نىمىشقىكىن مەن قار ياغقانغا ئامراق، ھەر قېتىم قار ياغقاندا ئاپىراتىمنى يېنىمغا ئېلىۋىلىپ ،سىرتقا چىقىپ سۈرەت تارتىپ تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى خاتىرلەپ ماڭىمەن. تۆنۈگۈن (13-فېۋىرال) كەچقۇرۇندىن باشلاپ قەشقەردە يەنە قار يېغىشقا باشلىدى، ئەتىگەن دەرىزىدىن سىرتقا قارىسام قار خىلىلا كۆپ يېغىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاپىراتىمنى يەنە يېنىمغا ئېلىۋالدىم، ئىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن چۈشتۈمدە، ھېتگاھ مەيدانى ، خانبازىرى، ئوردا ئالدى، خەلق باغچىسى قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ چىقتىم ۋە بىر قىسىم مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم، بۈگۈن "بايرام" مۇ خىلى قىززىغاندەك قىلىدۇ، ئاڭلىسام بىر تال گۈل 15 سومدىن سېتىلىۋېتىپتۇ.تۆۋەندىكىسى مەن بۈگۈن چۈشتە تارتىۋالغان سۈرەتلەر:
