-
ئىنسانىيەت يېشەلمىگەن سىرلار
2009-05-13
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39337773.html
ئىنسانىيەت يېشەلمىگەن سىرلار ھاياتلىق نەدىن باشلانغان؟
ئالەم زادى قانداق ماددىدىن تەركىب تاپقان ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇخلايمىز "." ئىلىم- پەن ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتىدۇ ، بىراق بىز ھازىرغىچە يەنىلا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپالمىدۇق .
يەر شارىنىڭ يادروسى نېمىدىن تەركىب تاپقان؟
يەر مەركىزى بىلەن يەر شارى سىرتقى يۈزىنىڭ ئارىلىقى ئاران4000 مىل (بىر مىل تەخمىنەن 16. 1 كىلومېتىر ) بولۇپ ، ئۇ يەردە
چوڭلۇقى ئايدەك بىر قاتتىق تۆمۈر شار بار . بىز قېلىنلىقى 1800 مىلغا يېتىدىغان تاغ جىنسلىرى قاتلىمى ئۈستىدە
ياشايمىز ، بۇ تا غ جىنسلىرى قاتلىمى يەرشارىنىڭ پوستى ۋە يەر يۈزىنى قاپلايدىغان ماددىنى شەكىللەندۈرگەن . ئۇنداققا ،
بەر مەركىزى بىلەن يەر پوستى ئوتتۇرىدا قانداق ماددا بار ؟ بۇ ماددا ماگما بولۇپ ، ئالمىلار بۇ ماگمىنىڭ كونكرېت قايسى
خىل مادىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى ھەم ئەتراپتىكى مۇھىتقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلمىدى.
ۋاقىت تو ختىماي داۋام قىلامدۇ؟
ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە ، ۋاقىت ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدىكەن .ئەمما ئېينىشتېين قارشىچە ، ۋاقىت پەقەت بىر خىل ئۆلچەم بولۇپ ، يۇقىرى ۋە تۆۋەن ، سول ۋە ئوڭ ، ئىلگىرى ۋە كېيىندىن سىرت بولغان تۆتىتنجى ئۆلچەم ئىكەن ، ئېينىشتېيننىڭ ۋاقىت -بوشلۇق ئۇقۇمىنى نەزەرىيە جەھەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ . بىراق ئەمەلىيەتتە ئورۇنداش ناھايىتى قىيىن . چۈنكى بىز پەقەت ۋاقىت ئوقى بويىچە بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىمىز . لېكىن ئاخىرى ، چوقۇم توغرا (يەكۈن چىقىرىدىغان ئادەم چىقىدۇ ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس .)
ھاياتلىق قەيەردىن كەلگەن؟
تەبىئىي تاللىنىش تەلىماتى ئورگانىزمنىڭ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن قانداق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەمما دارۋىننىڭ نەزەرىيىسى تۇنجى ئورگانىزمىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . ھېچقانداق ھاياتلىق ئىزى بولمىغان بىرىكمە دەسلەپكى ھاياتلىقنى ياراتقانمۇ ؟ تۇنجى ھاياتلىق تەنچە قانداق قۇراشتۇرۇلغان ؟ بۇنىڭدىن تەبىئەت ئازراقمۇ بېشارەت بەرمىگەن .
مۇز دەۋرنىڭ پەيدا بولۇشىغا نېمە سەۋەب بولغان
كىچىك كۆلەملىك مۇز دەۋرى ھەر 20~40 مىڭ يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ ، چوڭ
كۆلەمدىكىسى ھەر 100 مىڭ يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ . ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ تەرتىپسىزلىكى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى ئۆزگەرتىپ، يەر شارىنىڭ ئۇشتۇمتۇت سوۋۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن . بىراق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ تەرتىپسىزلىكنىڭ يەر شارىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا بولغان تەسىرى
پەقەت %1 نىلا ئىگىلەيدىكەن . كىچىككىنە بۇ تەسىر قانداق قىلىپ يەر شارىنىڭ كىلىماتىدا ئۇشتۇمتۇت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ ؟
نېمىشقا DNAشىفىرىنى يېشىش لازىم؟
بىر تىپىك ئىنسانىيەت ھۈجەيرىسى تەركىبىدە ئالتە فۇت (بىرفۇت تەخمىنەن 0.3 مېتىرغا تەڭ ) ئۇزۇنلۇقتىكى DNAبۇلىدۇ ،
بىراق پەقەت بىر دىيۇيم (بىر دىيۇيم تەخمىنى 2.54 مىللىمېتىرغا تەڭ ) لۇق DNAلا ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولغان
شىفىرنى ئېلىپ يۈرىدۇ ، قالغان قىسمى زادى نېمە ؟ بەزىلەر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ كېرەكسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بىراق بىئولوگلارنىڭ قارىشىچە ، ئاتالمىش بۇ كېرەكسىزDNA ئارىسىدىمۇ "بايلىق " بار ئىكەن .
ئورمان پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كتشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ھەممىگە مەلۇمكى ، ئورمان مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ . دەل - دەرەخ ئۆسۈش جەريانىدا پۈتۈن يەر شارىنى ئىللىتىدىغان باش جىنايەتچى كاربون (IV ) ئوكسىدىنى سۈمۈرىدۇ ، بىراق شۇنداق بولسىمۇ ، يەر شارى يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئىسسىماقتا .
شۇنىڭ بىلەن مۇنداق زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ . يەنى كەلگۈسىدە ، ئورمان كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئاستىلىتالمايدۇ ، بىراق ئورماننىڭ
ئۈزلۈكسىز ۋەيران بولۇشىغا ئەگىشىپ ، پۈتۈن يەر شارنىڭ ئىللىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ .
چوڭ مېڭە ھەرىكەتنى قانداق ھېسابلايدۇ؟
چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستىراق بولىدۇ ، قولنى قىزىق تەخسە ئۈستىگە
قويغاندا ، ئادەم نەچچە مىللىسېكۇنتتا ئاندىن ئىسسىقنى سېزىدۇ . ئۇنداقتا چوڭ مېڭە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداق قىلىپ بۇ سېزىم بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈش سېزىمى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىپ ، بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى پەيدا قىلىپ ، كەسلەنچۈكنىڭ
تىلى بىلەن ھەش-پەش دېگۈچە چىۋىننى تۇتالايدىغان ، قولىمىزنىڭ چۈشۈۋاتقان ئەينەك ئىستاكاننى تۇتالايدىغان توغرا يولىنى
ھېسابلاپ چىقالايدۇ ؟
يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇبى نېمە ئۈچۈن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ؟تەخمىنەن 800 مىڭ يىل ئىلگىرى ، كومپاس جەنۇبنى كۆرسەتكەن بولسا ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋردە ، ئۇ شىمالنى كۆرسىتەتتى
. يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلانغاندا ، ئىچكى يادروسىدىكى سۇيۇق مېتال قوچۇلۇپ بىر يەرگە يىغىلىپ ، بىر ئېلېكتر ماگنىت
مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ . ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش پەيدا قىلغان ئىچكى يادرو ھەرىكىتى يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى
بۇ ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنىڭ ئىككى قۇتۇبىنى ئۆزگەرتىدۇ . مۇبادا ئېكتوپىك (باشقا ئورۇس ) جەريانى باشلانسا ، يەر شارى يەتتە مىڭ
يىلدا ئاندىن جەنۇب ، شىمال ئالمىشىدىغان زور ئۆزگىرىشنى تاماملىيالايدۇ . بىر مىليون يىلدا بۇ خىل ئەھۋال ئوتتۇرا ھېساب
بىلەن 3~2 قېتىم يۈز بېرىدۇ ، بىراق ئۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ .
قارا ئۆڭكۈر ئۇچۇرى نەگە كەتتى؟
قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ،ھەرقانداق ماددا ياكى ئېنېرگىيە قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىشىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ .
ئەمما فىزىك خاۋكىڭنىڭ ئېيتىشىچە ، مەلۇم خىل نەرسە قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قېچىپ كېتەلەيدىكەن ، بۇ خىل نەرسە دەل "
خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسى "" دىن ئىبارەت مۇشۇنداق تاسادىپىي زەررىچىدۇر ، ئەگەر قارا ئۆڭكۈر مۇقىم قۇرۇلمىغا ئىگە ماددىنى چۈشۈرۈۋالسا ، ئۇنداقتا قار ئۆڭكۈر ھەر خىل ئۇچۇرلار بىلەن تولۇپ ، ھەرخىل ئېنىق بولمىغان شاۋقۇنلارنى چىقىرىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇرلار نەگە
كەنتى؟
بىز نېمە ئۈچۈن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلمەيمىز؟مېتېئورولوگ لاۋرنتس بىر تۈرلۈك كومپيۇتېر ھاۋارايى تەقلىدىنى ئېلىپ بارغاندا ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارامېتىر نى بەشلىك
پۈتۈنلەش ئارقىلىق ھېسابلىغان . بۇ كىيىن مەشھۇر كېپىنەك ئېففېكتى "" گە ئايلانغان . لاۋرېنتسنىك بۇ خىل ئۇسۇلى مېتېئورولوگلارنىڭ
ئىمكانقەدەر توغرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى كومپيۇتېر مودېلىغا كىرگۈزۈپ ئۇلارنىڭ مۆلچەر رايون ئارىلىقىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام
بەرگەن . بىراق ئىنتايىن توغرا سانلىق مەلۇماتلارمۇ بىزنى توغرا بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مۆلچەرلەش نەتىجىسىگە ئېرىشتۈرەلمىدى .
مېتېئورولوگلار يەنە ئاتموسفېرا ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى قاتارلىق ھاۋارايىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆپ خىل
ئامىلنى چۈشىنىشى زۆرۈر . شۇڭا، نەچچە ئون يىلدىن كېيىنكى ياكى نەچچە ئەسىر كېيىنكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش
ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس .
نېمە ئۈچۈن كېسەللىك تارقىلىدۇ؟
تارقىلىشچان كېسەللىك ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر خىل پاتوگېننىڭ سىرتقى ئىپادىسى . باكتېرىيىنىڭ يۇقۇملىنىشنى قانداق ئىشقا
ئاشۇرۇشى ئۇلارنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ قارشىلىق ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق ، بىراق
ھېچكىم باكتېرىيىلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئادەملەر توپى ئارىسىدا تارقىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ، شۇڭا دائىم قول يۇيۇشنى
ئۇنتۇماسلىق كېرەك .
ئېغىرلىق كۈچى قانداق ھاسل بولىدۇ؟
نيۇتون ئاۋۋال ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ ئاساسىي ماھىيىتىنى بايقىغان . ئۇ كىشىلەرگە ئاسمان جىسىملىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىدىكى سىرنى ئېچىپ بەرگەن .ئەمما بىز پەقەت ئالەملىك تارتىش كۈچى ھادىسىنىلا چۈشىنىمىز ،
ئەمما بۇنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبىنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسەن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى .
نېمە ئۈچۈن ئەزالىرىمىز قايتا ئۆسمەيدۇ؟
قىڭراق بارمىقىڭىزنى كېسىپ ئۈزۈۋەتكەندە ، بۇ بارماق سىز بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىدۇ . لېكىن سەمەندەرنىڭ بىر پۇتى ئۈزۈۋېتىلسە ،
ئۇنىڭدا تەبىئىي ھالدا بىر پۇت ئۆسۈپ چىقىدۇ . بىز تىرنىقىمىز زەخىملەنسە ھەيران قالىمىز يۇ ، ئەمما ھايۋانلار ئەزالىرىنىڭ قايتا
ئۆسۈش جەريانى شۇنداق تەبىئىي بىلىنىدۇ . ئالىملار نېمە ئۈچۈن ھەممىگە قابىل " ئىنسانلارنىڭ بۇنى ئورۇندىيالمايدىغانلىقى
بىلىشكە تەشنا .
ماتېماتىكلار رېمان قىياسنى ئىسپاتلىيالامدۇ؟
. 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا ، گېرمانىيىلىك ماتېماتىك خىلبېرت، ئەگەر قاتتىق ئۇخلاپ مىڭ يىلدىن كېيىن ئويغانسا ، بىرىنچى بولۇپ :
رېمان قىياسى ئىسپاتلاندىمۇ ؟ دەپ سورايدىغانلىقىنى ئېيتقان . ھازىر 001 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ مەسىلە تاكى ھازىرغىچە
يەنىلا جاۋابسىز . رېمان قىياسى ئاتالمىش رېمانzata فۇنكسىيىسى ئاساسىدا نۆلگە تەقسىملىنىدۇ . مەزكۇر قىياس ئامېرىكا
كرايت ماتېماتىكا تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن دۇنياۋى ماتېماتىكا مەسىلىسىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ ، مەزكۇر قىياسنى ئىسپاتلىغان
ياكى ئىنكار قىلغان كىشىلەر بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .
نېمە ئۈچۈن ئۆلىمىز?
فىزىكلاردىن شەيئىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆلىدۇ ، دېگەن بۇ خىل مەسىلىنى سورىغاندا ، ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن
تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلگەچكە ئۆلىدۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ . ھەرقانداق شەيئى مەيلى ئۇ مىنېرال ماددا ،
ھايۋانات ، ئۆسۈملۈك ياكى ئاپتوموبىل بولسۇن ، ئاخىرى ھەممىسى پارچىلىنىپ يوقىلىدۇ . بۇ خىل ھادىسە ئىنسانىيەت
ئۈستىدە يۈز بەرسە ئادەم قېرىيدۇ ۋە ئۆلىدۇ . قېرىشنىڭ سەۋەبى DNA زىيانغا ئۇچرىغان بولۇشى ،
شۇنداقلا خروموسوما ئۇچ دانچىسى يىگىلىگەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر ھاياتلىقنىڭ
قايسى چاغدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق ، يەنىلا ئېكولوگلاردىن ياردەم سوراش كېرەك ،
بىراق ئۇلارمۇ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ ، پەقەت ئالدىن مۆلچەرلەپ بېرىدۇ ، خالاس.历史上的今天:
ھاياتنىڭ 11 قائىدىسى Bill Gates 2009-05-13زامان ئاخىرىنىڭ 10 چوڭ ئالامەتلىرى 2009-05-13Word دىن ئەپچىل ھۈنەرلەر 2009-05-13ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنسان كىم ؟ 2009-05-13