مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ (توغرىسىنى ئېيتقاندا ئون نەچچە ئەسىرلىك بۇددا سەنئىتىنى ۋەيران قىلىپ)،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.ناماز ۋە "قۇرئان"نى ئەرەپچە ئوقۇش تەلەپ قىلىنغاچقا،ئەرەپ يېزىقى ۋە تىلى شۇ دەۋىر مەدەنىيىتىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ قالدى."قۇتادقۇ بىلىگ"،"تۈركىي تىللار دىۋانى" قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئەرەپ يېزىقىدا (تىلى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە) يېزىلىشى ئۇنىڭ پولاتتەك پاكىتىدۇر.④

    ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتىقادى بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى پۈتكۈل بىر پۈتۈن دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەن.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ئىران- تاجىك تىپىدىكى سامانىيلار سۇلالىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ دىننى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئۈلگىسىنى تىكلىدى. باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن تۈركلەشكەن موڭغۇل قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىسلامىيەت نى قوبۇل قىلغان.

    سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 935- يىلى ئاتۇشتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا ئىسلامىيەت قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىقى يەتكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي تۈسكە كىرگەن ئالاھىدە ئېتنىك شەكلى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سوغدى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزلەشتۈرۈشى، ئوتتۇرا ئاسىياغا بايقال، ئېرتىش ۋادىسىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن يۆتكىلىپ كېلىشى، قاراخانىيلارنىڭ سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ ماۋارائۇننەھردە ئىلىكخانلىقلارنى بەرپا قىلىشى، قاراخانىيلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەرەب خەلىپىلىكىدە تۇتقان ئورنىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي رايونلىرىدا ئۇيغۇر تۈركىي شەكلىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى ئالامەتلىرى شەكىللىنىپ ئىسلامىيەت شەكلىدە يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئېلىپ كەلدى. ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتتى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن بېيىتتى.

    ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان مۇسۇلمانچىلىق پەرھىز لىرى- ئىمان، ناماز، روزا، ئۆشرە- زاكات، ھەج قىلىش شەرتلىرى ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە ئېتىقاد تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تىرەن ئورنىشىپ غايەت زور ۋە دائىمىي ئېتنىك دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالدى.
    ئىسلامىيەتنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن (شەرىئەت) قاراشلىرى ئىلگىرىكى ئىجابىي، ئەنەنىۋى قاراشلار بىلەن قوشۇلۇپ، تەڭرىگە ۋە ئىنسانغا ھالال مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ يېڭى ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈردى. ۋىجدان نازارىتىدىن تاشقىرى پەزىلەت كۆزەتكۈچى، ياخشى- يامانلارنى ھېسابلاپ تۇرغۇچى غايىب پەرىشتىلەر، نازارىتى ئىسلاملاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىيەت ۋە پائالىيەتلىرىنى تىزگىنلەيدىغان بولدى. ئىسلام قانۇنى جازالىرى، جامائەت پىكرى ئەيىبلەشلىرى، ۋىجدان ئازاب ئۈستىگە يەنە قىيامەت سورىقى بىلەن دوزاخ ئازابى تەشۋىشلىرى قوشۇلۇپ، شەخسنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تىزگىنلەش مەسۇلىيىتى ۋە تەسەۋۋۇرىنى كۈچەيتتى.
    ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس دىنىي تەبىقە- شەيخۇلىسلام، ھەر دەرىجىلىك قازى ۋە مۇپتىلا، ھەر دەرىجىلىك جامە- مەسچىت ئىماملىرى، مەزىنلەر، مازار- ماشايىق شەيىلىرنى، دىنىي مەدرىس- مەكتەپ مۇدەررىس- ئۆلىمالىرى، دىنىي ئىلىم بويىچە گەر دەرىجىلىك ئالىملىق مەرتىۋىلىرى مەيدانغا كەلدى.
    ئىسلام مەدەنىيىتى ئائىلە، يۇرت- مەھەللە، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبى شەكىللەندۈردى. ئوردا- قەسىر، جامە- مەسچىت، مەقبەرە، قەبرە- گۈمبەزلىرىنىڭ ياسىلىشى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ نەپىس شەكلى ۋە نۇسخىلىرىنى قوبۇل قىلدى. بۇ، ئەسلىدىمۇ ئىسلامىيەتكە ئۇيۇشقان ياكى تەسىر كۆرسەتكەن ھەر قايسى ئەللەر ۋە خەلقلەر بىناكارلىق تەجرىبىلىرىدىن جەمغۇلەڭەنىدى.
    ئەرەب يېزىقى تەدرىجىي ئۇيغۇر يېزىقى شەكلى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئاساس بولغان نەرسە مەيلى ئورخۇن دەۋرىدىكى "رونىك" شەكلىدىكى يېزىق بولسۇن، مەيلى سوغدى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بولسۇن، يالغۇز ھەرپنى ئاساس قىلغان سېمىت يېزىقى سىستېمىسىغا تەۋە يېزىق بولغاچقا ئالماشتۇرۇش ئاسان ئىدى. ئەرەب يېزىقى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى ئىملا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. ئەرەب يېزىقى بىلەن بىللە بىر قىسىم ئەرەبچە سۆزلۈكلەر بىلەن مەلۇم سالماقتا پارىس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ كەلدى. ئاتالمىش "چاغاتاي" تىلى ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولدى. ئەرەب يېزىقى شەكلىدە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقى خەتتاتلىق سەنىتىنى يېڭىچە شەكىل ۋە نۇسخىلار بويىچە ئۆزگەرتتى.
    ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار باي ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتى ئەنەنىسىگە ئىگە ئىدى. يىپەك يولى مەدەنىي ئالاقىسى ئۇيغۇرلارنى خەلقارا سودىگەر ۋە تەرجىمان مىللەت قىلىپ قويغانىدى. كلاسسىك ئەدەبىياتى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردا بىخلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نادىر كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدى. ئەسلىدىكى "ئۈركىي ئارۇز" بەھرىدىن تاشقىرى ئەرەب كلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى باشقا ئارۇز ۋەزىنلىرى بىلەن غەزەل، روبائىي، قىتە، تەرجىبەند، مۇرەببە، مۇخەممەس قاتارلىق بېيىت شەكىللىرى ئۇيغۇر ئارۇز شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى نەۋائىلىرىنى شەكىللەندۈردى. ئىستېداتلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى بۇ خىل بەھىر شەكىللەر ئارقىلىق ئارۇز شېئىرىيىتى ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىغا يېڭى تەماتىك مەزمۇنلار ۋە بەدىي ئوبرازلار بېغىشلىدى.

    ئۇيغۇرلار ئىسلام مەدەنىيىتىگىمۇ كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئەرەب مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ، بىۋاستە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشقان.
    جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۇتۇقى ھېسابلانغان قەغەزچىلىك ۋە يىپەكچىلىك تېخنىكىسى ئۇيغۇر زېمىنى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئابباسىيە خەلىپىلىكىگە تارقالغان.
    جۇڭگو تىبابەتچىلىكى بىلەن ئەرەب ۋە گرېك تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىبىن سىنا ئەسەرلىرىگە ۋە ئەرەب تىبابەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. پورۇخنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ئاقساق تۆمۈردىن باشلانغانىدى. ئىسلامىيەت دۇنياسىدا توققۇز ئۇيغۇر پەيلاسوپى ۋە ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى ناتۇرال پانتېزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىغا ئاساس سېلىپ ئارىستوتېلدىن كېيىنكى "ئىككىنچى ئۇستاز" دەپ شۆھرەت قازانغان، فارابى ئەرەب پەلسەپەسىگە ئەرەبلەرگە گرېك پەلسەپىسىنى تونۇشتۇرۇشقا، ئەرەب پەلسەپىسىدىكى ئىلمىي ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، ئەرەب ماتېماتىكىسىغا، ئەرەب مۇزىكىسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا فارابى قاراشلىرى، بولۇپمۇ فارابىنىڭ "تۆت زات" قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ "تۆت تادۇ" ، "تۆت ئاناسىر" ئاساسىدىكى تىبابەتچىلىك قاراشلىرىنى پۈتكۈل ئىسلام شەرقىگە، ھەتتا غەربىي ياۋروپاغا تارقاتقانىدى.
    مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى تەقدىم قىلىپ ئەرەب- ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىغا ھەسسە قوشقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "قۇتادغۇ بىلىك" ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەسىرى ئىسلام شەرقىدە خەلىپە ھارۇن رەسىد ۋە خەلىپە مەمۇنىدىن باشلانغان مەدەنىيەت ئويغىنىشى يېڭى باسقۇچىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ، ئەينى زامان تەپەككۈر مۇنبىرىدە يېڭى بىر ئېگىزلىكى پەيدا قىلدى. ئەخمەت ئىبىن تولۇد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھۇمارابا قاتارلىق توققۇز ئوغۇز سىياسىيونلىرى مىسىردا قۇرغان تولۇن خانلىقى (905- 868) مىسىر ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە خەلىق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن ھەربىي فىلوت تەشكىللەپ ئاكا دېڭىز بازىسىنى بەرپا قىلغانىدى. غوجا ئەخمەت يەسەۋىي ۋە باھائىددىن نەقىشبەندى مۇخلىسلىرىدىن مەۋلانە سەدىدىن قەشقەرى (ئابدۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى) ئىسلامىيەت تەسەۋۋۇپچىلىقىنىڭ خىلمۇ خىللىقىنى بېيىتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر نەۋائى ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى روھىيەت ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى ئىسلامىيەتنىڭ تۈركىي تۈردىكى كلاسسىك ئەدەبىياتىنى بېيىتتى. فارابى مۇزىكا نەزەرىيىسى ۋە مۇزىكاشۇناسلىق پائالىيىتى ئىسلام مۇزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا نەزەرىيىۋى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
    مىڭ يىللاپ داۋام قىلغان شەرق مۇزىكا سەنىتىدىكى ئاجايىپ كاتتا بايلىق "ئون ئىككى مۇقام" ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلىقلىرى سالجۇقلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى ۋە تۆمۈرلەڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا- يېقىن شەرقتە 14- ئەسىردىن كېيىن پەيدا بولغان "ماقام"، "مۇقام" ھادىسىسىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى.

      ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى »،مۇختار قادىر ھونزادىنىڭ «ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشى» قاتارلىق ماقالىلاردىن ئېلىندى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us