كۆرۈش: 13192|ئىنكاس: 15

قۇلۇپلانغان مائاش كارتىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
158
تۆھپە
53
UID
1784
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 14:10:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ھۆرمەتلىك جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى رەھبەرلەر،خىزمەتچى خادىملار.مەن سىلەرگە قۇلۇپلانغان مۇئاش كارتىسى ھەققىدىكى <<دەردىم>>نى تۆكمەكچى،ئاڭلاپ باقساڭلار.
   مەن بۇلتۇر 11-ئايدا جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ بىزنىڭ ناھىيەدىكى تارمىقىدىن يېڭىدىن بىر مائاش كارتىسى بېجىرگەن.12-ئايدا كېسەل داۋالىتىش ئىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە يۈرۈپ،بۇ كارتىدىن پۇل ئېلىش جەريانىدا مەخپىي نومۇرىنى بىر قانچە قېتىم خاتا بېسىپ قويۇپتىمەن. كېيىن توغرا باسسامممۇ پۇل چىقمىدى.لېكىن ئاپتۇبانكا كارتىنى يۈتىۋالمىدى. ئۈرۈمچىدىكى سودا-سانائەت بانكىسىغا ئەكىرسەم،<<قۇلۇپلىنىپ قاپتۇ، كارتىنى بېجىرگەن يەرگە ئاپارمىسا ئېچىلمايدۇ>>دېدى. كارتا ئىچىدە 3مىڭ يۈەن پۇل بار ئىدى.كېيىن قايتىپ كېلىپ، كارتىنى بېجىرگەن ناھىيەلىك تارماق سودا-سانائەت بانكىسىغائەكىرسەك،<<يۇقۇرغا يوللايمىز،ئازىراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۇچۇر كېلىدۇ. ئاندىن سىزگە خەۋەر قىلىمىز >>دېدى.بىز ئېچىلىدىغىنىغا ئىشىنىپ تۇرىۋەردۇق. يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى ھەر ئايلىق مۇئاشمۇ داۋاملىق ئاشۇ كارتىغا كىرىپ تۇردى.قايسى كۈنى سۈيلەپ بارساق،ئەمدىلىكتە <<بۇ كارتا ئېچىلمىغىدەك،پاسپورتقا بېجىرىلگەن كارتا دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى>>دەيدۇ.كارتىنىڭ ئىچىدىكى پۇل ھازىر 5مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا پۇل بار. مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ مەن كارتىنى كىملىك ئارقىلىق بېجىرگەن تۇرسام.ئېچىلمايدىغانمۇ كارتا بولامدۇ.ئىچىدىكى پۇل بىلەن شۇنداقلا خوشلىشامدىم؟ بانكا ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلار بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار.مۇشۇ سېستىمىدىكى رەھبەرلەر،كەسپىي خادىملار بۇ ئىشىمنى ھەل قىلىپ قويساڭلار.<<تەڭرىتاغ مۇنبىرى>>دىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى سورايمەن.
مەنبە:ئۆزۈم.

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2097
تۆھپە
1554
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 13:33:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاشۇ بانكىنىڭ گېپىنى دىمەيلا قويۇڭە، مەن كۆرگەن كۈنلەرنى سۆزلىسەم بوينۇمغا قايناپ تۆكۈلۈپ كىتىمەن.


Rank: 2

تىللا
158
تۆھپە
33
UID
3928
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 13:40:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نىمە دەيسىز ئەمدى ؟ سىز ھەرگىز بولدى قىلماڭ . بەك ئەپلەشمىسە قانۇنغا ئەرز قىلىڭ . ھېلىغۇ 5000 كويكەن ، 5 كوي ئۈچۈن بولسىمۇ سوتقا بېرىڭ . دەلىل ئىسپاتلار توغرا تۇرسا . ھەرگىز توختاپ قالماڭ .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
487
تۆھپە
255
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:00:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئاش بىرىشنى سوداسانائەت بانكىسى مونپول قىلىۋالمىغان بولسا، بۇ بانكا ۋەيران بولامدىكىن دەيمەن.

بۇ بانكىنى بۇنداق قىينىغىچە، باشقا بانكىلاردىمۇ تارقاتسا بولىدىغۇ؟
دۆۋلەت مالىيە تارماقلىرى مۇئاش تارقىتىدىغان بانكىنى تاللاشتا خەلقنىڭ رايىغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قان تەرىگە كەلگەن پۇلنىڭ ئىگىسى قايسى بانىكىنى تاللىسا، شۇنىڭغا ئىش بىجىرتكەن بولسا، سوداسانائەت بانكىسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ياخشىلىنىپلا قالماي، باشقا بانكىلارمۇ رىقابەت پۇرسىتىگە، زور تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە  ئىرىشەتتى.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
372
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:05:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نېمىشقىمۇ كىملىككە بىجىرمىگەن ئۇ كارتىنى؟ 1-مەسىلە سىزدىكەن...
بىراق سىز پاسپورتقا ئاساسەن ج خ ئورگانلىرىغا بېرىپ(ماۋۇ پاسپرتنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرى 65...............دېگەندەك) كىملىك ئىسپاتىنى بانكىغا بېرەلىسىڭىز ئۇلار ئېنىق پۇلنى سىزگە قايتۇرىشى مۇمكىن.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
705
تۆھپە
395
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 15:40:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
icbc.com.cn غا ياكى 95588 غا تېلفۇن ئورۇش ئارقىلىق ياردەمگە ئىرىشەلەيسىز. سىزنىڭ كارتىڭىزدىكى پۇل مەيلى سىز دۆلىتىمىزنىڭ نەرىدىلا بولماڭ پۇل ماشىنىسى ياكى پۇكەيدىن قولىڭىزغا نەق پۇللا ئالمىغان بولسىڭىز ھەرگىزمۇ  يىتىپ كەتمەيدۇ بۇ مەشغۇلاتنى ئەڭ ياخشىسى خەنزۇ تىلىغا پىششىق ئىشەنچىلىك بىرسىگە بىجىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
   


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 2

تىللا
116
تۆھپە
39
UID
4773
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 20:16:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.سىز ئالدى بىلەن密码挂失 (تېلىفۇن ،ياكى تور ئارقىلىقياكى پوكەيگە بارسىڭىز密码挂失 جەدىۋىلى بار)قىلىڭ.ئاندىن ھىېچنىمە دىمەستىن  رەسىميەت بىجىرىڭ.يەنى:شۇ جەدىۋەلنى توشقۇزۇپ ئەكەلسىڭىز قانچە پۇل بارئىدى دەيدۇ تەخمىنەن مۇنچە دەيسىز.قاچان بولدى، ....دگەندەك گەپلەرنى قىلسا بۇگۇنلا دەيسىز.قايسىلا سودا-سانا ئەت بانكىسى  بولسا بولىۋىرىدۇ.مەنمۇ شۇنداق قىلغان.ئۇلار ئالدىراشچىلىقتا باشقا ياقلارغا بۇيرۇيدۇ،بىراق ئازراق ياخشىگەپ قىلىپ چىڭىراق تۇرسىڭىز قىلىپ بېرىدۇ.بايىقى يۇغۇرغا يوللاش، ئۇچۇر دىگەنلەر يالغان بولىشى مۇمكىن.ئەگەر باسپۇرىتقا بېجىرەەن ھالەتتىمۇ يەنلا بولىۋىرىدۇ.بۇئىش مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇربانجان
تىللا
292
تۆھپە
155
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 20:54:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بانكا خىزمەتچىللىرى ئادەمنى ئىنتايىن زىرىكتۈردىغان بوپ كەتتى ،قارايدىغان بولسا ھەممە مۇلازىمىتى خەنزۇچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا تۇرۇپمۇ ........ھەي سۆزلىسەك گەپ جىق ئۈزۈمنى بىسۋالاي ...!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1246
تۆھپە
893
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 21:01:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پۇل ئىلىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاپمۇ  زىركىدۇ ئادەم . ئۆزۈڭنىڭ پۇلى ئۆزۈڭگە ئەسقاتماي بەزىدە .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 21:09:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەتئىي ئەرز قىلىش كېرەك!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 20:26, Processed in 0.078813 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991