! }' j, x. L" v, ~1 rتاجىك قىزى گۈلزەمىرە ئىككى قىزنى قۇتقۇزۇۋالدى
# c! r/ w7 e) t5 eسىدىق تۇردى خەۋىرى : تاجىك قىزى گۈلزەمىرە باتۇرنىڭ كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن ئىككى قىزنى قۇتقۇزۇش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىغا دائىر تەسىرلىك ھېكايە خالاستان ۋادىسىغا كەڭ تارقىلىپ، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.
- C: X5 r$ o; k+ d7 u بۇ يىل 20 – ئاۋغۇست قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى يامبۈك 17 – كەنت 2 – مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق تاجىك قىزلىرىدىن ئاسىيگۈل بارات بىلەن رەناقىز مەھمۇد دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز كەلكۈن كەلگەنلىكتىن، دەريا سۈيى بىردىنلا ئۇلغىيىپ، بۇ ئىككى قىزنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، شۇ ئەسنادا بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆرگەن گۈلزەمىرە باتۇر ھايات – ماماتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆز ھاياتى بەدىلىگە كەلكۈنگە بويۇن بەرمەي ئىككى قىزنى بىر – بىرلەپ قىرغاققا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتقۇزىدۇ. بىراق، كەلكۈن كۈچلۈك بولغانلىقتىن گۈلزەمىرە ھالسىراپ ماغدۇرىدىن كېتىپ، قىرغاققا چىقالماي ئېقىپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
4 G( ~5 N% g% P& i# I/ u$ u