سەيلىگاھلارنىڭ ئىشىك بېلىتى ئۆستۈرۈلمەكچى بولسا، يېرىم يىل بۇرۇن ئاشكارە پىكىر ئېلىنىدىكەن
«ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك نىزامى» نىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى يېقىندا ئاپتونۇم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31- ئومومىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، بۇنىڭدا «سەيلىگاھلارنىڭ ئىشىك بېلىتى ئۆستۈرۈلمەكچى بولسا، چوقۇم ئالدىن ئالتە ئاي بۇرۇن جەمئىيەتكە ئاشكارە ئېلان قىلىنىپ پىكىر ئېلىنىشى، ساياھەت ئۆمەكلىرى ئۆزى بىلگەنچە ئۆمەكلەرنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكى، ئۆمەكلەرنى بىرلەشتۈرىۋالماسلىقى ۋە ساياھەتچىلەرنى بەلگىلەنگەن ئورۇندىن نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك» دېگەندەك بەلگىلىمىلەر بار. بۇ «لايىھە» دە ساياھەتچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ زىممىسىگە ئالىدىغان بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئەل ئىچى سەنئىتى، قول ھۆنەر- سەنئىتى، تارىخىي قۇرۇلۇشلار، توي مۇراسىم ئۆزگىچىلىكى، ئەنئەنىۋى بايرام قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مىللىيچە ئۆزگىچىلىككە ئىگە ساياھەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇشمۇ بەلگىلەنگەن.
& \# \2 ]5 \! Q/ B4 W, ~ بۇ «لايىھە» دىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا ــ «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى باشقۇرۇش دېگەن خېتى ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك نىزامى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
4 _! A9 O4 G: Y' j5 e; ~) _, ^+ U0 h* f