كۆرۈش: 446|ئىنكاس: 12

خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىگى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 15:53:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىكى

ئاپتۇرى :ئاتىكەم


خوتەن ئۇيغۇرلىرى - ئۇزاق تارىخى يىللاردىن بىرى ، ناچار تەبىئي شارائىت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۆچۈن توختاۋسىز تەر تۆكۈش ، ئەجىر - ئەمگەك قىلىش بىلەن ياشاپ كەلگەن خەلق بۇلۇپ ، ئەمگەكچانلىق ، سۆز ۋە ھەركەتتىكى سىلىق - سىپايىلىق ، مېجەز -خاراكتىردىكى مۇلايىملىق ئۇلارغا ئۇدۇم بۇلۇپ كەلگەن .
شۇ سەۋەپتىن ، باشقا يۇرت كىشىلىرى خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا ياكى ھەرخىل مۇئامىلە قىلىشقاندا دىلئازارلىق تارتىدىغان ، كۆڭۈل چىگىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئومۇمەن بولمايدۇ . چۈنكى خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى قايماقتەك ياغلاش ، ھەسەلدەك تاتلىق ۋە يېقىملىق بۇلۇپ ، پاراڭلاشقۇچىغا بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە ئاراملىق بەخىش ئېتىدۇ . تۆۋەندە خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتى ، گۈزەللىگى ھەققىدە توختىلىمەن :
كونىلاردا« تىل كۆڭۈلنىڭ ئەينىگى » دېگەن گەپ بار . دىلدا نېمە بولسا تىلدا شۇ ئىپادىلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە . شۇڭا خوتەن ئۇيغۇرلىرى گەپ - سۆزلەرنى يۇمشاق ، سىلىق - سىپايە ۋە تۆۋەن ئاۋازدا ئېيتماي ، قۇپالراق سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى « پوچى » سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ .
خوتەن ئۇيغۇلىرى ئارىسىدا ئورتاق تىلدا بار بولغان بىر قىسىم سۆزلەرنى ئىككىنچى بىر خىل مەنىدە ئىشلىتىش ئادىتى بار . مەسىلەن : «گاداي » سۆزى - «تىلەمچى ، قەلەندەر ، دىۋانە » دېگەن مەنىلەردە ئىستىمال قىلنىدۇ . ئەمما خوتەندە يۇقىرىقى مەنىلەردىن باشقا مۇنداق مەنىلەردىمۇ ئىستېمال قىلنىدۇ : بىرى ، ھۆرمەتلەش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ ؛ يەنە بىرى ئەركىلىتىش مەنەسىدە ئىشلىتىلىدۇ ؛ ئۈچىنچى بىرى ، ئىسىم ئورنىدا ئىستىمال قىلنىدۇ . يەنى ، « پالانى گادايغا بىر قاشتېشى چىقىپتىكەن ، 100 مىڭ يۈۋەنگە سېتىپتۇ » ، « بىزنىڭ گاداي ( يولدىشىنى دىمەكچى ) ماڭا بىر ياغلىق ئالغاچ كەپتۇ » ، « بۇنى ئاۋۇ گادايدىن سۇراپ باقايلى » دېگەندەك .
خوتەن ئۇيغۇرلىرىدا « سىز » ، «سىلى » ، « ئۆزلىرى» دىن ئىبارەت سىپايە ۋە ھۆرمەت تۈرىدىكى سۆزلەر كىچىك بالىلاردىن تارتىپ چوڭلارغىچە ئۇمۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ . ھەتتا ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ قۇچاق - ئەمچەكتىكى پەرزەنتلىرىگىمۇ « سىز» لەپ سۆزلەش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن .
خوتەن ئۇيغۇرلىرى راستچىل ۋە سەمىمى خاراكتىر يىتىلدۈرگەن خەلق بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ خىل خاراكتىر بىلىنىپ تۇرىدۇ . شۇڭا خوتەن ئۇيغۇرلىرى گېپىدە تۇرمايدىغان ، ساختىپەز ، يالغانچى كىشىلەرنى يامان كۆرىدۇ .
خوتەن ئۇيغۇرلىرىدا بىر ئادەم سۆزلەۋاتقاندا ، قارشى تەرەپ سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنتايىن دىققەت بىلەن تىڭشاپ « خوش » - «خوش » دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرىدىغان ئادەت بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، بىرەر كىشى ئۆزى تۇنۇمايدىغان كىشىنى ئىزدەپ كىلىپ ، باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ قۇيۇشى بىلەن ئۇچراشقاندا : « ئۆزلىرى پالانى بۇلامدىلا » دەپ سورىسا ، « مەن شۇ » ياكى «مەن پالانى بۇلىمەن » دېيىشنىڭ ئورنىغا « خوش » دەپ ؛ بىرەرى يەنە بىرەرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا « ھە » نىڭ ئورنىغىمۇ « خوش » دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .يەنە بىر كىم قارشى تەرەپتىن مەلۈم بىر ئىشنىڭ روياپقا چىقىش - چىقماسلىغى ھەققىدە مەسلىھەت سورغاندا ، ئۇ ئەگەر مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولسا ، كىسىپ « بولمايدۇ » دەپ جاۋاپ بەرمەي ، « بوشراق بۇلارمىكى » ، تەسرەك بۇلارمىكى » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . بۇ بىر خىل كۆڭۈل ئاۋايلاش خاھىشىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىگى  ھىساپلىنىدۇ .
خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئخچام ، ساپ ، ئاممىباپ ۋە قەدىمىيلىككە ئىگە بۇلۇپ ، بۇ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ  ساپلىقىنى قوغداشتا ، ئاز سۆز ئارقىلىق كۆپ ۋە چوڭقۇر مەنا ئىپادىلەشتە ، چۈشىنىشلىك بۇلۇشتا ، شۇنىڭدەك تىلنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . مەسىلەن : ئۇز ، مۇت ، تەلپەك ، بۆك ، سەگ ، قىلغۇلۇق ، ئەتكۈلۈك ، بارغۇلۇق قاتارلىق سۆزلەردە يۇقىرقى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بار بۇلۇپ ، بىر قانچە سۆزنى تەھلىل قىلساقلا بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بۇلۇدۇ . مەسىلەن : « ئۇز » ، «مۇت » ، « تەلپەك » سۆزلىرى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بۇلۇپ ، « ئۇز » - چىرايلىق ، گۈزەل ، كۆركەم دېگەن مەنىنى ؛ « مۇت » - بىكارغا بېرىۋېتىلگەن دېگەن مەنىنى ؛ « تەلپەك » تېرىدىن تىكىلگەن باش كىيىم دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ .
خوتەن ئۇيغۇرلىرى سىلىق - سىپايە خەلق بولغاچقا ، باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا يېقىملىق سۆز - ئىبارىلەرنى كۆپ قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ رايىنى ئۆزىگە تارتىدۇ . سۆزلەرنى بۇنداق سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىش خاھىشى قارشى تەرەپكە بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىكى بېغىشلايدۇ ، ئەلۋەتتە . مەسىلەن : « تۇغدى » سۆزى ئورنىغا « يەڭگىدى ، كۆزى يۇرۇدى ، بوشاندى » دېگەندەك ؛ « ئۆلۈپ كەتتى » سۆزى ئورنىغا « قازا قىلدى ، ئالەمدىن ئۆتتى ، نەپەستىن قالدى ، كۆز يۇمدى ، تۈگەپ كەتتى » دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن . بۇ خىل ئالاھىدىلىك خوتەننىڭ شەھەر ئاھالىلىرىدىن تارتىپ يېزا - قىشلاق ئاھالىلىرىگىچە كەڭ ئۇمۇملاشقان .
يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان خېلى كۆپ سۆزلەر بۈگۈنكى ئورتاق تىلىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاھالىسىگە ئۇمۇملىشىپ ، ئاساسى لوغەت تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئالماقتا


Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
6
UID
598
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 18:00:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەقەملەردە « تەلپەك» دىگەن سۆز «باشلىق، باشقۇرغۇچى، بەگ» دىگەن سۆز ئورنىدا كىلىدۇ.


Rank: 4

ئىسمى
قاراقاش
تىللا
352
تۆھپە
174
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 21:31:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بەك سىلىق گەپ قىلىدۇ .خوتەننىڭ شىۋىسىنى ئاڭلىغانسىرى ئاڭلىغۇم كىلدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 21:59:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ تىما بىزلەرگە خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈشكە بىر ئەينەك بولدى. ئەمدى بىز خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇقۇشماشلىق بوپ قېلىشتىن خالىي بولالايمىز. خېلى كۆپ سۆزلەرنى بىر ئاڭلاپلا چۈشۈنەلەيدىغان بولدۇق.
     ياخشى تىمىلار چىقىۋاتىدۇ، داۋاملىق ئۈزۈلمىگەي


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 00:02:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ خىلى كۆپ خوتەنلىك بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇغان ، ئۇ خوتەنلىك دوسلۇرۇم ئۇرۇمچى تەلەپپۇزىغا تىزلا كۆنۈپ كەتكەن ، لىكىن بەزىدە يەن ئاز پاز ‹ ر › نى سوزۇپ قويىدىغان .
‹ بارېلى ماقىما › دىگەندەك


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 2

ئىسمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
158
تۆھپە
44
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 01:42:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سوزلەرنىڭ ئورتاق تىلدىكى مەنىسىنى كىم بىلىدۇ؟
1.بۇغۇناق2.پالتۇك 3.سەگ4.شانا
قېنڭ تورداشلار ئورتاقلىشىپ باقايلى ،تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ مەنىسىنى كېيىن ئېيتىپ بېرىمەن  قېنى ئەمىسە.....؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   naxput تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-5 02:31  



Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
4
UID
169
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 18:35:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەنلىك بولغىنمدىن  پە خىر لىنىۋاتىمەن  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 22:51:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
naxput يوللىغان ۋاقتى  2011-10-5 01:42
بۇ سوزلەرنىڭ ئورتاق تىلدىكى مەنىسىنى كىم بىلىدۇ؟
1.بۇغ ...

شانا دىگىنى ياغاچنىڭ شانىسى ...


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 2

ئىسمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
158
تۆھپە
44
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 23:24:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق ئۇنداق ئەمەس!!


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
655
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 01:05:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سوزلەرنىڭ ئورتاق تىلدىكى مەنىسىنى كىم بىلىدۇ؟( I* V5 D1 q# ^  i
1.بۇغۇناق2.پالتۇك 3.سەگ4.شانا
1-چاڭ-تۇزان
2-دالان
3-ئىت
4-يىپ


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 10:56:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا.... ھا.... غەزەپ ياخشى يازما ئىكەن.  مۇڭداش ئاداش يەنە بارمۇ؟.... ناۋاتنىڭ رەسىمى بولغان بولسا، بىر كاللەك بىرەتتىم.... يەنە «ئاخىينى يېزىپ تۇيلى ماقىما»..... (چاق چاق)


Rank: 3Rank: 3

تىللا
250
تۆھپە
45
UID
908
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 14:02:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەن شىۋىسى ئۇيغۇر تىل مەدەنىيتىنى موللاشتۇرىدۇ.


ئىغىزىداپىل تەۋرەتكەندىن ئەمىلىيتىدە  قىل تەۋرەتكەن ئەۋزەلدۇر

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 19:54:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇد كاشغەرىي «خوتەنلىكلەر ‹ئېلفنى› ‹ھ› ئاتايدۇ، ئۇلار ساپ تۈركلەردىن ئەمەس»، دەپ يازىدۇ، تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە دىققەت قىلمىغان بولغىيمىدى؟ ياكى خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى بىر ئۇرۇق بولغاچقا ساپ تۈركلەردىن ھېسابلىمىدىمىكىن؟


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:42, Processed in 0.065448 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش