كۆرۈش: 37264|ئىنكاس: 33

يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 23:22:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەزكۇر يازمىنى ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇرچە مۇنبەر بولغان بۇ "تەڭرىتاغ"دا مۇنداق ئىككى سەۋەپتىن قويۇپ قالدىم، 1- سەۋەپ، بۈگۈنىمىزدە نامىدىن ۋە جىسمىدىن مەڭگۈلۈك غايىپ بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان 68 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر تېخنىكوم مەكتەپنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدىن بۇ مۇنبەردە بىر ئىزقالدۇرۇش، 2- مەقسەت يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمىزنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ توغرا بولغان ياكى خاتا بولغانلىقىغا قارىتا قايتا بىر قېتىم ئويلۇنۇپ، زامانىمىزدىكى رەھبەرلىرىمىزنىڭ تارىخىي بىر يوقۇتۇشقا يول قويۇپ قالماسلىقىنى سەمىگە سېلىش.


يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى


    يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى 1944-يىلى 8-ئايدا يەكەن ناھىيىسىدە قۇرۇلغان. سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولۇپ، دەسلەپكى مەكتەپ نامى شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەكەن تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى ئىدى. 1954-يىلى مەكتەپ نامى شىنجاڭ يەكەن باشلانغۇچ  پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيىلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. پېداگوگىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ تەسىس قىلىنغان. تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى  ئۈچ يىل، تولۇق ئوتتۇرىدىن قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئىلىپ باراتتى.

Omomiy ehwali.jpg


Memuriyiti.jpg


Tamghu.jpg













1985- يىلىدىن بۇيان ئوقۇتۇش كەسىپلىرى كۆپەيتۈرۈلۈپ  ئومۇمىي پەن سىنىپى، خەنزۇ تىلى سىنىپى، تەنتەربىيە مائارىپى سىنىپى، يەسلى مائارىپى سىنىپى، لابورانتلار سىنىپى، رەسىم مائارىپى سىنىپى ۋە مۇزىكا مائارىپى سىنىپلىرىغا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر يىلى ئىزچىل قوبۇل قىلىپ رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۇقىرى ساپا بىلەن تەربىيىلەپ، يېتىشتۈرۈپ، 1988-يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ باھالانغان».


Wuyaoching.jpg



Nur Tiyip.jpg



Abduqadir Nesirdin.jpg



    مەكتەپنىڭ 2005- يىلىدىكى شتاتى 160 نەپەرگە، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 140 نەپەرگە(ئالىي دەرىجىلىك لېكتور 13 نەپەر، لېكتور 54 نەپەر، تۆۋەن ئۇنۋانلىقلار 73 نەپەر)،  يۇقىرىدىكى كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچىلار ئىككى مىڭ نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 64607 كۋادرات مېتىر، 3 قەۋەتلىك ۋە 4 قەۋەتلىك ئىككى ئوقۇتۇش بىناسى، ئىككى قەۋەتلىك كۇتۇپخانا بىناسى، ئىككى قەۋەتلىك تەجرىبىخانا بىناسى، ئىككى قەۋەتلىك، ئۈچ قەۋەتلىك  ۋە بەش قەۋەتلىك ئۈچ يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى قەۋەتلىك داۋالاش پونكىتى  ۋە ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى بولۇپ جەمئىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 17482  كۋادرات مېتىر. يېنىك ئاتلېتىكا، گىمناستىكا، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، پۇتبول مەيدانى قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ مەيدانى 10700 كۋادرات مېتىر.  كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 50مىڭ پارچىدىن ئارتقان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تاكى مەكتەپ نامى ئۆزگەرتىلگەن 2005- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە يىگىرمە مىڭ نەپەردىن ئارتۇق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ بەرگەن.  2002- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس بويىچە ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ تەربىيىلەش پونكىتىنى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىن چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقانلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ھەر يىلى يازلىق ۋە قىشلىق تەتىلدە ئىككى ئالىي مەكتەپكە  ۋاكالىتەن مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ، يەكەن ناھىيىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن رايونىمىزنىڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئۈچۈنمۇ ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.
1944- يىلىدىن 1950- يىلىغىچە رەھبەرلىك قىلغانلارنىڭ رەسىملىرىنى تېپىشقا ئىمكان بولمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسمى رەھبەرلىك قىلغان ۋاقتى مەكتەپنىڭ "مەرىپەت غۇنچىلىرى" ژورنىلىنىڭ 1994- يىللىق 1- سانىدا تەپسىلى خاتىرلەنگەن، بۇ ھەقتىكى تارىخىي ئۇچۇرلار يۇقۇرىدا قىسقىچە بېرىلدى. تۆۋەندىكىسى 1950- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە رەھبەرلىك قىلغان ئۇستازلارنىڭ سۈرىتى:






















    يۇقىرىدىكى ئۇستازلار يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە مەكتەپ مۇدىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ياكى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى ۋە ياكى مۇئاۋىن سېكرېتارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، بىر قىسىملىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتكەن، بىر قىسىملىرى پېنسىيىگە چىقىپ ۋاپات بولۇپ كەتكەن، بىر قىسىملىرى خىزمەت قىلىۋېتىپ ۋاپات بولغان.
    2005- يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شامىلىدا، قەشقەر ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك بۇ مەكتەپ يەكەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەنزۇ تولۇقسىز  3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنى يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، «يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى»نىڭ نامى «يەكەن ناھىيىلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ»كە ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. بۇ مەكتەپ 7 يىلدىن بىرى خەنزۇ تىل سىستېمىسى بويىچە تولۇقسىز  ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى، مىللىي تىل سىستېمىسى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا ئۇيغۇر تىلى سىنىپى ۋە قوش تىللىق سىنىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ئۇيغۇر تىلى سىنىپى ۋە قوش تىللىق سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى، بۇ يىل 9- ئايدىن كېيىنكى پىلاندا سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى(ھازىرقى يەكەن 3- ئوتتۇرا مەكتەپ)نىڭ ئورنى مەكتەپنىڭ خوشنىسى بولغان  1- ئوتتۇرا مەكتەپكە قېتىۋىتىلىپ، مەكتەپنىڭ ھازىرقى نامىي بولغان "3- ئوتتۇرا مەكتەپ"مۇ ئەسلىدىكى مەكتەپكە قايتۇرۇپ بېرىلمەكچى.  يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى 2005- يىلى نامىدىن ئايرىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە جىسمىدىنمۇ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.


    مېنىڭ قارىشىمچە، مەكتەپنىڭ ئورنىنى ھازىرقى پىلان بويىچە باشقا بىرمەكتەپكە بېرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ئازكەم بىر ئەسىرلىك شانلىق تارىخىقا ئىگە بىر مەكتەپنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساقلاپ قىلىپ، ئورنىنى كۆلىمى تېخىمۇ چوڭراق باشقا بىر يەرگە يۆتكەپ، ئۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بىر مەكەپكە ئايلاندۇرۇش، يەكەن ناھىيىسى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر يوقۇتۇشتىن، تارىخىي خاتالىقتىن ساقلىنىش بولامدىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇ ئاسانلا قۇرىۋالغىلى بولىدىغان زاۋۇت، كان-كارخانا ئەمەس.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1225
تۆھپە
517
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 11:29:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەقلىمنى بىلسەممۇ ‹‹يەكەن سىفەن›› دىسە بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدى، ناھىيمىزدىكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار، جۈملىدىن مىنڭ باشلانغۇچتىكى ئوقۇتقۇچىلرىممۇ يەكەن پىداگوگىكا مەكتپىنى پۈتتۈرگەن ئىدى، قوشنىلىرىمنىڭ باللىرىمۇ ئاشۇ بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ، ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مىنىڭمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بولغاچقا،ئاشۇ مەكتەپتە بەكلا ئوقوغۇم بار ئىدى، كىيىن ئۇ مەكتەپنى تاقىلىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.
راسىت، دىمىسىمۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ مائارىپىغا قوشقان قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور، بۇ رەھبەرلەرنىڭ سەمىگە سىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلىكەن.
        مەكتەپنىڭ ئىزى تامامەن ئۆچۈپ، ھىچنىمىسى قالمىغاندا ئۇنىڭغا شەجەرە، ئوبزور يىزىپ مىڭ ئاۋارە بولساقمۇ بىكار، خۇددى ئىلىدىكى چىقىلىپ كەتكەن مۇسابايوفلارنىڭ تىرە زاۋۇتىغا ئوخشاشلا، خارابىلىكتىن بىر تال خىشنى ئىلىۋىلىپ يىغلاپ ئولتۇردىغان گەپ شۇ!...


Rank: 2

تىللا
61
تۆھپە
13
UID
3207
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 15:36:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ،مىللى مائارىپنىڭ بۈشۈگى بولغان بۇ مەرىپەت باغچىسىنى قوغداپ قالغۇدەك بىرەر ئەركەكنىڭ چىقمىغىنى ئۈچۈن ئېچىنىۋاتىمەن.ئۇتتۇرىغا چىقىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ مەكتەپنى ساقلاپ قالىدىغان ناھىيە رەھبەرلىرى نەگىمۇ كەتكەندۇ ھە؟ئېسىت........................................................................................


Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇمىجىت
تىللا
361
تۆھپە
83
UID
2903
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 17:47:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ مائارىپ توغرىسىدا ،قەدىمى بىلىم يۇرتلىرىنى بىرلەشتۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىشقا تىگىشلىك ،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 20:56:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


فىلىمنىڭ ئاخرى(51-مىنۇتى)دىكى يىغلاۋاتقان مەزلۇملار بىرەرسىگە قارلىق تۇتۇپ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇق، بوران - چاپقۇنلارنى مەغرۇر ئارقىدا قالدۇرۇپ، مەكتەپنىڭ 61 - يىلىغا قەدەم باسقان مەدەنىي دۇنيايىمىزدا سۇسىرىتىلغان بۇلاقتەك تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈپ كېتىۋاتقىنىغا ئېچىنىشىۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bidar-Qutlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-11 12:49  



تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 21:09:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يازغۇچىلار تورىدا گەپلەر خىلى تولۇق دېيىلىپتۇ: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=55&TopicID=2868


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 2

تىللا
109
تۆھپە
21
UID
4810
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 22:16:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن ئابدۇللا ئاكىمىزمۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇپتىكەن


Rank: 3Rank: 3

تىللا
224
تۆھپە
44
UID
3988
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 22:51:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ شۇنداق زاۋۇت-كارخانىلارنى بىردەمدە قۇرغىلى بولىشى مۇمكىن،بىراق بۇنداق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەكتەپنى ئۇنداق يوق قىلۋەتسەك بولمايتتى،بۇ مەكتەپ زادى دەۋىرنىڭ قەيىرىگە پۇتلاشقاندۇ دەيمەن،قەشقەر دارىلمۇئەللمىنىمۇ شۇنداق يوق قىلۋىتىپ،ئەمدى يەنە قايتىدىن قۇردى. ھەي مارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىز دەپ قۇرۇق شۇئارنى تولاۋەرمەي پىشقەدەملەر،ئالىملىرىمىزدىنمۇ پىكىر ئالساق بولاتتى...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
452
تۆھپە
242
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 12:06:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقاقى سۇرېتلەرنى  ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تەپسىلى كۈرۇش ئارقىلىق بۇ بىر مەرىپەت بۈشۈكىنى مۈمكىن بولسا ساقلاپ قېلىش كىرەك ۋە ياكى زەراپشان دەرياسى ۋادىسىدىكى باشلانغۈچ مەكتەپ  ۋە يەسلى ئۇقۇتقۇچىللىرىنى تەربىلەش مەرگىزى قىلىپ ئىشلىتىشكە مۈ  بۈلامدۈ قانداق  ؟؟  مەدىنىيەت ئىزنالىرى يۇقاپ كەتمىسۈن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 12:27:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەرنى زورايتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر مەكتەپ قۇرۇپ چىقىش ۋە ياكى باشقا مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىش زامانىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بولۇپ، بۇنىڭ ھىچ بىرىدە مەكتەپلەر ئىزدىرەكسىز يوقۇلىدىغان ئىشلار يۈزبەرمەيدۇ، مەكتەپنىڭ تارىخى ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىدىن تارتىپ، ھازىرىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى كىچىكلىكتىن زورۇيۇپ، دەرىجىسى قانداق ئۆسمىسۇن، تارىخىنى ئۇلاپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەن، يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى بولسا، نە نامىدىن، نە جىسمى(ئورنى)دىن كېيىنگە ئۇلىنالمايلا يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا، بىرقانچە 10 يىللاردىن كېيىن مۇشۇنداق بىر مەكتەپنىڭ بولغانلىقىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىدە تۇرمىغىدەك بىر تەقدىرنى كۈتمەكتە. مېنىڭچە بولغاندا بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئورنىنى چوڭايتىپ قۇرۇش ئىمكانىيىتى بار يەرگە يۆتكەپ، قەشقەر مائارپ ئىنىستىتۇتى يېتىشىپ بولالمايۋاتقان داۋاملىق تەربىيە، قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش، قوش تىل كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپلىرىنى ئېچىشتەك خىزمەتلەرنى ئىشلىسە، مەكتەپ قابىل مەكتەپ مۇدىرىغا تاپشۇرۇلغاندا مەكتەپنىڭ كەسپىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەسپ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئەتىۋارلىق، تارىخى ئۇزۇن يەكەن پېداگوگىكا ئېنىستىتۇتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن ئىدى ھەم رايۇنىمىزغا نىسبەتەن شۇنداق ئىھتىياج كۈچلۈك ئىدى.
قابىل مەكتەپ مۇدىرى ياخشى بىر مەكتەپكە تەڭ دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئەمدە چۈشۈنىۋاتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bidar-Qutlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-11 10:39  



تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 07:27, Processed in 0.095519 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991