• گۇلىستان(شەيخ سەئدى)1

    2009-05-13

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39327765.html

    (مۇقەددىمە) 

      بسم اللہ الر حمن الر حیم

    (شەپقەتلىك،مېھرىۋان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

    1

    قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ خۇداغا مىننەتدارلىق بولسۇنكى،ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش يېقىنلىققا سەۋەب بولىدۇ،شۈكىرنى بەجا كەلتۈرۈش بىلەن نىئمەت كۆپىيىدۇ:ھەر نەپەس بەدەنگە سۈمرۈلگەندە،ئۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ،سىرىتقا چىقرىلغاندا تەنگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ.شۇنداق ئىكلەن،ھەر نەپەستە ئىككى نىئمەت مەۋجۇت ۋە ھەر بىر نىئمەت ئۈچۈن شۈكۈر لازىم. 

    كىنىڭ بار قولى ھەم تىلىدا ئىمكان،
    چىققىلى شۈكرنىڭ ئەھدىدىن ئاسان؟ 

    “ئەي داۋۇد خاندانى شۇكۇر قىلىڭلار!ھالبۇكى بەندىلىرىم ئىچىدە شۇكۇر قلغۇچىلار ئاز”.(قۇرئان34-سۈرە13-ئايەت)
     
    ياخشىدۇر بەندىگە ئۆز قۇسۇرى ئۈچۈن
    كەچۈرۈم سورىسا خۇدا ئالدىدا،
    ئۇنداق بولمىغاندا خۇداغا لايىق
    شۇكرنى ھېچ ئادام قىلالماس ئادا،

    ئۇنىڭ ھىساپسىز رەھمەت يامغۇرى ھەممە يەرگە تەڭ چۈشىدۇ:مول نىئمەتلىك سېخى داستىخنى ھەممە جايغا سېلىنغان،ئۇ بەندىللىرنىڭ نومۇس پەردىسنى قاتتىق گۇنا سەۋىۋى بىلەن يىرتىپ تاشلىمايدۇ،كۈندىلىك رىزقى-نەسىۋىسىنى نالايىق خاتالىق سەۋىۋى بىلەن توختۇتۇپ قويمايدۇ.

    ئەي كەرەم ئىگىسى،غايىپ غەزنەڭدىن
    بەھرمەن قىلسەن گەبر،تەرسانى(گەبىر-ئوتقا چۇقۇنىدىغان بۇتپەرەس-خىرىستىيان)
    دۈشمەنلەرگىمۇ نەزىرىڭ چۈشەر،
    قۇرۇق قويمايسەن دوست-ئاشنانى.

    ئۇ تاڭ شامىلى-فەرراش(يەر سۈپۈرگۈچى ھەم توشەك سالغۇچى خىزمەتكار)قا زۇمرەت گىلەملەرنى سېلىشقا بۇيرۇدى ۋە ئىنىكئانا-باھار بۇلۇتىغا زىمىن بوشۇگىدىكى ئۆسۈملۈكلەر قىزلىرنى(ياش مايسىلارنى)پەرۋىش قىلىشنى تاپشۇردى:دەرەگلەرنى نورۇزلۇق كىيىم بىلەن-يېشىل ياپراق تون بىلەن كىيىندۇرۇپ،ئۇششاق باللىرنىڭ -شاخ-پۇتاقلىرنىڭ بېشىغا باھار پەسلىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىش مۇناسىۋتى بىلەن گۇلتاجلارنى قويدى:ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئاغزىدىن ياسىغان قۇسۇق ئۇنىڭ قۇدىرتى بىلەن ئەڭ ياخشى ھەسەلگە ئايلىنىدۇ،خورما ئۇرغى ئۇنىڭ تەربىيسى بىلەن ئېگىز دەرەخ بوپ قەد كوترىدۇ.

    بۇلۇت،شامال،ئاي،كۈن،ئاسمان ساڭا خىزمەتتە،
    ئەگەر بىر نان كەلسە قولغا،يېمە غەپلەتتە.
    ئەتراپىڭدا فەرمانبەردار ھەممە سەن ئۈچۈن،
    ئىنساپسىزلىق،ھەق ئەمرىدىن قاچساڭ،ئەلۋەتتە.

    رىۋايەت قىلىنىشىچە،كائىناتنىڭ باشچىسى،مەۋجۇداتنىڭ پەخىرى،ئالەم خەلقنىڭ شەرەپ-شانى،ئادەملەرنىڭ سەرخىلى،زاماننىڭ كامالەتكە تولغان كىشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن__

    شاپائەتچى،ئەلچى،سەخى،بىغۇبار،
    كەرەملىك،ئۇلۇغۋار،ئەزىزى،موھىردار(ئەرەپچە"ۋەسىم"--دۈمبىسىگە پەيغەمبەرلىك موھرى بېسىلغان دېگەن مەنىدە بولۇپ،بۇ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بىر سۈپىتى).

    نەغەم ئۈممەتكە قورغاندىن سېنىڭدەك باشپانا تۇرسا؟
    دېڭىز دولقۇنلىرى خەۋپسىز،ئەگەر نۇھ كېمە باشقۇرسا(رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە،نۇھ پەيغەمبەر ئادەم ۋە ھايۋانلارنى كېمىگە سېلىپ توپان سۇيدىن قۇتقۇزۇپ قالغان).

    يەتتە يۈكسەككە ئوز كامالى بىلەن،
    يەڭدى زۇلمەتنى ئوز جامالى بىلەن.
    نەپىس ھەم كۆركەم ئۇندا بار خىسلەت،
    دۇئا قىلىڭ ئاڭا،ئەھلى ئايالى بىلەن.

    -بىزگە يېتىپ كەلگەن ھەدىستا مۇنداق دېيلىدۇ:قاچاندا بولمىسۇن،تۇرمۇشى پەرىشان گۇناكار بەندىلەردىن بىرى قۇبۇل قىلسا دېگەن ئۇمىت بىلەن ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك خۇدانىڭ دەرگاھىدا توۋىسىغا قول كۆتۈرسە،ئەمما ئاللا تائالا ئۇنىڭغا نەزەر قىلمىسا،ئۇ يەنە كەچۈرۈم سورايدۇ،ئاللا تائالا ئىككىنىچى قېتىم رەت قىلسا،ئۇ ئادەم يىغا-زارى بىلەن يەنە يالۋۇرىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن ئاللا تائالا ئېيتىدۇ:
    "ئەي پەرىشتىللىرىم،بەندەمدىن راستىنلا ئۇيالدىم،چۈنكى ئۇنىڭ مەندىن باشقا پەرۋەردىگارى يوق،:شۇنداق ئىكەن مەن ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئوتتۈم،ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدىم،ئۇنى ھاجەتتىن چىقاردىم،چۈنكى بەندىنىڭ كۆپ دۇئا ۋە يىغا زارىسىدىن ئۇيىلىمەن"

    قارا،بۇ خۇدا قانچىلىك رەھىمدىل،
    گۇنانى قىلار بەندە،ئەما ئۇ خىجىل.

    ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇق كەئىبىسىدە رىيازەت چەككۈچىلەر،ئۆزلىرنىڭ تولۇق ئىبادەت قىلالمىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىپ،"ساڭا لايىغىدا ئىبادەت قىلالمىدۇق"دىيشىدۇ.ئۇنىڭ جامالىنى تەئرەپ قىلغۇچىلار ھەيراتتە قېلىپ،"بىز سېنى تىگىشلىك دەرىجىدە تونيالمىدۇق "دىيشىدۇ.

    گەر كىشى ۋەسپىنى مەندى سورىسا،
    نېمەدەر بىر دىلسىز،بولمىسا نىشان(بۇ مىسرا:"كوڭلىدىن ئايرىلغان ئاشىق خۇدانىڭ بەلگە نىشانى بولمىسا،ئۇنىڭ ھەققىدە نېمە دەپ بېرەلەيدۇ ؟"دېگەن مەزمۇندا.)

    گەر كىشى ۋەسپىنى مەندىن سورىسا،
    نىمەدەر بىر دىلسىز،بولمىسا نىشان؟
    ئاشىقلار مەشۇقلارنىڭ قۇربانى تۇرسا،
    ئولۇكتىن كەلمەيدۇ ئاۋاز ھېچقاچان.

    بىر تەقۋادار بېشىنى ياقسىغا چوكۇرۇپ ھەقىقەت دېڭىزىغا غەرىق بولغان ئىدى.ئۇ بۇ ھالەتتىن ئوزىگە كەلگەندە دوستلىردىن بىرى چاقچاق قىلىپ:"سەن سەيرە قىلغان بوستاندىن بىزگە نېمە توھپە-كارامەت ئېلىپ كەلدىڭ؟"دەپ سورىدى،"ئېسىمدىكى،-دېدى تەقۋادار،-گۇلنىڭ قېشىغا بېرىش بىلەنلە ئىتىگىمنى (گۇل بىلەن تولدۇرۇپ)،دوسلۇرۇمغا ھەدىيە قىلاي دېگەن ئىدىم،ئەمما يېتىپ بارغىنىمدا گۇلنىڭ ھىدى مېنى شۇنداق مەس قىلدىكى،ئىتىگىم قولۇمدىن چىقىپ كەتتى".

    ئەي سەھەرنىڭ بۇلبۇلى ئىشقنى ئۈگەن پەرۋانىدىن،
    ئۇ كويۇپ ئايرىلدى جاندىن،يوق ئۇنىڭدىن ھېچ ئەسەر.
    ئشقنى دەۋا قىلغۇچىلار ماھىيەتتىن  بىخەۋەر،
    تەھتىگە يەتكەن كىشىدىن كەلمىگەي قايتا خەۋەر.
                 *                    *                  *
    خىيال،قىياس،ئوي-پەرەزدىن ئۇستۇنسەن خۇدا،
    ئېيتىلغاندىن،ئاڭلىغاندىن،ئوقۇغاندىن ھەم.
    مەجلىس تۈگەپ،ئومرىمىزمۇ ئاخىرغا يەتتى،
    ۋەسىپىڭدە بىز باشلانغۇچتا قالدۇق تا بۇ دەم.

    2

    ئىسلام پادىشاسى ئاتا بەك ئەبۇ بەكرى ئىبنى سەئد ئىبنى زەنگى(ئۇنىڭ سەلتەنەتى ئەبەدى بولسۇن)نىڭ ياخشى سۈپەتلىرى بايانىدا

    سەئدنىڭ ياخشى گېپى ئەل ئاغزىدا جاراڭلىماقتا،ئۇنىڭ سوزىنىڭ شۆھرىتى يەر يۈزىگە پۇر كەتكەن،ھىكايىللىرنىڭ شېرىن مىۋىلىردىن خەلق خۇددى شېكەر يېگەندەك لەززەتلەنمەكتە،ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ ئايرىم قوليازمىلىرى ئالتۇن ئاقچىدەك قولدىن قولغا ئۆتمەكتە.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كامالىتى،ئىستىداتى ۋە بالاغىتىگىلا باغلىق ئەمەس،بەلكى شۇنىڭغىمۇ باغلىقكى،جاھاننىڭ ئىگىسى،زامان دائىرسىنىڭ ئوق مەركىزى،سۇلەيمان(سۇلەيمان پەيغەمبەر،داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى)نىڭ ئىز باسارى،دىن ئەھلىنىڭ ھىمايەتكارى ئۇلۇغ شەھەنشاھ ئاتابەك مۇزەففەرەددىن ئەبۇبەكر ئىبنى سەئد ئىبنى زەنگى(1226-1258پارىس ھوكۇمدارى ،سەئدنىڭ ھىمايچىسى)(خۇدانىڭ يەر يۈزدىكى سايىسى---ئەي پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن رازى بول ھەم ئۇنى رازى قىل!)سەئدىغە غەمخورلوق كوزى بىلەن قارىدى،ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ تولۇقياقتۇردى ۋە سەمىمى ئىلتىپات كورسەتتى،نەتىقىدە خاس-ئاۋام ھەممە كىشى سەئدىگە مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان بولدى،چۈنكى “خالايىق ئوز پادىشالىرنىڭ كوز قارشىغا ئەگىشىدۇ “(بۇ جۇملە ئەرەپ ماقالى)

