• گۇلىستان(شەيخ سەئدى)2

    2009-05-13

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39328726.html

     ھىكايەت(1)

    ئاڭلىشىمچە،بىر پادىشاھ بىر ئەسىرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان.بىچچارە ئۈمىتسىز ھالەتتە پادىشانى يامان تىل بىلەن تىللاشقا باشلىغان.چۈنكى كىشىلەر ئېيىتقاندەك،كىمكى جېنىدىن ئۈمىت ئۈزسە،كۆڭلىدىكى ھەممە گەپنى ئېيتىۋالىدۇ.

    ۋاقىت تار،قېچىشقا قالمىسا ئامال،
    ئاجىز قوللار قىلىچقا ئېتىلار دەرھال.
    *                *                        *
    ئۈمىتسىز ئادەمنىڭ ئۇزۇرار تىلى،
    مەغلۇپ موشۈك ئۆزىنى ئتقا ئاتقاندەك.

    پادىشا سورىدى:"نېمە دەيدۇ ئۇ؟"ئالىجاناپ ۋەزىرلىردىن بىرى جاۋاب بەردى:"ئەي پادىشاھىم،ئۇ ئېيتىدۇركى،جەننەت غەزىۋىنى يۈتكۈچىلەر ۋە خەلقنىڭ كەمچىللىكلىرنى كەچۇرگۇچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر".②
    پادىشانىڭ رەھمى كېلىپ،ئەسىرنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى.بايقى ۋەزىرگە زىت بولغان يەنە بىر ۋەزىر "بىزنىڭ خىلىمىزدىكى كىشىلەرگە پادىشانىڭ ھوزۇرىدا راسىت سۆزدىن باشقىنى دىيىش لايىق ئەمەس.بۇ ئەسىر پادىشاغا دەشنام بىرىپ،نالايىق سۆزلەرنى قىلدى"دىدى.پادىشا بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى-دە،دىدى"ماڭا سېنىڭ راسىت سۆزۈڭدىن كۆرە،ئۇنىڭ يالغان سۆزى ماقۇل كەلگەن ئىدى،چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى يارشىش جەھەتتىن ئېيتىلغان ئىدى،سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ يامانلىق قىلىشقا قارتىلغان،ھالبۇكى ئاقىللار:پىتنە تۇغدۇردىغان راسىت سۆزدىن،ياخشىلىق يەتكۈزدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل دېگەن."

    كىمكى شاھقا سۆزىنى ئۆتكۈزسە،
    ئەپسۇسدۇر تىلىنى يامانغا يۈرگۈزسە.

    فەرىدۇق③ سارىينىڭ پەشتىغىغا مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:

    جاھان، دوستۇم، ھېچكىمگە باقى ئەمەس،
    جاھاننى ياراتقانغا دىل باغلا،بەس.
    جاھان مۈلكىگە ھېچ ئۈمىت باغلىما،
    بېقىپ كۆپنى سەندەك،جاننى ئالدى يەنا.
    كېتەر بولسا پاك جان،پەرق ئەتمەك نېمە؟
    زىمىندا ۋە يا تەخىتتە ئۆلمەك نېمە؟

     

    ①بۇ يەردە كىتابنىڭ ھىجىريەنىڭ 656-يىلى يېزىلغانلىقى بايان قىلىنغان

    ②قۇرئان،3-سۈرە134-ئايەت

    ③فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە»سىدىكى شەخىسلەرنىڭ بىرى

    ھىكايەت(2)

    خۇراسان شاھلىرىدىن بىرى سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سەبۇكتېگىننى①چۈشەپ قاپتۇ.گۇيا ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى چىرىپ توپىغا ئايلانغانمىش،پەقەت ئىككى ككزى ساق بولۇپ،چانىغىنىڭ ئىچىدە مۆلدۈرلەپ تۇرارمىش،بارلىق ھوكۇما بۇ چۈشكە تەبىر بېرىشتىن ئاجىز قالدى،پەقەت بىر دەرۋىش چۈشنىڭ تېگىگە يىتىپ:“مېنىڭ پادىشالىقىم باشقىلارنىڭ قولىدا نېمە بولىۋاتقاندۇ،دەپ ھىلىغىچە قاراپ تۇرغان!”دېدى.

    نۇرغۇن نامدارلار يەرگە دەپنە قىلىندى،
    يەر يۈزىدە ئۇلاردىن نام-نىشان قالمىدى.
    يەرگە تاپشۇرۇلغان كونا جەسسەتنى،
    توپا يەم قىلدىكى،ھەتتا ئۇستىخان قالمىدى.
    نۇشىرۋاننىڭ② نامى ياخشىلىق بىلەن تىرىك،
     كۆپ چاغ ئۆتۈپ،دىيىلسىمۇ:نۇشىرۋان قالمىدى.
    ياخشىلىق قىل،ئەي پالانى،ئۆمرۈڭنى غەنىمەت بىلىپ،
    مۇنۇ خەۋەردىن ئالدىنراقكى:پالانى قالمىدى.


    ①سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سەبۇكتېگىن--- غەزنىۋىلەرنىڭ قۇدىرات سۇلالىسىگە ئاساس سالغۇچى ماشھۇر بىر پادىشا.
    ②نۇشىرۋان---ساسانىسلار شاھى(531-579).

    ھىكايەت(3) 

    ئاڭلىشىمچە،بىر شاھزادە بويى پاكار،كۆرۈمسىز بولۇپ،ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئېگىز بويلۇق چىرايلىق ئىكەن.بىر قېتىم ئاتىسى ئۇنىڭغا يىرگىنىش ۋە پەس نەزەر بىلەن قارىغان ئىدى،ئوغۇل بۇنى پاراسەت ۋە چېچەنلىك بىلەن سېزىپ قېلىپ مۇنداق دىدى:"پاكار دانىشمەن ئۇزۇنتۇرا ئەخمەقتىن ياخشى،قاممىتى ئېگىز بولسىلا قەدرى-قىممىتى ئۈستۈن بولىۋەرمەيدۇ.چۈنكى قوي پاكىز،پىل پاسكىنا."

    يەر يۈزىدە ئەڭ كىچىك تاغ تۇرسىنا① ئەمما ئۇنىڭ،
    ئورنى چوڭدۇر قەدرى-قىممىتى خۇدانىڭ ئالدىدا.
              *                     *                   *       
    ئاڭلىدىڭلىمۇ سېمىز ئەخمەققە،
    بىر كۈنى دىدى بىر ئورۇق دانا:
    "ئورۇق بولسىمۇ ئەرەپنىڭ ئېتى،
    سېمىز ئېشەكتىن بەرىبىر ئەلا."

    ئاتىسى كۈلۈپ كەتتى،دۆلەت ئەربابلىرىغا بۇ سۆز ماقۇل كەلدى،ئەمما ئاكا-ئۇكىلىرى قاتتىق رەنجىدى.

    كىشى بىرەر سۆز دىمىگەن بولسا،
    كەمچىللىك،خىسلىتى بولۇر پىنھان.
    چىپار نەرسىنى جۇا دېمىگىن،
    بولمىسۇن يولۋاس ئۇخلاپ ياتقان.

    ئاڭلىشىمچە،شۇ ئارىدا بىر كۈچلۈك دۈشمەن پادىشاغا ھوجۇم قىلىپ كەلگەن.ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى يۈزمۇ-يۈز سەپ تارتقاندا،قەڭ مەيدانىغا بىرىنچى بولۇپ ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن كىشى ئاشۇ يىگىت بولۇپ،ئۇ:

    مەن ئەمەسمەن ئۇ كىشى،ئارقامنى كۆرسەڭ جەڭ كۈنى،
    شۇ كىشى مەنكى،كۆرەرسەن بېشى قان تۇپراق ئارا.
    جەڭگە كىرسە ھەر كىشى قانى بىلەن ئوينار پەقەت،
    كىمكى قاچسا جەڭ كۈنى لەشكەرگە بولغاي چوڭ بالا.

    دىدى-دە،ئۆزىنى دۈشمەن قوشۇنىغا ئېتىپ،پەھلىۋانلىردىن بىرقانچىسنى غۇلتىۋەتتى،ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلگەندە يەر ئوپۇپ مۇنداق دېدى:

    ئەي كىشى كۆرۈندۈم بىچارە ساڭا،
    گەۋدىلىكنى ئەمدى سەن چوڭ بىلمە.
    كارغا كەلگەي ئورۇق ئات جەڭدە،
    سەمرىتكەن كالىدىن كەلمەس ھېچنىمە.

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا،دۈشمەننىڭ ئەسكىرى بىقياس كۆپ بولۇپ،بۇلار ئاز ئىدى.شۇڭا بىر توپ ئەسكەر قېچىشقا يۈز تۇتقان.بۇ چاغدا شاھزادە نەرە تارتىپ،"ئەي باتۇرلار،غەيرەت قىلىڭلار ياكى ئاياللارنىڭ كىيمىنى كىيۋېلىڭلار!"دېگەن.
    ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئاتلىقلارنىڭ غەيرىتى جۇش ئۇرۇپ،ھەممە بىرلىكتە ھۇجۇمغا ئۆتكەن.ئاڭلىشىمچە،ئۇلار شۇ كۈنىلا دۈشمەن ئۇستىدىن غەلبە قازانغان.پادىشا ئوغلىنىڭ يۈز-كۆزىدىن سۈيۈپ قۇچاقلىغان ۋە ئۇنىڭغا كۈندىن-كۈنگە مىھرىۋانلىق بىلەن قارىغان.ئاخىردا ئۇنى ئۆزىنىڭ تەختى ۋارىسى قىلىپ جاكارلىغان.
    ئاكا-ئۇكىلىرى ھەسەت قىلىشىپ،ئۇنىڭ تائامىغا زەھەر سالغان،بۇ ئىشنى سىڭلىسى ھوجۇرسىدا تۇرۇپ كۆرۈپ قېلىپ،دەرىزىنى چەككەن.يىگىت چۈشىنىپ،تائامدىن قولىنى تارتقان ۋە مۇنداق دېگەن:"ئىش بىلەرمەنلەر ئۆلسۇن،قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسسۇن!"دىيىش ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس.

    ھوقۇش سايىسىگە كەلمىگەي ئادەم،
    ھۇما قۇش②جاھاندىن يوقالغاندا ھەم.

    ئاتىسى بۇ ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن ،ئاكا-ئۇكىلىرنى چاقىرتىپ،تېگىشلىك ئەدۋىنى بەرگەن.شۇندىن كېيىن ھەرقايسسىغا مەملىكەتنىڭ چېتىدىن بىردىن ۋىلايەتنى ئاجىرتىپ بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن پىتنە-پاسات پەسىيىپ،جىدەل-ماجىرا بېسىققان،چۈنكى"ئون دەرۋىش بىر پالاستا ئۇخلايدۇ،ئىككى پادىشا بىر مەملىكەتكە پاتمايدۇ".

    مەرت كىشى يېرىم نانى ئۆزى يېسە،
    يېرمىنى نامراتقا بەخىش ئېتەر.
    بىر ئىقلىمغا ئىگە بولسا پادىشا،
    يەنە بىرنى قولۇمغا ئالسام دەر.

    تۇرسىنا__يەھۇدىلار بىلەن موسۇلمانلار قەدىمدىن مۇقەددەس بىلىدىغان بىر تاغ.
    ②ھۇما__خەلق ئىچىدە بەخىت قۇشى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇشنىڭ ئىسمى.رىۋايەت بويىچە ھۇمانىڭ سايىسى بېشىغا چۈشكەن ئادەم پادىشا بولارمىش.

    ھىكايەت(4)

    بىر توپ قاراقچىلىرى تاغ بېشىدا ماكان تۇتۇپ،كارۋانلارنىڭ يولىنى توساتتى.ئەتىراپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئۇلارنىڭ بۇلاڭچىلقىدىن ۋاھىمىگە چۈشكەن،سۇلتان لەشكەرلىرى بولسا يېڭىلىپ قالغان ئىدى،چۈنكى قاراقچىلار تاغ چوققىسىدا  قىيىن يوللارنى قولغا كىرگۈزۋېلىپ،ئۇ يەرنى ئۆزىگە پاناجاي قىلۋالغان ئىدى.شۇ تەرەپتىكى ئۆلكىلەرنىڭ مەمۇرلىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىنى يوقتىش ئۈچۈن مەسلىھەت قىلىشتى،چۈنكى بۇ گۇرۇھ شۇ تەرىقە كېتىۋىردىغان بولسا،ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش مۈمكىن بولماي قالاتتى.

    يېڭىدىن يلتىز تارتسا ياش كۆچەت،
    يۇلالايدۇ يەردىن بىر ئادەم پەقەت.
    ئۇزاق يىل ئۇ نەزەردىن قالماق بىلەن،
    يۇلالمايسەن ھەتتا تۆمۇر چاق بىلەن.
    ئاساندۇر بۇلاقنى كۈمۈش بەل① بىلەن،
    ئۇلغايسا ئۆتەلمەس كىشى پىل بىلەن.

    گەپ شۇنىڭغا توختالدىكى،بىر ئادەمنى چارلاشقا ئەۋەتىپ،ئەپلىك پۇرسەت كۈتمەكچى بولۇشتى.بىر كۈنى قاراقچىلار خەلقنى بۇلاشقا كېتىپ،ئۇۋىسى خالى قالغان چاغدا،بىر قانچە ئىش كۆرگەن،جەڭ تەجىربىسى بار يىگىتلەر ئەۋەتىلدى.ئۇلار تاغنىڭ بىر ئۆڭكۈرىگە مۆكۈپ تۇرۇشتى.كەچ كىرگەندە قاراقچىلار بۇلاڭچىلىقنى تۈگتىپ،بۇلىغان نەرسىللىرنى كۆتۈرشۈپ قايتىپ كەلدى.قورال-ياراقلارنى يىشىپ تاشلاپ،ئولجىلىرنى ئوتتۇرغا قويۇشتى،بۇلارغا ھۇجۇم قىلغان دەسلەپكى دۈشمەن ئۇيقۇ بولدى.بىرىنجى جىسەك ۋاقتى ئۆتكەندە.باتۇر يىگىتلەر پىستىرمىدىن چاچراپ چىقىشتى-دە،قاراقچىلارنىڭ قوللىرنى بىر-بىرلەپ ئارقىسىغا باغلاپ،بامدات ۋاقتىدا پادىشانىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشتى.پادىشا ھەممىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى.شۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ ئارسىدا بىر ياش كۆزگە چېلىقىپ قالدى.ئۇنىڭ ياشلىق كۈچىنىڭ مىۋىسى ئەمدىلەتىن يېتىلگەن،جامال گۇلىستاننىڭ مايسىلىرى ئەمدىلەتىن كۆكرىشكە باشلىغان ئىدى.ۋەزىرلەردىن بىرى پادىشا تەختىنىڭ بوسۇغىسىنى ئوپۇپ،شاپائەت يۈزىنى يەرگە قويدى-دە،دېدى:"بۇ بالا تېخى ھايات بېغىدىن بىرەر مېۋە تېتىپ كۆرمىگەن ۋە ياشلىق باھارىدىن بەھىرمەن بولمىغان.شۇڭا پادىشاھىمىزنىڭ سېخىلىغى ۋە ئالىجانابلىغىدىن ئۈمىدىم شۇكى،ئۇنىڭ خۇنىدىن ئۆتۈپ،مەن بەندىسىگە بېرۋەتسە ئىكەن."
    پادىشا بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى،بۇ پىكىر ئۇنىڭ يۈكسەك رەيىگە مۇۋاپىق كەلمىگەچ،مۇنداق دېدى:

    ياخشىلارنىڭ نۇرى يۇقماس زاتى پەسكە ھېچقاچان،
    تەربىيە نائەھلىگە گۈمبەزدىكى ياڭاقسىمان.


    ئۇلارنىڭ ناپاك نەسلىنى قىرىپ تاشلاپ،ئۇرۇق-ئەۋلادىنىڭ يىلتىزىنى قۇمۇرۋېتىش ياخشىراق،چۈنكى،ئوتنى ئۆچۈرۈپ، چوغنى قالدۇرۇپ قويۇش،يىلاننى ئۆلتۈرۈپ،تۇخۇمىنى ساقلاپ قېلىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.
    ۋەزىر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ،خالار-خالىماس ماقۇل كۆرگەن بولدى ۋە پادىشانىڭ گۈزەل پىكرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ،مۇنداق دېدى:"پادىشاھىمىزنىڭ ئىلتىپات قىلىپ ئېيتقىنى چىن ھەقىقەت،ئەگەر بۇ بالا ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ ئۈلپەتچىلكىدە ئۆسكەن بولسا،ئۇلارنىڭ خۇينى ئۆزلەشتۈرۋالغان بولاتتى،ئەمما مەن قۇلىڭىز ئۈمىتۋەرمەنكى،ئۇ ياخشىلارنىڭ ئارسىدا تەربىيە كۆرسە،ئاقىللارنىڭ خۇلقىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ،چۈنكى ئۇ تېخى كىچىك بالا،بۇ گۇرۇھنىڭ بۇلاڭچىلىق،توپىلاڭچىلىق ئادەتلىرى ئۇنىڭغا ئانچە سىڭگىنى يوق.ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن"
    ھەر بىر بوۋاق تۇغۇلغان چېغىدا ئىسلام بىلەن تۇغۇلىدۇ،كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يەھۇدى قىلىپ چىقىدۇ،يا خىرىستىيان قىلىپ چىقىدۇ،يا مەجۇسى③ قىلىپ چىقىدۇ.


    يامانغا يار بولغاچ لۇتىنىڭ④ جورىسى،
    بولدى پەيغەمبەرلىك خانىدان ۋەيران.
    ئەسھاب كەھىفنىڭ⑤ ئىتى نەچچە كۈن،
    ياخشىلارغا ئەگەشكەچ بولغانتى ئىنسان.


    بۇ سۆزنى ئېيىتقاندا پادىشاھنىڭ يېقىن كىشلىردىن بىر بۆلگى ئۇنىڭ شاپائىتىگە يار يۆلەكتە بولۇشتى.پادىشا ئۇنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى-دە: "بوپتۇ،گەرچە بۇ ئىشنى مەسلىھەت كۆرمىسەممۇ كەچۈرۈم قىلدىم!"دېدى.


    بىلەمسەن،رۇستەمگە زال⑥ نېمە دېگەن؟
    بولمايدۇ كىچىك دەپ قارالسا دۈشمەن.
    كۆپ كۆردۇق،ئەسلىدە بۇلاق سۈيى ئاز،
    ئۇلغايسا تۆگىنى ئالار يۈك بىلەن.


    گەپنىڭ قىسقىسى ۋەزىر بالىنى تۈرلۈك نازۇ-نېممەتلەرگە كۆمۈۋەتتى،ئۇنىڭ تەربىيسىگە ئۇستاز-ئەدىپلەرنى تەيىنلەپ،سۆز سۆزلەش ۋە گەپ قايتۇرۇش سەنئىتىنى ۋە پادىشاغا خىزمەت قىلىشنىڭ باشقا قائىدىلىرنى ئۇگەتتى.ئەمەلدارلانىڭ نەزىردە بۇ ئىش ناھايتتى ماقۇل كۆرۈندى،بىر قېتىم ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۇ بالىنىڭ سۈپتى توغرلىق سۆز ئچىپ،ئاقىللارنىڭ تەربىيسىنىڭ ئۇ بالىغا تەسىر قىلغانلىقىنى،بۇرۇنقى نادانلىقى ئۇنىڭ تەبئىتىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى،پادىشا كۈلۈپ قويدى-دە،دېدى:


    "ئاقىۋەت بۆرە كۈچىكى بۆرە بولۇپ،
    گەرچە ئۇ ئادەم ئىچىرە ئۆرە بولۇر."


    ئارىدىن بىر-ئىككى يىل ئۆتكەندە،ئاشۇ مەھەللىنىڭ بىر توپ ئوغۇرلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە باغلاپ،ئۈلپەتچىلىك  ئورناتتى.شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت تېپىپ،ۋەزىرنى ھەم ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ ھەددى-ھىسابسىز مال-مۈلكىنى بۇلاپ كەتتى ۋە قاراقچىلارنىڭ غارى ئىچىدە ئاتىسنىڭ ئورنىدا ئولتۇردى.دېمەك،ئاسى بولۇپ كەتتى.پادىشا ھەيرەت بارمىقىنى چىشلەپ،دېدى:


    "ئەسكى تۆمۈردىن ياسالامدۇ كىشى ئۆتكۈر قىلىچ،
    رەزىل ئادەم تەربىيدە،ئەي ھەكىم،بولماس ئىنسان.
    گەرچە يامغۇر ياخشىلىقتا ھەممىگە ئوىشاش،بىراق،
    باغدا لالە ئۆسىدۇ،شورلۇقتا يانتاق ھەر قاچان.
               *                    *                    *
    شورلۇقتا ھېچقاچان سۇنبۇل ئۆسمەيدۇ،
    ئۇرۇقنى،ئەمگەكنى قىلمىغىن زايا.
    يامان ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلىش،
    ياخشىغا يامانلىق قىلغان گويا."

     

    بەل---گۈرجەك مەنىسىدە.
    ②يۇنۇس پەيغەمبەر---رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە،يۇنۇس پەيغەمبەر بېلىقنىڭ قارنىغا كىرىپ قىرىق كۈندىن كېيىن سالامەت چىققان.
    ③مەجۇسى---ئوتپەرەس يەنى ئوتقا تىۋىنغۇچى.
    ④لۇت---پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى.رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە،لۇتنىڭ خوتۇنى يامان ئادەملەرگە يار بولغاچقا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك ئائىلىسى ۋەيران بولغان.
    ⑤ئەسھاب كەھىف---"غار كىشلىرى"دېگەن مەنىدە بولۇپ،قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان.
    ⑥رۇستەم بىلەن زال---فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە»سىدىكى شەخىسلەر.

    ھىكايەت (5)


    ئوغلۇمىشنىڭ① سارىيدا بىر ھەربى باشلىقنىڭ ئوغلىنى كۆرگەن ئىدىم.ئۇنىڭ ئەقىل ئىدرىگى ۋە پەم پاراسىتى تەئرىپ-تەۋسىپتىن ئۈستۈن تۇراتتى.بالىلىق چېغىدىلا پىشانىسىدا ئۇلۇغلۇقنىڭ ئالامەتلىرى نامايەن ئىدى.

    ئەقىل-ھۇش ئاسمىنى بېشىدا پارلاپ،
    ئۇلۇغلۇق يۇلتۇزى تۇراتتى چاقناپ.


    قىسقىسى،يىگىت سۇلتانغا يېقىپ قالدى،چۈنكى ئۇ تاشقى كۈرنۈشتە خوپ كېلىشكەن،مەنىۋى دۇنياسى كامالەتكە ئېرىشكەن ئىدى.دانالار ئېيىتقانكى، "بايلىق-ــمالدا ئەمەس، ھۇنەر قابىليەتتە: ئۇلۇغلۇقـــ ياشتا ئەمەس،باشتا".تەڭتۇشلىرى ئۇنى كۆرەلمەي،خائىن دەپ قارا چاپلاپ،ئۆلتۈرگۈزۈشكە تىرشىپ باققان بولسىمۇ،پايدىسى بولمىدى.

    دۈشمىنىڭگە نېمە چارە،دوسىت ساڭا بولسا ئىناق؟


    پادىشا سورىدى: "بۇ كىشلەرنىڭ سېنى بۇنچە يامان كۆرشىدكى سەۋەب نېمە؟" يىگىت جاۋاب بەردى: "ئەي پادىشاھىم،مۈلكىڭىز ئەبەدى بولسۇن،مەن دۆلىتىڭىزنىڭ سايىسىدا ھەممىنى رازى قىلىپ كەلدىم،پەقەت ھەسەتخورلار رازى بولۇشمىدى.ئۇلار مېنڭ پاراۋانلىقىم ئاخىرلاشمىغىچە رازى بولۇشمايدۇ،ئىقبال دۆلىتىڭىز ئەبەدى بولسۇن!"

    قادىرمەنكى،بەرمەيمەن ھېچكىمگىمۇ مەن ئازار،
    ھەسەتخورنى نېمە قىلاي ئۆز-ئۆزىنى رەنجىتسە؟
    ئۆلۈپ قۇتۇل،ئەي ھەسەتچى،بۇ بىر شۇنداق كىسەلكى،
    ئازاۋىدىن قۇتۇلغايسەن پەقەت ئەجەل يېتىشسە.
              *                              *                        *
    شور پىشانە تەشنالىقتا قىلار ئارزۇ:
    بەخىتلىكلەر دۆلىتىگە يەتسە دەپ زاۋال.
    شەپەرەڭنىڭ كۈندۈز كۈنى كۆزى كۆرمىسە،
    نېمە گۇنا،نۇرلۇق ئاپتاپ كۆرسەتسە جامال؟
    راسىت گەپ شۇكى،مۇنداق كۆزدىن مىڭى كور بولسۇن،
    قۇياش نۇرى زۇلمەتكە بولمىسۇن پايمال!

    ①ئوغلۇمىش__ئازەربەيجان قەبىلىلىردىن بىر پادىشانىڭ ئىسمى.(1237-1250)ھەمەدان ۋىلايتىنى سورىغان.

     

    ھىكايەت(6)


    ھىكايەت قىلنىشچە،ئىران پادىشالىردىن بىرى پۇقرانىڭ مال-مۈلىگە زورلۇق قولىنى سۇنۇپ،شۇنداق جەۋىر-زۇلۇم قىلىشقا باشلىغانكى،خەلق ئۇنىڭ زۇلمى دەستىدىن جاھانغا تارلىپ كەتكەن ۋە جەۋىرنىڭ ئېغىرلىقىدىن يات يۇرتقا كېتىشكە مەجبۇر بولغان.شۇنىڭ بىلەن پۇقرالىرى ئازىيىپ،مەملىكەتنىڭ مەھسۇلاتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان.غەزىنە قۇرۇقدىلىپ قالغان،دۈشمەنلەر ئۈستۈنلۈك قازانغان.

    كىم ئېغىر كۈنلەردە تىلىسە مەدەت،
    ئېيىت ئاڭا،تىنىچ كۈندە قىلسۇن ياخشىلىق.
    ھالقىلىق① قۇل قاچار ئەركىلەتسەڭ،
    لۇتپ قىل،②بىگانە بولۇر ھالقىلىق.


    بىر كۈنى بۇ پادىشانىڭ مەجلىسىدە «شاھـنامە»③كىتاۋىدىن زەھھاك④ مەملىكىتىنىڭ زاۋال تېپىشى ۋە فەرىدۇننىڭ دەۋر سۈرۈشى توغرىسدىكى قىسسە ئوقۇلغان ئىدى.ۋەزىر پادىشادىن سوراپ قالدى:  "بىلىشكە بولۇرمۇ؟ فەرىدۇندا نە غەزىنە،نە مال-مۈلۈك،نە مۇلازىم ئەسكەر يوق ئىدى،قانداق قىلىپ مەملىكەت ئۇنىڭغا قارار تېپىپ قالدى؟"
    پادىشا جاۋاب بەردى: "سەنمۇ ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ ئەتراپىغا تولىمۇ ساداقەتلىك بىلەن ئۇيۇشقان ۋە قوللاپ قۇۋەتلىگەن،شۇڭا ئۇ پادىشالىقنى تاپقان."
    ۋەزىر دېدى: "ئەي پادىشاھىم،خەلقنىڭ توپلىنشى پادىشالىقنىڭ مەنبەسى بولسا،سەن نېمىشقا خەلقنى ھەر تەرەپكە قاچۇرۋېتىپسەن؟پادىشالىق قىلىش خىيالىڭدا يوقمۇ-يا؟ "

    ھامان جان بىلەن ئاسرا لەشكەرنى سەن،
    سورار يۇرتنى سۇلتان قۇشۇنلار بىلەن.


    پادىشا دېدى: "قوشۇن بىلەن خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئامىلى نېمە؟"
    ۋەزىر جاۋاب بەردى: "پادىشا كەڭ قوساق-ئالىجاناب بولشى لازىم،شۇنداق بولغاندىلا خەلق ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيشىدۇ ھەمدە ئادالەتمۇ كېرەك،چۈنكى كىشلەر ئۇنىڭ دولىتىنىڭ سايىسدا خاتىرجەم ھايات كەچۈرەلەيدىغان بولىدۇ.سەندە بولسا بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى يوق!"



    ئەزگۈچى زالىم بولمىسۇن سۇلتان،
    بورىدىن چىقماس ھەرگىزمۇ چۇپان.
    پادىشا سالسا زۇلۇمغا ئاساس.
    دولەتنىڭ ئۇلىنى كولىغان ئوخشاش.


    دانا ۋەزىرنىڭ نەسھىتى پادىشانىڭ دىتىغا توغرا كەلمىدى،بۇ سۆزگە تەتۈر قاراپ،ۋەزىرنى زىندانغا يوللىدى.ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي،پادىشانىڭ بىرنەۋرە تۇققانلىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ،لەشكەرلىرنى جەڭگە تەييارلىدى ۋە ئاتىسنىڭ مۈلكى-دۆلىتىنى قايتۇرۋالماقچى بولۇشتى،پادىشانىڭ زۈلمىدىن بىزار بولۇپ،ھەر تەرەپكە تارىلىپ كەتكەن كىشىلەر توپىلاڭ كۆتۈرگەنلەرگە قوشۇلۇپ،ئۇلارنى كۈچلەندۈردى،شۈنداق قىلىپ،ھاكىميەت پادىشانىڭ قولىدىن كېتىپ،كېيىنكىلەرگە قارار تاپتى.

    پادىشا پۇقرالىرغا زۇلۇمنى كۆرسە راۋا،
    ئايلىنىپ دۈشمەنگە دوسىت جەڭ كۈنى بولغاي بالا.
    بول ئىناق پۇقرا بىلەن،دۈشمەن جېڭىدىن بول ئەمىن،
    بولسا ئادىل پادىشا،پۇقرالىرى لەشكەر ئاڭا.


    ھالقىلىق قۇل --- قەدىمقى چاغلاردا قۇللارنىڭ قۇلقىغا ھالقا  سېلىناتتى.
    ②لۇتىپ قىل--- ياخشىلىق قىل دېگەن مەنىدە.
    ③«شاھنامە»---فىردەۋىسنىڭ «شامنامە»سى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
    ④زەھھاك---بىر زالىم پادىشانىڭ ئىسمى.

     ھىكايەت(7)

    بىر پادىشا بىر ئەجەم غولام①بىلەن كېمىگە چۈشكەن ئىدى.غولام دېڭىزنى ھەرگىز كۆرمىگەن ۋە كېمە ئازاۋىنى باشتىن كەچۈرمىگەن ئىدى،شۇڭا يىغا-زارى قىلىشقا باشلىدى،ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايىنى تىتىرەك باستى.ھەرقانچە بەزلىسىمۇ ئۇ تىنجىمىدى،ئۇنىڭ يىغسىدىن پادىشانىڭ كەيپى بۇزۇلدى،ئەمما ئۇ غولامغا ھېچ چارە قىلشالمىدى.بۇ كېمىدا بىر دانىشمەن بار ئىدى،ئۇ كىشى پادىشاغا دېدى: "ئەگەر بۇيرۇق بەرسىڭىز،مەن ئۇنى بىر ئىلاج قىلىپ تىنجىاتاتتىم".پادىشا دېدى:"شۇنداق قىلسىڭىز تولىمۇ ياخشى،ئالىقاناب ئىش بولاتتى!"
    دانىشمەن غولامنى دېڭىزغا تاشلاشقا بۇيرىدى.بالا نەچچە قېتىم شۇغا چۆككەندىن كېيىن،كىشىلەر ئۇنى چېچىدىن تۇتۇپ كېمە تەرەپكە تارتتى،ئۇ ئىككى قولى بىلەن كېمىنىڭ ياغچىغا ئېسىلىپ،تىرمىشىپ چىقتى-دە،بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ شۈك بولۇپ قالدى.پادىشا ئەجەبلەندى:"بۇنىڭ ھېكمىتى نېمە؟" دانىشمەن دېدى:"بۇ بالا ئىلگىرى سۇدا غەرق بولۇشنىڭ قورقۇنچىسنى باشتىن كەچۈرمىگەچكە،كېمىنىڭ تېچ ئىكەنلىكىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن.چۈنكى كىشى بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندىلا تېچ-ئامانلىقنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ."


    ئەي توق كىشى،ئارپا نېنى ساڭا ياقماس،
    ماڭا مەشۈقتۇر ساڭا كۆرۈنگەن سەت.
    جەننەتنىڭ ھۆرلىرىگە دوزاخ بولۇر ئەئراف②،
    ئەئرافنى دوزىخىلار سانايدۇ جەننەت.
            *                  *                      *
    پەرقى باركى،بىراۋنىڭ قېشىدا بولسا يار،
    يەنە بىرى ئىشەككە قاراپ يارغا ئىنتىزار.


    غولام__ ياش خىزمەتكار ياكى قۇل بالا: ئەجەم__پارىس ياكى تۇرك خەلقى.
    ②ئەئراف__ جەننەت بىلەن دوزاخ ئارىسىدكى جاي.

    ھىكايەت(8)

    ھۇرمۇزدىن① سوراشتى: "ئاتاڭنىڭ ۋەزىرلىدە نېمە خاتالىق كۆردۈڭ؟ ئەجەب ئۇلارنى قاماققا بۇيرۇدۇڭغۇ؟" ئۇ جاۋاب بەردى: "بىرەر خاتالىق سەزگىنىم يوق،لېكىن قارىسام،ئۇلار مېنى كۆرگەندە ئىنتايىن قورقۇشىۋاتىدۇ،ماڭا تازا ئىشەنچ قىلمايۋاتىدۇ،ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋىپسىرەپ،مېنى قەسىت قىلىپ ئۆلتۈرۋەتمىسۇن،دەپ قورقتۇم،شۈڭا دانىشمەنلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆردۈم،ئۇلار مۇنداق دېگەن:


    بىراۋ سەندىن قورقسا،قورق ئۇندىن،ھەكىم،
    يىقىتساڭمۇ جەڭدە ئۇنىڭ يۈزىنى.
    بۇنى كۆرمىدىڭمۇ،ئامالسىز مۈشۈك،
    ئويار چاڭگىلىدا يولۋاس كۆزىنى.
    يىلان مالچىنى نەق ئاياغدىن چاقار،
    ئېزەر دەپ قورقۇپ،تاش بىلەن ئۆزىنى."


    ①ھۇرمۇز (578-590)___ ساسانلار سۇلالىسىدىن بولغان بىر ئىران شاھىنىڭ ئىسمى.نۇشرىۋاننىڭ ئوغلى.

    ھىكايەت(9)

    ئەرەپ پادىشالىردىن بىرى قېرلىقتىن ئاغرىپ قېلىپ،ھاياتىدىن ئۈمىت ئۈزگەن ئىدى.ئىشىكتىن بىر ئاتلىق ئسكەر كىرىپ كەلدى-دە، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى: "پاىشاھىمىزنىڭ دولىتى سايىسىدا پالانى قەلئىنى ئالدۇق،دۈشمەنلەر ئەسىرگە چۈشتى،ئۇ تەرەپنىڭ ئەسكەر ۋە پۇقرالىرى تامامەن سىزنىڭ بۇيرۇغىڭىزغا قارايدىغان بولدى!"
    پادىشا سوغوق بىر ئۇھ تارتتى-دە، دېدى: "بۇ خۇش خەۋەر ماڭا ئەمەس،بەلكى مېنىڭ دۈشمەنلىرىمگە،يەنى مەملىكەتنىڭ ۋارىسلىىرىغا!"


    ئەزىز ئۆمرۈم ئۆتتى،دەرىغ،ئاشۇ ئۈمىتتە،
    دىلدا كۈتتۈم:ئارزۇيۇم كېلەر دەپ قاچان.
    كۈتكەن ئۈمىت كەلدى،لېكىن پايدىسى نېمە؟
    ئۈمىت يوقكى،ئۆتكەن ئۆمۈر قايىتماس ھېچقاچان.
          *                       *                           *
    چالدى سەپەر دۇمبىغىنى ئەجەلنىڭ قولى،
    ئەي كۆزلىرىم ۋىدالىشىڭ بېشىم بىلەن سىز.
    ئەي ئالقىنىم،بىلەكلىرىم،بېغىشىم،جەينىگىم،
    خوشلىشىڭلار،بىر-بىرىڭلار بىلەن ھەممىڭىز.
    ھوجۇم قىلىپ كەلدى ماڭا ئەشەددى دۈشمەن،
    ئەي دوستلىرىم،كاشكى مېنى يوقلاپ كەلسىڭىز.
    ئۆتتى مېنىڭ روزگارىم نادانلىق بىلەن،
    مەن قىلمىدىم،ئەمدى سىزلەر ھەزەر ئەلىڭىز!

    ھىكايەت(10)


    بىر يىلى دەمەشىق جامەسىدە يەھيا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋرە بېشىدا ئىبادەتتە ئولتۇرغان ئىدىم.ئادالەتسىزلىك بىلەن نامى چىققان بىر ئەرەپ پادىشاسى كۈتۈلمىگەنە بۇ يەرگە زىيارەتكە كېلىپ قالدى.ناماز ئوقۇدى ۋە دۇئا قىلىپ ھاجىتىنى تىلىدى.

    كەمبەغەل-باي ھەممە ئادەم ئۇشبۇ يەرگە قۇل بولۇر،
    قانچە باي بولسا كىشى مۇھتاجلىغىمۇ مول بولۇر.

    ئاندىن ئۇ ماڭا قاراپ دېدى:"ماڭا دەرۋىشلەرگە خاس ھىممەت بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ سەمىمىي مۇئامىلىسى بويىچە بىر دۇئا قىلىپ قويسىڭىزچۇ،چۈنكى كۈچلۈك بىر دۇشمەندىن ئەندىشە قىلۋاتىمەن!"
    مەن دېدىم: "ئاجىز ۇقرالارغا رەھىم-شەپقەت قىل،كۈچلۈك دۈشمەن سېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ!"

    كۈچلۈك بىلەك،قۇدىرەتلىك قول سەندە بولسا،
    مىسكىن،ئاجىز پەنجىسىنى يەنجىش خاتا.
    باغرى تاشنىڭ يىقىلغانغا پەرۋاسى يوق،
    ئۇ يىقىلسا ياردەم بەرمەس ھېچكىم ئاڭا!
    يامانلىقنى تېرىپ كۈتسەڭ ياخشىلىقنى،
    باغلىنارسەن قۇرۇق ئۈمىت،خام خىيالغا.
    قۇلغۇڭدىن ئال پاختىنى،خەلقنى تىڭشا،
    تىڭشىمىساڭ،بىر كۈن كېلىپ بىرەر جازا.
                 *                  *               *
    پۇتۇن ئادىمزات تۇتاشقان ئەزا،
    ئۇلار بىر جەۋھەردىن يارالغان يانا.
    بىر ئەزاغا يەتكۈسە دەرىت زورگار،
    تۈگەر باشقا ئەزادا سەۋرۇ-قارار.
    ئەگەر باشقىلار چەكسە دەرت،سەن بىغەم،
    ئاتاشقا بولۇرمۇ سېنى بىر ئادەم؟

    ھىكايەت(11)


    دۇئاسى ئىجاۋەتلىك بىر دەرۋىش باغداتتا پەيدا بولۇپ قالدى.بۇ توغۇرلۇق ھوججاج يۇسۇپكە① خەۋەر قىلىشتى.ھوججاج ئۇنى چاقىرتىپ دېدى: "ماڭا دۇئا قىلىپ قويساڭچۇ!"دەرۋىش دېدى:"خۇدايا!ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىن!"
    ھوججاج چوچۇپ سورىدى: "خۇدا ھەققى،بۇ قانداق دۇئا؟"
    دەرۋىش دېدى: "بۇ سەن ئۇچۇن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇچۇن ياخشى دۇئا!"


    ئەي زالىم،يېتەر خەلققە ئازارىڭ،
    قاچانغىچە قاينار بۇ بازارىڭ؟
    سەلتەنەت سۇرمەك نە كېرەك ساڭا؟
    خەلقنى ئەزگەندىن ئولگىنىڭ ئەلا!


    ①ھوججاج يوسۇپ __خەلىپە ئابدۇلمۇلۇك ئىبنى مەرۋانىنىڭ مۇئاۋىنى بولغان بىر لەشكەر باشلىغى،زالىم.

    ھىكايەت(12)

    بىر ئادالەتسىز پادىشا تەقۋادار كىشىدىن سورىدى: "خۇداغا قايسى ئىبادەتنى قىلغان ياخشى؟"
    تەقۋادار جاۋاب بەردى: "ساڭا چۈشكىچە ئۇخلاش ھەممە ئىبادەتتىن ياخشى،چۈنكى شۇڭغىچىلىك خەلق سېنىڭ ئازارىڭدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!"


    چۈشكىچە ئۇخلىغان زالىمنى كۆرۈپ،
    دىدىكى،بۇ پىتنە ئۇيقۇسى ياخشى.!
    ئۇيقۇدا ياتقىنى ياخشى بولغاننىڭ،
    تىرىك تۇرغىنىدىن ئولگىنى ياخشى.

    ھىكايەت(13)

    ئاڭلىشىمچە،بىر پادىشا پۇتۇن كېچىنى ئەيىش-ئىشرەتتە ئۆتكۈزگەن ۋە راسا مەس بولغان چاغدا مۇنداق دېگەن:

    "بىزگە جاھان ئىچرە خۇشراق دەم يوق،
    ياخشى-ياماندىن ئەندىشە،كىشىدىن غەم يوق."

    بىر يالىڭاچ دەرۋىش تالادا سوغاقتا ياتاتتى،ئۇ مۇنداق دېدى:

    "ئەي زات،ئالەمدە سەن كەبى تەلەيلىك ئادەم يوق،
    خوپ دەيلى غېمىڭ يوق،بىزنىڭ غېمىمىز ھەم يوق؟"

    بۇ سۆز پادىشاغا خۇش كەلدى-دە،مىڭ دىنار پۇلنى ھەميان بىلەن دەرىزىدىن كوچىغا سۇنۇپ:"ئىتىگىڭنى تۇت،ئەي دەرۋىش!"دېدى.
    دەرۋىش دېدى: "ئىتەكنى نەدىن ئالاي،كېيىم-كىچىگىم بولمىسا؟"
    ئۇنىڭ يوقسۇزلۇغىغا پادىشانىڭ تېخىمۇ ئىچى ئاغرىپ،بىر قۇر كىيىممۇ قوشۇپ بەردى.
    دەرۋىش بۇ پۇللارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەپ-ئىچىپ،بۇزۇپ-چېچىپ تۇگتىۋەتتى-دە،يەنە كەلدى.

    بىغەملەر قولىدا مال توختىمايدۇ،
    ئاشىق دىلىدا سەۋىر،غەلۋىردە ھەم سۇ.

    پادىشا ئۇنىڭغا قاراشقا چولىسى يوق بىر چاغدا،ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ئىدى،پادىشا غەزەپلىنىپ،بوينىنى تولغىدى.پاراسەت ئىگىللىرى ۋە دانالار شۇ سەۋەبتىن ئېيىتقانكى،پادىشالارنىڭ قەھرى-غەزپىىن ساقلىنىش لازىم،چۈنكى ئۇلارنىڭ دىققەت-ئېتىۋارى كۆپۈنچە دولەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى بىلەن بولۇپ،ئاۋام خەلقنىڭ غەلۋىسنى كۆتەرمەيدۇ.

    ھارامدۇر شۇ ئادەمگە شاھ نىئمىتى،
    ئەگەر ئەپلىك پۇرسەتكە يوق دىققىتى.
    ئەگەر تاپمساڭ سۆزگە دەل پەيتىنى سەن،
    چۈشۈرمە ئۆزۈڭنى قۇرۇق سۆز بىلەن.

    پادىشا دېدى: "بۇ يۈزسىز ئىسراپخور گاداي شۇنچە كۆپ نىئمەتنى شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇزۇپ-چېچىپتۇ.ئۇنى ھەيدېۋىتىڭلار،چۈنكى دولەت غەزىنسىدىكى بايلىق مىسكىنلەرنىڭ ئوزۇغى،ھەرگىز شەيتان بۇرادەرلىرنىڭ توئمىسى ئەمەس."

    كۇندۇزى ئەخمەق بىكاردىن ياقسا كاپۇر شام-چىراغ،
    تېز كۆرەرسەن ئاخشىمى يوق چىرغىدا تامچە ياغ.

    نەسىھەتچى ۋەزىرلەردىن بىرى دېدى: "ئەي پادىشاھىم،شۇنى مەسلىھەت قىلىمەنكى،بۇنداق ئادەملەرگە تىرىكچىلىك ياردىمىنى مەلۇم ۋاقىتقا يەتكۈدەكلا بېرىش كېرەك،ئۇ چاغدا ئالغان نەپقىنى ئىسراپ قىلۋەتمەيدۇ.ئەمما سېنىڭ قاتتىق بولۇش،نەرسە بەرمەسلىك توغرسىدىكى بۇيرۇغۇڭ ھىممەت ئىگىلىرنىڭ خۇلقى-ئادەتلىرگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ،بىراۋنى لۇتــپ مەرھەمەت بىلەن ئۇمىتۋار قىلىپ قويۇپ،ئارقىدىنلا نائۈمىت قىلىش كوڭلىنى ئاغرىتىپ قويغانلىق بولىدۇ."

    تاماخورغا ئىشىكنى ئېچىشقا بولماس،
    ئېچىلغاندا قاتتىق يېپىشقا بولماس.
                       *             *               *
    ھېچكىم كۆرمىگەنكى،ھىجاز تەشناسى①
    شورلۇق سۇ لېۋىدە توپلىشىپ تۇرغان.
    قەيەردە بۇلاقتا بولسا شېرىن سۇ،
    ئادەم،قۇش،چۈمۈلە ئولىشىپ تۇرغان.

    ①ھىجاز تەشناسى __مەككىگە ھەج قىلغىلى بارغان ھاجىلارنىڭ يولدا ئۇسسۇز قالغانلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

    ھىكايەت(14)

    بۇرۇنقى پادىشالاردىن بىر مەملىكەت ئىشلىرغا سۇس قارىدى ۋە لەشكەرلىرنى تەمىناتتا بەك قىسىۋەتتى.شۇڭلاشقا كۈچلۈك دۈشمەن ھوجۇم قىلىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قېچىشقا باشلىدى.

    پۇلىنى ئاياپ قىلسا لەشكەرگە كەم،
    ئايايدۇ قولىنى قورالدىن ئۇ ھەم.

    ئاشۇ ۋاپاسىزلىق قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ بىرى مېنىڭ دوستۇم ئىدى.ئۇنى ئەيىپلەش شۇنداق دېدىم: "پەسكەش،ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان،رەزىل ۋە تۇزكور ئادەم شۇكى،ئەھۋالدا ئازغىنە ئۆزگىرىش بولغاندا،بۇرۇنقى خوجايىندىن يۈز ئۆرۈپ،ئۇزۇن يىللىق نىئمەتلەرنىڭ ھەققىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ."
    ئۇ دېدى: "مېنى ئالىجانابلىق بىلەن كەچۈرشۈڭ لازىمكى،بۇ جەڭ باشلانغاندا ئېتىم ئارپىسىز قالغان ئىدى،ئىگىرى گورەدە ئىدى،سۇلتان ئۆز ئەسكەرلىردىن پۇىنى ئايايدىكەن،ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئۈچۈن جانپىدالىقبىلەن ئۇرۇش قىلىش مۈمكىن ئەمەس-تە."

    مەرت جەڭچىگە پۇل تۆككىن،قىلۇر جان پىدا،
    پۇل تۆكمىسەڭ،باش ئېلىپ كېتەر يات يۇرتقا.
              *                         *                        *
    قوسىغى توق بولسا باتۇر جەڭ قىلار غەيرەت بىلەن،
    ئاچ قوساق قالغاندا جەڭچى قاچىدۇ شىددەت بىلەن.

    ھىكايەت(15)

    بىر ۋەزىر خىزمىتىدىن چېكىنىپ،دەرۋىشلەر سورۇنىغا كىرگەن ئىدى،ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئۈنۈمى يۇقۇپ،كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى.پادىشا ئۇنىڭا قايتىدىن ئىلتىپات كۆرىستىپ،ۋەزىرلىك خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى،ئۇ قۇبۇل قىلماستىن مۇنداق دېدى: "ئەمەلدارلىق قىلىشتىن ئىستىپادا بولغىنىم ياخشى! "

    ھەركىم ئۆزىنى چەتتە تۇتۇپ،تاپتى پاراغەت،
    ئادەم تىلىنى،ئىت چىشىنى توستى شۇ سائەت.
    قەغەزنى تىتىپ،سۇندۇردى قەلەمنى نىھايەت،
    غەيۋەتچى قولى ھەم تىلىدىن قالدى سالامەت.

    پادىشا دېدى: "بىزگە ھەر ھالدا دۆلەت ئىشلىرنى باشقۇرۇش قولىدىن كېلىدىغان ئاقىل ۋە قابىل كىشى كېرەك!"
    ۋەزىر دېدى: "ئاقىل ۋە قابىل كىشىنىڭ نىشانى شۇكى،ئۇ مۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدۇ"

    قۇشلار ئارا ھۇما قۇش تاپتى شەرەپ-ئېتىۋار،
    ئۇستىخان يەپ ھەرقاچان،جانغا بەرمىگەچ ئازار.

    قارا قۇلاقتىن①كىشىلەر سوراشقان ئىدى: "سەن نېمە سەۋەپتىن شىرغا يېقىنلىشىشنى ئىختىيار قىلىپ قالدىڭ؟"ئۇ جاۋاب بەردى: ''شۇ سەۋەپتىنكى،ئۇ ئوۋلىغان نەرسىلەرنىڭ ئاشقان-تاشقىننى يەيمەن،ئۇنىڭ ھەيۋەتلىگى پاناسىدا دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىگدىن ساقلىنپ ،تىرىكچىلىك قىلىمەن!"
    كىشىلەر يەنە سوراشتى: "سەن ئۇنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرۋېلىپ،نىئمەتلەرگە شۇكرى قىلىشنى ئىتىراپ قىلدىكەنسەنۇ،نېمىشقا ئۇنىڭ قېشىغا يېقىن بارالمايسەن؟ئۇ سېنى يېقىن كىشلىرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈپ،سادىق قۇللىردىن ھىسابلىساسمىدى؟"قاراقۇلاق دېدى: "ئۇنىڭ قەھىر-غەزۋىدىنمۇ ئەمىن ئەمەسمەن!"

    ئاتەش پەرەس ئوت ياقسىمۇ يۈز يىل،
    چۈشسە ئىچىگە شۇئان بولۇر كۈل.

    شۇنداق ئەھۋالمۇ بولۇپ تۇرىدۇكى،پادىشانىڭ يېقىن كىشىلىرى ئالتۇن تاپىدۇ،بەزىدە بېشى كېتىپ قالىدۇ،شۇڭا دانىشمەنلەر ئېيىتقانكى"پادىشالارنىڭ كەيپىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرشىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك،چۈنكى بەزىدە سالام بەرسەڭ رەنجىيدۇ،بەزىدە تىللىساڭمۇ تون كىيگۈزىدۇ."
    ئاقىللار ئېيىتقانكى،تولىمۇ خۇش چاقچاق بولۇش نەدىملەر②ئۈچۈن ھۇنەر-پەزىلەت بولسىمۇ،دانىشمەنلەر ئۈچۈن بىر ئەيىپ!

    ئۆز قەدرىڭنى بىل،ساقلا سالماقنى،
    نەدىملەرگە قوي،ئويۇن-چاقچاقنى.


    قاراقۇلاق(پارىسچە سىيەگوش) __چۆل چاشقىنى
    ②نەدىملەر ___ئوردا كىشىلىرى،پادىشانىڭ قېشىدكى يېقىن كىشىلەر

    ھىكايەت (16)

    دوستلىرىمدىن بىرى تۇرمۇشنىڭ ئېغىرلىغىدىن ئەھۋال ئوقۇپ قېشىمغا كېلىپ مۇنداق دېدى: "كۈنلۈك كىرمىم  ئاز،بالا-چاقام كۆپ،كەمبەغەلچىلىكنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە تاقىتىم قالمى دى باشقا مەملىكەتكە كېتىپ مەيلى قانداق تىرىكچىلىك ئۆتكۈزسەم،ياخشى-يامانلىغىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايتتى،دېگەن پىكىر نەچچە قېتىم خىيالىمدىن كەچكەن ئىدى

    كۆپ كىشى ئاچ ياتسا خەلقلەر كىملىگىنى بىلمىگەي،
    ھەم جېنى تۇمشۇقىغا يەتسە ھېچ كىشى غەم يېمىگەي.

    ئەمما دۈشمەنلەرنىڭ مەسخىرسىدىن ئەندىشە قىلىمەن،ئۇلار ئارقامدىن تىللاپ كۈلشىدۇ ھەم ئائىلەم توغرسىدا قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىمنى ئادىميەتسىزلىككە چىقىرىپ مۇشۇنداق دىشىدۇ،

    بۇ نامەرت ئادەمگە ھەرگىز قارىما،
    كۆرگۈسى كەلمەيدۇ بەخىت يۈزىنى.
    بالا-چاقىسىنى كۈلپەتكە قويۇپ،
    تۇرمۇشتا ئويلايدۇ پەقەت ئۆزىنى.

    ئۆزەڭگە مەلۈم،ھىساب ئىلمىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋرىم بار،ئەگەر سېنىڭ مەرتىۋەڭ شاراپىتىدىن بىرەر  ئىشقا تەيىلنىپ قالسام،تۇرمۇشتا خاتىرجەم بولاتتىم

    分享到: