• ئەرلەرنىڭ چىرايلىق قىزلارغا ئامراق بولىشى ئۇلارنىڭ ماھىيىتى بولۇشتىن باشقا ، يەنە ئۇنىڭ پايدىلىق يەرلىرىمۇ بار ئىكەن .ئەنگىلىيىلىك دوختۇرلۇق ئىلمىي ژورنىلىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، ئەرلەر ھەركۈنى نەچچە مىنۇت چىرايلىق قىزلارغا قاراپ بەرسە ئۆمرى 4-5 يىل ئۇزۇرايدىكەن . ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرى 5 يىل ئىچىدە 200 گە يېقىن ئەردىن سىناق ئالغان ، نەتىجىدە ھەركۈنى چىرايلىق قىزلارغا قارايدىغان ئوغۇللارنىڭ قان بېسىمى بىرقەدەر تۇراقلىق ، قان-تومۇر سوقۇشى بىر قەدەر ئاستا ، يۈرەك كېسەللىكلىرىمۇ بىر قەدەر ئاز بولغان . تەتقىقاتتا ئاشكارلىنىشىچە ، ئوغۇللارنىڭ يوشۇرۇنچە چىرايلىق قىزلارغا قارىشى خۇددى بىر پارچە رەسىمگە قارىغانغا ئوخشاش بولۇپ ، مەنىۋى ساغلاملىققا پايدىسى بار ئىكەن . بەدەن چېنىقتۇرۇش دەرىجىسىگە سۇندۇرغاندا ، 30 مىنۇت ھەرىكەت قىلغان بىلەن باراۋەر ئىكەن .

  • " ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ 100 ﻳﯩﻞ "ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ چىقتى "ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ 100 ﻳﯩﻠﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭘﯩﮕﺎﺳﯘﺱ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﭼﻰ ﺟﻮﺭﺝ ﻓﺮﻳﯧﺪﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺷﻪﻧﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﮔﯜﻧﺴﻪﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ 21 ‏ - ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﺭﻩﺯ‏ - ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ، ﻛﯚﺯ ‏ - ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ، 21 ‏ - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ‏ - ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﯧﯖﻰ ﭘﻪﻥ ‏ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻛﯜﻟﺘﯜﺭ ‏ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ.

  • تەيۋەن جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئاۋستىرىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان داڭلىق ئىچىملىك قىزىل كالائىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە كوكايىننىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بايقىدى . تەيۋەن دائىرلىرى تەيبىي شەھىرىدە 30 - ماي تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ  قىزىل كالا ئىچىملىكى ئىشلەپچىقارغان شىركەتنىڭ ئىككى جايدىكى مال ئامبىرىنى تەكشۈرۈپ ، 17165 يېشىك قىزىل كالا ئېنىرگىيە ئىچىملىكىنى پېچەتلىگەن .تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىچىملىككە زەھەر ئارىلاشتۇرۇلغان دىلو بولۇپ ، گەرچە قىزىل كالائىچىملىكىدىكى كوكايىننىڭ مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ ، بىراق تەيۋەننىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن تەركىبىدە كوكايىن بولسىلا قانۇنغا خېلاپ ھېسابلىنىدىكەن . تەكشۈرگۈچى تارماقلار ئىچىملىك سېتىۋالغۇچى خوجايىنلارغا مۇشۇ تۈردىكى قىزىل كالائىچىملىكىنى ئىمپورت قىلماسلىقنى ، بولمىسا قانۇنغا خېلاپ بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

  • بۇئىككى پارچە رەسىم پىسخولوگىيە ئالىملىرى  ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىپ ،دۇنيادىكى كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ نەزىرىدىكى «چىرايلىق » ئۆلچىمىگە ئاساسەن سىزىپ چىقىلغان بىر ئەر بىرئايالنىڭ رەسىمى بولۇپ ، خەلقئارادىكى نۇرغۇن مىللەت ۋە رايون كىشىلىرىنىڭ دۇنيابويىچە ئەڭ چىرايلىق كىشى  دىگەن ئىتراپىغا ئېرىشكەن .