    مەن مىسكىنگە نەزرىڭ چۈشكەندىن بۇيان،
    ئەسەرلىرىم بولدى كۈندىنمۇ ئايان.
    گەرچە كۆپ مەن قۇلدا كەمچىللىك-نۇقسان،
    ھەر ئەيىپمۇ ھۇنەردۇر،ياقتۇرسا سۇلتان.
             *                *               *
    قولۇمغا بىر كۈنى ھاممامدا بەردى،
    ئاجايىپ خۇشپۇراق بىر گىلنى دوستۇم.
    دىدىم بۇ گىلگە:“سەن ئىپارمۇ-ئەنبەر؟
    ھىدىڭدىن مەس بولۇپ شاتلاندىن كوڭلۇم!“

    (گىل_قىزىل توپا،قەدىمقى چاغلاردا كىشىلەر ھاممامدا يۇيۇنغاندا گىلدىن ياسالغان چالمىنى بەدىنىگە سۈرتەتتى.)

     

    دېدى ئۇ:"مەن ئىدىم بىر پارچە چالما،
    ۋە لېكىن بىر مەھەل گۇل بىلە تۇردۇم.
    ماڭا يۇقتى ئۇنىڭ خىسلەت-كامالى،
    بۇ خىسلەت يۇقمىسا،تۇپراقتا ئورنۇم".

    ئەي ئاللا،ئۇنىڭ ئومرىنى ئۇزۇن قىلىش ئارقىلىق موسۇلمانلارنى بەختىيار قىل:ئۇنىڭ ياخشى قىلىقلىرى ۋە ياخشى ئىشلىرنىڭ ساۋاۋىنى نەچچە ھەسسە كوپەيتكىن:دوستلىرى ۋە ئەمەلدارلىرنىڭ مەرتىۋسىنى يۇقرى كوتەرگىن:قۇرئاندا ئوقۇلغان ئايەتلەرھەققى-ھۆرمىتى،ئۇنىڭ دۇشمەنلىرنى ۋەقارا نىيەت رەقىپلىرنى يەر بىلەن يەكسان قىل:ئەي خۇدا،ئۇنىڭ مەملىكىتىنى  ئامان قىل،بالا-چاقىللىرنى ئوز پاناھىڭدا ساقلا.

    ئۇ بىلە دۇنيا گۇزەل،كۇلسۇن ئۇنىڭ بەختى ئەبەت،
    ھەقتائالا ئۇنى كۇچلۇك ئەيلىسۇن نۇسرەت بىلەن.
    بولسا يىلتىز ئۇ ئەگەر،ئاينىيدۇ تېزلا ياش كوچەت،
    ئۇرۇغىبولسا ئىسىل،ئوسكەي گىيا زىننەت بىلەن.

    ئۇلۇغ ۋە مۇقەدەس تەڭرى شىرازنىڭ(ئىراندىكى قەدىمقى بىر شەھەر،سەئدىنىڭ يۇرتى)پاك تۇپرىغىنى ئادىل ھاكىملارنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن ھەمدە ئىشچان ئالىملارنىڭ ھىممىتى بىلەن قىيامەت كۈنىگىچە ئامانلىقتا ساقلىسۇن!

    يوق زاماننىڭ ئاپىتىدىن پارىس ئىقلىمىدە غەم،
    ئۇستىدە بولسا سېنىڭدەك بىر ئىلاھىي سايىۋەن.
    يەر يۈزىدە ئۇشبۇ كۈن ھېچكىم بېرەلمەيدۇ نىشان،
    ئىشىك ئالدىڭدىن بولەك ھېچ يەردە يوق دارىلئامان.
    ئاسىرماق زىممەڭدەدۇر بىچارىلەرنىڭ كوڭلىنى،
    شۇكرى بىزدىن،ئەجىر بەرمەك ھەقتائالادىن ھامان.
    ساقلا،تەڭرى،پىتنە-جۇدۇندىن پارىس تۇپراغىنى،
    تا جاھاندا بار ئىكەن تۇپراق بىلەن شامال-بوران.

    ئادىل ئەمىر پەخرىددى ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەبۇ نەسىرنىڭ گۇزەل ئەخلاقى بايانىدا

    يەنە(شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى،)پىكىرىمنىڭ كېلىنى ھوسىن-جامالسىزلىقتىن باش كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ،ئۇمىتسىزلىك نەزىرىنى خىجىللىق ئايغىنىڭ ئۇستىدىن ئالالمايدۇ ۋە قەلىب ئىگىلىرنىڭ جەميىتىدە نۇر چاچالمايدۇ،پەقەت ئۇلۇغ،ئالىم،ئادىل،غالىپ ئەمىز،زەپەر ئىگىسى،سەلتەنەت تەختىنىڭ يۇلەنچۇگى،دولەت ئىشلىرنىڭ مەسلىھەتچىسى،پەقىرلەرنىڭ ھىمايچىسى،غېرىپلارنىڭ باشپاناھى،ئالىملارنىڭ تەربىيچىسى،تەقۋادارلارنىڭ دوستى،پارىس خەلقىنىڭ ئىپتىخارى،مەملىكەتنىڭ مادارى،دولەت ئەربابلىرنىڭ باشچىسى،دولەت ۋە دىننىڭ پەخىرى،ئىسلام ۋە موسۇلمانلارنىڭ ھامىسى،پادىشا-سۇلتانلارنىڭ تايانچى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبۇ نەسر①(ئاللا ئومرىنى ئۇزۇن قىلسۇن،دولىتىنى زىيادە قىلسۇن،قەلبى كوكسىنى كەڭ قىلسۇن،ئەجرىنى نەچچە ھەسسە كوپەيتسۇن!)نىڭ قۇبۇل-ئىلتىپاتىدىن زىننەت تاپسا،ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ جىلۋە بېرەلەيدۇ،چۇنكى بۇ زات پۇتۇن دۇنيانىڭ ئۇلۇغلىرى تەرپىدىن مەدھىيلەنگەن،جىمى ئەخلاق بۇ كىشىدە مۇجەسسەملەنگەن.

    ھەركىمگە ئۇنىڭدىن ئىنايەت بولۇر،
    دۇشمىنى دوسىت،گۇناھى تائەت بولۇر.

    قالغان بارلىق قۇللار ۋە خىزمەتكارلارنىڭ ھەرقايسسىغا مۇئەييەن بىر خىزمەت تەيىن قىلىنغان.ئەگەر ئۇلاردىن بىرەرسى(ئاشۇ خىزمەتنى)ئادا قىلىشتا بىپەرۋالىق ۋە خوشياقماسلىقنى راۋا كورسە،ئۇ چاغدا ئۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىپ،كايىشقا ئۇچىرايدۇ.ئەمما ئۇلۇغلارنىڭ نىئمىتىگە شۇكرى قىلىشى،ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇشى ۋە ياخشى دۇئادا بولۇشى لازىم بولغان دەرۋىشلەر②قاتلىمىغا كەلسەك،ئۇلار بۇنداق خىزمەتنى ئۇلۇغلارنىڭ ئالدىدا ئادا قىلغاندى كورە،يوق چاغدا بىجىرگىنى تۇزۇك،چۇنكى ئوزى بار چاغدا دۇئا قىلسا خشامەت-ياسمىچىلىققا يېقى بولىدۇ،يوق يەردە دۇئا قىلسا رىيادىن يىراق بولىدۇ ۋە تېزرەك ئىجاۋەت بولىدۇ.

    شادلىنىپ،رۇسلاندى مۇكچەيگەن پەلەكنىڭ دۇمبىسى،
    تاكى سەندەك بىر ئوغۇل تۇققاچقا دەۋرانغا ئانا.
    بۇمۇ بىر ھېكىمەت،قاراڭكى،ئاممىغا مەسلىھەت ئۇچۇن،
    قىلدى تەئيىن بەندىنى شەپقەت بىلەن قادىر خۇدا.
    كىمكى ئوتسە ياخشى نامدا،بەختى باقىدۇر ئۇنىڭ،
    ياخشىلىقتىن ياخشى نامى قالغۇسىدۇر ئەل ئارا.
    سېنى ئالىم ماختىسۇن،ماختىمىسۇن،ھېچ گەپ ئەمەس،
    قىلمىغاي مەششاتە③ لازىم بىر پەرى يۇز دىلرەبا.

    ____________________
    ①ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبۇنەسر__پارىس ھوكۇمدارى ئەبۇبەكرى ئىبنى سەئد ئىبنى زەنگىنىڭ ۋەزىرى.
    ②"دۇرۋىش"سوزىنى ئاپتۇر ئىككى مەنىدە ئىشىلتىدۇ:1-كەمبەغەل،نامرات،يوقسۇل،ساياق:2-جاھان كىزىپ يۇردىغان سوپى دەرۋىش
    ③قىز-كېلىنلەرنى ياساندۇردىغان ئايال.

    مېنىڭ پادىشا بارگاھىدىكى قۇسۇرۇم ۋە خىزمەتتىن ئۆزەمنى چەتكە تارتىشىم،شۇنىڭغا بىنا ئەن بولغانكى،بىرتوپ ھىندىستان ھەكىملىرى بۇزۇر جۇمھىرنىڭ① پەزىلەتلىرى توغرلىق گەپ-سوزدە بولۇشۇپ،ئۇنىڭ ھېچقانداق كەمچىللىكىنى تاپالمىغان،اخىرى ئۇنىڭ پەقەت بىرلا كەمچىللىگىنى تىلغا ئېلىشقان،ئۇ گەپتە بەك ئەزمە ئىكەن،يەنى سوزنى بەك كىچىكتۇرۇپ سوزلىگەچكە،ئاڭلىغۇچىلارئۇ سوز ئاچقۇچە ئۇزاق كۇتۇپ قالدىكەن بۇزۇر جۇمىھر بۇنى ئاڭلاپ شۇنداق دېگەن:

    "ئاپلا، بۇ سوزنى نىمىشقا دېگەندىمەن!دەپ پۇشايمەن قىلغاندىن كورە،نېمە دىسەم بولار،دەپ ئۇزۇن ئويلىغان ياخشى!"

    نۇتۇققا چىنىققان ياشانغان كىشى،
    سوز ئاچماقتىن ئالدىن پىكىردۇر ئىشى.
    پىكىر قىلماي ھەرگىز زۇۋان سۇرمىگىن،
    گۇزەل سوزلە،مەيلى كېيىن سوزلىگىن.
    بۇرۇن پۇختا ئويلاپ،قىل سوزگە جۇرئەت،
    "بەس"دىيىشتىن ئالدىن سوزۇڭنى تۇگەت.
    ئۇلاغدىن كىشى تىل بىلەن ياخشىراق،
    خاتا سوزلىسەڭ ،سەندىن ئارتۇق ئۇلاغ.

    بولۇپمۇ ئەتراپىغا مەرىپەت ئىگىللىرى جەم بولغان ۋە چوڭقۇر بىلىملىك ئالىملار توپلانغان پادىشا ھەزرەتلىرنىڭ (ئۇنىڭ غەلبىسى شان-شەرەپ قازانسۇن!)ئەمەلدارلىرى ئالدىدا سوزۇمنى يورغىلتىشقا باتۇرلۇق قىلسام،بىئەدەپلىك قىلغان بولىمەن ۋە ئەرزىيمەيدىغان نەرسىلەرنى ئالى ھەزرەت ھوزۇرىغا ئېلىپ كەلگەن بولىمەن:چۇنكى مۇنچاق، جەۋھەرپۇرۇشلار بازىرىدا بىر دانە ئارپىچىلىك قىممەتكە تۇرمايدۇ،چىراغنىڭ يورۇغى ئاپتاپتا كورۇنمەيدۇ،ئىگىز مۇنار ئەلۋەند تېغىنىڭ② ئېتىگىدە پەسلا كورنىدۇ.


    كىمكى كورەڭلەپ سوزسا بويۇن،
    بېشىغا دۇشمەن سالىدۇ ئويۇن.
    سەئدى جىم ياتقان ئازادە بىر تەن،
    چېلىشماس ھېچكىم ياتقۇچى بىلەن.
    ئەۋۋەل ئوي-پىكىر،ئاندىن سوڭ سالام،
    دەسلىۋىدە ئۇل،ئاندىن كېيىن تام.


    باغۋەنلىك قىلىش مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ،ئەمما بوستاندا ئەمەس،مەن گۇزەللىك بىلەن سودا قىلىمەن،لېكىن كەنئاندا ئەمەس.③
    لۇقماندىن:"ھېكىمەتنى كىمدىن ئۇگەندىڭ؟"دەپ سورىغاندا،ئۇ"قارىغۇلاردىن ئۇگەندىم،چۇنكى ئۇلار ماڭىدىغان يېرىنى سىپىلاپ بىلۋالماي تۇرۇپ،ئاياغ باسمايدۇ"دەپ جاۋاب بەرگەن.
    "كىرىشتىن بۇرۇن چىقىشنى ئويلا"④

    (ئاۋال)ئەرلىگىڭنى سىناپ كور،ئۇندىن كېيىن خوتۇن ئال.

            *                     *                       *
    خورازلار سوقۇشتا بولسىمۇ چاققان،
    مىس تىرناق لاچىنغا قاچان جەڭ ئاچقان؟
    موشۇك شىر بولىدۇ چاشقان تۇتۇشتا،
    لېكىن ئۇ يولۋاسنىڭ ئالدىدا چاشقان.

    ئەمما بىز، قول ئاستىدكىلەرنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرغا كوز سالمايدىغان ۋە كىچىكلەرنىڭ گۇنالىرىنى يۇزىگە سالمايدىغان ئۇلۇغلىرمىزنىڭ ئالىجاناپ ئەخلاقىغا تايانغان ھالدا بۇ كىتابقا نادىر ۋەقەلەر،تەمسىللەر،شېئىرلار،ھىكايەتلەر ۋە ئوتمۇشتىكى پادىشالارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئائىت بىر قانچىلىغان سوزلەرنى قىسقا شەكىللەر بىلەن كىرگۇزدۇق.بۇنىڭغا قىممەتلىك ئومرىمىزنىڭ  بىر قىسمى سەرىپ قىلىندى،گۇلىـــــــــستان كىتاۋىنى يېزىشتىكى سەۋەب مانا شۇ ئىدى--ياردەم ئاللادىن!

    بۇ نەزمە،بۇ ئەسەر ئۇزۇن يىل قالسۇن،
    توپىمىز ھەر جايدا بولسىمۇ توزان.
    غەرەز شۇكى،بىزدىن بىر نىشان قالسۇن،
    چۈنكى يوق بارلىقتا بەقا⑤ ھىچقاچان،
    دۇئا قىلار بىر كۈنى رەھمىتى بىلەن،
    دەرۋىشلەر ئىشىغا قەلبى پاك ئىنسان.

    كىتابنىڭ ۇتزۇلۇش تەرتىۋى ۋە بابلارنىڭ جايلاشتۇرۇلشىغا دىققەت-نەزىرمىزنى تىككەندە،سوزنى قىسقا قىلىشنى لايىق كورۇپ،بۇ گۇزەل باراقسان باغچىغا جەننەتكە ئوخشاش سەككىز ئىشىك قويۇش قارارىغا كەلدۇق.زېرىكىش تۇغدۇرماسلىق ئۇچۇن ماۋزۇ قىسقا بولدى.
    _________
    ①بۇزۇر جۇمىھر__ساسانلار شاھى نۇشىرۋاننىڭ ۋەزىرلىردىن بىرى،ئۇ دانىشمەن،پەيلاسوپ دەپ داڭ چىقارغان.
    ②ئەلۋەند__ئىراندىكى ئىگىز بىر تاغ،ھەمەدان شەھرىنىڭ جەنۇبىدا.
    ③كەنئان__يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ يۇرتى،قۇددۇس بىلەن دەمەشىق ئارسىدا،يۈسۈپ پەيغەمبەر گۈزەللىك بىلەن داڭ چىقارغانلىقتىن،شائىر بۇ يەردە كەنئاننى تىلغا ئالغان.
    ④ئەرەپ ماقالى.
    ⑤بەقا-دائىملىق،تۇرغۇنلۇق،مەڭگۇلۇك.

    分享到: