كۆرۈش: 7412|ئىنكاس: 7

تىلسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
596
تۆھپە
323
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 14:28:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىلسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەيمىز!


    سىز كالكوت تىلى (kalkoti) دەپ ئاڭلىغانمۇ؟  ئۇ بولسا پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى بىر كىچىك كەنىتتىكى 4000 غا يېقىن كەنىت ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىلدۇر، 2011-يىلى «ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار خەرىتىسى» نى ئىشلىگەندە بۇ تىلنى خىرسقا دۇچ كەلگەن تىل قاتارىغا كىرگۈزدى. پۈتۈن دۇنيادىكى 6000 خىل تىل ئىچىدە، %96 تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4 ىنى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ 6000 خىل تىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىنكەن. مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىرىنا بوكوۋا ( Irina Bokova) ئۆزىنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» گە ئاتاپ ئېلان قىلغان تەبرىك خېتىدە مۇنداق يازدى : « تىل دېمەك بىز ئىنسانلار ئۆزىمىز دىگەنلىكتۇر، تىلنى قوغداش، ئۆزىمىزنى قوغداش دىمەكلىكتۇر.»


     دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئىناقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت كومىتېتى 1999-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كۆپ خىل تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاۋاز قوشماقتا. ب د ت نىڭ بۇنداق بىر كۈننى بېكىتىشىدىكى ئاخىرقى نىشانى چۈشىنىش، يول قويۇش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ تىل ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتۇر.


     ئىرىنا بوكوۋا تەبرىك خېتىدە يەنە مۇنداق دېدى: «كۆپ خىل تىلنىڭ قوللىنىلىشى بىزنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش، ئۆز-ئارا يول قويۇش ۋە كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا پايدىلىق، ئەقەللىيسى بىر تىلغا بولغان ھۆرمەت شۇ تىللىق كىشى بىلەن ھەقىقىي دىئالوگ قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر....تىلنىڭ كۆپ خىللىقى بىزنىڭ ئورتاق مىراسىمىزدۇر. ئۇ بىر خىل ئىنتايىن ئاجىز مىراس....كۆپ خىل تىلنىڭ قوللىنىلىشى بىر خىل ھاياتى كۈچكە تولغان بايلىق، بىز ئۇنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلدۇرايلى.»
        بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان خەلق تىلنىڭ تەرەققىياتقىلا ئەمەس، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا يول قويۇش ئاساسىدىكى بىلىملىك جەمئىيەت قۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىلغار مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش جەھەتتىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رولىنى تونۇپ يەتتى. بۇ يىلقى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تىمىسى:  مائارىپتا كۆپ خىل تىلغا ئورۇن بېرەيلى!
(使用多种语言,促进全纳教育)(Multilingualism for inclusive education). بالىلارنىڭ ئۆزى چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق تەربىيىلىنىشى ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئانا تىل ۋە باشقا كۆپ خىل تىلدىكى تەربىيە بولسا كەمسىتىشنى تۈگىتىش، كەڭ قورساق بولۇش ھەمدە ھەممە كىشىنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھالقىلىق مەسىلىدۇر.
        تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت ئۆز-ئارا ماسلىشىش، مانا بۇلار ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت مەزمۇنىدۇر. كورىيەدە، جىجۇ ئارىلىدىكى 济洲语 تىل   2010-يىلى «ب د ت  مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار خەرىتىسى» دە«ئەڭ خەتەرلىك تىل» قاتارىغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن، كورىيە ھۆكۈمىتى دەرھال بۇ ئارالدىكى خەلقنىڭ تىلىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. سولۇمىن تاقىم ئاراللىرىدا، مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى نۆۋەتتە شۇ جايدىكى كىشىلەرگە ياردەملىشىپ ماروۋو تىلى (Marovo) دا مۇھىت ھەققىدىكى ئېنىسكىلوپېدىيىلىك كىتابنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى، ۋە شۇ ئارقىلىق بۇ تىلنى ساقلاپ قېلىش ۋە شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى. نىكاراگۇادا، مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى شۇ جايدىكى ۋە ئەسلى ئاھالىلەر ئارىسىدىكى بىلىم-ئۇچۇر سىستېمىسى تەتقىقات تۈرى بىلەن بوساۋاس جانلىقلار توپىنى قوغداش رايونى ماياڭنا (Mayangna ) دىكى ئەسلىدىكى ئاھالىلەر بىرلىشىپ، ماياڭنا تىلى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نورۋېگىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىر توم ئىككى قىسىملىق ماياڭنا تىلى دەرسلىكى تۈزىدى، كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەبىئەتكە بولغان تونۇشىنى ئاساس قىلدى. نۆۋەتتە، بىر بۆلۈك ماياڭنا تىلىنى قوغدىغۇچىلار مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماياڭنا تىلى ئوقۇتۇش قوللانمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈردى، ۋە پۈتۈن بوساۋاس جانلىقلار توپىنى قوغداش رايونىدىكى كەنىت يېزىلارغىچە دەرسخانىلاردا دەرس قىلىپ ئۆتمەكتە.
----------------------------------
مەنبە:ب د ت مائارىپ پەن -مەدەنىيەت كومىتېتى تور بېكىتى
تەرجىمىدە: كروران
سۈرەت كىرىشتۈرگۈچى: ئىلقۇت

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Barcelona + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 15:58:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېمىنى يوللاپسىز رەھمەت...


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1388
تۆھپە
610
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 16:06:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسەن چەتئەللەردە ئومۇملىشىپتۇ ، دۆلىتىمىزدە......


Rank: 4

تىللا
479
تۆھپە
119
UID
3753
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 16:44:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ تىلىمىزنى قوغدايلى.دۇنيا تىل بىلەن گۈزەل تىل بىلەن تەرەققى قىلىدۇ.


Rank: 1

ئىسىمى
ئابدۇۋەلى ئابدۇرىشىت
تىللا
46
تۆھپە
16
UID
6071
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 18:35:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىغزىدىن،
ئانا تىلنى ئالتۇن بىرىپ ئالغۇم كىلۇر،

ئانا تىلىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى دوسلار


Rank: 6Rank: 6

تىللا
596
تۆھپە
323
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 19:39:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا مۇنۇ "ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا" ناملىق شىئىرنى سونىمەن!


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
1161
تۆھپە
351
UID
3059

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 21:54:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېمىنى يوللاپسىز


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1468
تۆھپە
1137
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 04:12:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلمىزنى ياىشى ئۇگەندىلا باشقا تىلارغا .ئاداس سالغىلى بودۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 19:18, Processed in 0.082346 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991