• ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنسان كىم ؟

    2009-05-13

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39330700.html

    بۇ ھىكايە ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ئىلىنغان. ۋەقەلىك ئامرىكىدىكى  بىر ئونۋىرىستىتا يۈزبەرگەن .

    بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا پىراففىسور  ئوقۇچىلارغا : مەن سىلەر بىلەن بىر ئۇيۇن ئوينىماقچى ، كىم ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ ئوينىشىپ بېرىدۇ ؟ دىدى

    بىر ئايال مۇنبەرگە چىقتى .

    پىراففىسور  ئۇ ئايالغا ؛ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ يىقىن ئادەملىرىدىن يىگىرمە ئادەمنى تاللاپ دوسكىغا ئىسمىنى يىزىڭ  دىدى.

    ئايال پىراففىسورنىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلدى ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسى، دوستلىرى ،تۇغقانلىرى ،قوشنىلىرىمۇ بار ئىدى .

    پىراففىسور : - سىز ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولمىغان بىرىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۈڭ دىدى ، ئايال قوشنىسىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۋەتتى ،پىراففىسور يەنە بىرنى ئۈچۈرۈڭ دىدى ، ئايال خىزمەتدىشىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۋەتتى ،پىراففىسور يەنە بىرنى ئۈچۈرۈڭ دىدى ، ئايال  يانا بىرنى ئۈچۈردى ،ئۈچۈرە -ئۈچۈرە ئەڭ ئاخىرىدا  ئايالنىڭ ئاتا- ئانىسى ، يولدىشى ۋە بالىسى بۇلۇپ تۆت ئادەمنىڭ ئىسمى قالدى.

    دەرسخانە ئىنتايىن جىمجىت بۇلۇپ ساۋاقداشلار ئاللىقاچان بۇنىڭ ئادەتتىكىدەك ئۇيۇن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەنىدى .

    پىراففىسور يانا بىرنى ئۈچۈرۈڭ دىدى ،ئايال ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇ ئەڭ قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئىدى ، ئۇ ئاخىرىدا يەنىلا ئۈچۈرگۈچنى ئىلىپ  ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈرۋەتتى ، يانا   بىرنى ئۈچۈرۈڭ  ئايالنىڭ قۇلاق تۈۋىدە دەھشەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەندەك بۇلۇپ ، نىمە قىلارنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى ، ئۇ بىردەم تىڭىرقاپ قالغاندىن كىيىن  ئۈچۈرگۈچنى قۇلىغا ئىلىپ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئۈچۈردى - دە پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ، تۇرقىدىن ئىنتايىن ئازاپلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى .

    پىراففىسور ئايالنىڭ بىردەم تىنچلىنىۋىلىشىنى ساقلاپ سەلدىن كىيىن ئايالدىن  ؛ ئەڭ يىقىن كىشىلىرىڭىز ئەلۋەتتە ئاتا- ئانىڭىز بىلەن ئوغلىڭىز بۇلىشى كېرەك ئىدى ، چۈنكى ئاتا- ئانىڭىزنى سىزنى تۇغۇپ ، بىقىپ چوڭ قىلدى ،ئوغلىڭىزنى بولسا ئۆزىڭىز تۇغقان ، باققان تۇرسىڭىز ، يولداش دىگەننى قايتا تاللىسا بۇلىدىغۇ ،نىمىشقا يولدىشىڭىزنى ئەڭ يىقىن ئادىمىڭىز دەپ تاللىدىڭىز دەپ سورىدى ؟

    ساۋاقداشلار جىمجىت ئولتۇرۇپ ئايالنىڭ جاۋابىنى كۈتىۋاتاتتى .

    ئايال  ئاجىزغىنە قىلىپ << ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ ئاتا- ئانام كىتىپ قالىدۇ ، ئوغلۇممۇ چوڭ بۇلۇپ ئائىلە قۇرسا ئۇمۇ مەندىن ئايرىلىپ كىتىدۇ ،ماڭا ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمراھ بۇلۇپ قالىدىغىنى  يەنىلا يولدىشىم >>بۇلىدۇ دىدى.

    خەنزوچە (ھەمراھ) ژورنىلىدىن

    分享到: